• 2012-11-24

    ۋانگوكنىڭ ئايىغى - [ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى]

    ۋانگوكنىڭ ئايىغى

     

    ئاپتورى: ئادىل تۇنىياز

     

    خۇدا ئىككى پۇت سىزدى

    ۋانگوكنىڭ جۈپ پۇتىنى،

    بىر جۈپ ئاياغ سىزدى ۋانگوك

    مەشھۇر رەسسام ئاتىدۇق.

     

    پۇتى كېتىپ ۋانگوكنىڭ

    قاپتۇ قۇرۇق ئايىغى

    بۇ رەسىملىك كىتابتا.

     

    بىر جۈپ ئاياغ شۇ تاپتا

    رەڭسىز قاراپ تۇرماقتا.

     

    چىدىيالماي قاراشقا

    بىر جۈپ كونا ئاياغقا،

    يۈرەك-باغرىم ئېزىلىپ

    ئېلىپ ماڭدىم مايلاشقا

    رەسمدىكى ئاياغنى.

     

    موزدوز كۈلۈپ تۇراتتى،

    ئاياغلىرى يىغلايتتى،

    باشلىغاندا ياماشقا.

    بەك ئالدىراپ بەك چاپقان

    توختاپ قالغان تېز ئۆتۈك.

    تۇمشۇقىنى ئەپقاچقان

    نازۇك ئۆتۈك-قىز ئۆتۈك.

    مۇنداق دەيدۇ ئاياغلار:

    "سىلەر يوق پۇت، بىز ئۆتۈك."

     

    كالانپاي پۇتلىرىمىزدا مەڭگۈ مۆكۈپ تۇرغان ئوتتۇرانچى بارماق.

    كەم دىدار، كەم سۆز، قىسىق كۆز، ئەركە چىمچىلاق.

    شېئىر دېگەننى چۈشەنمەيدىغان توم باش بارماق.

    تۈكلۈك پۇتتىكى دۇبۇلغا-قۇياقلىق، ھېڭگىيىپ تۇرغان نامسىز بارماق.

    نازۇك پۇتتىكى خېنە قويۇقلۇق، چىرايلىق دىڭگىيىپ تۇرغان نامسىز بارماق. سۈركىلىش، تېپىرلاش، ئاياغ ئىچىدە يەنە سۈركىلىش، تېپىرلاشلىرى، بەش گاچا بارماقنىڭ ھاياجاندا شوئار توۋلاپ بىلجىرلاشلىرى...

     

    بەش قەبىلىگە پارچىلانغان بىر پۇت،

    دورىلىق ئوت-چۆپتەك پۇت پۇرىقى،

    تەر، مەھكۇملۇق، ئازاب پۇرىقى.

    ئېگىزلىكتىن چۈشۈۋاتقان بەش شارقىراتما.

    ھەر قېتىمدا بەش قېتىم ۋارقىرىغان پۇت.

    ئەكس ساداغا تولغان ئاياغلار.

    موزدوز قولىغا ئېلىپ، ئۆرۈپ-چۆرۈپ

    بىگىزنى تىقىپ شېئىر پۈتۈپ قويغان ئاياغلار.

     

    ۋانگوكنىڭ كونا ئايىغىنى مەن

    يەنە قويۇپ قويدۇم رەسىمگە،

    بىر پۇت كېلىپ كېيىشتىن بۇرۇن

    بىر كىم كۆرۈپ قېلىشتىن بۇرۇن.

     

    ئايىغى قالدى مەڭگۈلۈك ئاياغ

    ۋانگوك كەتتى يالاڭ ئاياغ

    پەرۋەردىگار قېشىغا.

     

    分享到:

    历史上的今天: