-
2012-11-24
سۆزلەۋاتقان تاغلار - [ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى]
سۆزلەۋاتقان تاغلار
ئاپتورى: ئادىل تۇنىياز
خاتا سېلىنغان
مەككىنىڭ بەزى تاغلىرى
ھەرەمگە يانمۇ يان قىلىپ،
توغرىلىماقچى ئۇلار كېلىپ:
ئىنژېنېر بىر چېرتيوژنى ئېلىپ،
مىليونېر پۇل چېكىنى ئېلىپ،
ھۆركىرىگەن زەنجىر تاپانلار
قورام تاشنى تۈزلەپ، ئىتتىرىپ...
قورقۇپ كەتتىم
مەككە تاغلىرى سۆزلەۋاتقاندەك.
ئىنسان قىلار پىتنە-پاسات گەپ،
تاغلار سۆزلەر، ئېھ، رەببىمىز دەپ.
پەيغەمبەر كېلىپ
غارغا كىرىپ
ئولتۇرغاندا ئىبادەت قىلىپ
گۇۋاھ بولغان مەككە تاغلىرى
ئەكس سادا قايتۇردى بەلكى...
يارىلانغان بۇ تاغلار ئەمدى
تۇرماقتا ئەرەبچە سۈكۈت قىلىپ.
سۆزلەي دېسەم يۈگۈرۈپ بېرىپ
مەن بۇ تىلغا مۇساپىر-غېرىب.
ئالەم تۈۋرۈكسىز بىنا قىلىنغان،
ئاسمان قەۋەت-قەۋەت سېلىنغان.
ھەر بىرىدە بىر ھېكمەت بىلەن
زېمىندا تاغ، دەريا قىلىنغان
باشقا تاغلار ئۇلۇغ قىلىنماي،
بىزنىڭ تەڭرىتاغقا قىلىنماي
كەئبە مۇشۇ تاغقا قىلىنغان.
ئالەم خاتا، توغرىلانماقتا،
ئادەم خۇدا ئۇلۇغلانماقتا،
قورام تاشلار ئوغرىلانماقتا،
تاغنى يۆتكەپ بىنا سېلىنغان.
ئۆز ئەسىرىم مەن يازغان شېئىر،
مەنىسىنى ئۆزۈم بىلىمەن.
ئاقساقاللىق قىلما ئوقۇرمەن،
نەگە چېكىت، پەشنى قويىمەن.
تاغ ئاللاھنىڭ سۆزى، ئەسىرى
تاغنى ئۇلار ئارتۇق دەپ چاغلار.
ئەي مۇھەندىس سەنمۇ تەھرىرى؟
كەبىنى ئايلىنىپ يىغلايدۇ تاغلار.
مەن يىغلىدىم ئۇيغۇر تىلىدا
مەككە تاغلىرى سۆزلەۋاتقاندا
ئايلاندى يۈرىكىم تاشقا بىردىنلا