• 2012-12-29

    يار ھەققىدە تۆت غەزەل - [غوجى مۇھەممەد شېئىرلىرى]

     


    يار ھەققىدە تۆت غەزەل



    1. يارنىڭ ئەگىم قاشلىرى ھەققىدە غەزەل

    رەستىدە بىر يار كېلۇرلەر قاشلىرىن ھەريان ئېتىپ،
    ھەر ئېتىشتا  مىڭ قىتىم جان بەرگىلى پەرمان ئېتىپ.

    قارلىغاچنى پەي- قاناتىدىن جۇدا ئەيلەپ نىتەي،
    كى ھىلال ئاينى پەلەكتە رەشكىدىن سەرسان ئېتىپ.

    ئىككى كۆۋرۈككى، ئۇنىڭدىن ئۆتتى ئەگىپ كىم قاچان؟
    ئۆتتى، ئۆتتى ھەممە ئەل شاد كۆڭلىنى ۋەيران ئېتىپ.

    كى جانانغا بارغىلى چىققاندا تەننىڭ ئۆيىدىن،
    ئۆتتى جان ئۇندىن ئۆلۈمنىڭ كۆڭلىنى ھەيران ئېتىپ.

    كى قەلەمقاش دەر ئۇنى كۆرگەن كىشى ھەيرانۇ- ھەست،
    رىغبىتى مىڭلارچە ھېجراننى بۈيۈك داستان ئېتىپ.

    گۈلچىمەن ئاسماندىكى ئۇ، قاپقارا دەردى- پىراق،
    نە ھىلال ئاسماندا ئىككى، پارلىغاي جەۋلان ئېتىپ.

    مەشرەبى دەر: يارىيار، قاشى قاراسىنى كۆرۈڭ،
    ئەي غوجى چىق سەنمۇ يارنىڭ قاشىغا ئىسيان ئېتىپ.


    2. يارنىڭ تال- تال كىرپىكلىرى ھەققىدە غەزەل

    ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئال كىرپىكى بوستاندا،
    قىل شىكار ئاھۇ- كىيىكنى قاپقارا ئورمانىدا.

    سانچىلىپ جانغا ئارام بەرمەس قىلىچتۇر ھەر بىرى،
    جان چىقىپ بولغۇنچە يۈرگىن سۆيگۈنىڭ پەرمانىدا.

    قىپقىزىل قاننىڭ چېقىلغان ئەينىكى دولقۇن ياساپ
    ئۆرلىسۇن كۆككە مۇھەببەتنىڭ بۈيۈك جەۋلانىدا.

    لىپ قىلىپ بەرسە ۋېسالدىن خۇشخەۋەر ھەر لەھزىدە
    جان نىچۈك ئولتۇرمىسۇن ساقلاپ بەدەن ئايۋانىدا؟

    باسسا قۇم، ئاندىن قەلەندەرلەر ئۆتەر پەرياد ئېتىپ،
    چۆرگىلەر چەرخى پەلەكمۇ ئاشىقى ئىسيانىدا.

    پارقىرار شەبنەمكى نە، خۇددى مۇھەببەت رەھمىتى،
    مەۋج ئۇرۇپ ئاققاي يۈرەكلەر بۇ ئەزم ئوكيانىدا.

    كىرپىكىدىن ئۈزدى ئوق، ئۆلدۈم مۇھەببەت شەھرىدە،
    يەتكۈسى يار ۋەسلىگە جان بۇ ئۆلۈم جەريانىدا.


    3. يارنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى ھەققىدە غەزەل

    يار، كۆزۈڭنىڭ ئەينىكىدىن ساقىغان ئاسمانمىدۇ؟
    ياندۇرۇپ بىر جۈپ چىراغنى پۈۋلىگەن سۇبھانمىدۇ؟

    خۇددى دەريادەك دېڭىزدا قاغجىراپ ئاققان ئۆلۈك،
    ياكى خىلۋەت بىر بۇلاقتىن يامرىغان ئوكيانمىدۇ؟

    قاپقارا ئىشىق زۇلمىتىدە بىر قەلەم پەرياد ئېتەر،
    ئاھ، ئۇنىڭكى نالىسىدىن ياڭرىغان داستانمىدۇ؟

    يىرتىلىپ كەتكەن ئەجەلنىڭ ۋارىقى خۇددى ھايات،
    ئاندىكى جانلارنى جانان قىلغۇچى غەليانمىدۇ؟

    بىر بېقىپ ئالدىڭ جېنىمنى، ئىككى باققاندا، نىتەي،
    ئاھ، مېنىڭ بۇندا تىرىك يۈرگەنلىرىم يالغانمىدۇ؟

    كۆزلىرىڭ چايقاپ قەدەھنى بولدى مەست دەريا، دېڭىز،
    كۆز يېشىڭ چىللاپ سەھەرنى چاقنىغان چولپانمىدۇ؟

    كۆز- كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى دەرلەر ئىشىق ئەھلى ھامان،
    ئۇندا كىم ئىزدەپ ئۆزىنى بىر ئۆمۈر سەرسانمىدۇ؟  


    4. يارنىڭ جىنەستىدەك لەۋلىرى ھەققىدە غەزەل

    لەۋلەرىنىڭ كاسەسىدىن مەي ئىچەي ئارمان بىلەن،
    مەستۇ- مۇستەغرەق كېتەي يار يانىدىن خەندان بىلەن.

    غۇنچەسىن ئاچىلدۇراي نەپسىم ئىلە جان چىققۇچە،
    گۈل ئۈزەي نازۇك بېغىدىن لالەيۇ- رەيھان بىلەن.

    مەي نېمە، بىر سۆيمىسە؟ يار لەۋلىرى ئابى ناۋات،
    نە ناۋات، ئاندىن شىرىندۇر بۇ ئۆلۈم ھەر جان بىلەن.

    لەززەتى بىھۇش، چىرايلىق ئاھ جىنەستە باغلىرى،
    شىرنىسى ئاقسۇن جېنىمغا تولغىنىپ خەندان بىلەن.

    ئاقسا قان ئاھ، لەختە- لەختە قىپقىزىل دەريا بولۇپ،
    قان ئىلە جاننى يۇيۇپ مەن نۇرلىناي ئارمان بىلەن.

    قەبرىگاھ ئەتسە كىپىنەكلەر بۇ يار گۈلزارىنى،
    ئىشقىدىن پەرياد ئۇرۇپ مەن ياش تۆكەي مارجان بىلەن.

    ئەي غوجى يارنىڭ لېۋىدىن ئىچ شاراب، مەستلىكتە سەن
    قىل ئاۋات  سۆيگۈ بېغىنى جەننەتۇل رىزۋان بىلەن.

    2012- يىلى مارت. خوتەن

    分享到: