• 2012-01-26

    دەرۋىش - [پەرھات تۇرسۇن شېئىرلىرى]

     

    دەرۋىش

    پەرھات تۇرسۇن

    باش سۈڭىكى قۇياشقا قاقلانغان ئاسىي

    چۆچەكلەرنىڭ چۆللۈكلىرىدە

    يېقىنلاشساڭ ئوتقا قانچىلىك

    بارار سايەڭ زورىيىپ شۇنچە

    بىرلىشىپ كەت شۇڭا ئوت بىلەن

    چۈنكى سەن ئۆتكۈزەلەيدىغان بىردىنبىر گۇناھ

    خام - خىيال قىلىش

    تەلۋىلىكنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا

    ھەقىقەتەن قىيىندۇر بەرداشلىق بېرىش

    سەن سۇدىن قورقىسەن. چۈنكى

    ئۆلگىلى تاس قالغان ئىدىڭ تۇنجۇقۇپ

    باش سۈيىنى ئىچىۋىلىپ قورساقتىكى چېغىڭدا

    شۇڭا سەن تاللىغان دەرۋىشلىكنى سۇسىز چۆللەرنى

    تەلۋىلىكىڭ تۇتقاندا ھەتتاكى ئوتنى

    تۇغۇلۇپلا كۆنگەن قېچىشقا

    قېچىپ چىققاندىن كېيىن قورساقتىن

    باش سۈيىدىن قېچىش بىلەنلا

    ئۆتكۈزدۈڭ پۈتۈن ئۆمرۈڭنى

    ئوت ۋە سۇنىڭ ئۇچرىشىشىدىن

    بۇلغانمىغان ئالتۇن رەڭلىك قۇم

    قىزلىقتەك پاك، پاكلىقتەك مەۋھۇم

    قاراقچىلارنىڭ دەپسەندىسى، ئاقتى قىلىنىش ۋە ياللۇغ

    ئاشۇ چۆل ئۈچۈن ئەرزىيدۇ چوقۇم .

    قاچقىن سۇدىن !

    چاك - چاك بولۇپ يېرىلسۇن تەنلىرىڭ

    قەدىمىي شەھەرنىڭ خارابىسىدەك

    زىيارەت قىلسۇن سۆڭەكلىرىڭنى

    كارۋانلارنىڭ ئاتەشلىرى .

    (2004- يىل مارت ئۈرۈمچى)

    分享到:

    历史上的今天:

    مومىيا 2012-01-26