-
2012-01-26
ھەجەپمۇ بىر جىمجىت كۈنلەر
ھەجەپمۇ بىر جىمجىت كۈنلەر
ناۋال
ھەجەپمۇ بىر جىمجىت كۈنلەر
تۆكۈلمەكتە،تۆكۈلمەكتە...
تۇماندىنمۇ خىرە-شىرە
سوقامدىكىن دەيمەن ئەي كېچە سېنىڭ يۈرىكىڭ
سىم-سىم يامغۇر ياغدۇرغان پېتىم.
قالدى سۈزۈك سۇلار ئىچدە قەلبىم،دۆۋە-دۆۋە قۇم بارخانلىرىدا
كۈتمەكتە نېمىنىدۇر چۆچەكلىرىڭ مىدىرلىماستىن.
ئالەم شامالدەك تۇرار تىترەڭگۈ
كىمدۇر ئۈنسىز يىغلاۋاتىدۇ.
كەڭ يوپۇرماقلىك ئۆسۈملۈكلەر ھۆل
زىمىننىڭ كۆزلىرىدىن ئاقار قاراڭغۇ.
دەل-دەرەخلەرنىڭ يۈرىكى ئىتتىك سالماقتا،
بىلمىدىم بۇ يەردە نېمە بولغاندۇ؟
قۇشلار ئىشىكىنى چەكمىدىمۇ يارنىڭكى؟
ئەجىبا ئۇنىڭ ئۆيىدە ھاۋا يوقمىدۇ؟
ئەجىبا گۈل،قۇياش،شەبنەم يوقمىدۇ؟
غەم-غۇسسىدە تاشنىڭ ئىچ-ئىچى.
ئۇنتۇشۇڭ مۈمكىنمۇ شۇنداقلا مېنى،مۇھەببەت،مۇھەببەت...
مەن ئىسمىڭنى ئۇنتۇپ قالسام
دۇنيادا سەندىن غېرىپ ئادەم بولمايدۇ.
سەن ئىسمىمنى ئۇنتۇپ قالساڭ
دۇنيادا باشقا غېمىم قالمايدۇ.
تاشمۇ بىلىدۇ
ئىشقى-پىراقنى.
كۆزلىرىمگە ياش كەلدى،كەچۈرگىن ئىگەم
ياد ئەتتىم يەنە سەندىن باشقىنى.
ئى دەرەخلەر تاشنىڭ ئېرىپ كەتكىنى كۆرسەڭلار
ئىشق ئوتىدا ئۆلۈپتۇ دەڭلار،
ئۇنىڭ سۆيگۈسى پەقەت ئاللاھقا!
ئەگەر سۇنىڭ مۇز تۇتقىنى كۆرسەڭلار سالام دەڭلار
ۋىسال تېپىپتۇ،
يارى بىلەن ئۇ قىشتا!
لېكىن مەن باھارنى ساقلايمەن ئۈمۈدلەر بىلەن
ئەگەر چىمەندە تۆتقۇلاق تېپىۋالسام بەرق ئۇرۇپتۇ
ئاخىر يەنە بىر گۈل كۆكلەمدە دەڭلار!
سۈتلۈك ئوتتەك كېچە بولماقتا،شېئىر ئوقۇغۇم كەلدى
يامغۇردەك يىغلاڭغۇ ئەمەس ياكى تۈندەك تىترەڭگۈ.
ئولاشتى بىر توپ قىزغىن خىياللار
تاغلارغا،يۈرىكىنى چېكەي يارنىڭكى.
تۈننىڭ چۈشلىرىدەك سىرلىق يالقۇنلاپ
بەزىدە شېئىردىن قورقۇنۇچلۇق نەرسە يوقمىكىن دەيمەن.
لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا نېمىمۇ بىلەن
تۆكۈلەر ھاياتنىڭ غەملىرى بۇدەم؟
قەلبىمنى ئېچىۋەتتىم،بۇلۇتلار ئورنىدىن تۇردى
ئاسماننىڭ كوچا-كويلىرىدا توي-تاماشا.
بابىلدا سېھىرلىك كېچە بولدى،
قۇملۇقتەك قانات قاقار ئاستا-ئاستا...