-
2012-11-16
شېئىرىي جۈملە قانداق تۈزىلىدۇ - [ياش شائىرلار تەتقىقاتى]
شېئىرىي جۈملە قانداق تۈزىلىدۇ
ئە. ئوسمان
1- ئۇسۇل: نەسرىي جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرىۋېتىش
2- ئۇ قاراڭغۇ كېچىدە يالغۇز يۈرمەكتە: نەسرىي جۈملە
ئۇ يالغۇز كېچىدە قاراڭغۇ يۈرمەكتە: شېئىرىي جۈملە
مەزكۇر نەسرىي جۈملىدىكى قاراڭغۇ سۆزى كېچىنىڭ سۈپىتى بولۇپ، شېئىرىي جۈملىدە رەۋىش بولۇپ كەلگەن .
مەزكۇر نەسرىي جۈملىدىكى يالغۇز سۆزى رەۋىش بولۇپ، شېئىرىي جۈملىدە كېچىنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەن .
1- 2
سۇئال: نەسرىي جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرىۋېتىشنىڭ پەلسەپىۋىي ئۇقۇمى نېمە؟
جاۋاب: تۇراقلىقتا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش .
دېمەك، ئۆزگىرىش شېئىرىي قىممەتتۇر .
1- 3
ئەمدى، مەزكۇر نەسرىي جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى مۇنداق ئالماشتۇرۇپ باقايلى :
قاراڭغۇ كېچىدە يۈرمەكتە يالغۇز
نەسرىي جۈملىنىڭ يۇقارقىدەك ئۆزگەرتلىشىدىن 3 + 3 + 5 = 11 بوغۇمدىن تەركىپ تاپقان، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بارماق ۋەزنىگە چۈشىدىغان بىر مىسراغا ئېرىشىمىز .
ئەمدىكى سۇئال: بۇ مىسرا شېئىرىي جۈملىمۇ؟
جاۋاب: ياق! ئۇ يەنىلا نەسرىي جۈملە .
سۇئال: ئۇنداقتا، بۇ يەردىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنىڭ ئالمىشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
جاۋاب: سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى تىزىلىشى (رەت تەرتىۋى)نىلا ئالماشتۇرۇپ قويۇش بىلەن شېئىرىي جۈملىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شېئىرىي جۈملىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، نەسرىي جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ بۇنداق رەت تەرتىۋىنى ئۆزگەرتىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. قاراڭغۇ كېچىدە يۈرمەكتە يالغۇز دېگەن مىسراغا قارايدىغان بولساق، قاراڭغۇ بىلەن يالغۇز سۆزلىرىنىڭ گرامماتىكىلىق ئورنى نەسرىي جۈملىدىكىسى بىلەن ئوخشاش. يەنى، قاراڭغۇ يەنىلا كېچىنىڭ سۈپىتى، يالغۇز بولسا رەۋىش بولۇپ قېلىۋەرگەن .
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر مىسرا ئاۋۇ نەسرىي جۈملىنىڭ تۇراقلىقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشتەك شېئىرىي قىممەت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. بۇ يەردىكى مەقسەت پەقەتلا نەسرىي جۈملىنى رېتىمغا چۈشۈرۈشتۇر .
1- 4
سۇئال: شائىر نەسرىي جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى نېمە ئۈچۈن ئالماشتۇرىۋېتىدۇ؟ ئىنچىكىلىك بىلەن سورىساق: سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق ئورنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟
جاۋاب: نەسرىي جۈملىدە سېمانتىكىلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش. يەنى، نەسرىي جۈملە ئۆزىدە سىغدۇرالمايدىغان مەنىلەرگە ئىمكانىيەت يارىتىش .
ئەمدى، نەسرىيلىكتىن شېئىرىيلىققا كۆچۈش جەريانىدا مەزكۇر جۈملىدە يۈز بەرگەن سېمانتىكىلىق ئۆزگرىشلەرنى كۆزىتىپ باقايلى :
. 1 يۈرگۈچى بىلەن كېچىنىڭ ئۆزئارا سۈپەت ئالماشتۇرىشى: يۈرگۈچى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى، كېچە يۈرگۈچىنىڭ يالغۇزلۇقىنى ئۆزلەشتۈرگەن. شۇ ئاساستا، يۈرگۈچى بىلەن كېچە يالغۇزلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ ھەر بىرىدە ئۇچراشقان .
. 2 يۈرگۈچى بىلەن كېچىنىڭ بىرلىكى: يالغۇزلۇق پەقەت يۈرگۈچىنىڭلا روھىي ھالىتى ئەمەس، ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنيانىڭمۇ روھىي ھالىتى. يۈرگۈچى يالغۇز بولغانلىقى ئۈچۈن قاراڭغۇ، كېچە قاراڭغۇ بولغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز .
قاراڭغۇلۇقنىڭ سەۋەبى _ نۇرسىزلىق، تاڭنىڭ غايىبلىقى؛
يالغۇزلۇقنىڭ سەۋەبى _ مەنىسىزلىك، ھەقىقەتنىڭ، تەڭرىنىڭ غايىبلىقى. مەنىسىزلىكتە ھەممە يالغۇز، ھەممە قاراڭغۇ !
-2 ئۇسۇل: نەسرىي جۈملدىكى ئىگە (سوبيېكت)نىڭ ئىسمىنى ئېلىۋېتىپ، سۈپىتىنى قالدۇرۇش
2- 1
سېنى سىيپاپ ئۆتكەن شامال ئاياق ئىزلىرى تاشقا ئايلانغان تاغ قاپتىلىغا يېتىپ بارىدۇ: نەسرىي جۈملە
سېنى سىيپاپ ئۆتكەن تېزلىك ئاياق ئىزلىرى تاشقا ئايلانغان تاغ قاپتىلىغا يېتىپ بارىدۇ: شېئىرىي جۈملە
نەسرىي جۈملىنىڭ سوبيېكتى (ئىگىسى) بولغان شامالنىڭ پەقەت تېزلىكتىن ئىبارەت بولغان سۈپىتىلا شېئىرىي جۈملىدە شامالنىڭ ئورنىدا ئەسكەرتىلگەن .
سۇئال: نەسرىي جۈملدىكى ئىگە (سوبيېكت)نىڭ ئىسمىنى ئېلىۋېتىپ، سۈپىتىنى قالدۇرۇشنىڭ پەلسەپىۋىي ئۇقۇمى نېمە؟
جاۋاب: شەيئىلەرگە سوبىستانسىيە (ماھىيەت) ئاتا قىلىش. يەنى، شەيئىلەرنى ماھىيىتى بىلەن ئاتاش .
دېمەك، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلەش شېئىرىي قىممەتتۇر .
2- 2
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان «سېنى سىيپاپ ئۆتكەن تېزلىك ئاياق ئىزلىرى تاشقا ئايلانغان تاغ قاپتىلىغا يېتىپ بارىدۇ» دېگەن شېئىرىي جۈملە تۇنجى ئوقۇلۇشىدىلا بىزگە شامالنى ئەسلىتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ھەرقانداق شېئىرىي جۈملىنىڭ نەسرىي ئەندىزىسى بولىدۇ. سېنى سىيپاپ ئۆتكىنى ئەسلىدە شامال بولۇپ، بۇنىڭ سەندە قالدۇرغىنى مەڭگۈلۈك تۇيغۇسىدۇر. شائىرنىڭ مەڭگۈلۈككە بولغان بۇ تۇيغۇسىغا شامالنىڭ تېزلىكى بىۋاستە سەۋەبچى بولغان .
ئەنئەنىۋىي ئېڭىمىزدا، مەڭگۈلۈك زاماننىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
بىراق، شائىرغا نىسبەتەن، مەڭگۈلۈك (شامالدەك) تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان نەرسە .
بىز بۇ يەردە قەيت قىلىۋاتقان «تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان مەڭگۈلۈك» مەزكۇر جۈملىدىكى «سىيپاپ» دېگەن سۆزدىمۇ ئەكس ئەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە، شائىر تۇيغان مەڭگۈلۈكنىڭ پەقەت ئۆتكۈنچى لەھزە ئىكەنلىكىگە «تاغ قاپتىلىدا تاشقا ئايلانغان ئىزلار» گۇۋاھ بولغان. ئۇنداقتا، «تاغ قاپتىلىدا تاشقا ئايلانغان ئىزلار»نىڭ سىمۋوللۇقى نېمە؟
ئىز _ ئەسلىمە،
تاش _ قالىدىغان، يوقالمايدىغان،
تاغ قاپتىلى _ يىراقلىق .
يەنى، مەڭگۈلۈك _ يىراقلىقنىڭ يوقالماس ئەسلىمىسىدۇر. دېمەك، مەڭگۈلۈكتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈنچى لەھزە، ئەسلىدە، يىراقلىق ئەسلىمىسىنىڭ قايتىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
3- ئۇسۇل: نەسرىي جۈملىنىڭ ئوبيېكتىنى سوبيېكتىغا ياتلاشتۇرۇش
3- 1
توخۇلار دان ئىزدەپ يەرنى چوقۇلىماقتا: نەسرىي جۈملە
توخۇلار تاڭ ئىزدەپ يەرنى چوقۇلىماقتا: شېئىرىي جۈملە
مەزكۇر نەسرىي جۈملىدىكى توخۇ بىلەن داننىڭ زىچ مۇناسىۋىتى شېئىرىي جۈملىدە تاڭ سۆزى ئارقىلىق ياتلاشتۇرۇلغان .
3- 2
سوئال: نەسرىي جۈملىنىڭ ئوبيېكتىنى سوبيېكتىغا ياتلاشتۇرۇشنىڭ پەلسەپىۋىي ئۇقۇمى نېمە؟
جاۋاب: غېرىبلىق (ياتلىشىش) تۇيغۇسىنى مۇقىملاشتۇرۇش .
دېمەك، غېرىبلىق شېئىرىي قىممەتتۇر .
3- 3
شائىر نېمە ئۈچۈن غېرىبلىق تۇيغۇسىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ؟ بۇ قانداق غېرىبلىق؟
دان يوق يەردە توخۇ غېرىبلىق ھېس قىلىدۇ .
تاڭ يوق يەردە شائىر غېرىبلىق ھېس قىلىدۇ .
دېمەك، بۇ غېرىبلىق _ ماكان غېرىبلىقىدۇر. ئەمىسە، تاڭ نەدە؟ ئېنىقكى بۇ يەردە ئەمەس. شۇڭا، توخۇلار ئۇنى ئىزدەپ يەرنى چوقۇلىماقتا. ئۇ _ ھېچنەدە! تاڭنىڭ ھېچنەدىلىكى ئۇنىڭ بۇ يەردە زادىلا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ مەنىدە ئەنگىلىيىلىك شائىر ھوبكېنزمۇ :
ئەتىگەن ئويغىنىپ، كۈندۈز ئەمەس، قاراڭغۇ چۈشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن
ئاھ، نېمىدېگەن قارا دەقىقىلەر-ھە، بۇ كېچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز !
بىراق، دەقىقىلەر دېگىنىمدە يىللارنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن
ھاياتنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن ...
دەپ يازغان. شۇنداقلا، «توخۇلار تاڭ ئىزدەپ يەرنى چوقۇلىماقتا» دېگەن جۈملىنىڭ ئۆزىمۇ شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنكى، مۇشۇ جۈملە خاتىرىلەنگەن پەيتتىن باشلاپ، بىز تاڭ غايىبلىقىنى ياشىماقتىمىز؛ يەنە بىر يىل ياكى يۈز يىل ۋەياكى مىڭ يىلدىن كېيىنكى ئوقۇرمەنمۇ مۇشۇ جۈملىنى ئوقۇۋېتىپ، ئۆزىنىڭ بىزگە ئوخشاشلا تاڭ غايىبلىقىنى، ماكان غېرىبلىقىنى ياشاۋاتقانلىقىنى تۇيىدۇ .
3- 4
سوئال: «توخۇلار دان ئىزدەپ يەرنى چوقۇلىماقتا» دېگەن نەسرىي جۈملىنىڭ ئوبيېكتىنى سوبيېكتىغا ياتلاشتۇرساقلا شېئىرىي جۈملىگە ئېىرشكىلى بولغاندىكىن، نېمە ئۈچۈن تاڭ دەپ گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەيلا داننىڭ ئورنىغا ھەقىقەت ياكى مەۋجۇدىيەت ۋەياكى مەنە دېگەن سۆزنى ئۇدۇل ئىشلەتمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن، مەسىلەن، «توخۇلار مەنە ئىزدەپ يەرنى چوقۇلىماقتا» دەپ يازمايمىز؟
جاۋاب: ئوبيېكتنى سوبيېكتقا ياتلاشتۇرغاندا، ئەسلى ئوبيېكتنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان كاندىدات ئوبيېكت چوقۇم سوبيېكتنىڭ خاراكتېرىغا ماسلاشقان بولىشى كېرەك. مەسىلەن، توخۇ تاڭدا چىللايدۇ. بىراق، توخۇنىڭ مەنە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق !
- 4 ئۇسۇل: نەسرىي جۈملىدىكى ھەرىكەتنىڭ ئىجابىي نەتىجىسىنى سەلبىيلەشتۈرۈش
4- 1
) جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق: نەسرىي جۈملە – (چوڭقۇر قاتلام (
مېۋە تەملىك، مانا بۇ جاپا چېكىدىغان دەرەختۇر: نەسرىي جۈملە (يۈزەكى قاتلام (
) كۆرمەي قارىغۇلۇق يوق: شېئىرىي جۈملە - چوڭقۇر قاتلام (
مېۋە قارىغۇ، مانا بۇ كۆرىدىغان دەرەختۇر: شېئىرىي جۈملە (يۈزەكى قاتلام (
نەسرىي جۈملە (يۈزەكى قاتلام)دىكى مېۋىنىڭ تەملىكلىكىدىن ئىبارەت ئىجابىيلىق شېئىرىي جۈملە (يۈزەكى قاتلام)دە مېۋىنىڭ قارىغۇلۇقىدىن ئىبارەت سەلبىيلىككە ئايلانغان .
4- 2
سوئال: نەسرىي جۈملىدىكى ھەرىكەتنىڭ ئىجابىي نەتىجىسىنى سەلبىيلەشتۈرۈشنىڭ پەلسەپىۋىي ئۇقۇمى نېمە؟
جاۋاب: ئۈمىدنى مۇسادىرە قىلىش .
دېمەك، ئۈمىدسىزلىك شېئىرىي قىممەتتۇر .
4- 3
مېۋە قارىغۇ، مانا بۇ كۆرىدىغان دەرەختۇر .