-
2009-02-20
ئەخمەتجان قاسىمى - [مەشھۇر كىشىلىرىمىز ھەققىدە]
ئەخمەتجان قاسىمى
EXMETJAN QASIMI
قەلبىمدە تارىخىمنىڭ نۇر ئىزناسى
بىر ئەزىم دەر يا بولۇپ دولقۇنلايدۇ.
ئۇنىڭدا ئەلنى سۆيگەن ئوغلانلارنىڭ
مەڭگۈلۈك كەچمىشلىرى يالقۇنلايدۇ.
تارىخنىڭ ئاشۇ نۇرلۇق جۇلاسىدا
چاقنايدۇ ئۆزگىچە بىر نۇرلۇق يۇلتۇز.
ئەلنى دەپ قىلغانغۇ ئۇ ھالال ئەجىر
خەلقنىڭ مېھرىدىن ئۇ ئىچكەچ ئوغۇز.
ئەخمەتجان قاسىمى ئۇ ئەل ئوغلانى
ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ئۇ مەڭگۈ داھى.
بىر چاغدا ئانا يۇرت ۋە مىللىتىمنڭ
بولغان ئۇ مېھرىبانى، باشپاناھى.
ئاھ ئۇنىڭ قەيسەرلىكى، چىۋەرلىكى
ھەتتاكى قايىل قىلغان دۈشمەننىمۇ.
شۇچاغدا مېھرى بىلەن كۈلدۈرگەنتى
يۈرىكى لەخت-ئە بولغان دەرتمەننىمۇ.
بولغاچقا ئۇ شۇچاغداباش سەركەردە
ياڭرىغان جەڭگاھلاردا زەپەر كۈيى.
باتۇرنىڭ پاك روھىغا بولۇپ تەڭكەش
ھەيۋەتتە شاۋقۇنلىغان ئىلى سۈيى.
ئاھ، لېكىن ئاشۇ ۋەھشىي قارا قىسمەت
داھىغا ئېلىپ كەلدى زور تالاپەت.
ئارمانلار كۆزلىرىنى ئاچماي تۇرۇپ
داھىنى يىتىپ كەتتى ۋەھشىي ئاپەت.
ئۆتمەكتە يىللار، لېكىن يېمەكتىمىز
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئارمىنىنى.
ئۇنتۇماس تائەبەتكە ئانا خەلقىم
ئەخمەتجان قاسىمىدەك ئوغلانىنى.
مەنبە ؛ قەلەم رېتىم
随机文章:
قوش تىللىق مائارىپ(1)ئوتتورى 2008-12-30مەھمۇد قەشقىرى مۇھاكىمە يىغىنى ( نەخ مەيدان) 2008-12-14مۇرات ناسىرۇف تەرجىمالى 2008-12-13