-
2009-03-02
مەھمۇد كاشغەرى ياش تۆكمەكتە - [يازمىلىرىمىز]
مەھمۇد كاشغەرى ياش تۆكمەكتە
MEHMUD KASHGHERI TÖKMEKTE
شاھىمەردان
تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلېفوننىڭ ئاۋازى كىچىلىك سىمىنىدىن قايتىپ كىلىپ ھارغىنلىقتا يۇمۇلاي دەپ قالغان كۆزلىرىمنى ئۇيقۇدىن ئويغۇتىۋەتتى.
_ ۋەي مەردانمۇ؟بۈگۈن ئۆيدە ئادەم يوق 、ئۇنىڭ ئۆستىگە ھازىرچە ئۆيدىن ئايرىلساممۇ بولمايدۇ,ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭ بىزنىڭ ئۆيگە بىر كەلسەڭ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق .قانداق دەيسەن ؟
زېرىكىپ ئولتۇرغاندا بۇ گەپ ماڭا خوپمۇ ياقتى ،مەن ئۆينى ئاددى بىر رەتلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئويىگە قاراپ ماڭدىم .
بىز ئۇنىڭ كىچىك ياتاق ئۈيىدە بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ بىر تەرەپتىن كومپىيوتىر ئۇيۇنى ئويناپ ئولتۇردۇق، شۈ ئەسنادا ئۆيگە تېلېفون كىلىپ قىلىپ دوستۇم تېلېفون ئالغىلى چىقىپ كەتتى
_ئاداش دادام بۇ ھۆججەت بىلەن ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتۇ .مەن بېرىپ ئاپىرىپ كىلەي ،سەن ئۆيدەجىندەك ئولتۇرۇپ تۇرساڭ ھازىرلا كىلىمەن .
مەن ماقۇل بولۇپ قالدىم ،يالغۇزچىلىقتا نىمەئىش قىلساممۇ خوشياقمايتتى,مەن بۇ كومپىيوتىر ئۇيۇنىدىنمۇ زېرىكىپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كىتاپ كۆرمەكچى بولدۇم .دوستۇمنىڭ دادىسى كىتاپخۇمار .ئادەم بولۇپ كىتاپ ساقلاشقا ھېرىسمەن ئىدى ،مەنمۇ كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق بولغاچقا ئۇنىڭ كىتاپ جازىسىنى ئارىلاشقا باشلىدىم . تارىخى كىتاپ،پەلسەپىۋى كىتاپلار ،رومان ،پوۋېست ،ھەتتا چەتنىڭ بەزنبىر داڭلىق كىتاپلىرى رەت رىتى بىلەن تىزىلغانىدى.بۇنچىلىك جىق كىتاپلارنى كۆرۈپ قايسىسىنى كۆرۈشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم ، تۇۇيۇقسىز كۆزۈم ئۈستۈنكى جازىدىكى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ <تۈركى تىللار دىۋانى >دىگەن كىتاپقا چۈشتى –دە كىتاپنى ئاۋايلاپ قولۇمغا ئالدىم .راستىنى ئېيتسام ئۆزۈم ئۇيغۇر بولغىنىم بىلەن ئۆزىمىزدىن چىققان بۇ ئۇلۇغ ئالىم مۇتەپپەككۈرىمىزنىڭ شاھانە ئەسىرىنى تېخى ھازىرغىچە بىرەر قىتىم كۆرۈپ باقمىغانىدىم ،(بەلكىم ماڭا ئوخشاشلار ئاز بولمىسا كېرەك )،مەن بىر قىزىقىش ئىچىدە كىتاپنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم كىتاپ مىنى ئۆزىگە خىلىلا مەپتۇن قىلىۋالغانىدى ،بىر چاغدا كۆزۈمنىڭ تالغانلىقىنى ھېس قىلىپ بىشىمنى ئۈستەلگە قويۇپ كۆزۈمنىڭ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولدۇم . ئاخشام بىر كىچە ئىشلىگەچكە كۆزۈمنىڭ قانداق ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن ........
قانچىلىك ۋاقت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن تۇيۇقسىز .ئەتراپ يىنىك بىر تەۋرەنگەندەك قىلدى-دە چۆچۈپ كۆزۇمنى ئاچتىم ،ئالدىمدا نە ئۈستەل نە كىتاپ كۆرۈنمەيتتى ،ئۆزۈم بولسام تامنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يۈگۈلۈپ ئولتۇراتتىم ،ئەجابا دوستۇم مېنى باشقا ئۆيگە ئەكىرىپ قويدىمۇ ؟ بىلمىدىم ...مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتۇم ،ئۆي ئىچى قاراڭغۇ بولوپ ناھايىتى كونا ئۇسلۇبتا بىزەلگەن ئىدى ،راستىنى ئېيتقاندا ئۆي ئىچىدە تىلغا ئالغۇدەك ھېچنىمە يوق ئىدى .سول تەرەپتە يەنە بىر ئىشىك بولۇپ ئىشىك ئاستىدىن غۇۋا بىر نۇر كۆرۈنۈپ تۇراتتى ،مەن بىر خىل قورقونچ ئىچىدە ئىشىكنى ئاستا ئاچتىم ،بۇ ئۆيمۇ ئالدىنقى ئۆيدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى ،پەقەتلا ئۇدۇل تەرەپتە بىر كارۋات بولۇپ كارۋات ئۇستىدە بىركىشى توغرىسىنى بىر مويسىپىت كىشى قولىغا قانفاقتۇر بىر كىتاپنى ئىلىۋىلىپ بىشىنى كىتاپتىن كۆتۈرمەي بىر نىمە كۆرۈۋاتاتتى ،مەن ئاستاغىنا تېۋىشمۇ چىقارماي ئۇ ئادەمگە يىقىنلاشتىم ،
ئاجايىپ تۇنۇش چىراي ......بۇ زادى كىمدۇ؟ مەن ئۇنىڭغا تېچىمۇ يېقىنلاشتىم ، توۋا.... بۇ .....بۇ .....بۇ ئەشۇ بىز دائىم .ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەي تەرىپلەپ كىلىۋاتقان ئالىم تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى ئەمەسمۇ ؟! بۇ چۈشۈممۇ ياكى ؟ چۈش، چوقۇم چۈش مەن بۇ خاسىيەتلىك چۈشۈمنى بىرەرسنىڭ بۇزۇپ قويماسلىقىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم .
مەن ئۇ زاتقا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ،نەق شۇ چىراي ،ئەشۇ سالاپەت ،خۇددى رەسىمدە كۆرگىنىمگە ئوخشاشلا پەقەت ئوخشىمايدىغىنى ئالدىمدىكى بۇ كىشىنىڭ چىرايى شۇنچىلىك مىسكىنلىككە تولغان ،خۇددى نىمىدۇر بىر ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك ۋە ياكى بىرەر نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەھمۇد بوۋا ،-سالام بەردىم ئەدەپ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئوغلۇم ،-دىدى جاۋابەن مەھمۇد بوۋام ،مەن سالام سائەتتىن كىيىن كارىۋاتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىلىپ ئولتۇردۇم .
-خوش ،ئۆزۈڭ كىمسەن ئوغلۇم ،مىنى قانداق تۇنۇيسەن ؟ بۇ يەرگە ھەم قانداق كىردىڭ ؟-سورىدى مېنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولغىنىمدىن ھەيران بولغان ھالدا
-مەن ....مېنىڭ ئىسمىم مەردان ،راستىنى ئېيتسام بۇيەرگە قانداق كىلىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ،ئەمما مەن سىزنى بىر قاراپلا ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى ئىكەنلىكىڭىزنى تۇنىۋالدىم،چۈنكى سىز بىزگە قالدۇرغان <دىۋانى لوغەتى تۈرك >دىگەن شاھانە ئەسىرىڭىز ھازىرمۇ دۇنياغا مەشھۇردۇر ،بىز ئۇيغۇرلارمۇ سىزلەردەك ئۇلۇغلىرىمىز قالدۇرغان ئەشۇنداق ئەسەرلەردىن پەخىرلىنىمىز شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشىۋاتىمىز .-دىدىم جاۋابەن
-رەھمەت ئوغلۇم ،بەكلا ئاشۇرىۋەتتىڭ مەن سەن دىگەندەك ئۇنچىۋالا ئۇلۇغمۇ ئەمەسمەن ،ئۇلۇغلۇق پەقەت <ئاللا>غىلا خاس ،مەن پەقەت ئۆزۈم بىلگەن كۆرگەن نەرسىلەرنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ قويدۇم خالاس ،خوش ئەمدى سەندىن دوراپ باقسام ،سەنمۇ ئۇيغۇرمۇ ئوغلۇم ؟ كىيىنىشىڭدىن شۇنداقلا تۇرقۇڭدىن سەن بۇ زامابغا مەنسۇپ ئادەمدەك قىلمايسەن ؟! ئەيىپ كۆرمىسەڭ سىنى نەدىن سورايمىز ؟
مەن بۇۋىمىزغا ئۆزۈم ياشاۋاتقان دەۋرنى شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلەرنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردىم
-ھىم ...ئىنسانلار ئارىسىدا مېھىر مۇھەببەت يوقىلىشقا باشلىغان يۇرتنى غەيۋەت شىكايەت ،كۆرەلمەسلىك ،قاپلىغان شۇ زامانەدىنمۇسەن ؟! ئەي ئوغلۇم گەرچە ئۆزۈم باقى ئالەمدە بولفىنىم بىلەن پانى ئالەمدىكى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن ،ئەلۋەتتە سەن ياشاۋاتقان شۇ زامانەڭدىكى تەرەققىياتنى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ھەرگىزمۇ بىزنڭ بۇ بۇ دەۋررىمىزگە سىلىشتۇرغىلى بولماس ئەمما شۇ دەۋرىڭدە ياشاۋاتقان كىشىلىرىڭچۇ ؟ئۇلار شۇ زامانغا لايىق ئىش قىلىۋاتامدۇ؟
ئۇ گىپىنى توختىتىپ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان نەزىرىنى قولىدىكى كىتاپقا يۆتكىدى
_قارىسام بەكلا غەمكىن كۆرىنىسىز ،سەۋەبىنى سورىسام بولامدۇ ؟-سورىدىم مەن
_سەن مېنىڭ چىرايىمدىكى مىسكىنلىنى سوراپ قالدىڭ ،بوپتۇ ساڭا دەپ بېرەي ،سەن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىدا مەن سەن شۇنچە ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ كەتكەن زامانىڭغا بېرىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوز كۆزۇم بىلەن كۆرۈپ كەلدىم ، بەزەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۇپ خوشمۇ بولدۇم ،ئەمما يەنە نۇرغۇن ئىشلار مېنى خوشلۇقتىن مىسكىنلىككە ،غەمكىنلىككە بەكرەك مۇپتۇلا قىلدى
_نىمە ئۇچۇن ؟ئەۋلادلىرىڭىزنىڭ يەنە قايسى تەرەپلىرىدىن رازى ئەمەسسىز بۇۋا؟
_ھىم... سەندىن سوراپ باقسام سەن يۇرتۇڭدىكى تەرەققىياتلارنى شۇنچە ماختىدىڭ ئەمما شۇ تەرەققىياتلارنىڭ قايسىسىنى سىنىڭ مىللىتىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ؟ سىلەر دائىم تارىخى شەخىسلەرنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرىسلەر ،ئەمما ئۆزۈڭلار كىيىنكىلەرگە پەخىرلەنگۈدەك بىرەر نەرسە قالدۇرۇپ باقتىڭلارمۇ ؟ گەرچە زامانىڭلار تەرەققى قىلغان بىلەن ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانغىنى يوق .
ئۇ نەزىرىنى يەنە كىتاپقا يۆتكىدى_دە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى
_مەن بۇ كىتاپنى (تۈركى تىللار دىۋانى)نىمە مەقسەتتە يازدىم ؟ مەقسىتىم تۈركى مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىلغار ،روناق مىللەت ئىكەنلىكىنى ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى گۈزەل ،نەپىس تىل دەپ تەرپلىشىدىغان ئەرەپ ،پارىس تىلىدىن ھېچ قىلىشمايدىغان ھەتتاكى ئۇلاردىن بىسىپ چۈشىكىدەك تىل ئىكەنلىكىنى جاھان ئەھلىگە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە شۇنداقلا كىيىنكىلەرنىڭ شۇ نەپىس گۈزەل تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى يوقىتىپ قويماسلىقىنى ئۇمىد قىلىپ يازغانىدىم .ھالال سىنىڭ زامانەڭگە كەلگەندە بۇ خىياللىرىمنىڭ بەرباد بولوش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك بىئارام بولماقتىمەن ،ئانا تىلدىن بۆلەك تىلنى ئۈگىنىپ ئۇنى ئۆز ئانا تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش بۇ ئۆزگىمۇ ئۆزگىلەرگىمۇ نەپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ ،ئەمما باشقا تىلنى بىلىپ ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇش بۇ بىر مىللەتكە بولغان ھاقارەت ،نۇمۇس ئىشتۇر . ئەي ئوغلۇم ،بىلىپ تۇرۇپتىمەن ،دەۋرىڭدە ئۆزگە تىلنى ئۆزتىلدىن ئەلا كۆرۈش ،ئۆز تىلىنى ئۆزگە تىلدا سۆزلەشكەنچىلىك راۋان سۆزلىيەلمەسلىك ،مائارىپ تەربىيىسىنى پەننى بىلىملەرنى ئۆز تىلىدا ئەمەس باشقا تىلدا ئىگەللەش دىگەندەك ئىشلار ئۇمۇملىشىپ قالدى ،ئەشۇ كىچىك پەرزەنتىڭلاردىن تارتىپ ئەبجەش تىلدا سۆزلەش ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى ،ئەگەر مۇشۇنداق كىتىۋەرسە سىنىڭمۇ ئەۋلادلىرىڭنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇنىڭغا ئوخشاش تارىخى كىتاپلار ئۆز تىلىنى تەتقىق قىلىش ئەمەس بەلكىم تارىخى يوقالغان تىللارنى تەتقىق قىلىش ماتىرىيالى بولۇپ قالماسمۇ ؟
مەھمۇد بۇۋامنىڭ سۆزى تويۇقسىز توختاپ قالدى ،مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم ،ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش ئەگىشكە باشلىغانىدى .
_ئۆز قەدرىنى بىلمىگەن ئىنساننى ھەممە بوزەك قىلغۇسى ،_دىدى بۇۋام كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ_ئۆزۈڭلارنى ئوزۈڭلار يۆلىمىسەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئوزۈڭلارتەرەققى قىلدۇرمىساڭلار كىم سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ؟كىم سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ ؟ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ،پەم پاراسىتى ،باتۇر- قەيسەرلىكىدە پۈتكۈل ئورتا ئاسىياغا داڭق چىقارغان بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ شۇ زامانىڭدىكى ھالى يەنە كىمنىڭ ئىچىنى ئىچىشتۇرمايدۇ؟
_سىز دىگەن بۇ ئەھۋاللار پەقەت بىر قىسم كىشىلەردىلا مەۋجۈد ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز يەنىلا .........
_ مېنىڭچە سىلەر مەڭگۈلا مۇشۇنداق <بىر قىسىم>مۇقامىڭلارنى چىلىپ ئۆتۇپ كېتىسىلەر ،_دەپ گىپىمنى بۆلدى مەھمۇد بۇۋام ._يامان ئىشلار مەيلى قانچە ئەۋج ئىلىپ كەتسۇن يەنىلا بىر قىسىم كىشلىرىمىزدىلا شۇنداق دەپ گەپنى تۈگىتىسىلەر ،لېكىن ئۆزۈڭلارنىڭمۇ بەزەندە شۇ بىرقىسىم كىشىلەر ئارىسىدا ئورۇن ئېلىپ قالغانلىقىڭلارنى ھېس قىلمايسىلەر ، ئويغىنىڭلار ،ئويلىنىڭلار كىيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارغا يۈز كىللەلىگىدەك بىرەر ئىش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار ،ئىسىڭلاردا بولسۇن ،سىلەر شانلىق تارىخقا ئىگە مىللەت ،ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ شانلىق تارىخ قالدۇرۇشۇڭلار كېرەك . ،ئىسىڭلاردا بولسۇن..... ،ئىسىڭلاردا بولسۇن.......................
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى .
_ مەھمۇد بۇۋا، مەھمۇد بۇۋا..._مەن قولۇمنى قانچىلىك سۇنغانسىرى تېخىمۇ تېزلىكتە مەھمۇد بۇۋىمىزدىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتاتتىم .
_ مەھمۇد بۇۋا، مەھمۇد بۇۋا.....................
_مەردان ...مەردان ئورنوڭدىن تۇرە ...
مەن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئىچىپ ئەتراپقا قارىدىم ،ھەممە يەر بۇرۇنقىدەك ،ئئەسلىدە شۇ كىتاپقا بىشىمنى ققويغىنىمچە ئۇيقۇغا كىتىپتىمەندە.
_قارىسام بىر نىمىلەرنى دەپ جۈيلۈپ كىتىۋاتىسەن ،نىمە بولدۇڭ ؟
_چارچاپ كىتىپتىمەن ،_دىدىم جاۋابەن
_بولدى قوپە ئەڭ ئىسىل كومپىيوتىر ئۇيۇنىدىن بىرنى ئەكىردىم ،قوپە ئوينايمىز
مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ئۇيۇن ئويناشقا باشلىدوق .كۆزۈم كومپىيوتىردا بولغىنى بىلەن ئەمما كاللامنى بايا كۆرگەن مەھمۇد بۇۋامنىڭ ياشقا تولغان كۆزلىرى ۋە قىلغان سۆزلىرى ئىگەللىۋالغانىدى .
توۋا ....ئاجايىپ چۈش كورۇپتىمەن دىسە..........................
ئەسەر ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىڭ كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
随机文章:
ئۈجمە كۆڭۈل قىز 2009-03-11شىنجاڭنىڭ پەخىرلەنگۈدەك ھېچنىمىسى يوق 2009-03-07ھايۋاننىڭ غۇرۇرى 2009-02-22موسكۋا خىياللىرى 8 2009-02-01
评论
سىزنى چۈشىنىدۇ دەپ ئىككى بىسلىق گەپ قىلسام، مەقسىتىمنى ئۇقتۇرالماپتىمەندە.
«ھېكايە» ڭىزگە كۆپ رەھمەت، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
باشقا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ مۇشۇنداق چۈشنى جىقراق كۆرۈشكە، كۆرۈپ بولۇپلا ئۇنتۇپ قالماي بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشكە نىسىپ قىلسۇن!