2- سۇئالنىڭ جاۋابى مۇنبەردىكى سەن يادىمغا يەتكەندە دىگەن شېئىرىنى مۇنبەرنىڭ ئالى ئەزاسى ئارزۇ يوللغان
سەن يادىمغا يەتكەندە ...
بەخىتلىكمەن دىگەنتىم ، ماختىنىپمۇ يۈرگەنتىم،
سىنىڭ بىلەن كۈلگەنتىم ، خوشاللىققا چۆمگەنتىم .
سەن بولغاچقا يىنىمدا مەن شوخ ، تىمەن ئۆسكەنتىم ،
ئەمدى ئەجەپ ئەسلەيمەن ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
باشلىرىمنى سىيلىشىڭ ، ئۈمۈد بىلەن بىقىشىڭ ،
ماڭا مەدەت بىرىشىڭ ، قوغداشلىرىڭ ، كۈلىشىڭ .
نەسىھىتىڭ ، كۆزلىرىڭ ، ئاقىلانە سۆزلىرىڭ ،
ئەجەپ تۇتىيا بىلىندى ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
<نەگە كەتتىڭ ئاتا> دەپ توۋلىساممۇ جاۋاپ يوق،
سەن كىتىپلا يىنىمدىن ، يۈرمەس كۆڭلۈم بىلسەڭ توق.
ئىللىققىنە تۇرمۇشۇم بىلىنمەكتە ئەجەپ سوغ ،
مەن خىيالغا چۆكىمەن سەن يادىمغا يەتكەندە .
بىللە باسقان يوللىرىم ، باھارلىرىم سورايدۇ ،
<قىنى ئاتاڭ> دەپ مىنى ئازاپلايدۇ ، قىينايدۇ .
قاراپ تۇرۇپ بەزىلەر يىتىم دەيدۇ ، شۇم دەيدۇ ،
مۇڭلىنىمەن سىغىنىپ ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
باھار كەلدى نەچچە رەت ، نەچچە كۆردۈم چىچەكنى ،
ئۈژمە ، شاپتۇل پىشتى دەپ تولدۇرۋالدىم ئىتەكنى .
ئۈرۈك ،ئۈزۈم ئۈچۈنمۇ تۇتتۇم نەچچە سىۋەتنى ،
ھەر قىتىمدا ياش تۆكتۈم ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
ئىچىلغاندا ھەر خىل گۈل ، قۇشلار كىلىپ سايرىسا ،
قوشنىلار بەزمە قىلسا ، ناغرا -سوناي ياڭرىسا .
تۇرمۇش يىتىم بىشىمنى قۇچىقىدا ئالدىسا ،
بەكمۇ غەمكىن بولدۇم مەن ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
سۈرەتلىرىڭ تۇرسىمۇ كۆز ئالدىمدا جىلمىيىپ،
شوخ كۆزلىرىڭ ئۇنىڭدا ھەر باقسىمۇ تىكىلىپ.
كۆزلىرىمدىن ئاقتى قان ، سەن ئاتامنى سىغىنىپ ،
ئىچ -ئىچىمدىن چاك كەتىتىم ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
تاماق يىسەم يەۋىتىپ توختاپ قالدى قوللىرىم ،
كۈندىن -كۈنگە كۆپەيدى خىياللىرىم ، ئويلىرىم .
سەن كۆرەلمەي بولارمۇ ئەمدى مىنىڭ تويلىرىم ،
مەيۈسلىنىپ ئىچىندىم ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
ئاۋازىمنى قويۋىتىپ مەن يىغلىدىم پىنھاندا ،
كۆڭلۈم بەكلا بۇزۇلدى ھىيىت - ئايەمدە ، بايرامدا .
يامغۇر ياغسا ، قار ياغسا تۇرۇپ باقتىم ئايۋاندا ،
ئۇزۇنغىچە ئۇھسىندىم ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
ئازاپلانسام مەن سىنى ئەسلەپ ئۆتتۈم قايتىدىن ،
غەيرەتلەندىم روھىڭدىن ، تۇرۇپ يەنە ئورنۇمدىن .
قىيىنچىلىق ئالدىدا مەن قايىتمىدىم يۇلۇمدىن ،
سەندىن ئۈلگە ئالدىممەن ، سەن يادىمغا يەتكەندە .
سىنى بار دەپ ياشايمەن يۈرىكىمنىڭ قىتىدا،
ئايرىلساڭمۇ مىنىڭدىن 18 ياش چىغىمدا .
سەن تىرىغان گۈللەر بار مىنىڭ ھايات بىغىمدا،
دۇئا قىلىمەن سەن ئۈچۈن ، سەن يادىمغا يەتكەندە ...
2006.5.8 يىزىلدى .
ئەسلى ئادىرىسى ؛
./read.php?tid-6528-fpage-5.html