بۇ قىتىم مۇكاپاتلانغان ئەزالارنى مۇبارەكلەيمەن .
مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەر تۆۋەندىكىچە :
سىرلىق.شائىر----300 مۇنبەر پۇلى
ئىزچىيىگىت----200 پۇل
گۈزەل-تارىم-----200 پۇل
تەكلىماكان-----200پۇل
ئەلخۇمار----300پۇل
بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ----100پۇلئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار سەلىكىن تەلەي يۇلتۇزى 22سانىنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە
1سوئالنىڭ جاۋابى:بۇ سۆز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزىدىن ئۈزۈندە قىلىنىپ ئىلىنغان
2-سوئالنىڭ جاۋابى:بۇ شئىر سەلىكىندىكى ئالى ئەزا <ئارزۇ>نىڭ<سەن يادىمغا يەتكەندە>دىگەن ئەسىرىدىن ئىلىنغان
3-سوئالنىڭ جاۋابى:مىللى ئىنقىلاپ 1944يىلى نويابىردا باشلىنىپ 1945يىل ئاخىرلاشقان1946يىلى تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالانغان 1949يىل 27ئاۋغۇسىت سەۋىت ئىتپاقىنىڭ ئىركۇتىسكى رايۇنىنىڭ زابايقال تاغ تىزمىلىرىدا ئايرۇپىلان پاچاقلىنىپ كىتىپ ئەخمەتجان قاسىمى ئابدۇركىرىم ئاباسۇف قاتارلىق كىشلەر ۋاپات بولغان
4سوئالنىڭ جاۋابى:تىمساق سۇدىلا ئۈزۈپلا قالماي بەلكى قۇرۇقلۇقتىكى سۈرئىتىمۇ خىلى تىز ناۋادا سىز ئۇنىڭ ئالدىدا يۈگۈرسىڭىز بەلكىم ئۇ ئاسانلا سىزگە يىتىشۋىلىشى مۇمكىن
ئەگەر سىز يۈگرۈپ كىتىۋىتىپ يەنە ئىتتك كەينىڭىزگە بۇرۇلۇپ قاچسىڭىز تىمساقنىڭ تىنى چوڭ ھەم ئىغىر بولغانلىقتىن بەدىنىنى تەڭشەپ ئايلىنىپ كەينىڭىزدىن يۈگۈرگۈچە سىزمۇ خىلى يەرگە ئۇزاپ بولغان بولسىز <ھىلىمۇ ياخشى بىزنىڭ يۇرىت ئىچكى قۇرۇقلۇقكەن
شۇنداقتىمۇ ئۈگنىپ قويغان ياخشى جۇمۇ>
5سوئالنىڭ جاۋابى:بۇ شئىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شىئىرى
ياش شائىر ئەخمەتجان ئوسمان 1964يىلى ئۈرۈمچى ۋېيخولىياڭ كان رايۇنىدا بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئۇ ئۈرۈمچى تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن 1981يىلى 9-ئايدا دۆلەت مائارىپ كومتىتى تەرىپىدىن سۈريە دەمەشىق داشۆسى تىل ئەدەبىيات شۆيۆەنىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى ئۇ ھازىر چەت ئەلدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى چاغدا سۈريەدە ئەرەپ تىلى بىلەن يازغان <ئىككىنچى يىقىلىش><تويلار تىلسىمى>قاتارلىق توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان ئەرەپ ئوبزورچىلىرى ئۇنىڭ شىئىرىغا <ئولىمپىس مەدىنيىتى ۋە بۇددا مەدىنيىتى بىلەن تويۇنغان يىراق شەرىق چوڭقۇرلۇقىدىن كەلگەن بۇ روھ بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە يۈتتۈرۈپ قويغان سىھرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى دەپ باھا بەرگەن
6سوئالنىڭ جاۋابى:ئىسلامدىكى بەش پەرھىز
1-ئاللاھنى بىر بىلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش
2-بەش ۋاق نامازنى تەئىدىل ئەركانلىرى بىلەن ئوقۇماق
3-ھەر يىل بىر ئاي رامزان روزىسىنى ئەدەپ ۋە ئەھكاملىرى بىلەن تۇتۇش
4-پۇل مىلى نىساۋىغا يەتسە زاكات بەرمەك ۋە يەردىن چىققان ھەر تۈرلۈك مەھسۇلاتلارغا ئۆشرى<ئوندىن بىرى>نى بەرمەك
5-قۇدرىتى يەتسە ئۆمرىدە بىر قىتىم ھەج قىلماق پەرىزدۇر
7-سوئالنىڭ جاۋابى:ۋىرۇسنى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى گوللاندىيەلىك ئالىم لىۋىن خوك<1632-1723>تۇنجى قىتىم بايقىغان
8سوئالنىڭ جاۋابى:ئورمانلار پۈتكۈل يەرشارى كۆلىمىنىڭ 50%~90%گىچە بولغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان جانلىقلارنىڭ شادىلىق باغچىسى لىكىن ئورمانلارنىڭ كۆلىمى جىددى ئازلاپ كىتۋاتماقتا. ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى قىپقالغان 1:5ئورمانلار لا چوڭراق ھەجىمدىكى ۋە نىسبى تەبىلىككە ئىگە ئىكۇلۇگىيەلىك سىسىتىمىنى ئۆز پىتىچە ساقلاپ تۇرماقتا،2000
يىل ئىلگىرى ،ئىلىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى 505ئىدى ،بۈگۈنكى كۈندە ئاران16.55%لا قالدى ،
تىبەت بۆكىنى پەقەت ئىلمىزدىلا بار بولغان بىر خىل تۈر ئۇنىڭ تىۋىتى ئالتۇندىنمۇ قىممەت بولۇپ دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلدىغان ھايۋان ھىساپلىنىدۇ.
9-سوئالنىڭ جاۋابى:75 مازار بار
1.مەخمۇت قەشقىرى مازىرى
2.ئارىسلانخان مازىرى
3.ئاپپاق غوجا مازىرى
4.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى
5.قوشماق مازار (قەشىقەر يىڭىشەر ناھىيە)
6.ئالتۇنلۇق مازار ( يەكەن)
7.قىرمىش ئاتام مازىرى(ئاقسۇ)
8.ھەنبەھەجەم مازىرى(ئۈستۈنئاتۇش )
9.يەتتە قىزلىرىم مازىرى(ئاقسۇ)
10.جاي پەتچىم مازىرى
11.يۇسۇپ قادىرخان مازىرى
12.بوۋى مەريەم خىنىم مازىرى
13.ئوردا پادىشاھىم مازىرى
14.چۇجە پادىشاھىم مازىرى
15.تىۋىز مازىرى
16.قىزىل ئاياللىرىم مازىرى
17.ھەزرىتى بەگ مازىرى
18.سۇلتان دەرجە خىنىم مازىرى
19.سەرۋازلىرىم مازىرى
20.ئابدۇراخمان ۋاڭ مازىرى
21.خوجا مۇھەممەت شىرىپ مازىرى
22.چىلتەن مازىرى
23.بەيسى ھىكىم بەگ مازىرى
24.سۇتپاشاھىم مازىرى
25.جاللات خىنىم مازىرى
26.خوجا مىڭ دوڭ مازىرى
27.سۇلتانىم مازىرى
28.قاراخان بۇزۇرۇكۋار مازىرى
29.شەيدان مازىرى
30.ياسىدون مازىرى
31.زوڭلاڭ مازىرى
32.ئاخۇنلۇقۇم مازىرى
33.چارباغ مازىرى
34.كوك تونلۇق ئاتام مازىرى
35.قىلجى مازىرى
36.شىھىت دوڭ مازىرى
37، بەماغىلى مۇجات مازىرى
38.كۇھمارىم مازىرى
39.ئىمام ئاسىم مازىرى
40.ئۇجمە مازىرى
41.سىياۋۇش مازىرى
42.باغداد مازىرى
43.قۇم رابات پادىشاھىم مازىرى
44.ئىمامى ئەپتەھ مازىرى
45.يالغۇز ئوغۇل مازىرى
46.ئىمامى ئەسكەر مازىرى
47.ئىمام جەئفىرى مازىرى
48.توت ئىمام مازىرى
49.ئىمام غەززالى مازىرى
50.ئىمام جەئفىرى سادىق مازىرى
51.تىلمىش ئاتام مازىرى
52.سۇلتانىم مەھمۇت بۇزۇرۇكۋار قەدىمى قەبرىگاھلىقى
53.مەۋلانە مازىرى
54.ھاجى خاراباتى مازىرى
55.ئەختەم بۇزۇرۇكۋار مازىرى
56.موللا شاكىر مازىرى
57.توققۇز گۇمبەز مازىرى
58.مەۋلانە ئەرشىدىن خوجا مازىرى
59.كوك گۇمبەز مازىرى
60.ئەركەش ۋەلىيۇللا مازىرى
61.قارا چاچ مازىرى
62.چاچى مازىرىم
63.كونچى مازىرىم
64.تاھىر -زوھرە قەبرىسى
65.تۇيۇق خوجام مازىرى
66.ئانىجان خوجام مازىرى
67.ئەلپەتتە خوجام مازىرى
68.مۇرتۇق خوجام مازىرى
69.قەيىس خوجام مازىرى
70.تۇغلۇق مازار
71.قۇمۇل ۋاڭلىرى قەبرىستانلىقى
72.يالغۇز تۇيۇم مازىرى
73.سۇلتان ئۇۋەيىسخان مازىرى
74.خوجا پىرىم قەدىمى قەبرىگاھى
75.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرى
10-سوئالنىڭ جاۋابى:
بۇ شىئىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ <مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ>دىگەن شىئىرى
مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ،
ئاشىقلىقنى سۆزلەيدۇ ھەق دەپ.
يازغانلىرى ۋاپا دەستۇرى ،
قىلغانلىرى قەدىمدىن ھەق گەپ.
گۇناھ دىمەس كۆڭۈل بەرگەننى ،
كاككۇك زەينەپ بولۇپ يۈرگەننى.
شەرەپ دەيدۇ كىتاپلىرىدا،
يارى ئۈچۈن ئاشىق ئۆلگەننى.
سەلكىن مۇكاپاتلىق تەلەي يۇلتىزىنىڭ كىلەركى سانلىرىنىڭ سۇئاللىرىنى چىقىرىشنى خالايدىغان ئەزالانىڭ بىز بىلەن ئالاقە قىلشىنى ئۈمىد قىلمىز !ئالاقىلاشقۇچىلار : ئىشەنىچ
باغۋەن
باي خىنىم
ئۈمۈت
[ بۇ يازما ئۈمۈت تەرپىدىن 2007-10-29 18:13 دە قايتا ]