سالام سەلكىن
ئەسسالامۇئەلەيكوم، سالام سەلكىن، سالام تورداشلار! كەمىنە لوتۇندىن بارلىقىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام!!!
بەلكىم، كۆپچىلىك مېنى ئانچە تونۇپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئىلگىرى مەن بۇ مۇنبەردىكى ئاكا-ئاچىلىرىمنىڭ ياقتۇرىدىغان ئىنسى، ياخشى دوستى ئىدىم. بىرمەزگىل مۇنبەردە "يوقاپ" كەتتىم، ئەمىلىيەتتە مەن يوقاپ كەتمىدىم، بەلكى ياخشى بالا بولۇپ كەتتىم، ئىشىنمەنكى بۇ يازمامنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ دوستلىرىم مېنى تونىۋالىدۇ، مېنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك ياقتۇرىدۇ....
مەن ئىلگىرى مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولغان مەزگىللەردە، تۈرلۈك مېدال، دەرىجە سان... ئىشقىلىپ ئاللىقانداق تۆھپە-شۆھرەتلەرنى قوغلىشىپ ۋە ئېرىشكەنلەرگە ھەۋەس قىلىپ، شۇنداقلا ئۇلارغا يېتىشىۋېلىشتا توغرا مەقسەت تىكلىيەلمەي، مۇنبەرگە " مەن ئۆلدۈم" ، " مەنكاڭلارنىڭ تەرجىمھالى" دېگەندەك ئەھمىيەتسىز تېمىلارنى، خوشنا توربېكەتلەرنى ئاقتۇرۇپ،قىلىقسىزلىق بىلەن باشقىلار تەرجىمە قىلغان خەۋەرلەرنى مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، شۇچاغدىكى مۇنبەردىكى "پاخال يازمىچىلارنىڭ كاتتىسى" بولۇپ قالغان ئىدىم... ئۇ چاغلاردا مۇنبەر قىززىقچىسى دېگەن مېدالغا قىزىقىپ، كەچكىچە يومۇر تېمىلارنى يوللاش ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرەتتىم... ھەي.... نېمىسىنى دەيسىلەر، بىرەر يومۇرۇمنىڭ تۇتۇپ كۈلگىدەك مەزمۇنى يوق، بارلىرىنىڭ ھەممىسى خەقتىن ئاشقان.... مەن مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولغان ۋاقىتلاردا مۇنبەرنىڭ تېگىدە بۈگۈنكى يازما يوللاش ئۇستىلىرى دەيدىغان بىر تىزىملىك بار ئىكەن، ئۇيەردە ئىسمىمنىڭ بولۇشىنى مەن بەك چوڭ بىلەتتىم، بۈگۈن مېدالغا ئېرشكۈچىلەر دېگەن يەرگە باش رەسىمىمنىڭ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئىنكاس دېگەننى يېزىپ قالاتتىم ھە.... mL
C)Mb#
ئىشقىلىپ ئۇچاغلاردا ھەرخىل خياللاردا شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن نۇرغۇن قاملاشمىغان ئىشلارنى قىلىدىم مۇنبەردە. ھازىر ئويلىسام خىجالەت بولىمەن...
ئۇنىڭدىكى مەن ھەققىدە ئېيتىلغان قۇرلارغا قاراپ ئويلىنىپ قالدىم.... مەن خۇلقىمنى تاشلىشىم كېرەك ئىكەن...
بۇ ئويۇمنى باشلىق ئەلئارا ئاكامغا دېدىم، ئۇ خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى، ئىسمىمنى ئۆزگەرتمىدىم، قايتىدىن تىزىملاتتىم...
ئەلئارا ئاكام مېنىڭ ئۆزگەرمەكچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ، بەك خۇشال بولغان چېغى ماڭا بىر نەرسە مۇكاپات بەردى، نېمە دەمسىلەر؟ مېنىڭ ھازىرقى UIDرىم. مىڭ.... شۇنداق قىلىپ، شۇكۈنى ئسمىمنى ئۆزگەرتىپ قايتا تىزىملاندىم، ئىسمىمنىلا ئەمەس خۇلقىمنى ھەم ئۆزگەرتمەك بولۇپ تىزىملاندىم...
چۈنكى ئەلئارا ئاكام "مۇنبەردىكى 50ئەزا بىلەن تونۇشۇۋالامسىز؟"./read.php?tid-55540.html دېگەن تېمىسىدا ماڭا:مەلۇم بىر ئەندىزە ياكى قېلىپنى كۆزلەپ شۇ بويىچە مېڭىشنى ئويلايدىغان جۇڭگوچە كۆز قاراشنى ئەمدى تاشلاڭ . سىز ئەڭ ياخشى قىلالىشىڭىز مۇمكىن . ئۆزىڭىىزگە ئىشىنىڭ، دەپتۇ ئەمەسمۇ؟! دەپ بېقىڭلار، بۇنداقمۇ چوڭ رىغبەتلەندۈرۈش بولامدۇ؟ (ئەلۋەتتە ئاپامنىڭكىگە ئوخشاتمايمەن)...
ئاندىن رەسىمىي ئۆزگەردىم.... ئاز يازدىم، ساز يازدىم.... باشقىلاررغىمۇ يارىغۇدەك، ئۆزۈممۇ مەمنۇن بولغىدەك تېمىلارنى يازدىم.... ئىنكاسىممۇ كۆرۈنەرلىك ئازايدى...... بۇ كۈنلەردە لوتۇن دېگەن ئىسىمدە تىزىملىتىپ كىرگەچكە دوستلۇرۇم مېنى مۇنبەرگە كىرمەس بولدۇڭ؟! دەپ سورىدى، ھەتتا ئەمەتجان ئاكام بۇ توغرۇلۇق بىر تېمىمۇ يوللاپتۇ.... ھە... دوستلىرىمنىڭ مېنى شۇنچىلىك ئىزدىگىنىدىن تەسىرلەندىم، تېخىمۇ ترىشىتىم ئاندىن ياخشى ئەزا بولۇشقا....
.2}+q"9r p
`j,U شۇنداق قىلىپ بىرنەچچە تېما يوللىدىم، گەرچە نادىر بولمىسىمۇ، ئۆزەمگە نىسبەتەن مەن يازغان ئەڭ ياخشى تېمىلار. ئەلۋەتتە، بۇندىن كېيىن نادىر بولغۇدەك تېمىلارنى يېزىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىىرىشىمەن! بۇ مېنىڭ تېمىلىرىم:
1. مۇنبەرنىڭ دەردى
2. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن 33ئۈنچە
3. ئۇيغۇر يىگىتلىرى
مېنىڭ تېمىلىرىملا ئەمەس، مېنىڭ غەلبەم.... چۈنكى مەن قىلالىدىم....
#`C%PNVZ? nf{U`*s h04b-Yd pnkbfm 2epIR#
tSPwMf@ يۇقارقىسى مېنىڭ ئىش-ئىزلىرىم، مېنىڭ ياخشى ئەزاغا ئۆزگىرىش سەۋەب، جەريان، نەتىجىلىرىم..... تەشەببۇسۇم، ھازىرقى بۇرۇنقى مەندەك ئىشلارنى قىلىۋاتقان، بۇرۇنقى مەندەك دوستلار ھازىرقى مەندەك بولۇپ كېتىڭلار!!!
مەن بۈگۈن ئۆزگىرىپ كەلدىم، بۇرۇنقى كىملىكىمنى كۆپچىلىككە ئېيتقىلى، كۆپچىلىك بىلەن يەنە قايتا جەم بولغىلى كەلدىم... بۈگۈندىن باشلاپ مۇنبەر ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە كەلدىم، سەلكىنىمگە سالام قىلغىلى كەلدىم!!!
سالام سەلكىن! ھازىرقى لوتۇن، بۇرۇنقى ئەخمەقجاندىن ساڭا ۋە سېنىڭ قوينۇڭدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئوتلۇق سالام!!!
________ لوتۇن
\9tX/Q7j$ ,6aQ]b\r a#|I]
4Gk^P0H*