ئۇيغۇر يىگىتلىرى:
ئۇلار: ئۆز قەۋمى ئۈچۈن گۈزەل تىل ياراتتى، مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئازكەم 100يىللىق ھاياتىنى پۈتمەس-تۈگىمەس ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى...« بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم» نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە تۆھپە قوشۇپ، جاھان ئەھلىنى ھەيرەتتە قالدۇردى...
شەرق- غەرب ئىلىم دۇنياسىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى...شەرق شېئىرىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولدى، ئۆز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قېتىپ، ئۆز زامانىنىڭ جىلۋىدارى بولدى... شانۇ- شاۋكەتلىك خاندانلىق قۇرۇپ، ئۆز ئېلىنى سائادەتكە ئېرىشتۈردى، ئۆز زامانىسىنى بەختىيار قىلدى...ئۆتكۈر پىكىرلىك روبائىيلىرى، ئۆلمەس تەتقىقات پائالىيەتلىرى بىلەن خەلىقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى...
ھەممىدىن ئاۋۋال مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى توغرا ئۆلچەپ چىقتى...ئۆز دەۋرىدە خەلقنى قېينىغان باسقۇنچىلارغا ئەلىمى ۋە قەلىمى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، خەلقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، پالۋان ئاتالدى، تىللاردا داستان بولدى... ئەجدادىنىڭ «ئىز» ىنى، «ئويغانغان زېمىن» ىنى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزدى، «ئۆتكۈر» قەلىمى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولدى... ئۆز مائارىپىنىڭ «غالىبىيىتى ئۈچۈن مەدەت بەرگۈچى» مىللەت، ۋەتەن، ئىلىم دەپ ياشىدى ئاخىرىدا ھەم شۇ مۇقەددەس يولدا قۇربان بولدى... رەھىمسىز يىللاردا مەۋج ئۇرۇپ « ئۆركەشلىگەن قاينام» بولۇپ، « يىللارغا جاۋاب» بېرىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىدا قامچا ئويناتقۇچىلارغا قارشى ئىنقلاب قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەۋىسى ۋە ھەيرىتىنى كەلتۈرۈپ، مەردلەرچە قۇربان بولدى...تاپقان-تەرگىنىنى مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى، مىللىتىنىڭ مائارىپى، مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا ئىشلىتىپ، ئالىيجاناپلىقى خەلقنى قايىل قىلدى...ئۆتكۈر ۋە يومۇرلۇق كىنايىلىرى بىلەن زالىم، مۇناپىق ئەمەلدارلارنى، چالاموللا، سوپىلارنى تىك چۈشۈرۈپ، خەلقنىڭ ئاشقان يېرىگە بېرىپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى...«ئانا يۇرت» ىنىڭ قانلىق ۋە ھەسرەتلىك، خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق تارىخىنى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈشتە كۆۋرۈك بولدى، ئۆز ئەدەبىياتىنىڭ پروزىچىلىغىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇردى............ ئۇلار كىم؟ئۇيغۇر!!!
شۇنداق، بۇلار ئۇيغۇر يىگىتلىرى، سانسىزلىغان ئۇيغۇر پالۋانلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى، ئۇيغۇرلاردىكى قەھرىمانلىق پەقەت ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىلا ئەمەس، بىزنىڭ ھەم ئاجايپ ئانىلىرىمىز، قىز-ئاياللىرىمىز ئۆتكەن، ئۇلار بىزنىڭ پەخرىمىز، بىز ئۇلارنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىمىز... بۇ كۆز شۇلارنى كۆردى، بۇ يۈرەك شۇلارنى سېغىندى، شۇلاردىن پەخىرلەندى...... لېكىن، بۇ كۆز ئەجداد ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى، دۇنيانى تاڭ قالدۇرغۇچىلارنى، يەنە داۋاملىق « نى-نى ئارسلان» لارنى كۆرۈشكە تەشنا ئىدى.....
بۇ تەن، بۇقەلب ئەجداد يولىنى بېسىشقا غەيرەتكە كەلدى ھەم شۇنداق يەنە باشقىلارنىڭمۇغەيرەتكە كېلىشىگە تىلەكداش.....لوتۇن
[ بۇ يازما لوتۇن تەرپىدىن2008-12-31 18:50دە قايتا تە ]