http://salkin.cn/english/ ئىزدەش كىچىك چاخماق
ۋەتەنسىز
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 5263
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
پۇل : 1468 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
قوللاش: 45 نومۇر
ئالقىش: 86 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 375(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3)

http://salkin.cn/english/
]ئەركىن سىدىق [ يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3) %w(E+E5js  
>(A@t  
خەلقئارالىق مۇتەخەسىسلەر نەزەرىدىكى يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل MH{M3z  
   QiQ>lQ  
3-قىسىم nA(3)*  
   yBT{+R^F  
ئەركىن سىدىق q;{oK~9R  
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1- كۈنى kE yhSsCH  
[v;9N_  
   Q0y[w(s4  
"c^z"e=  
(بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.) b aedH6U  
http://meripet.blogbus.com       http://www.meripet.com t _&{1a(  
مەن ئۇشبۇ يازمامدا Kangas خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرېلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نۆۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» دا دوكلات قىلغان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.   [#@b%\  
   t#kY:IBwV  
رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈم يېقىندا ھېس قىلغان بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن.  مەن يېقىندا مەلۇم بىر ئۇيغۇر تور بېتىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى ئوقۇدۇم: «بۈگۈن مەن داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن بىللە بىر سورۇندا بولۇپ قالدىم.  ئۇلار تۇيۇقسىزلا قوش تىلنى مۇلاھىزە قىلىشىپ قالدى. مەن ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىنىڭ جەۋھىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشنى توغرا تاپتىم: قوش تىل مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان، دانا تەدبىر، ھازىر جەمىيتىمىزدە نۇر بەكرىنىڭ قوش تىل سىياسىتىگە قارشى كۆپلىگەن پىكىر يېغىپ ئۇنى تۇزكور، دېيىشتەك ئەھۋاللار بار. بۇ ئۇلارنىڭ پەقەت مىللىي ھېسسىياتى بويىچە، قارىغۇلارچە دېگەن گېپى خالاس. بۇنى بىز يازغۇچىلار ھېس قىلىپ يەتمىسەك ، ئادەتتىككى كىشىلەر ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدۇ. نۇر بەكرىنىڭ سىياسىتى توغرا بولغان، يەنى ھازىر مىللىتىمىز يېزىقنى ساقلاپ قالامدۇق ياكى ناننى تۇتۇپ يەمدۇق دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەلدى، ئەگەر سەن كۆرۈنۈش بوپ قالغان يېزىقمىزنىلا ئوقۇتۇمىز دەپ ، خەنزۇ تىلىنى چەتكە قاقساڭ، سېنىڭ نېنىڭنى ياتلار تۇتۇپ يەيدۇ . ئەگەر سەن بۇ تىلنى بىلسەڭ ئۆزۈڭنىڭ نېنىڭنى ئۆزۈڭ تۇتۇپ يەيسە.  ھەم مىللىتىمىز بىر قىسىم مىللەتلەردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا رەھمەتلىك سەيپىدىن ئەزىزى نېمىشقا يېزىقىمىزنى لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ھەرپچە يېزىققە ئۆزگەرتتى ، پۈتۈنلەي مېئىللىتىمىزنىڭ بەزى مىللەتلەردىن تېزدىن ئېشىپ كېتىشى ئۈچۈن، لېكىن بۇ ياخشى نىيەت مەركەزدىكىلەر تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدى، بىز يەنە مۇشۇ يېزىقىمىزنى قوللانسۇن، بۇمۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يېزىقى ئەمەس، ئەرەب ھەرپى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئەمدىلىكتە نۇر بەكرى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ يولىنى تۇتۇۋاتىدۇ، مانا بۇ دانا سىياسىئەت، ئۇ بىزنڭ ئۇيغۇرنى تەرەقققى تاپقۇزماقچى، ئەمما يېزىقىمىزنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق قىلماقچى، بۇ ئارقىلىق كىيىنكى ئەۋلادلارغا ياشاش پۇرسىتى قالدۇرماقچى، نۇر بەكرى ھازىر خەنزۇلارنىڭ "چەت ئەلنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىگىلەپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ، روناق تاپقۇزۇش، ئۆزىمىزنىڭ مېغىزىنى ئۆزىمىز چېقىش" دېگەن مۇساپىسىنى قايتا بېسىپ ، بىز ئۇيغۇرلارنى يېزىقتىكى ئاچچىق قىسمەتلەردىن بىراقلا قۇتقۇزماقچى، ئەگەر ئۇيغۇرلار يېزىق ئۆتكىلىدىن جايىدا ئۆتۈپ كەتسە قالدى ئىشلار كېيىنكىلەرگە ئامانەت، مانا بۇ نۇر بەكرىنىڭ ئاجايىپ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن يولغا قويغان سىياسىتى. مانا بۇلار بۇ داڭلىق يازغۇچى ، ئەدەبي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ پىكىرى.  » (شەخسىيلەرنىڭ ئىسمى ۋە باشقا بىر قىسىم جايلىرى قىسقارتىلدى.)  مەن بۇ ئۇچۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىرەر ھەپتىگىچە بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ روھىي ھالەت ئىچىدە ئۆتتۈم.  ماقالە يەزىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قولۇم زادىلا بارمىدى.  ناھايىتى كۆپ ئويلاندىم.  ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىلىمى ئەڭ يۇقىرى كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بەزىلىرى «قوش تىللىق مائارىپ» مەسىلىسىگە مۇشۇنداق قارايدىكەن.  تۆۋەن قاتلاملاردىكى يېڭى مائارىپ سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرىدىن نېمىنى ئۈمىد قىلىش مۇمكىن؟  ئادەتتىكى پۇقرالاردىنچۇ؟ $/c VA  
   vhyq7fT  
ئويلاپ باقسام، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى ئەڭ دەسلىپىدە بىر ئۇيغۇر ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.  ئۇ ئادەم بىلىم ئەھلىمۇ ياكى ئەمەل ئەھلىمۇ، ئۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئىشقىلىپ ئۇ كىشىنىڭ مەن ئۇشبۇ يازمامدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن چەت ئەللەردىكى تارىخىي پاكىتلار، تارىخىي تەجرىبە ساۋاقلار، يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل توغرىسىدىكى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەزەرىيىلىرى، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى خەلقئارالىق قانۇن-كېلىشىملەردىن ئانچە خەۋىرى يوق بىر ئەرباب ئىكەنلىكى ئېنىق.  مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، ئۇيغۇر دىيارىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ھەتتا يەسلىدىن تارتىپ «قوش تىللىق تەربىيە»نى يولغا قويۇش سىياسىتىنى دەسلەپتە كۆتۈرۈپ چىققان كىشىمۇ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلى ئىكەن.  ئاڭلىسام ئۇ كىشى ھەتتا بىر يىغىندا «تۇڭگانلارنىڭ ئۆز تىلى يوق، لېكىن ئۇلار بىر ئايرىم مىللەتقۇ؟ مەن ئۇيغۇرچىنى تازا دېگەندەك بىلمەيمەن، ئەمما مەنبۇ بىر ئۇيغۇرغۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغانىكەن. Gc !1';A#z  
   k4@Q[{ Q  
مەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ 1- ۋە 2-قىسمىدا تەسۋىرلەپ ئۆتكىنىمدەك، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە مائارىپ ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىشلىرى 1800-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ، نۇرغۇن مىللەتلەر مانا ئاشۇنداق سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن.  ھەتتا ھازىر دۇنيادا ئەڭ ئىلغار دۆلەت بولۇپ سانىلىدىغان ئامېرىكا بىلەن كانادامۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىندىئانلىقلارنى مانا ئاشۇنداق ۋاسىتە بىلەن يوقاتقان.  بۇ يەردە مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئابرال خانىمدىنىڭ «ئامېرىكا ئىندىئانلىرى تەقدىرىدىن ئويلىغانلىرىم» دېگەن يازمىسىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ئۇ ماقالىنىڭ تور بەت ئادرىسى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىدا بار.  يۇقىرىقى بىر ئابزاس ئۇچۇردىن كۆرىۋالغىنىمىزدەك، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى مۇنداق ئىككى تاللاش يولىدىن پەقەت بىرسىنىلا تاللاشقا مەجبۇر، دەپ قارايدىكەن: ئۇنىڭ بىرى ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش، يەنە بىرى بولسا قولىدىكى ناننى ساقلاپ قېلىش.  لېكىن، پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان، ب د ت مۇ بىر مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاراۋاتقان Kangas خانىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «ئەگەر سىز باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن تارتىپ ئۆز ئانا تىلىڭىزنى ئۆگەنمەيدىكەنسىز، سىز ئۆز ئانا تىلىڭدىڭىزدىنمۇ ئايرىلىسىز، مىللىتىڭىزنىمۇ يوقىتىسىز، ھەمدە قولۇڭىزدىكى ناندىنمۇ ئايرىلىسىز» دېگەنگە ئوخشاش بىر خۇلاسىگە كەلگەن.  ئەگەر Kangas خانىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تەپسىلىيراق بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇشبۇ يازمىنىڭ 1-قىسمىنى ئوقۇڭ. ئەگەر ئىنگلىزچىنى بىلسىڭىز مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرسىدا بېرىلگەن Kangas خانىمنىڭ تەرجىمالىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ.  بەزى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدا، ھەمدە يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا ئانا تىلنى ئۆگەتمىگەندە كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ھېچ قانداق ئىلمىي تەتقىقاتلىرى يوق.  ئۇنداق قىلىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئۇلار يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا ناھايىتى زور تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە، دېيىشكە بولىدۇ.  مەن ھازىرغىچە ئوقۇغان قوش تىللىق مائارىپ، يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلىۋاتقان بىر قىسىم مائارىپ تۈزۈملىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خەنزۇ تىل ساۋادىنى تولۇق چىرىدۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ بىلىم ئاساسىنى ھەرگىزمۇ نورمال تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئاپىرالمايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جۇڭگو جەمئىيىتىدە يات مىللەتلەر بىلەن ھەرگىزمۇ رىقابەتلىشەلمەي، پەقەت خەنزۇ تىلىنى ۋاسىتە قىلغان تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتلەرگىلا يارايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلدىن تولۇق ساۋادى چىقمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا ئانا تىل بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقايدۇ.  Kangas خانىم ۋە ب د ت نىڭ «مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» دىكى ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسلانغاندا، يەسلى ۋە باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ پەقەت يات تىلنىلا ئۆگىتىش، ھەممە دەرسلەرنى يات تىلدا ئۆتۈش، يات مىللەت بىلەن يەرلىك مىللەت مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈۋېتىش، يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى مەكتەپتە يېتىپ-ئوقۇيدىغان ياتاقلىق مەكتەپنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىل مۇھىتىدا ياشاش پۇرسىتىنى يوق قىلىۋېتىش، ئانا تىلنى مەكتەپ ئىچىدە چەكلەش، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز ئۆيىدىن ۋە ئۆز مىللىي رايونىدىن يىراق جايلاردىكى يات مىللەت رايونىغا ئەۋەتىپ ئوقۇتۇش، يات تىل ئوقۇتۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە كۆرسەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، يات تىل ئوقۇتۇشىدا نەتىجىسى ياخشى بولغان مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم مىقتارىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى باشقىلارنىڭكىدىن جىق ياخشى قىلىپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار دەل بىر يەرلىك مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچىدىن ئىبارەتتۇر. Y`."! j  
   7AH<~1[  
بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۆز يازمىلىرىدا «ئۇيغۇر مائارىپىنى بەرپا قىلىش» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىدىكەن. مېنىڭچە «ئۇيغۇر مائارىپىنى بەرپا قىلىش» دەيدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇر مائارىپى 50-يىللاردىلا ئاللىقاچان بەرپا بولۇپ بولغان.  مېنىڭ بىلىشىمچە، ئاشۇ چاغدىلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەربىيىلىنىپ كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۈچى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سەۋىيىسى جۇڭگو جەمئىيىتىدە خېلى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىگەن.  1978-يىلى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر بولۇپلا قالماستىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، قەشقەر پېداگىكا ئىنستىتۇتى ۋە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان كۈچلۈك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن قوشۇنلىنىپ بولغان ئىكەن (ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرسى ماڭا فىزىكا دەرسى بەرگەن، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئەڭ قايىل بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئۇستازىم غاپپار ئابدۇلغېنى ئىدى.  مەن داۋاملىق «ئەگەر مەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمىگەن بولسام، ئاشۇ غاپپار ئاكا ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىككە مەنمۇ ئۇچرىغان بولاتتىم»، دەپ ئويلايتتىم.  ئالدىنقى كۈنى مەن بۇ ئاكىمىزنىڭ مۇشۇ 24-فېۋرال كۈنى 73 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغىنىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قايغۇردۇم. ئىنتايىن ئازابلاندىم. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.)  مېنىڭ بىلىشىمچە، پۈتۈن جۇڭگو بويىچە شۇ چاغدا ئالىي مەكتەپتە ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئۆتەلەيدىغان يەرلىك مىللەتلەردىن پەقەت ئۇيغۇرلارلا بار ئىدى.  ئۇيغۇر مائارىپى ھازىرغىچە نۇرغۇن ياراملىق كىشىلەرنى يېتىلدۈردى.  مەسىلەن، مەن «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن يازمامدا تىلغا ئالغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى.  قىسقىسى، ھازىرقى مەسىلە «ئۇيغۇر مائارىپىنى بەرپا قىلىش» قىلىش ئەمەس. ھازىرقى مەسىلە ئاللىقاچان بەرپا بولۇپ بولغان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يوق قىلىنىشى.  پۈتۈن ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بىر كەسكىن مەسىلە بولسا، «ئۇيغۇر مائارىپىنى قوغداپ ۋە ساقلاپ قېلىش» تىن ئىبارەتتۇر.  مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ ھەقىقەتنى ھېچ قانداق ۋاقىتتا ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. O"E:}r[  
   *faHsx  
مەن ئەمدى يازمامنىڭ ئەڭ بېشىدا تەسۋىرلىگەن بىر قانچە ئۇيغۇر يازغۇچىلار قىلغان سۆزلەرگە قايتىپ كېلەي.  مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇر مائارىپىدا مىللەتكە ئىنتايىن ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلار ئاساسەن مۇنداق ئۈچ خىلدىكى كىشىلەر:  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتىرى ئەڭ چوڭ بولۇۋاتقىنى بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار توغرىسىدا بۇ يەردە بىر نەرسە دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ بوش ئورۇننى ئۆزلىرى توردۇرىۋېلىشىنى سورايمەن. /:Y58w>  
   vG3,r$d  
ئىككىنچى خىلدىكىسى ئەمەل ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىدىغان، ئەمەل ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىدىغان، سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى يۇقىرى بولغان بىلەن ساپاسى ناھايىتى تۆۋەن، روھىيىتى ناھايىتى چىرىكلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار.  بۇلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. ئۇلارنىڭ سانى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنىمۇ ئىگىلىمەيدۇ. لېكىن ئۇلار باشقىلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك پايدىلىنىش قورالى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەتكە كەلتۈرۈۋاتقان زىيانلىرى ئىنتايىن زور، ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتىدۇ.  ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرغۇن زىيانلارنىڭ ئورنىنى كەلگۈسىدە تولدۇرىۋالغىلى بولمايدۇ. مەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ھاياتلا بولسام قاتتىق غەزەپلىنېمەن. ئۇلارغا ئىنتايىن نەپرەتلىنېمەن.  خۇدايىم بۇيرىسا تارىخ ئۇلارنىڭ تېگىشلىك جاجىسىنى بېرەر.   `Yf?: p@  
   s]Nm2_  
ئۈچۈنچىسى، بىلىم قەھەتچىلىكىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەل ۋە بىلىم ئەھلىلىرى.  بۇ كىشىلەرنىڭ مېڭىسى يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل توغرىسىدىكى تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلار ۋە ھازىرقى زامان ئىلمىي نەزەرىيىلىرى بىلەن قوراللانغان ئەمەس-ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارغا ۋە بىلىملەرگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتى ئانچە يوق.  بۇ جەھەتتىكى ئىلىم-پەن بىلىمرىدىن خەۋىرى يوق (ئەگەر مەن چەت ئەلدە بولمىغان بولسام، ياكى ئىنگلىز تىلىنى ھازىرقىدەك پۇختا بىلمىگەن بولسام، مۇشۇنداق يازمىلىرىمدا پايدىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ماڭىمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى).  ئىمكانىيىتى بارلار بار دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بۇنداق بىلىملەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ.  شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ خىلدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەل ئەھلىلىرى باشقىلار «قوش تىللىق مائارىپ» ئىشىدا تۈزۈپ چىققان خاتا لايىھىلەرنى پەقەت ئۆز ھېسسىياتىغا ياكى ئۆز خىيالىغا تايىنىپلا قوللاۋاتىدۇ.  ئۇلارنى ئاۋاز بېرىپ تەستىقلاۋاتىدۇ.  ياكى بولمىسا، باشقىلار «دوپپىسىنى ئەكەل» دېسە، بېشىنى كېسىپ ئاپىرىپ بېرىۋاتىدۇ.  مەسىلەن، ئۇلار ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپنى خەنزۇ مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ مۇدىرىنى خەنزۇدىن قىلىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز ئۆيى ۋە ئۆز جەمئىيىتىدىن يىراق جايلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىلىش، باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ پەقەت خەنزۇ تىلىنىلا ئىشلىتىش، ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى باشلانغۇچ 3-سىنىپىغا كۆچمىگىچە دەرسلىك قىلىپ ئۆتمەسلىك دېگەندەك ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسى يوق خاتا سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويىۋاتىدۇ (مەن يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى توردىكى ئىنكاسلاردىن بىلدىم).  شۇ سەۋەبتىن ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى بالىلار ئۈچۈن «قوش تىللىق مائارىپ» دېگەن سۆز «پەقەت خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىش مائارىپى» بولۇپ قالغىلى تۇرۇپتۇ.  يەنى ھېچ قانداق ساۋادى چىقمىغان يات تىلدا باشلانغۇچنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ھەزىم قىلىش مۇمكىن بولماي، خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيىتى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش سەۋىيىسىدىلا تۇرۇپ قالغىلى تۇرۇپتۇ (بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرسىدىكى بىر توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ بېقىڭ).  بۇ خىلدىكى ئەمەل ئەھلى ئەمەس كىشىلەر بولسا ئۆز خىيالىغا ياكى ئۆز ھېسسىياتىغا تايىنىپ قالايمىقان سۆزلەۋاتىدۇ.  رەسمىي بولمىغان شەخسىي سورۇنلاردا ئۇنداق سۆزلىسە مېنىڭچە مەسىلە چوڭ ئەمەس. لېكىن، ئۇنداق قاراشلارنى يېزىپ، خەلق ئىچىدىكى يۇقىرى نوپۇزى بىلەن ئېلان قىلسا، ئۇنىڭ مىللەتكە يەتكۈزىدىغان زىيىنىنىمۇ تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ.  مەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئەيىبلەشنى خالىمايمەن.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، مېنىڭ ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىقىم بار.  لېكىن مەن ئۇلاردىن قاتتىق ئاغرىنماي تۇرالمايمەن.  ئۇلارغا قاتتىق ئېچىنماي تۇرالمايمەن. مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغىنىم، يېڭى ئىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىسىڭىز، ئۇنى قوللىماڭ. ئۇنى تەستىقلىماڭ. توغرا-خاتالۇقىنى ئۆزىڭىز تېخى ھېچ قانداق چۈشىنىپ يەتمىگەن، بۇرۇن توغرىلىقى ئىسپاتلىنىپ باقمىغان ئىشلارنى يېڭى سىياسەت قىلىپ بېكىتمەڭ ھەمدە يولغا قويۇپ ئىجرا قىلماڭ.  ئىلمىي ئاساسىنى بىلمىسىڭىز، قالايمىقان سۆزلىمەڭ.   FB[k&6s.  
   pik4:deK  
مەن ئۇيغۇر پاراڭ سورۇنلىرىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنىڭ بىرسى «مېنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچ قانداق بىلىمىم يوق ئىكەن»، بولۇپ، يەنە بىرسى «مېنىڭ بۇنداق ئىشلاردىن ئانچە خەۋىرىم يوق ئىكەن» دىن ئىبارەت.  بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىدۇ.  بىلمىگەننى بىلمەيمەن، دېسىڭىز ھەرگىز يۈزىڭىز تۆكۈلمەيدۇ. ھەرگىز ئابرويىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە سىزنىڭ كىشىلەر كۆڭلىدىكى ئورنىڭىز تېخىمۇ ئۆسىدۇ.  كىشىلەرنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. مەن چەت ئەلدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغىچە ئوقۇغان بىر قانچە ئۇيغۇرلاردىن بەزى بىر ئىشلار، بولۇپمۇ تارىخىي ئىشلار توغرىسىدا سوئال سورىغىنىمدا، ئۇلار جاۋابنى بىلمىسىمۇ قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى دەپ، ئۆزلىرىنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتقان ئىشلارنى ئۇچراتتىم. مەن ئۇلاردىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم. سىزنىڭ ئېتىراپىڭىزدا سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر بار. سىز  ئىشىنىدىغان ئادەملەرمۇ بار. سىز بىر ئىنتايىن مۇھىم ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراشقا مۇھتاج بولۇپ قالغاندا، سىز قايسىسىنىڭ قېشىغا بارىسىز؟ سىز ئۈچۈن قايسىسىنىڭ قىممىتى بەكرەك يۇقىرى؟  مەن باشقىلارنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈشىگە قارىغاندا ماڭا ئىشىنىشىنى بەكرەك ئەۋزەل كۆرىمەن.  ئەگەر سىز يۇقىرىقى 3-خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى بولسىڭىز، سىزمۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردا باشقىلار ئىشەنسە بولىدىغان ئادەملەرنىڭ بىرى بولۇشقا تىرىشىپ بېقىڭ. ~`O6ma$  
   _p 5dm=|ph  
ئۇيغۇرلار «پرىنسىپاللىق ئىشلاردا چوقۇم ئىلمىي پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. بۇ يەردىكى «پرىنسىپاللىق ئىش» دېگەن نېمە، چۈشىنېمسىز؟  ستېفېن كوۋېي (ئىنگلىزچە «ستەپھەن كوۋەي») ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: پرىنسىپ بىلەن قىممەت كۆز قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. پرىنسىپ دېگىنىمىز تەبىئى قانۇنىيەتلەردىن ئىبارەت.  ئۇ بىز ئۈچۈن بىر تاشقى نەرسە بولۇپ، ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.  قىممەت كۆز قارىشى بىز ئۈچۈن ئىچكى نەرسىدۇر.  ئۇ سۇبيېكتىپ بولىدۇ، ھەمدە بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان رولنى ئۆتەيدۇ.  مەن كىشىلەرنىڭ پرىنسىپنى قەدىرلەيدىغان بىر دەرىجىگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  شۇنداق بولغاندىلا سىز ھازىر ئۈمىد قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز، ھەمدە شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ يول ئاچالايسىز.  مېنىڭ «ئۈنۈملۈك ئىش قىلىش» قا بېرىدىغان ئېنىقلىمام ئەنە شۇ.  ھەر بىر ئادەمنىڭ، جۈملىدىن جىنايەتچىلەرنىڭمۇ قىممەت كۆز قارىشى بار.  قىممەت كۆز قارىشى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرىدۇ.  پرىنسىپ بولسا ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.  پرىنسىپ بىزگە بېقىنمايدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋىرىمىز بارمۇ-يوق، بىز ئۇنى قوبۇل قىلىمىزمۇ-يوق، بىز ئۇنى ياقتۇرىمىزمۇ-يوق، ئۇنىڭغا ئىشىنىمىزمۇ-يوق، ئۇنىڭغا بوي سۇنىمىزمۇ-يوق دېگەنلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پرىنسىپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋېرىدۇ.  مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، كەمتەرلىك بارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئانىسىدۇر. كەمتەرلىك «ئىشلارنى كونترول قىلىدىغىنى بىز ئەمەس. ئىشلارنى كونترول قىلىدىغىنى پرىنسىپ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى پرىنسىپقا ئاتا قىلىشىمىز كېرەك»، دەيدۇ.  غۇرۇر بولسا «ئىشلارنى ئىدارە قىلغۇچى دېگەن بىز. بىزنىڭ قىممەت كۆز قارىشىمىز بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى ئىدارە قىلىدىغان بولغاچقا، بىز ئۆز ھاياتىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان يول بىلەن ياشىساق بولۇۋېرىدۇ»، دەيدۇ.  سىز ئاشۇنداق قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى سىزنىڭ قىممەت كۆز قارىشىڭىز ئەمەس، پرىنسىپلار بەلگىلەيدۇ.  شۇڭلاشقا بىز پرىنسىپلارنى قەدىرلىشىمىز كېرەك.  (ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: ئىنگلىز تىلىدا «قىممەت كۆز قارىشى» دېگەن سۆز بىلەن «قەدىرلەش» دېگەن سۆزگە بىرلا «ۋالۇئە» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ). 4'^cqw?L{n  
   snr;Va j'  
مەن بۇ بىر ئابزاس سۆزنى بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويدۇم، بىلەمسىز؟  مېنىڭ مەقسىدىم يەنىلا مۇنداق بىر نەرسىنى تەكىتلەپ قويۇش: Kangas خانىم قاتارلىق خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر بىر ئۆمۈر ئېلىپ بارغان (Kangas خانىم ھازىر 60 ياشتىن ھالقىپتۇ) ئىلمىي تەتقىقاتلار ئاساسىدا خۇلاسىلەپ چىققان ئىلمىي يەكۈنلەر «پرىنسىپلار» نىڭ كونتروللۇقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان ئىشلار بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلىۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمى بولسا بەزى بىر غەيرى «قىممەت كۆز قارىشى» نىڭ يېتەكچىلىكىدە مەيدانغا كەلگەن نەرسىلەردۇر.  بۇنداق «قىممەت كۆز قارىشى» دىن كېلىپ چىققان ھەرىكەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى كونترول قىلىدىغىنى ئاشۇ «پرىنسىپلار» بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئاللابۇرۇن ئىستاپلىنىپ بولغان ئاقىۋەتلەرگە ئوخشاش يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلار ۋەيرانلىققا ئۇچرايدۇ. R=Q_RJ.  
    "^;`E  
مېنىڭ ئالدىنقى 4 قېتىملىق يازمامغا قارىتا ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە يېزىلغان ئىنكاسلاردا نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر «بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن سوئالنى كۆپ قېتىم سوراپتۇ.  مەن ئۆزۈم چەت ئەلدە تۇرىۋېلىپ، ۋەتەندىكىلەرگە «ئانداق قىلىڭلار، مۇنداق قىلىڭلار» دېسەم مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسام ئادالەتسىزلىك قىلغان بولىمەن.  شۇڭا مەن ھازىرغىچە پەقەت قانۇن ئىچىدە تۇرۇپ قىلغىلى بولۇدىغان بەزى ئىشلارنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم.  ھازىر قىلغىلى بولىدىغان ئاشۇنداق ئىشلاردىن يەنە ئىككىسى بار.  ئۇنىڭ بىرى، مېنىڭ «يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل» ھەققىدىكى بارلىق يازمىلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ، بېسىپ چىقىرىشقا قولايلىق بىر ھوججەت قىلىپ تەييارلاپ (مەسىلەن، خەتلىرىنى كىچىك، قۇر ئارلىقلىرىنى ئىخچام قىلىپ)، ئۇنى بېسىپ چىقىرىپ، ئۇنى ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان بارلىق چوڭ-كىچىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغا بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈپ بېرىش.  ئەگەر بۇ يازمىلارنى ئەينەن تارقىتىش سىزنى سەل ئەنسىرىتىپ قويىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىكى مەن ئۆزۈم قوشقان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.  مېنىڭ ئىسمىمنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەقەت 4 نەپەر خەلقئارالىق مۇتەخخەسىسلەرنىڭ ماقالىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئاپىرىپ بېرىشىڭىز دېگەندەك قولايلىق ئەمەس ياكى ئەندىشىسىز ئەمەس بولسا، ئۇنى سىزنىڭ ئەندىشىگە يولۇقمايدىغان تونۇشىڭىز، ياكى تونۇشىڭىزنىڭ تونۇشى يەتكۈزۈپ بەرسۇن. ئىشقىلىپ مېنىڭ بۇ يەردىكى ئۈمىدىم، ئۇيغۇر مائارىپى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ھېچ بولمىغانبدا بۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ قويغان بولسا.  مەن بۇ يازمىلارنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن دەم ئېلىش كۈنلىرىنى سەرپ قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ئىنگلىزچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىش پۇرسەتلىرىنىڭمۇ بىر قىسمىنى قۇربان قىلدىم.  بولسا بۇ يازمىلارنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلانساق.  ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ھازىرقىدەك خاتا سىياسەتنى ئۆزگەرتىش ئىشىدا، ئادەتتىكى پۇقرالار قىلالايدىغان ئىشلار بار. قىلالمايدىغان ئىشلارمۇ كۆپ. بىر قىسىم ئىشلارنى چوقۇم ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.  شۇڭا ئۇلار ھازىرقى زامان مائارىپشۇناسلىقى، جەمئىيەتشۇناسلىقى، تىلشۇناسلىقى ۋە پسىخولويەسى ساھەسىدىكى بۇ يېڭى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ قالغان بولسا. kjBNg^9'r  
   hUhoSY{T^  
يەنە بىر ئىش، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى «ئاپتونوم رايۇننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىغا پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپتۇ.  بۇ ئۇقتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بار ئىكەن:  "K1 E&  
sGO' cb'  
./read.php?tid-60986.html Xlfm>`  
./read.php?tid-61093.html =q}?Tx5+i  
rd 
مەن بۇ پائالىيەتنىڭ سەمىمىيلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئەگەر دىيارىمىزدىكى كەڭ ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى مۇۋاپىق كۆرسە، بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، نۆۋەتتىكى مائارىپ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەردىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىپ قويغان بولسا.  مەن ئەسلىدە بۇ قېتىم سەل ئۇزۇنراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھېلىقى ئىنگلىزچە 30 بەتلىك ماقالىنىڭ قالغان قىسمىنى ئۇشبۇ يازمامدا تولۇق بېرەي، دەپ ئويلىغان ئىدىم.  لېكىن يۇقىرىقى پۇرسەت ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا، مەن ۋاقىتنى كېچىكتۈرۈشنى خالىمىدىم.  بولسا بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئىشقا جىددىي قارىشىنى، پىكىر-تەلەپ بېرىشكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.   OOei? 7CZ  
   %^ RB `+  
2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلار ناھايىتى ياخشى يازمىلارنى تەييارلاپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بېرىپتۇ. بەزىلەر ھەتتا ئۆز مەكتەپلىرىدە مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈپتۇ. مەن بۇ ئەھۋالدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.  بىر خىل يېڭىلىق ھېس قىلدىم. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاشۇ قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.   |w kg}m@:  
   ,hZC=0c  
مەن ئەمدى ئەسلى ماقالىدىكى مەزمۇننى باشلايمەن.  ئالدىنقى قېتىملاردىمۇ تىلغا ئالغىنىمدەك، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە ماقالە ئىسپات بېرىش خاراكتەرىدىكى ماقالە بولغاچقا، قانۇنىي نۇقتىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىلەرمۇ ماقالىنىڭ خېلى كۆپ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇ مۇلاھىزىلەر بۇرۇن دېيىلىپ بولغان مەزمۇن ئۈستىدە بولغاچقا، مەن ئۇنداق مۇلاھىزىلەرنى ئاساسەن قىسقارتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئىشتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. Co[#JR  
   lFQyf >8?  
3. ئىرقىي قىرغىنچىلىق %laoab  
   B+BKqn  
بىز يۇقىرىدا ھۆكۈمران مىللەت تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.  شۇنداقلا بىز بۇنداق مائارىپ ئىنتايىن كۈچلۈك ئاسسىمىلياتسىيە تۈسىنى ئالىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ يەرلىك مىللەت تىلى بىلەن مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغانلىقىنىمۇ بايان قىلدۇق.   ::'mRP8xS9  
   ) 'LX  
بۇنداق يوقىتىش كۆپىنچە ئەھۋالدا «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچلىق» (ئىنگلىزچە «كۇلتۇرال گەنوكىدە»)، دەپ ئاتىلىپ كەلدى.  «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى راھائەل لەمكىن تۇنجى بولۇپ ئويلاپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆز پەقەت مىللەتلەرنىڭ فىزىكىلىق ياكى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىلىشىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ يوقىتىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.  بۇ يەردىكى «بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى يوقىتىش» دېگىنىمىز ئاشۇ مىللەتنى ھۆكۈمران مىللەتنىڭ ئىچىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قوشىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، مىللىي ھېسسىياتى، دىنى، ئىقتىسادىي مەۋجۇدلۇقى قاتارلىقلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى»نى تۈزۈپ چىقىش جەريانىدا، «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئۇقۇمى ناھايىتى ئۇزۇن مۇنازىرە قىلىنغان.  «كىشىلىك ھوقۇق ۋە بدت سېكرىتارىيات باشقارمىسى»نىڭ دەسلەپكى ھوججىتىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى» گە «بىر گۇرۇپپا ئىنساننى مەقسەتلىك ھالدا ۋەيران قىلىش» دېگەن ئېنىقلىمىنى بەرگەن، ھەمدە ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىكى، بىئولويە جەھەتتىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىرغىنچىلىق، دەپ ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىغان.  بۇنىڭ ئىچىدىكى 3-كاتېگورىيە «مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ۋەيران قىلىش» دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارمۇ ئاشۇ كاتەگورىيەگە كىرگۈزۈلگەن: E7m&l,a  
qmj}fTf  
(1) بالىلارنى مەجبۇرى ھالدا باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىش. ( J|AXs;L  
hDK"R  
(2) بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى مەجبۇرى ۋە سىستېمىلىق ھالدا ئۆز ماكانىدىن قوغلىۋېتىش. Va&$/${'  
Wa,XX@f!'  
(3) ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى خۇسۇسىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىشنىمۇ چەكلەش. ;XSIB8\ h  
*.l0 y5Q  
(4) ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان كىتابلارنى ياكى دىنىي كىتابلارنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىۋېتىش، ياكى يېڭى باسما ماتېرىياللىرىنى چىقىرىشنى چەكلىۋېتىش. FwBvi+t:  
vcVMmvM  
(5) بىر مىللەتنىڭ تارىخىي ياكى دىنىي خاتىرە ۋەسىقىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىۋېتىش ياكى ئۇلارنى باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىش، تارىخ، سەنئەت ياكى دىنىي قىممەتكە ئىگە ھۆججەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىش ياكى يۆتكىۋېتىش. ^d;?K)hc  
UFcuDJ*+  
   tt'VXN  
«مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بدت نىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت كونسۇلى تەرىپىدىن تەييارلانغان يەنە بىر قانۇننىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ئىچىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن.  ئۇ لايىھىنىڭ 3-ماددىسىدا «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگىنىمىز بىر مىللەتنىڭ تىلى، دىنى، ياكى مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مەقسەتلىك ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىشلارمۇ كىرگۈزۈلگەن: `Qez{FZY~  
*Q o}{VJ @  
(1) بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ياكى مەكتەپلەردە ئىشلىتىشىنى چەكلەش ياكى ئۆز تىلىدىكى كىتاب-زھۇرناللارنى بېسىپ چىقىرىش ياكى تارقىتىشىنى چەكلەش. 9|0"9<'lA  
l6*e nN  
(2) بىر مىللەتنىڭ ئۆز كۇتۇپخانىسى، مۇزېيخانىسى، مەكتەپلىرى، تارىخىي خاتىرە مۇنارلىرى، دىنىي بىنالىرى ياكى باشقا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشىنى توسۇش ياكى بۇنداق نەرسىلەرنى يوقىتىۋېتىش. !8XmVi Bg  
    
لېكىن، غەربتىكى بىر قىسىم ئەللەرنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن، «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئۇقۇمى ئەڭ ئاخىرى بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» غا كىرگۈزۈلمىدى. قارشى چىققۇچىلارنىڭ ئاساسلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: um^A O12cD  
}w= W'0l>[  
(1) بىر مىللەتنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىنىشىنىڭ دەرىجىسى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. D?|@G 7s  
_2ImW~O+  
(2) مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇرغۇن ساختا ئەرزلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.   t>5kA}h%{  
xDM * g0  
(3) «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە تىلدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. ,)o2fO[%  
   :`k? t+z  
كۈلكىلىك يەرى شۇكى، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» گە كىرگۈزگەندە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىدىن ناھايىتى ئەنسىرىدى. (ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: Kangas خانىمنىڭ 800 بەتلىك كىتابىدا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئىشقا قارشى چىققان دۆلەتلەر ئىچىدە جۇڭگومۇ بار ئىكەن.) ^gP0y  
   Ym;?9.;  
«مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» تېكىستىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگىنى ئاشۇ كېلىشىمنىڭ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت ۋە ھەرىكەتلەرگە قارىتا قوللىنىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويدى.  لېكىن، 1940-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بدتنىڭ بۇ كېلىشىمى رەسمىيلەشكەندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش توغرىسىدا باشقا نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارالىق قانۇنلار ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھازىر مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئۆلچەملەرگە زىت كېلىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى (مەسىلەن، تور بەت ئادرىسى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرسىدا بېرىلگەن، بدت نىڭ 1992-يىلىدا ماقۇللانغان «مەدەنىي ۋە سىياسىي ھوقۇق توغرىسىدىكى خەلقئارا كېلىشىم» گە قاراڭ).  بىراق، بۇ كېلىشىملەر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى مەنئىي قىلغان بىلەن، ئۇلارنى بىر خىل جىنايەت، دەپ ھېسابلىمايدۇ.  بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» مۇ بىر جانلىق ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە قوللىنىلىشى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. 'Yb^2  
   k8#${ _U  
«ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» دە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن: بىر مىللىي، ئېتنىك ياكى دىنىي گۇرۇپپىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت.  گەرچە بۇ يەردە «يەرلىك مىللەت» دېگەن سۆز ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئېتنىكلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بىر خىر قوغدىلىدىغان ئىنسانلار گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىدە ھېچ قانداق شەك يوق.   @ ]]5~"MXg  
   E*qBN- B  
«ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» 2-ماددىسىنىڭ 5 پاراگرافى ئاساسىي جەھەتتىن بىر مىللەتنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىگەن: s G'FZw  
(ئا) بىر مىللەت ئەزالىرىنى ئولتۈرۈلۈشى XLe~U,>)Q  
(ب) بىر مىللەت ئەزالىرىغا ئېغىر دەرىجىدىكى بەدەن زەخمىسى پەيدا قىلىش K| : nJ  
(ك) بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش r)| ^$ih  
(د) ئۇلارنى بىئولوگىيە جەھەتتىن ۋەيران قىلىش، ھەمدە بۇ مىللەتنىڭ تۇغۇپ كۆپىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەدبىر قوللىنىش. i~cbHiB{  
   n3`i~pTt  
بۇ يەردىكى پاراگراف (ب) بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ بەدىنىگە زەخمە كەلتۈرۈشنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، ئۇلارغا روھىي جەھەتتە زەخمە كەلتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  پاراگراف (ئە) بولسا بىر مىللەتنىڭ بالىلىرىنى مەجبۇرى ھالدا باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرىۋېتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. p*"O r  
   |{`(|H  
بىز 1-ماقالىمىزدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كىمەيتمە مائارىپ، بولۇپمۇ ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشى بالىلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئىنتايىن ئېغىر ۋە مەڭگۈلۈك يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.  شۇڭلاشقا بىز ئاشۇنداق مائارىپ يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا ئىنتايىن ئېغىر روھىي زەخمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايمىز. /Q*{E&4ep  
   ~L oqMC  
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇش يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى.  ئەمما، بىز ئۆزىمىزنىڭ 1-ماقالىسىدا كۆرسۈتۈپ ئۆتكەندەك، بۇنداق بالىلار ئوقۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلى جەمئىيىتىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، ھەتتا ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پسىخولويە جەھەتتىن مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ كەتكەن.  يەنى، بۇنداق مائارىپ يۇقىرىقى بارلىق باغلىنىشلارنى تەلتۆكۈس بۇزۇپ تاشلايدۇ.  ئەمما، ئەڭ مۇھىم يەرى شۇكى، ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇتۇشى بالىلارنىڭ ئەسلى جەمئىيېتىدىن فىزىكىلىق جەھەتتىنمۇ مەڭگۈ ئايرىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرىنى ئىچكىرىدە ئىشلەپ ئۆتكۈزۈشى مۇشۇ ئەھۋالنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر).   Zn6D5xS 
   dko1oh  
ياتاقلىق مەكتەپ بىر مىللەت بالىلىرىنى مەجبۇرى ھالدا يەنە بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ.  بۇنىڭ بىر مىسالى بالىلارنى ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىشقا فىزىكىلىق جەھەتتىن مەجبۇرلاشتىن ئىبارەتتۇر.  ئەمما، دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپنى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمى ۋە يوشۇرۇن مەجبۇرلاش كۈچى بار بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي فىزىكىلىق ۋاسىتىلەرنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.  بۇنداق ئەھۋال ياتاقلىق مەكتەپ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن يولغا قويۇلۇپ، يەرلىك مىللەت ئاتا-ئانىلىرى «بالىلىرىمىزنى ياتاقلىق مەكتەپكە بەرمەي قۇتۇلالمايدىكەنمىز» دەپ قارايدىغان دەرىجىگە كەلگەن ۋاقىتتا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.  مانا بۇ گالتۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچىنچى كۈچ، يەنى «ئىدىيەدىن پايدىلىنىش» تىن ئىبارەت.  (ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: بۇنى بىر «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش جەريانى» دەپ قاراشقىمۇ پۈتۈنلەي بولىدۇ.)  ئىدىيەدىن پايدىلىنىپ بېقىندا مىللەتنى بويسۇنغۇچى مىللەتچىلىك ئورنىنى مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە ئاشۇنداق ئورۇننى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشقۇزۇش ۋاقتىدا، ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەت مۇنداق 3 جەرياندىن پايدىلىنىدۇ: IM Ws)a~  
@LBA}+  
(1)ھۆكۈمدار مىللەتنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، قائىدە-نىزاملىرىنى، ئەنئەنىسىنى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى، تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈش.    @C>V5iB  
9`r1X>%W  
(2) ئاز سانلىق مىللەت ياكى بېقىندا مىللەتنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، قائىدە-نىزاملىرى، ئەنئەنىسى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى كونا-پوسۇنلۇق، قالاق، يېڭى تېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشالمايدىغان قىلىپ كۆرسىتىش. n4LFn8>  
jg_?u@~  
v^ffOZ&F  
(3) ھۆكۈمدار مىللەت بىلەن بېقىندى مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، پسىخولوگىيە، مائارىپ، ئىجتىمائىي، تىل جەھەتلەردىكى ھېلىقىدەك مۇناسىۋىتىنى بىر خىل نورمال مۇناسىۋەت قىلىپ كۆرسىتىش، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمدار مىللەت قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ۋە بېقىندا مىللەتكە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىش قىلىپ كۆرسىتىش.  مەسىلەن، ھۆكۈمدار مىللەت قىلىۋاتقان ئىش ئاز سانلىق مىللەتكە ياردەم قىلىش، ئۇلارنى مەدەنىيەتلىك قىلىش، ئۇلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇلارغا دېموكراتىيەنى ئۆگىتىش، ئۇلارغا ھوقۇق بېرىش، ھەمدە دۇنيا تېچلىقىنى قوغداش، دېگەنگە ئوخشاش.  ئەمما، ئەمەلىيەتتە بولسا بېقىندا مىللەتنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارغا بويسۇنىشى ۋە ئۇلارنى كۆرۈنۈشتە قوبۇل قىلىشى ھوقۇق جەھەتتىكى زور تەڭسىزلىك ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ زور ۋە يوشۇرۇن مەجبۇرلاش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. e@*ys   
   0 
فرانسىيېلىك جەمئىيەتشۇناس پىئەررە بوئۇردىئەئۇ مۇ مۇشۇنداق «ئويدۇرما ماقۇل بولۇش» بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغان.  ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانىلار ھېلىقىدەك ئىشلارنى قىلمىسا بولمايدىغانلۇقىنى ئۆز كۆڭلىدە تونۇپ يېتىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ «يوللۇق ئىش» بولۇپ قېلىشىغا يول قويىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بەزى ئىشلارغا بوي سۇنمىسا دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنى جىسمانىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن جازالايدىغانلۇقىدىن قورقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرى ناھايىتى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئىشلارغىمۇ قاتنىشىدۇ.  مۇشۇنداق ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇشقا مەجبۇرلىغاندا، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يېتەرلىك دەرىجىدىكى زورلۇق-زومبىلىق كۈچىنى ئىشلەتتى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. v\t2U8-m  
   e/7V[`s  
شۇڭلاشقا، گەرچە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» گە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، يەرلىك مىللەت بالىلىرى ئۆز بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان  ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. BKYL@PeO  
   |ef&y\Qe  
ئۇشبۇ يازمىنىڭ 3-قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.  ئۇنىڭ كېيىنكى قىسمى (يەنى ئاخىرقى قىسمى) «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەت» ۋە «خۇلاسە» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. UY5m -88{E  
   <^JG*KM  
مەن ۋەتەندىكى ئۇيغۇر تىياتىرخانىسىدا بىرەر ئۇيغۇرچە سەھنە ئويۇنى كۆرۈپ باقمىغىلى ھازىر 25 يىلدىن ئاشتى. شۇڭا مەن ۋەتەندە ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئېتوت ۋكد لىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.  يېقىندىن بۇيان ھەر قېتىم ئاشۇنداق ۋكد نى كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئىقتىيارسىز ھالدا كاللامغا «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق نەرسىلىرى يەنە 25 يىلدىن كېيىن قانداق بولۇپ كېتەر؟ يەنە 50 يىلدىن كېيىنچۇ؟» دېگەن سوئال كېلىپ، كۆزۈم ئىختىيارسىز ھالدا ئىسسىق ياش بىلەن لىق تولىدىغان بولۇپ قالدى.  بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ يېقىندا يۇرتىدىكى دادىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوغلىنى يۇرتقا ماندۇرۇپ بىر قانچە يىل ئوقۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن تولۇق ساۋادىنى چىقىرىۋالغۇسى بارلۇقىنى ئېيتىپتۇ.  دادىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: «بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ھازىر بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان بىرمۇ مەكتەپ يوق!»، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.  ئۇيغۇر ماكانىدا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان مەكتەپ بولمىسا، بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شۇڭا مەن ھەر بىر ئوقۇرمەنلەردىن ئۇشبۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى ئوبدان چۈشىنىپ ئۆزلەشتۇرىۋېلىپ، شۇ ئاساستا «مەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا نېمە تۆھپە قوشالايمەن؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا تورداشلارغا ئىككى قېرىندىشىمىز http://meripet.blogbus.com تا قالدۇرغان ئىنكاسنى سۇنۇپ، بۇ يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن: yM20jG  
   u l{K!  
1-ئىنكاس: «يازمىلىرىڭىز يۈرىكىمنى ئېزىۋەتتى. ئوقۇماي دېسەم، ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ. ئوقۇسام ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈۋاتقاندەك پۇچىلىنىپ كېتىمەن. قانداق قىلىش كېرەك؟ خەنزۇچە يەسلىدە تۇرىدىغان قىزىم (بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇرچە يەسلى يوق) بىر كۈنى چوشقا كۈچۈكىنىڭ بەك ئوماق ئىكەنلىكىنى، چوڭ بولسا چوشقا باقىدىغانلۇقىنى ئېيتىپ كەپتۇ. تۇرۇپلا قالدىم، كۈلەيمۇ، يىغلايمۇ؟ كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدە چوشقا-چاشقاننىڭ ھېكايىلىرى تۇرسا، شۇنى سۆزلىمەي نېمىنى سۆزلەيدۇ بۇ بالا؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ جىيەنلىرىمگە ياخشى ئوقۇسىلا، چوقۇم ئارزۇ-ئارمىنىغا يېتىدىغىنىنى سۆزلەۋېتىپ، ئىشسىز يۈرگەن ماگىستىر دوستۇم ئېسىمگە يېتىپ، داۋاملىق سۆزلەشكە تىلىم كۆيدى. جېنىم ئاكا، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ قىزىم قانداق قىلىشى كېرەك؟ دائىم ئويلاپ قالىمەن: 'پانى ئالەمدىكىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى كۆرەلەمدىغاندۇ؟ ئەگەر كۆرېلىسە، ئۇ ئالەم ئاللىبۇرۇن ئاتا-بوۋامنىڭ كۆز يېشىدا دېڭىز بولغاندۇ؟ قانداق قىلارسەن بالام؟ كېيىن راستىنلا چوشقا باقارسەنمۇ؟ ئۇ ئالەمدە يىغلاپ، كۆر بولۇپ قالارمەنمۇ؟» iXYP*&  
   Vv&V4  
2-ئىنكاس: «سالام ئەركىن ئاكا:  قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ مەن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولدۇم. بۇ مەكتەپنى باشلانغۇچتىن تارتىپ ھەممىسىنى قوش تىللىق سىنىپ قىلىۋەتتى. بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى بەك ناچار. بەزى پەنلەردىن (ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە) ئىمتىھان ئالسا، بىر سىنىپتىن ئاران 2- 3 بالا ئۆتىدۇ. مەن ئۆزۈم كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى، مەن ئۇلار بىلەن نۇرغۇن ۋاقتلاردا سۆھبەتلەشسەم، ئۇلارنىڭ پىكىرى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش چىقتى. يەنى: ھەممىسىدە ئارزۇ بار، ئەمما ئۇلار بىز دەرس ۋاقتىدا خەنزۇچە سۆزلىسەك ھېچ نەرسە بىلەلمىدۇق . قانداقمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈمىز دېگەندەك ئۈمىدژ ، ئىشەنچسىز سۆزلەرنى قىلدى. دېمىسىمۇ شۇ ئۇلارغا ئانا تىلدا دەرس سۆزلىمەي، خەنزۇ تىلىدا دەرس سۆزلەيدۇ. باشلانغۇچمۇ شۇنداق. بەزى سىنىپلارغا ھەتتا خەنزۇلار دەرس ئۆتىدۇ، چۈشىنېمدۇ چۈشەنمەمدۇ رەھبەرلەرنىڭ كارى يوق. پەقەت بىر سائەتلىك ۋەزىپىنى تۈگەتسىلا بولىدۇ. بۇنىڭغا مەكتەپمۇ خوش. مەن بۇ جەرياندا بەزى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلرى بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇپ، شۇنداق تونۇشقا كەلدىمكى: بىزنىڭ مائارىپىمىز ھازىر بىر قۇرۇق جازىغا ئوخشاپ قاپتۇ . مەن مۇشۇ ئىشلاردا ئازراق بولسىمۇ مىللىتىم ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغۇم، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلىگۈم بار. شۇ سەۋەبتىن سىزدىن قانداق قىلسام بولىدۇ، دەپ مەسلىھەت ئالاي دېگەن ئىدىم. ۋاقت چىقىرىپ مەسلىھەت بېرىشىڭزنى سورايمەن. رەھمەت سىزگە.» K/LClrt  
   $Pkm(FaW  
   *G1`e~7I  
بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تور ئادرىسلىرى توپلىمى: y9v!asj%  
   vF} Uy8+Q  
1. ئۇشبۇ يازمىنىڭ 1-قىسمى (كونا يېزىق): 6qP*X`"Y8  
http://meripet.blogbus.com/logs/34162112.html a%8/E&%  
2. ئۇشبۇ يازمىنىڭ 2-قىسمى (كونا يېزىق): 8S8,n =GA  
   http://meripet.blogbus.com/logs/35493448.html 1va| Vp!!  
C,FjVD]y  
3. ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى»: }/24Bs!  
  http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf -p%vM)hB  
4.«ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئويلىغانلىرىم»: ;p{6!}e  
http://gulistan.cn/bbs/read.php?tid=141 $peJY~T,%  
5. Kangas خانىمنىڭ قىسقىچە ئىنگلىزچە تەرجىمالى: '12O}g  
  http://akira.ruc.dk/~tovesk/allpubl.htm 0mBE0IC"Z  
6. بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» (ئىنگلىزچە): f^sE8 }  
   http://www.un.org/millennium/law/iv-1.htm P768m@&)  
7. بدت نىڭ 1992-يىلىدا ماقۇللانغان «مەدەنىي ۋە سىياسىي ھوقۇق توغرىسىدىكى خەلقئارا كېلىشىم» (ئىنگلىزچە): &0_T[}(B  
    http://www.unhchr.ch/html/menu3/b/d_minori.htm =b)bkky  
8. «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى»: !S j7!B!  
         http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-21470.html ddYW8Z*3n  
b::UW$os  
#xRmU4qMj  
مەنبە :http://meripet.blogbus.com/logs/36198520.html
[ بۇ يازماكـاپىتانتەرپىدىن2009-03-06 17:26دە قايتا ت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : مۇنقەرىز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-06, 09:06
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ئالقىش:+1(زۇلپـىقار)
  • قوللاش:+10(راۋاجلان) ھازىرقى ئەڭ ..
  • پۇل :+99(ئالىپتىكىن)
  • salkin mtv
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-06 16:44 |
    ئېنتىرنېت
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 28809
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 89
    شۆھرەت: 66 كىشىلىك
    پۇل : 286 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
    قوللاش: 39 نومۇر
    ئالقىش: 49 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادىرلايلى ھاجىملار .  تۇلۇق ئۇقۇپ بۇلۇپ ئنكاس يىزاي AJ E~ju)  
    ئىنكاس تەھرىرلنىدۇ
    ئىزدەش تورى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 17:16 |
    erk uzun
    alpaghut
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 41760
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 140
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 447 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ،بىرقىسىم ئەمەل تەمەسىدە خۇتۇن -بالىلىرىنى سېتىۋىتسشتىن يانمايدىغان،ناكەس مۇناپقلارنىڭ قۇلىدا تۈگۈشۈپ كىتەمۇ؟
    سۈمەييە
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 17:50 |
    ئىھتىرام
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 159
    شۆھرەت: 24 كىشىلىك
    پۇل : 563 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    قوللاش: 6 نومۇر
    ئالقىش: 6 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 946(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەگەر يۇقارقى قانۇنىيەتلەر بىلەن خەلىقئارالىق سوتقا تارتىلىشقا توغرا كەلسە نەچچە 10 قېتىم سوتقا تارتىلىشقا ھەقلىقكەن.
    سوغۇق كۈندىن  كۈنگە كۈچۈنۈپ كىتىۋاتىدۇ،بارغانسىرى ئەزۋەيلەپ غېرىبانە ئۆيۈمنىڭ بۇلۇڭ پۈشقاقلىرىدىن كىرىپ ،مىنى يېڭى ئۆي سېلىشقا قىستىماقتا. يېڭى ئۆي سالاي دىسەم ئىقتىزادى ئەھۋالىم بەكمۇ ناچار.ھەي ... يەنىلا باھارنىڭ كېلىشىنى كۈتەي.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 18:11 |
    تور مەكتىپى
    sumurugh
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32487
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 103 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ماقالىنى چۇقۇم ئوقۇش كېرەك،ئوقۇپلا بولدى قىلماسلىق كېرەك.ئۇنىڭ نىداسىنى چۈشۈنىش كېرەك.سىزمۇ چۇقۇم ئاز بولسىمۇ تۆھپە قوشالايسىز!غەيرەت قىلايلى!دوسلار-غەيرەت قىلايلى!   
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 19:13 |
    ئۆركەش5
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20072
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 56 كىشىلىك
    پۇل : 255 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
    قوللاش: 49 نومۇر
    ئالقىش: 49 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر ئىلىبەسى ھەرىپلىرىنى كۆرۇپ كۆزۇمگە ياش كېلىۋاتىدۇ،بالىلىرىمىزغا قارايلى !!!ئۇلار ئەتىگەندە بىر تاتلىق كۈلۈپ مەكتەپكە ماڭدىم دەپ چىقىپ كېتىدۇ ،لىكىن شۇمەكتەپتە نېمە ئۈگۈنۋاتىدۇ،ئۆزىگەيات بولغان تاۋۇشلارنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ جاراڭلىشى بىلەن نېمىلەر سۆزلىنىۋاتقىننى بىلمەي بىر-بىرسىگە سوئال نەزىرىدە بىچارىلىك قاراشلىرى بىلەن....مۇئەللىم سىيگىم xS(]pu*X  
    كېپ كەتتى! دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرەلمەي ئۇياق-بۇياققا يۈگرەشلىرى،كۆزئالدىمغا كېلىپ راستىنلا يىغلاپ تاشلىدىم.......... 2'6Y~Qv  
    سەبىلەردە نېمە گۇناھ............ئې ئاللاھ بىزنى،بىزنىڭ بالىلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 19:24 |
    غايەم
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38530
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 454
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 1284 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -10 نۇمۇر
    قوللاش: -10 نومۇر
    ئالقىش: -10 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇتېمېنې ئوقۇپ ئىنتايېن خۇش بولدۇم ھەمدە نۇرغېللېغان سۇئاللار كالامغا كېلپ قالدى ،بېز ،ۋەكېيېنكى ئەۋلاتلېرمېز  بۇخېل ناچار مۇھىتتا قانداق قىلار ،؟ بېز نىڭ تەقدېرېمىز ئەجبا مۇشۇنداق تۈگۈشۈدېغان بولۇپ پۈتۈلگەنمۇ ؟قانداق قىلساق  بۇئىچېنېشلېق تەقدېردېن قۇتلالايمېز ؟ ئەجبا ھەممەيلەن نېڭ كۆزى ھەم دىلې كوربولۇپقالغاندېمۇ ؟ مەن بۇ لارنې ئوقۇپ چۈشەنگەن ۋاقتېمدا ئۆزۈمنې ئىنتايېن ھۈمۈدسېزلىق ئىچېدەتۇرۋتقاندەك گۇناكاردەك ھسقېلدېم .بەزېدە ئويلاپقالمەن ،چەتئەللەرگەچېكېتەيمۇ ؟،،،،شۇيەرلەر ماڭغا ئەركېندەك تۇيلېدۇ .ئۆزيۇرتېداتۇرۇپ،باشقايەرلەرگەئۈمۇدباغلاش  بۇ بەك ئازاپ ئشقۇ.لېكېن مەن ھازېرغىچە مەندېگەن ئۇيغۇر ئۆلۈكۈم مۇ تىركىممۇ مۇشۇيەرگەتەۋە دېگەن ئرادەم بېلەن ياشاپ كېلۋاتمەن.ئەركېن سېدېق ئاكا بېز سېزدېن پەخېرلېنىمىز ،سېزگە كۆپرەخمەت.
    hakyol
    خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن...
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 19:25 |
    xjalexa.cn
    ئازات
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16327
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    شۆھرەت: 17 كىشىلىك
    پۇل : 457 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    قوللاش: 23 نومۇر
    ئالقىش: 49 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 592(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەۋلاتلار ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى
    salkin mtv
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 19:53 |
    راۋاجلان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 39624
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 57
    شۆھرەت: 1008 كىشىلىك
    پۇل : 264 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 197(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەركەزگە بىرلىكتە ئەرز قىلىپ باقساق بولارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ nN R>0Y  
    سۆزلىسەك گېپىمىزگە قۇلاق سالىدىغان،ئەرز قىلساق ئەرزىمىزنى قوبۇل قىلىپ سورايدىغان يەر تاپالامدۇق؟ P:m 
    ھەممەيلەن ئىزدىنەيلى،كۈچ چىقىرايلى، بىزغۇ ئۆلۈپ تۈگەيمىز، كېيىنكى ئەۋلاتلارچۇ؟ مىللىتىمىزچۇ؟ بۇلار بىزنىڭ قولىمىزدا تۈگەشمىسۇن.
    salkin mtv
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 22:26 |
    ئادىمىزات
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 27419
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 81
    شۆھرەت: 70 كىشىلىك
    پۇل : 637 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
    قوللاش: 76 نومۇر
    ئالقىش: 139 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوقۇتقۇچىللىرمىز!!ئوقۇدۇڭلارمۇ؟؟سىلەرنىڭ زىممەڭلەردىكى مەسئۇلىيەت ھەقىقەتەن ئېغىر!!
    salkin mtv
    ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش!!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-06 22:30 |
    قالىغاچ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36731
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 50
    شۆھرەت: -4 كىشىلىك
    پۇل : 154 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -4 نومۇر
    ئالقىش: -4 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 358(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

         ئەركىن ئاكىنىڭ يازمىلىرىنى ھەر قېـتىم ئوقۇسام «دانكۇ» دىگەن ھىكايە ئىسىمگە كىلىدۇ
    salkin mtv
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 00:23 |
    زەكىنۇر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3894
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 111
    شۆھرەت: 73 كىشىلىك
    پۇل : 291 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 105 نۇمۇر
    قوللاش: 90 نومۇر
    ئالقىش: 132 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 214(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنى ئۇيغۇر ئوغلى دىگەن پەخرى نامغا مۇۋاپىق كوردۇم .
    salkin mtv
    -
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 00:52 |
    راۋاجلان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 39624
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 57
    شۆھرەت: 1008 كىشىلىك
    پۇل : 264 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 197(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر نىمانداق ئاز. تېمىنى تەستىقلىغىنى ئىككى كۈن بولۇپتۇ ئاران 770 نەچچە ئادەم كۆرۈپتۇ. مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىللىرىمىز يەنىلا ئازكەن.....
    salkin mtv
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 13:11 |
    arkzad
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32040
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 101 كىشىلىك
    پۇل : 339 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    قوللاش: 1 نومۇر
    ئالقىش: 1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىر قوۋمدىكى كىشىلەر نادانلاشقاندا،خاراپلاشقاندا ھەقىقەت ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەس بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.مەنمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنى جاھاننىڭ ماھىيتىنى بىلىشكە،ھەقىقەتنى چۈشىنىشكە،ۋىجدان،غورۇر بىلەن ياشاشقا،مىللى مەسئۇلىيتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ھەر دائىم دەۋەت قىلىپ تۇرىمەن.لېكىن بۇلار خېلى كۆپ قېرىنداشلىرىمىزغا بىر تۇترۇقسىز ناخشا ياكى بىر لاۋزا ئىتوتچىلىكمۇ خۇشياقمايدۇ!
    salkin mtv
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-16 20:45 |
    ozbaxim
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30027
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 47
    شۆھرەت: -34 كىشىلىك
    پۇل : 997 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 13 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 411(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋال ساقلىۋالاي تولۇق ئوقۇپ چىقىمەن.
    salkin mtv
    ئوقۇتتۇم دېگۈچە،بىلدۈردۈم دېيەلەيلى!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 23:45 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلار
    
    oy muluk