مەن مائارىپ نازارىتىنىڭ شىنجاڭ مائارىپى ھەققىدە پىكىر ئالماقچى بولغانلىق ئۇقتۇرۇشى توغرىسىدىكى تىمىنى مۇنبەردە كورۇپ ،ھەم ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىنى ئاددى كاللام بىلەن بىر قۇر كورگەندىن كىيىن توۋەندىكىلەرنى تەشەببۇس قىلىشنى ئويلاپ قالدىم ،مۇمكىن بولسا كەڭ ئۇيغۇر دوسلارنىڭ قولغا -قول تۇتۇشۇپ بۇقىتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،مىللى مائارىپىمىزنى بىر قىتىم ئوڭشىۋىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىشنى تولىمۇ ئۇمۇد قىلىمەن.
50AnT{p dH
C%4IW"R مىنىڭچە بۇ قىتىملىق تەكلىپ بىرىش پائالىيتىگە نىسبەتەن مىنىڭچە كوپ كىشىلەرنىڭ كاللىسى ،كوزىتىشى،پىكىر قاتناشتۇرىشى،مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ پىكىرلەرنى توغرا رەتلەپ چىقىشى نەتىجىسىدە ئاندىن ئاقتۇرغىلى بولىدۇ.مەن بۇ 36تۇرلۇك پىكىر ئىلىش دائىرىسىنى كورۇپ
چىقتىم،بۇنىڭغا دىيارىمىز مائارىپىدا مۇناسىۋەتسىز بىرمۇ ئىش ،بىرمۇ ئوقۇتقۇچى شۇنداقلا بىرمۇ شەخىس يوق.مائارىپىمىزنىڭ جۇملىدىن مىللى مائارىپنىڭ مۇشۇنداق ھالغا چۇشۇپ قىلىشىدا بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيتى بار.ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت دۆلەتنىڭ بىر ياخشى مائارىپ سىياسىتىنى قاتماللاشتۇرغان،بۇرمىلىغان،ئۆزخاھىشى بويىچە ئىش كورۇشكە ئىلىپ كەلگەن يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچى ئالدىدا پادىشاھ،باشلىقى ئالدىدا چاكار ئەمەلدارلىمىزدا تىغىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەت بار.چۇنكى بۇنىڭ ئەمەلى پاكىتى گەرچە بىر ناھىيە ،شەھەر قارمىقىدا بولسىمۇ نىمە ئۇچۇن ئۇيغۇر مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش تۇزۇلمىسىدە،مائارىپ سۇپىتىدە شۇنچە كوپ پەرق مەۋجۇت؟نىمە ئۇچۇن ئۇيغۇر مەكتەپتىكى مائارىپچىلار كىچە -كۇندۇز ئىشلەپمۇ ماتىماتىكا دەرسى ئىزچىل لاياقەتسىز،ياكى لاياقەتلىك بولسىمۇ ئاران-ئاران لاياقەتلىك؟نىمە ئۇچۇن كىچە-كۇندۇز جاپالىق ئىشلىگەن شۇ ئوقۇتقۇچى بالا ئوقۇتۇش بىلەن بىرگە يىزىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت،يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئوي قۇرۇلىشى،تىرىقچىلىق ئىشلىرى........قاتارلىقلارغا «خالىس »قاتنىشىپ تۇرۇپ يەنە لاياقەتسىز بولۇپ قالىدۇ؟نىمە ئۇچۇن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلىشى مىللى مەكتەپلەرنىڭ مۇقىم ئەمەس؟نىمە ئۇچۇن باشلىقلار ھەدىسە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇ يەردىن بۇ يەرگە ماۋسۇمدا بىر ھەتتا بىر ماۋسۇمدا نەچچە مەكتەپ ئالماشتۇرىدۇ؟...................مانا بۇلار بىز مۇشۇ قىتىملىق پۇرسەتتە ئىلمى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرغا قويىدىغان ،سەۋەبىنى چۇشەندۇرىدىغان مۇھىم ئىشلار.
s%H`p!> مىنىڭچە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش مەسىلىسىنى بۇيەردە توسۇپ بولغىلى بولمايدۇ،بىز پەقەت تەكىلپ بىرىپ ئىرىشەلىسەك ئىجتىمائى پەنلەرنى ئاناتىلدا،باشقا پەنلەرنى يەنىلار خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشقا ئىرىشەلىشىمىز مۇمكىن.چۇنكى مەن بۇرۇن بىر ماقالەمدە بۇ مەسىلىنى مۇشۇ مۇنبەردە پاكىستانلىق ئۇيغۇر ياش مەسلىسى بىلەن باغلاپ ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم.يەنە بۇ يەردە شەرھىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.
8d- ESE9 مىنىڭچە بۇقىتىمقى تەكلىپ ئىلىش دۆلەتنىڭ ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى ئوتكۇزىۋىلىش خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭلاشقا
مۇمكىن بولسا خالايدىغان تور بەتلەر مۇشۇ تەكلىپ -پىكىرگە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ ،36تۇرنى چوڭ جەھەتتىن بىر قانھە تۇرگە ئايرىپ شۇ بويىچە توردىمۇ پىكىر تەلەپلەرنى يىغىپ رەتلىسەك دىگەن ئۇمۇدتىمەن.مۇمكىن بولسا بۇ ئىشنى سەلكىن ،شەبنەم،دىيارىم قاتارلىق نوپۇزلۇق بىكەتلەر تەشكىللەپ بەرسە .چۇنكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تورغا چىقسا بۇ ئۇچ بىكەتتىن پەقەت بولمىغاندا بىرسىنى چوقۇم كورىدۇ.ئەگەر بۇ توربەتلەرمۇ بۇ قىتىملىق پائالىيەتكە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىشنى خالىمىسا بەشتاش بالىلار مائارىپ تور بىتى مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىدۇ.بىز دەرھال ئاجراتساق بولىدۇ،لىكىن تور بەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇش بولۇش دەرىجىسى بىۋاستە بۇ پائالىيەتنىڭ
ئوڭۇشلۇق بولىشى بولماسلىقىغا بىۋاستە تەسىر كور سىتىدۇ. تور بىكەت باشلىقلىرىنىڭ ئويلىنىپ كورۇشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.
&4-8vw9V ھەم تورغا چىقالايدىغان بارلىق دوسلارنىڭ بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىنى ،لىكىن ئوزىنى بىسىۋىلىپ ،ئىلمى ئاساستا ،پىكىر بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.
EW0H1Ex بۇ قىتىملىق تەكلىپ بىرىشنىڭ قانداق بولىشى بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزنىڭ كەلگۇسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.يەنە ئوتۇنىدىغىنىم مىللەتنىڭ كەلگۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئىشقا سەل قارىمايلى،پۇرسەت دىمەك،غەلىبە دىمەكتۇر!!!
[ بۇ يازمايۇلغۇن2تەرپىدىن2009-02-25 23:41دە قايتا تە ]