بۇ بەتتىكى تېما: ئەڭ سۆيۈملۈك ئىككى تامچە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 289 قېتىم كۆرۈلدى
kaxkari82
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 17377
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 184
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە184دانە
شۆھرەت: 193 كىشىلىك
پۇل : 3070 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 471 نۇمۇر
قوللاش: 322 نومۇر
ئالقىش: 861 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :258(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئەڭ سۆيۈملۈك ئىككى تامچە

1
BUFo6!]Fs  
ئەڭ سۆيۈملۈك ئىككى تامچە 4@A}ys7  
(پاكىستانلىق مەشھۇر ئالىم شەمس نەۋىد ئوسمانىنىڭ ماقالىلەر توپلىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى) {& e6+g  
ئىنسان ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى خاتالىقىنى ھېس قىلغاندا، بۇ ئۇلۇغ ھېس ئىخىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ھول قىلىپ، ياش تامچلىرىنى قۇيۇۋېتىشكە باشلايدۇ... *uF@rOE  
ھەققانىيەتنى چىن قەلبى بىلەن سۆيۈپ كېتىۋېتىپ، ئەمدىلىكتە ھەققانىيەتنىڭ قان ـ تومۇرلىرىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىدا بولسا، ئاللاھنىڭ زېمىنىدىكى شەيتانىي ساختىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ قەلبىگە گويا تىكەندەك سانچىلىپ، تاكى ئۇنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلىمىغۇچە ئاراملىق ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ يۈكسەك مەقامى بولۇپ، ئىنسان ئۇنىڭدا قىلىچلارنىڭ سايىسى ئاستىدىلا ئارام ئېلىشنى ئويلايدىغان، ھاياتى ئارقىلىق پەرۋانىلەرچە ئۆلۈمنى ئىزدەشنى ئارزۇ قىلىپ قانمايدىغان، تىلى ھەر دائىم ”ئاللاھ! ئاللاھ!“ دەپ چاقىرىپ تۇرىدىغان، ھەر بىرتامچە قېنىدا ئەشۇ سادانىڭلا ياڭرىشىنى، ئەشۇ ئەڭ گۈزەل نامنى زېمىندىكى ھەر بىر زەررىنىڭ كۆكرىكىگە يۈرەك قانلىرىنىڭ تامچىلىرى بىلەن ئويۇپ يېزىۋېتىشنى تىلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. yq\OFme%  
ئاھ! بۇ ئىككى تامچە نېمىدېگەن قىممەتلىك، نېمىدېگەن مۇقەددەس ھە؟! گەرچە ئۇنىڭ بىرى سۇ، يەنە بىرى قاندىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىسىدە بەندىچىلىكنىڭ قايناق تۇيغۇلىرى، ئىتائەتنىڭ يالقۇنلۇقلۇق ماگمىلىرى خۇددى نۇرغا ئوخشاشلا پارلاپ تۇرىدۇ. بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈنلا بولسا كېرەك، ئاللاھ تائالا بۇ ھەر ئىككى تامچىغا ئوخشاشلا قىممەت بەرگەن. K4}@  
قېنى مەرھابا! بۇ ئىككى تامچىگە، بۇ ئىككى قەترىگە، ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بۇ ئىككى سوۋغىغا!! bA+N4<  
ئاللاھنىڭ جامال ۋە جىلالىغا، مېھىر ۋە قەھىر بارىگاھىغا بۇ ھەر ئىككى سۆيۈملۈك سوۋغىنى سۇنالىغان ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نېمىدېگەن بەختلىك، نېمىدېگەن تەلەيگە باي خۇش قىسمەت زات ھە! ئۇنىڭ ھاياتى ياش ۋە قاندىن ئىبارەت دەل مانا بۇ ئىككى ئاتەشلىك تامچىلارنىڭ جۇنۇنلۇق ئاشىقانە ئۆركەشلىرىگە تولغان بولۇپ، ئۇ قان ۋە ياشلىرى بىلەن سىراتەل مۇستەقىمنىڭ نەقىشلىرىنى سىزىپ، ئاخىرى ئاللاھنىڭ بارىگاھىدىكى ئەڭ ئىشتىياقلىق سەجدىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ دەل ھەزرىتى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئىدى. y_TG*>Ni<  
شۇنداق، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلۇنى دەپلا خۇددى ياش يىگىتلەردەك زەخمە ئۈستىگە زەخمە يەپ ۋايساپ قالمىغان، بەنى مەخزۇمنىڭ ۋەھشىيانە قامچىلىرى ئۇنىڭ قېرىغان جىسىم تىرىلىرىنى تېتىپ، پۈتۈنلەي ئۇچۇرۇۋىتىپ بولغان چاغدىمۇ، ئۇنىڭ قەتئىي جاسارەتكە تولغان ئەشۇ قېرى تەمكىن چىرايى ئىمانىي غەيرەتنىڭ شەنىگە قىلچىلىك داغ چۈشۈپ قىلىشىغىمۇ قەتئىي يول قويمىغان ئەشۇ ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئىدى. EN?dgk6,  
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنە شۇنداق غەيرەتلىك دادىنىڭ ئوغلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاياللىق ۋە قېرىلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا مەردانىلەرچە كۆكرەك كېرىپ قەتئىي ئۆرە تۇرالىغان، ئىسلام ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ جېنىنى تەسەددۇق ئەيلەش بىلەن ئاللاھنىڭ رىزالىقى يولىدا جان پىدالىقنىڭ ئۇلۇغۋار ئەنئەنىسىنى يارىتىپ بېرەلىگەن ئەشۇ تۇنجى شېھىت ئانىمىز سۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئوغلى ئىدى. ئەنە شۇنداق جاسارەتلىك قان ۋە سۈت بىلەن يېتىلگەن ئوغلان ئىدى. E-`LF})Av9  
زۇلۇم ھەم مۇشتۇمزۇرلۇق ھەققانىيەتنىڭ پىداكارلىرىغا قارشى ئوت بىلەن قان ئېقىنلىرىنى بەرپا قىلىۋاتقان قورقۇنچلۇق مۇھىتتا ئۇ ئىمان مەشئىلىنى ياندۇرغان ئىدى. ئەسەبىيلىكنىڭ پۈتۈن بوران ـ چاپقۇنلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىمان مەشئىلىنى ئۆچۈرۈپ قويالمىغان ئىدى. ئۇ تېخى ئەمدى ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان نەۋقىران يىگىت ئىكەنلىكىگە قارىماي، رەھىمسىز، قانخور ئىنسانلار توپى ئارىسىدا زەربە ئۈستىگە زەربە يەۋېتىپمۇ ئەشۇ بىرلا سادانى، يەنى، ئاللاھنىڭ ئاسىيلىرى ھېچبىر زامان ئاڭلاپ تۇرۇشقا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەر قېتىم ئۇنىڭغا تاش، چالمىلار بىلەنلا جاۋاب قايتۇرۇلۇدىغان «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن ئەشۇ سادانى ياڭراتماقتا ئىدى. ئاخىرى زۇلۇم چېكىدىن ئېشىپ، ئىنساننىڭ ئەس ـ ھوشى ۋە ھېس ـ تۇيغۇلىرىنىمۇ قويماي نابۇت قىلىپ تاشلايدىغان دەرىجىدە ھالاكەتلىك ئاپەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنى ئارقا ـ ئارقىدىن قايناق سۇغا تىقىپ، تۇنجۇقتۇرماقتا ئىدى. زۇلۇم ـ سېتەمنىڭ بۇ مىسلىسىز ۋەھشىيانە قېيىن ـ قىستاقلىرى ئۇنىڭ بەرداشلىق كۈچىنى يوقىتىپ، خۇددى قۇرۇغان شاختەكلا سۇنىدىغان يەرگە ئەكېلىپ قويدى. مانا شۇنداق باسقۇچتا ھەزرىتى ئەممار ئىبنى ياسىر ەرزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېغىزىدىن ئىختىيارسىز ھالدا زاھىرى كۇپۇر، ئەمما باتىنى ئىمان بىلەن تولغان بىر قانچە ئېغىز سۆز چىكىتىپ قالدى. بۇ سۆزنىڭ چىقىشى بىلەن گەرچە قېيىن قىستاقلارنىڭ ھالاكەتلىك كەلكۈنى توختىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا ئاجايىپ دەھشەتلىك ماتەمنىڭ قىيامىتى قوپۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ قورقۇنچ پۈتۈن ۋىجدانىي ئەلەملىرى بىلەن گويا ئۆلۈم سەكراتىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئازابلىق تۇيغۇغا ئايلىنىپ قالدى. «ئەشۇ ئىختىيارسىز چىقىپ كەتكەن سۆزلەر ئىمانىمنىڭ ئۆلۈمى بولۇپ قالغاندىمۇ؟ ئىنسانىي ئوقۇبەتلەردىن ئازادلىققا چىققان بىلەن ئەمدىلىكتە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئاتەشلىك غارىغا مەھكۇم بولارمەنمۇ؟» دېگەنلەرنىلا ئويلىماقتا ئىدى. OwFnO!E9  
ئۇ يىغلاشقا، يىغلىغاندىمۇ توختىماي پەريات چېكىپ يىغلاشقا باشلىدى. غەم، ئەندىشىدىن يۈرەك ـ باغرى لەختە بولۇپ، ئىچ ـ ئىچىدىن ھۆڭرەشكە، ئېسەدەپ بوغۇلۇپ قىلىشقا باشلىغان ئىدى. تۇيۇقسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېسىگە كەلدى ـ دە، شۇھامان بېقارارلىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەشۇ زاتنىڭ ئالدىغا، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى دوزاخ ئوتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن ئەشۇ ئۇلۇغ ئىنساننىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. ئۇ شۇنچە ئالدىراش يۈگۈرۈپ كېتىۋاتتى، ئەمما ئۇنىڭ قەلبى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ ئىشىمغا قارىتا زادى قانداق قارار چىقىپ قالار؟» دېگەندەك خەۋپسىرەشلەر بىلەن گويا ئورنىدىن قوزغۇلۇپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆز ئالدىدا ئۆزىگە شۇنچە يېقىن ھالدا كۆرۈپ، بىردىنلا ئۆپكىسى ئېغىزىغا تاقىشىپ قالدى. rANvPb_  
ھەر ئىككى تەرەپنى سۈكۈت باسقان ئىدى. بىر تەرەپتە چوڭقۇر شەپقەت، تەشۋىش ۋە ھەيرانلىققا چۆمگەن سۈكۈت. يەنە بىر تەرەپتە ئازابتىن پارە ـ پارە بولغان يۈرەكتىكى پۇشايمان، نادامەت ۋە ۋىجدانىي ئەلەملەرگە تولغان سۈكۈت داۋام قىلماقتا ئىدى. بۇ ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۈكۈتى بولۇپ، ھەسرەتتىن تەرگە، ئىزتىرابتىن قانغا، غەم ـ ئەندىشىدىن ياشقا چۆمۈلگەن ئىدى. ئۇ بىرەر ئېغىز سۆزمۇ قىلالماستىن، خۇددى پۈتۈن دۇنياسىنى يوقىتىپ قويۇپ، يېنىدا يىغا ـ زارىسىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالمىغان ئادەمدەكلا پاڭڭىدە بۇقۇلداپ يىغلىۋېتىشكە باشلىدى. ئەسلىدە ئۇنى ئاللاھقا بولغان قورقۇنچ يىغلاتماقتا ئىدى. ئەمما ئۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا قانچە مىڭلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئەشۇ ياش تامچىلىرىنى بىر ـ بىرلەپ تېرىۋىلىش ئۈچۈن يەرگە چۈشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. >ri6^tH  
ئاھ! ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغىمۇ ئاللاھنىڭ شۇنچە مۇھەببىتى قوزغالغان، نېمىدىگەن بەختىيار ئىنسان ھە! e *o;q;a  
غەمكىنلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل غەمگۈزارى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ دەرت ـ ئەلەملىك داستانى ئاڭلىغاندىن كېيىن «قەلبىڭنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىماقتا ئىدى. fpR{3C$  
ـ مېنىڭ قەلبىم... ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇقۇلدىغان ھالدا تىترەك باسقان قوللىرىنى كۆكرىكىگە مەھكەم بېسىپ جاۋاا بەرمەكتە ئىدى. [Cc8jQV  
ـ مېنىڭ قەلبىم... ئىمانىدا قەتئىي مۇستەھكەم. ئى ئاللاھنڭ رەسۇلى! مېنىڭ قەلبىم ئىمانىدا پۈتۈنلەي خاتىرجەم« دېيىشى بىلەن تەڭلا ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنى ئالەملەرنىڭ رەھمىتى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ باغرىغا مەھكەم بېسىلغان ھالدا كۆردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن ئۇنى ئۆز باغرىغا بېسىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەلەملىك ياشلىرىنى ئۆز ئېتەكلىرى بىلەن سۈرتمەكتە ئىدى. \w$M NMbmx  
قەسەمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئېتەكلىرىدە سۈرۈتۈلگەن ۋە ئەشۇ مۇبارەك ئىتەكلەرگە سىڭگەن ئەنە شۇنداق ياش تامچىلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھقا سۆيۈملۈك تامچە بولالايتتى. s2 Z;=5D=  
ـ ھېچ ۋەقەسى يوق، ھېچ ۋەقەسى يوق... پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا پەيغەمبەردىن باشقا ھېچ كىشى تەسەللىي بېرەلمەيدىغان قەلبى پىغانلىق بۇ مۆئمىنگە توختىماي تەسەللىي بەرمەكتە ئىدى. LrIu%H\0  
بۇ پىغانلىق ياشلارنى، ئاللاھقا سۆيۈملۈك بۇ ياش تامچىسىنى ئۇ ياپ ـ ياش چىغىدىلا ئەنە شۇنداق ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا شۇ قەدەر مول يېغىشقا باشلىدىكى، ئۇنىڭ ئىمانى مەڭگۈ يېڭى ھاياتى كۈچكە تولغان ھالدا ياش پېتى قىلىۋەردى. ھەتتا ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پۈتۈنلەي قېرىپ ھالى قالمىغان چاغلاردىمۇ ئۇنىڭ ئىمانى ئۆز ياشلىقىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. !BIla}%_  
يەمامە ئۇرۇشىدىكى جىھادتا ئۇنىڭ ياشىرىپ تۇرغان ئىمانى جىلۋە قىلماقتا ئىدى. مۇناپىقەت ۋە مۇرتەدلىكنىڭ ناپاك كۈچلىرى ئىسلام مۇجاھىدلىرىنىڭ قەدىمىنى چېكىنىشكە قىستاۋاتقان ئەشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ يالقۇنلۇق ھارارىتى مىڭلىغان كۆكرەكلەرگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، يالقۇنلۇق چوغقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، شۇ چاغدا ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر قۇلىقى ئۈزۈلۈپ كىچىككىنە تىرىسى بىلەنلا ساڭگىلاپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆز ئورنىدا چېكىنمەي مەھكەم تۇرغانچە «مانا مەن ئەممار ئىبنى ياسىر! ئەجىبا سىلەر ئاللاھنىڭ جەننىتىدىن چىكىنۋاتامسىلەر؟ مانا مەن ئەممار ئىبنى ياسىر! ئەجىبا سىلەر ئاللاھنىڭ جەننىتىدىن چىكىنىۋاتامسىلەر؟» دەپ مۇسۇلمانلارغا ئۈنلۈك خىتاب قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. AT{G=C'Te  
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئاجايىپ بىر مەنزىرە ئىدى. مەن بەزىدە ئۇنىڭ يارقىن مەستانە نەرىلىرىگە قۇلاق سالسام، يەنە بەزىدە ئۇنىڭ كىچىككىنە تىرە بىلەن ئىلنىشىپ تۇرۇپ قالغان، قان توختىماستىن قۇيۇلۇپ تۇرىۋاتقان ئەشۇ قۇلىقىغا نەزەر سالاتتىم. ئەمما ئۇ ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ تىگىش ئالدىدا تۇرغان بۇنداق شارائىتتا قۇلىقىغا نەدىمۇ پىسەنتمۇ قىلسۇن؟» d|=bTg9?  
ھەزرىتى ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھنىڭ بارىگاھىغا ئىككىنچى سۆيۈملۈك تامچىنى، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قان تامچىسىنى تەقدىم قىلغان چاغدا 94 ياشقا كېرىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق كىتابىدا شېھىتلىكتەك بىر ئۇلۇغۋار بابنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىجرەتتىن كېيىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئېغىزىدىن ئاڭلاپ بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ بۇ شەرەپكە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانچىلىغان ئاجايىپ روھى سىناقلارنىمۇ باشتىن كەچۈردىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە جەمەل ئۇرىشى (يەنى تۆگە ئۇرۇشى) يۈز بەرگەن چاغدا ئاندىن مەلۇم بولدى. بىر تەرەپتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئوخشاش ئۈمممەتنىڭ شۇنچە مۆھتەرەم ئانىسى، يەنە بىر تەرەپتە مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش سابىقۇنەل ئەۋۋەلۇن (ئالدىنقى پىداكار ئاۋانگارتلار) تۇراتتى. ھەر ئىككى تەرەپ مۇسۇلمان ئىدى. ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ چاغدا ئەلى رەزىيەلاھۇ ئەنھۇنىڭ ھىمايىچىسى بولۇپ، ئۇ ئاجايىپ زىلزىلىلىك روھى ئىزتىرابقا چۆمۈپ كەتكەن ئىدى. «ئەمدى قانداق قىلىش لازىم؟ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەيدانىنى تاشلاش كېرەكمۇ؟ بۇ گويا ئۆزىگە نىسبەتەن قەتئىي ھالدا ھەق بولۇپ ھېسابلىنىدىغان مەيداننى تاشلىغانلىق بولمامدۇ؟ ياكى ئەشۇ ھەقنى قوغداش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالى شۇنداقلا پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۆھتەرەم شەپقەتلىك ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قارشى قىلىچ كۆتۈرىش كېرەكمۇ؟» ;+-vmq$*E  
ئۇنىڭغا ئوخشىغان قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ قەلب، مېڭىسى ئەنە شۇنداق ئىزتىرابلىق تەشۋىشلەرگە غەرق ئىدى. قانچىلغان كىشىلەر بىرەر چىقىش يولى تاپالماي تەنھا پىنھانلىقلارغا كىرىۋېلىپ بارماقتا ئىدى. +nY_H4ED  
ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئەجىبا مەنمۇ ئەمەلى مەيداندىن چېكىنىپ بىرەر بۇلۇڭدا پىنھانلىققا باش تىقىۋالايمۇ؟ ۋەھالەنكى ماڭا نىسبەتەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھىمايە قىلىش شۇ تاپتا ھەقنى ھىمايە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۈممەتنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مەيدانى بولسا، بىر ئىجتىھادىي خاتالىقتىنلا ئىبارەتتۇر» دېگەنلەرنى ئويلىدى ـ دە، ئاخىرى ئۇ «مەيلى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا نىسبەتەن قەلبىمدە ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسسى ئەقىدەتنىڭ بۇ ئىككى بىسلىق تارتىشىشى ئوتتۇرىسىدا يۈرەك باغرىم لەختە ـ لەختە بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قەتئىي ھالدا ھەقنى ھىمايە قىلشتىن يانمايمەن» دېگەن قارارغا كەلدى. +^C!8^#  
ھېسسىيات بىلەن ئۇسۇل ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مىسلىسىز ئازابلىق نازۇك كۆرەشتە ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەلبىدە زادى قانداق ھالەت بەرپا بولغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشى بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. ئەمما تارىخنىڭ نەشىرگاھلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئەشۇنداق نازۇك باسقۇچتا ئۇنىڭ تىلى ۋە دىلىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن سادا ھازىرمۇ بىزگە ئۇنىڭ قەلب دۇلقۇنلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالايدۇ. شۇ چاغدا ئۇ «ئى خالايىق! مەن ئائىشە رەىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆھتەرەم مەھرىمى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمەن. ئەمما شۇ تاپتا ئاللاھ بىز ھەممىمىزنى سىناۋاتماقتا. قېنى سىلەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلامسىلەر ياكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغىمۇ؟» دەپ توۋلىغان ئىدى. ZC4j0}#k  
جەمەل ئۇرۇشدىكى ھەقنىڭ قۇربانگاھىدا ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنە شۇنداق ئاجايىپ پىداكارانە ئادا بىلەن ئۆز ھېسسىي تۇيغۇلىرىنى قۇربان قىلغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەلاھۇ ئەنھانىڭ ئۇنىڭ نەزىرىدە نەقەدەر قىممەتلىك ۋە نەقەدەر مۇقەدەس، نەقەدەر ئۇلۇغ مەرتىۋىسى بارلىقىنى ئەممار رەزىيەللاھۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىممۇ بىر نېمە دېيەلىسۇن؟ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جان، دىلى بىلەن مۇھەببەت قىلاتتى. شۇڭا ئىنىقكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەقەتلا ئۈممەتنىڭ مۆھتەرەم ئانىسىلا ئەمەس، بەلكى ئەشۇ سۆيۈملۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭگۈلۈك مەھرىمى ئىدى. ئەمما بىر تەرەپتە مانا شۇنداق ئۇلۇغ ھېس يەنە بىر تەرەپتە ھەقنىڭ ئەلى تەرەپتە ئىكەنلىكىگە بولغان چوڭقۇر تۇيغۇ بولۇشتەك ئەشۇنداق نازۇك ھېس ـ تۇيغۇلارنىڭ بۇ قاينام، تاشقىنلىرى ئىچىدە ئۇ كېمىنى دۇلقۇنلارنىڭ پارە ـ پارە قىلىۋېتىشىگە پەرۋاسىز ساھىل تەرەپكە قويىۋەتكەن ئىدى. %oY> }l$j  
مەن بۇ يەردە كىمنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ۋە كىمدىن ئىجتىھادىي خاتالىق ئۆتۈلگەنلىكىنى سۆزلىمەكچى ئەمەسمەن. بۇ ھەرگىزمۇ مەن بىر نەرسە دېيەلەيدىغان ئىش ئەمەس. ئاللاھمۇ ئۇنداق سۆزلەرنى قىلدۇرمىسۇن! ئەمما مەن شۇنى چوقۇم ئويلانماي تۇرالمايمەنكى، كىشىلىك ئېھتىرامنىڭ تەرەپتارى بولۇش بىلەن ھەقنىڭ تەرەپتارى بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن نازۇك كۈرەشتە ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھېسسىياتنى قۇربان قىلغىنىدىنمۇ كاتتا قۇربانلىق بولمىسا كېرەك. D2 hnH  
گەرچە ئۇ بۇ ئۇرۇشتا شېھىت بولماي، سەففەين ئۇرۇشىدا، يەنى، بىر تەرەپتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە بىر تەرەپتە مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇرغان ئۇرۇشتا شاھادەتلىك ماقامىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقەت شۇكى، جەمەل ئۇرۇشىدا ھەق ئۈچۈن ئۇنىڭ روھى دۇنياسى شېھىت بولغان بولسا، سەففەين ئۇرۇشىدا ھەق ئۈچۈن جىسمى شېھىت بولغان ئىدى. ئۇ جەمەل ئۇرۇشىدا ھەقنى دەپلا ئۆز ھېسسى تۇيغۇلىرىنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن سەففەين ئۇرۇشىدا زەربە ئۈستىگە زەربە يەپ، قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئىدى. سۇ سورىۋېدى، بىرسى ئۇنىڭغا سۈت ئېلىپ كەلدى. سۈتنى كۆرۈش بىلەنلا ئۆتمۈشنىڭ ئىنتايىن گۈزەل بىر ئەسلىمىسى يادىدىن كېچىپ، خۇشاللىقتىن كۆزلىرى پارلاپ نەملىنىشكە باشلىدى. سۈت ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى شېھىتلىكنى ئىزدەش يولىدا پۇتلىرى تىلىم ـ تىلىم يېرىلغان ئەشۇ شاھادەت ماقامىغا يېتىشىگە ئالامەت ئىدى. zg 
ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا... ئىمانىي غەيرەت ۋە شاھادەت ئىشقىنىڭ بېقارار ئىنتىلىشىدە ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاۋازى ياڭرىماقتا ئىدى. i/4Uk"GP  
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا، "سېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىچىدىغان نەرسەڭ سۈت بولىدۇ" دەپ خەۋەر قىلغان» *A"(>@+ufb  
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەلبىدە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا بولغان ئۈمىد ۋە خەۋپنىڭ بېرىكىشىدىن ھاسىل بولغان تۇسىۋالغۇسىز ئىمانىي دولقۇن كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. ئۇ قىلىچلارنىڭ ئۆتكۈر بېسى خۇددى ماگىنىتقا ئوخشاش بوينىنى ئۆزى تەرەپكە چاقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ئاللاھنىڭ رەھمەت، ئىنايەتلىرى ئۇنىڭغا ئۆز قۇچىقىنى ئاچماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىر تال مويىدىن تارتىپ، ھەر بىر تامچە قېنىغا قەدەر پەرزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چاقىرىقىنى ياڭرىتىپ، «ھاياتلىق كىتابىڭنىڭ ئاخىرقى بېتىگە مەيلى نېمىنى يازماقچى بولساڭ، ئۆز قېنىڭ بىلەن يېزىۋال! ئى ئۆمۈر بويى ئاللاھنى ئەسلەپ ئۆتكۈچى! تېز بول! سېنى ئاللاھ ئۆز بارىگاھىغا ئالاھىدە چاقىرماقتا!» دەپ توۋلىماقتا ئىدى. r,?YGEu:V  
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، جىھاد ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ يالقۇنلۇق مەيدانىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئىنتايىن گۈزەل بىر زەربە يېيىش بىلەن، يەنى، شاھادەتنىڭ مەھلىيالىق خۇشخەۋىرىنى ئېلىپ كېلىدىغان، ئاندىن ئىنساننىڭ بىر تامچە قېنى يەرگە تېمىش بىلەنلا جەننەت ئۆز پۇتى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان، ئۇنىڭدىن چاچىرىغان ھەر بىر تامچە قان ئاللاھقا شۇنچە سۆيۈملۈك ھېسابلىنىدىغان ئەشۇنداق گۈزەل بىر زەربە يېيىش بىلەن تەڭلا شاھادەت ماقامىنى ھاسىل قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا ئىمانىي خەۋپتىن ئەنسىرەپ، ھۆڭرەپ ياش بىلەن يۇيۇلغان ئەشۇ ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مانا ئەمدىلىكتە ئۆز قانلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ ئاللاھنىڭ ئالدىدا يەردە ياتاتتى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچ بىر خەۋپ خەۋپ ئەمەس ئىدى، ھېچ بىر غەم غەم ئەمەس ئىدى. كۆز ياشلىرىدىن ئىبارەت قىممەتلىك سوۋغىنى سۇنۇپ بولغان زات مانا بۈگۈن ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قان تامچىلىرىنى سوۋغا قىلماقتا ئىدى. ھەق ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئىككى سۆيۈملۈك تامچىنى تەڭلا ئاللاھقا سۇنالىغان ئۇ نېمىدېگەن بەختلىك، نېمىدېگەن سۆيۈملۈك زات ھە! H;axU7ZPG  
ئۇنىڭ ئاللاھقا نەقەدەر يېقىملىق بەندە ئىكەنلىكىنى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەڭ كاتتا لەشكەر قۇماندانى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلەردىن تېخىمۇ ياخشى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ سۆز ئەينى چاغدا نامالۇم ئىككى كىشى «ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەن ئۆلتۈردۈم، مەن ئۆلتۈردۈم» دېيىشكىنىچە بىر ـ بىرى بىلەن تالاش ـ تارتىش قىلىشىپ، ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا كەلگەن پەيتتە ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئەسلىدە «ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سېپىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنچە كاتتا ھىمايىچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ چوقۇم بىزدىن خوش بولۇپ كېتىدۇ» دەپ خاتا ئويلاشقان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىردىنلا قاپاقلىرى تۇرۇلۇپ، ئۇلارغا بولغان نەپرەت ۋە يىرگىنىشتىن پۈتۈن چىرايى سارغىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، خۇددى باشلىرىدا چاقماق چاققەندەكلا ھالغا كېلىپ قالدى. شۇ چاغدا ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، ھەسرەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئىككىسى دوزاخنى تالىشىپ تالاش ـ تارتىش قىلىشىۋاتىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەم، كاشكى مەن بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام بولمامتى؟» دەپ پەريات چەككەن ئىدى. )04/'+  
بۇ نېمىدېگەن نۇرلۇق قىممەتلىك سۆز ھە! بۇ سۆز بىر تەرەپتە ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى يورۇتۇپ بېرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەممار رەزىيەلاھۇ ئەنھۇنىڭ شېھىت قىلىنىشى ھەققىدە بېشارەتلىك توختىلىپ ئاسىي بىر گۇرۇھتىن خەۋەر بەرگەن ئەشۇ يېشىلمەس تارىخىي چىگىشنىڭ ھەل قىلىنىشى تەرەپكە ئىشارە قىلىپ بەرمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلغا ئالغان ئۇ ئاسىي گۇرۇھ ھەزرىتى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ گۇرۇھىمىدى؟ ياكى ئىككى ئادىمى ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى شېھىت قىلغانلىق تۆھپىسىنى تالىشىپ بىر ـ بىرى بىلەن جېدەللەشكەن ئەشۇ مەخپىي سىرلىق گۇرۇھمىدى؟ ئېنىقكى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئۇنھۇ گۇرۇھنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىغا ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ۋەكىللىك قىلماقتا، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىن بېشارەت بەرگەن ھېلىقى نامەلۇم ئاسىي گۇرۇھنىڭ قانخور ئىددىيىسىگە بولسا، ئەشۇ ئەجنەبى ئىككى كىشىنىڭ سۆزلىرى ئەينەك بولماقتا. _~q1nl(>\  
5` o XP4z  
************** "[:mh o  
بىزمۇ ھامان ئاللاھ بىلەن مۇلاقەتتە بولماي قالمايمىز. لېكىن قاچان ۋە قەيەردە بولۇمىز؟ بۇنى پەقەتلا ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. بىزگە ئوخشاش خەستە بەندە بىلەن ئۇنى ياراتقۇچى بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئۇچرىشىدىغان كۈنىگە، مەخلۇقلار ئۆز ياراتقۇچىسىنى كۆز ئالدىدا كۆرىدىغان ئەشۇ ئۇلۇغ كۈنگە تېخىچە ھازىرلىق قىلىشنى تۈززۈك ئويلاشقىنىمىزمۇ يوق. KB:cZ ` q  
قېنى بىز ئەنە شۇ زاتلارنىڭ ئەشۇ كاتتا جىلۋاگاھقا قاندالارچەق شانلىق ھالدا كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كىپەنلىرىدە ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ھەر ئىككىلى تامچىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەمما بىزنىڭ كىپەنلىرىمىزدە بولسا، جىسمىمىزنىڭمۇ ۋە ئىمان، ئەمەللىمىزنىڭمۇ ئۆلۈك جەسەتلىرى ياتقانلىقىنى ئويلاپ باقمايلىمۇ؟! SRMi_GC  
بىزمۇ بۇ كاتتا ئۇچرىشىنى ئويلىساق، بىزنىمۇ بۇ ئوي تەشۋىشكە سالالىسا، بىزمۇ خۇددى ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش شۇنىڭ ئەندىشىسىدە جېنى چىققاندەك ئازابقا چۆمۈپ كېتىدىغان، مەجبۇر ئېغىزىدىن چىقىرىلغان بىر قانچە ئېغىز سۆز ئۈچۈن گويا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى پۈتۈنلەي تۇگەشكەندەك نالە قىلىدىغان ئەشۇنداق ئەندىشىلەرنى ھېس قىلالىساق ئىدۇق كاشكى! ھالبۇكى ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەلبى ئىمانىدا قەتئىي مۇستەھكەم ئىدى. ئەمما بىزنىڭ قەلبىمىزچۇ؟ بىزنىڭ قەلبىمىز شۇ ھالدا ئىكەنكى، تىل ھەم دىللىرىمىز تەڭلا «ئاھ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ» دېگەن سوئالغا چىرمىلىپ ياتماقتا. ZQ4uws 2  
nJ3 PhpdM0  
كامىلجان تەرجىمىسى
GoA- gsBE(  
باشقۇرغۇچى خۇشخۇي تېمىنى تەستىقلىدى .
نەپسىنى  باشقۇرۇش ئادەم خىسلىتى
ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۆزىنىڭ قىممىتى
ياخشىلىق  قىلىش  ئادەم  خىسلىتى
ئۆزگىنى بۈل ئۆزەڭنى قوغدا  شەخسىيەتچىلىك پەسكەشلىك .
مۇھەببەتلىك ياشا  مۇھەببەتنى قوغدا .
ھالال يە -ھالال ياشا ،ئۆزەڭنىڭ قەدرىنى قىل
648734803
| ۋاقتى : 2008-08-26 14:26 [باش يازما]
ئوقيا
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 5509
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە250دانە
شۆھرەت: 247 كىشىلىك
پۇل : 2372 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 258 نۇمۇر
قوللاش: 253 نومۇر
ئالقىش: 265 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-29
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت دوستۇم، ھارمىغايسىز!
Gulyar tori
مۇنبەر باش سۈرىتىمدىكى بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئىمران بولۇپ 2003-يىلى 10-ئايدا 14 ئايلىق ۋاقتىدا يەكەندە يوقاپ كەتكەن. ئىز- دېرىكىنى بىلگۈچىلەرنىڭ يەكەن كىنو شىركىتىدىكى توختى مەمەتكە خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. رەھمەت!
تىلىفۇن: 13899161887 8530887-0998
| ۋاقتى : 2008-08-26 17:20 1 -قەۋەت
ئوغۇز-ئوغلى
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 13755
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 136
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
شۆھرەت: 134 كىشىلىك
پۇل : 1010 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 176 نۇمۇر
قوللاش: 149 نومۇر
ئالقىش: 213 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :511(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

    ناھايىتى ئەھمىيەتىلىك ماقالىنى  تەرجىمە قىلىپ يۇللاپسلە.......رەخمەت..! j'Z UXM  
ھەممەيلەن ياخشى ئويلۇنۇشقا تىگشلىك تىمىكەن........
salkin
باشقىلارنى ئىگز دەپ بىلىشىڭ،ئەمەلىيەتتە ئوزۇڭنىڭ ئولتۇرۋالغىنىڭدا،شۇڭا ھەر ۋاقىت دەس مەزمۇت تۇر...!~!
تۇنۇگۇنكى ئازاپنى ئۇنتۇش ئۇچۇن،ئەتىكى بەخىتكە ئىنتىلىش زورۇر!
ئاللا ھەممىدىن ئۇلۇغ!!!
In the election of a wife,as in project of war,to err but once is to be undone for ever。
| ۋاقتى : 2008-08-26 17:54 2 -قەۋەت
پەخىركام
مەن كىم ؟
ئالاھىدە تۆھپە ئالىي ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 151
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 4249
ئۇنۋان:18 دەرىجە ھازىرغىچە4249دانە
شۆھرەت: 6227 كىشىلىك
پۇل : 360786 سوم
تۆھپە: 360 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5081 نۇمۇر
قوللاش: 5582 نومۇر
ئالقىش: 5922 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
توردىكى ۋاقتى :1204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-29
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

اللە رەھمەت قىلسۇن ... داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭلا ...
salkin
ئادەمنىڭ نەپسى ئىمىۋاتقان بوۋاققا ئوخشايدۇ ... ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىسا يىغلاپ قاخشىغىنى بىلەن ئىمەلمەيدۇ
| ۋاقتى : 2008-08-28 16:00 3 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر


سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

Time now is:08-30 15:45, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation