خوش خەۋەر : "سەلكىن " ماركىسى بۈگۈن دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمى تىزىملىنىپ ، قانۇنلۇق ئىشلىتىلىدىغان ماركىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ، "سەلكىن " ،
"salkin" , "彩丽肯" دۆلەتنىڭ ماركا قانۇنى بويىچە قوغدىلىنىدۇ . سەلكىن شىركىتى ۋە تور بېكىتى " سەلكىن " ماركىسىنى شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۈچۈن تىرىشىدۇ .
بۇ قېتىمقى « سەلكىن » ماركىسىنى لايىھىلەش پائالىيىتىگە ئەسەر قاتناشتۇرغان ئادەم 87 كىشى ، ئەۋەتىلگەن ئەسەر 293 دانە بولۇپ، بىز تاپشۇرۇۋالغان ماركا لايىھىلىرى ئىچىدىن تۆۋەندىكى ماركىنى تاللاپ بىكىتتۇق .
ماركا ئاساسى لايىھىسى تۆۋەندىكىچە :
تۆۋەندىكىسى ماركىنىڭ VI لايىھىسى :
يوقارقى ماركا لايىھىسى تور بېكىتىمىز ۋە شىركىتىمزى تەرىپىدىن رەسمى قۇبۇل قىلىندى .
ماركا لايىھىلىگۈچى : تاھىر نۇرمەمەت
خىزمەت ئورنى : شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
كەسپى : كارتۇن لايىھىلەش .
تور بېكىتى : www.izbasar.biz
"سەلكىن " ماركىسىنى لايىھىلەش پائالىيىتىنىڭ ۋەدىسى بويىچە مەزكۇر ماركا لايىھىلىگۈچىگە 1000 يۈەن مۇكاپات بېرىلدى .
بۇ قېتىمقى ماركا لايىھىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان باشقا ئەسەرلەر ئايرىم تىما شەكلىدە ئېلان قىلىنىدۇ .
ئاخىرىدا پائالىىيىتىمىزگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ، قىزغىن ئاۋاز قوشقان بارلىق لايىھىلىگۈچى ۋە لايىھىلەش ھەۋەسكارلىرىغا تور بېكىتىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .
سەلكىن شىركىتى - سەلكىن تورى
2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى