سەن چىدىماسلىق بىلەن كەتتىڭ
/e/&Cga C}zb&KZ تۇيۇقسىز بوران چىقىپ ئەتراپنى توپا چاڭ باستى ، كوچىدا پەقەت مەنلا كېتىۋاتىمەن ، نەگە بېرىشىم نىمە قىلىشىمنى بىل
مەي كۆڭۈلسىز چۈشكۈن غەلىتە بىر ھالدا ئاستا كېتىۋاتىمەن . خىيالىمدا بىرلا سەن . بۈگۈن سەن كەتكەن ، سەن ئىلاجىسىز پەرىشان ئۈمۈدسىز كەيپىياتتا كەتكەن . مېنىڭ ۋارقىرىشىمنى ، قايتىپ كېلىڭ دېيىشىمنى كۈتكەندەك ئارقاڭغا يېنىش يېنىشلاپ قارىغان ،مەندىمۇ ئاستا مەندىنمۇ كۆڭۈلسىز ، مەندىنمۇ ۋەيرانە بىر ھالەتتە كەتكەن ئىدىڭ.
f g5 W
jUtJM$ كېتىشنى ئۆزۈڭ قارار قىلغان ، ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ئايرىلىشنى زارىقىپ كۈتىۋاتقان بولساڭمۇ ، پەقەت ئىنسانلارغا خاس بولغان تۇغما چىدىماسلىق بىلەن نىمىلەرگىدۇر تارتىشقان ، نىمىلەردىندۇر ئۈمۈدىڭنى ئۈزەلمىگەن ھالدا كەتكەن ئىدىڭ.
[$0e.3gb >NJcvn3'' سەن كەتتىڭ ، پەقەتلا كەتكۈڭ كەلمەيۋاتقانلىقىغا بۇ شەھەرنى قانچىلىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭغا زادىلا قىيالمايۋاتقانلىقىڭغا قارىماي يەنىلا كەتتىڭ ، كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ،سېنىڭ كەتكىنىڭ بەك ياخشى بولدى ، مەن گويا ئۇستۈمنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر يۈكنى ئېلىپ تاشلىغاندەك ئىنتايىن يېنىكلەپ قالدىم . كۆڭلۈم ئىپادىلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىىققا تولدى .
a
;!S` Bq {;Nk| (2 بۇنداق دېسەم سېنىڭ مەندىن : سېنىڭ بۇرۇندىن نىيىتىڭ ئالا ئىدى ، ئەمدى مەقسىتىڭگە يەتتىڭ دەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن . مېنىڭ نىيىتىم ھېچقاچان ئالا بولۇپ باقمىغان ،،مەن ساڭا ئىزچىل سادىق بولۇپ كەلدىم . مېنى ھەرقانچە رەنجىتسەڭمۇ ، بۇ بىرقانچە يىللىق ھايات مۇساپىسى جەريانىدا مېنى پۈتمەس تۈگىمەس پۇشايمانغا ، زادىلا قۇرىمايدىغان كۆز يېشىغا بەند قىلىۋەتكەن بولساڭمۇ، سەندىن باشقا ھېچكىمنى خىيالىمغا كەلتۈرمەي ياشىغان ،ھاياتىمنى ، گۈزەللىكىمنى ،غايە ئىستەكلىرىمىى، ئارزۇ –ئارمانلىرىمنى، بىر ساڭىلا مەنسۈپ ،مەڭگۈ مەنسۈپ دەپ كەلگەنىدىم .لېكىن بۈگۈن ھېچ ئىككىلەنمەيلا سەندىن كەچتىم ، ساڭا ئازراقمۇ ئىچ ئاغرىتمىدىم ، تارتىشمىدىم .خوشلىشىىش پەيتىدە مەن گويا دىۋەڭلەردەك ھېچ ئىپادىسىز ھالدا ساڭا قاراپ ئۈندىمەي تۇرىۋەردىم .
|RS ic|HO| k!q&\g< ياق ، ئەمەلىيەتتە مەن ساڭا ھەممىنى دەپ بولغان ، سۆزلەپ-سۆزلەپ ھارغان ، كۆز ياشلىرىممۇ قۇرۇپ تۈگىگەن ،قەلبىمدە ساڭا تە ئەللۇق ھېچ نەرسە قالمىغان ئىدى .ھەتتا ساڭا خوش دېگۈممۇ كەلمىدى. مەن قاتتىق چارچىغان ئىدىم . ئاخىرىدا ساڭا قارىغۇممۇ ،گەپ قىلغۇممۇ كەلمەس بولۇپ قالغان ،مۇھەببەت ئۆلگەن ، نەپرەتمۇ ئۆلگەن ، سەن قەلبىمدە پۈتۈنلەي ئۆلگەن ئىدىڭ.شۇڭا سېنى كىشىنى بىزار قىلىدىغان مەنىسىز قاراشلىرىم بىلەن ئۇزىتىپ قويدۇم .
Dja/P) hxNKvT مەن كۈلۈپ باقتىم ، بۇ دۇنيادا پەقەت ساڭىلا كۈلۈپ باقتىم ،سەن ھەرقېتىم ئۇرۇشقاندا ئايرىلىپ كېتەيلى دەيتتىڭ ، مەن ھەرقېتىم سېنى بۇ قېتىم چوقۇم ئايرىلىدۇ دەپ ئويلايتتىم . شۇڭا بۇ مۇھەببەتتىن ئاللىقاچان رايىم قايتقان ئىدى. ئەمدى ئىختىيارسىز كۈلىۋەتتىم . ئايرىلىش ئازابى سېنى چىدىماس قىلىپ قويۇپتۇ.ھاياتىمدىكى ئەڭ زور خاتالىقىم سەن بىلەن تونۇشۇش بولغان، ئىككىنجى زور خاتالىقىم بۇ ئالەمگە گويا سەن ئۈچۈنلا تۆرەلگەندەك، خاتا قىلىۋاتقىنىمنى ، بەكمۇ خاتا قىلىۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، سەن ئۈچۈن -–سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن ، خۇشاللىقىڭ ئۈچۈن ، ئالتۇن ۋاقتىمنى ئاتىۋېتىش بولغان . مەن نىمىشقا ساڭىلا تەئەللۇقتەك ، سەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك ، سەن ئۈچۈنلا ياشىشىم كېرەكتەكلا، ئەڭ گۈزەل يارقىن ياشلىقىم پەسىللىرىنى ساڭا پەقەت ساڭىلا ئاتىۋەتكەندۇرمەن .بۇ مۇھەببەت بۇ سۆيگۈ ئاشۇنداق غايەت زور قۇربانلارغا ئەرزىمدۇ؟!
WM!!^WeQ 8uW(Z* hbOReIF B سەن ئىلگىرى ماڭا <بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات سەپىرىمىزدە ھەممە
ئىش سەن دېگەندەك ،سەن ئارزۇ قىلغاندەك بولىدۇ. مەن سەن ئۈچۈن ھەممىگە رازى دېگەن ئىدىڭ>ھالبۇكى سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ. ئاشۇ ئازغىنە ياخشى كۆرۈش بىلەن ، **نى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋېلىشقا پۈتۈنلەي ھەققىم بار ، ئۇ مەن ئۈچۈنلا ياشىشى ، مەندىن باشقىنى ئويلىماسلىقى كېرەك دېگەن شەخسىيەتچى ئىدىيەڭ بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ. ئېيتقىنا نىمىشقا ئۇنتۇپ كەتتىڭ؟ ئوغۇل بالا بولغانلىقىڭ ئۈچۈنمۇ؟ ۋاپاسىز بولغانلىىڭ ئۈچۈنمۇ؟ ھاياتلىق مۇساپىسىدە ھەممىنى تاشلاپ تەنھا كېتىۋاتقىنىڭدا ، سەن ئۇنتۇپ كەتكەن ئەشۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس كۆلەڭگىلىرى يۈرەك باغرىڭنى چىمداپ ئۆتكەندەك بولمىدىمۇ؟!
^#8 Tl@ 3DqXHvH s0GC^,[ ئەجەبا ئەقىلنى لال قىلغۇدەك چىرايلىق ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى ، بىزنىڭ بىرھانچە يىللىق كۆڭۈلسىز مۇھەببىتىمىزنى يەر ئاستىغا مەڭگۈلۈك دەپنە قىلىۋەتتىمۇ؟!
7i73MC x re%h-{_ v0V+@ssw: ** مانا ئەمدى سەن كەتتىڭ. مەن ساڭا بىر ئەسلىمە قالدۇرۇش تۈگۈل ، خوشمۇ دېمىدىم .ئەمدى ئويلىسام بەكمۇ يۈزسىزلىك قىپتىمەن .سەن بىلەن ئۆتكەن زېرىكەرلىك، جانغا تېگىدىغان كۈنلەر مېنى تولىمۇ رەھىمسىز يۈزسىز قىلىپ قويۇپتۇ . ** سەن بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشىۋالغۇم ،سۈرەتكە چۈشۈپ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ خاتىرىسىنى بىرگە ئولتۇرۇپ ۋاراقلىغۇم ، خاپىلىققا دەرت پىراققا تولغان كۈنلىرىمىزنى گېپىڭ بويىچە قايتا باشلىشىم تامامەن مۇمكىن ئىدى . لېكىن بۇنداق ياشاشتىن ئايرىلىپ كرتىشنى ئەۋزەل كۆردۈم .
O!nI|Bk O6Bn W3n} سەن مېنىڭ يىغىدىن
قىزارغان كۆزلىرىمنى، سۇلغۇن پۇشايماندىن ئۆرتەنگەن چىرايىمنى تولا كۆرۈپ زېرىكتىڭ ، مەن بولسام سەن تېپىپ بەرگەن بىر تالاي ئاۋارىچىلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم . ھەر ئىككىلىمىزگە ئايرىلىپ كېتىشتىن بۆلەك يول قالمىغان ئىدى .ئاخىرى ئايرىلىپ كېتىش قارارىغا كەلدۇق .بىراق بۇ نەقەدەر دەھشەتلىك ئايرىلىش ھە؟ بۇ ئايرىلىش مېنى بۇ ئالەمدىكى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى .............
-Q'`J]H مېنى ھەممىدىن ئايرىپ يالغۇزلا تاشلاپ قويدى..............
]@0f^ W#.b$ngK 'E^!Wi مەن يىغلىغاندا سەن ماڭا <بولدى رەنجىمە ، مېنى ئۇرىۋال ، تىللىۋال .لېكىن يىغلىما بولامدۇ، سەن يىغلىساڭ مەن چىداپ تۇرالمايدىكەنمەن >دەيتتىڭ، ئەمما مەن شۇنچىلىپ بوغۇلۇپ ، شۇنچىلىك ھەسرەتلىنىپ يىغلاپ كېتەتتىمكىن ، ھەرقانچە ئالدىساڭمۇ كۆز يېشىم قۇرمىغان . توۋا دەيمەن ؟ ئۇچاغدا قۇرماس بۇلاقنىڭ سۈيىدەك ئېتىلىپ چىققان كۆز ياشلىرىم نەدىن كەلگەن بولغىيتتى؟!
#9{`[rPv R%Qm;=&$ U=|;>P; مۇناسىۋىتىمىزگە ئاللىقاچان دەز كەتكەن ، ئارىمىزدا ئادەمنى جاق تويغۇزىۋىتىدىغان جەڭگە جېدەللەرنىڭ بولغىنىغا قارىماي شۇنچە كۈنلەرنى چىداپ ئۆتكۈزىۋەتتۇق ، ئەمدى ئويلىسام بارلىق قورساق كۆپۈكلىرىمىز، بارلىق غۇملىرىمىز يىغىلىپ كېيىنكى كۈنلەردە قاتتىق ئاداۋەتكە ، ئادەم ئىشەنگىلى بولمايدىغان قاتتىق ئاداۋەتكە ، نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئىكەن .گەرچە بىر-بىرىمىزنى .ئاياپ بۇنى بەك ئاشكارە ئىپادىلىۋەتمىگەن بولساقمۇ ، ھەر ئىككىلىمىز سوۋۇپ كەتكەن ،كۆڭلىمىز قالغان ، ھەتتا سەللا يۈز خاتىرە قىلمىساق دۈشمەنلىشىپ قېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدۇق .
{
gd[}Rh,
ofITLwZ/yV
ئاھ! بۇ بىر مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلار ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر روھىي بېسىم ،نەقەدەر ئېغىر ئازاپ ھە؟! e]n~b
"A
K8YrGLA
v2m!n}V7
مەن بۇ تۇيغۇغا كەلگەندىن كېيىن ، قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە ئاختۇرۇپ كۆردۈم . چۈنكى مەيلى ھېسيات ياكى باشقا جەھەتتە بولسۇن ئالدىڭدا گۇناھكار بولۇپ قېلىشنى ، ئەڭ مۇھىمى ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويۇشنى خالىمايتتىم، ئەگەر ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن ئالاھىدە ھېسيات بار دېيىلسە ، ئۇ چوقۇم ساڭا، ساڭىلا تەئەللۇق بولغان (كېيىنچە نەپرەتكە ئاداۋەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ) ھېسيات ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىنىمدە يېنىك تىندىم . بىر قىز بالىغا نىسبەتەن ئۆز ھېسياتىغا خىيانەت قىلىشتىن .ئۆز مۇھەببىتىنى قەدىرلىمەسلىكتىن ئاسرىماسلىقتىن ئېغىر ئىش يوق ،لېكىن مېنىڭ بۇ مۇھەببەتتىن ئېرىشكەنلىرىم بەكمۇ ئاز ، بەكمۇ ئاز بولۇپ قالدى . شۇڭا مۇھەببەتنى قوغداش ئۈچۈن ھېچ نەرسەمنى ئايىمىغان ، بارلىقىمنى سەرىپ قىلغان بولساممۇ ، بارغانسېرى ھالىمدىن كەتتىم ، نىمىشقا بۇ قەدەر ھالىمدىن كەتتىم .چۈنكى سەن ماڭا نىسبەتەن بېسىم ئېغىر يۈك بولۇپ كەلدىڭ. ھېسياتلىرىم، ئارزۇ –ئارمانلىرىم كۆز ياشلىرىم بەدىلىگە ماڭا مۇشۇنداق نەتىجە بەردىڭ . az
G/>C%=[)|
m(jwI
**مېنى كەچۈرگىن . بۇ يول تولىمۇ ئۇزۇن ، تولىمۇ مۈشكۈل تولىمۇ جاپالىق ئىكەن . سەن بىلەن بىللە بېسىپ بولۇشقا ھەقىقەتەن ماجالىم يەتمىدى.ساڭا روھىم جىسمىم مەپتۇن بولۇپ ،مۇھەببەت سەۋداسى بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا بۇ يولنىڭ، بۇنچىلىك مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكىنى راستىنلا ئويلاپ كۆرمىگەن ئىكەنمەن . Nx*H3F|SS
BZv4y|
}Q}C#q%,X
مەندە ھازىر ماغدۇر قالمىدى. ماغدۇر قالمىدى ئەمەس سەن ئۈچۈن ھېچ نەرسىنى قۇربان قىلغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى .بۇ پاجىئەلەرنىڭ جاۋابكارى زادى كىم ؟ سەنمۇ ؟ياق !سەنمۇ ئەمەس ، مەنمۇ ئەمەس . xkVT6T
}L%x1u
w+
H6@E98ri7
ئۆتكەن ئىشلار ،ھەممە ئىش يىراقتا بەكمۇ يىراقتا قالغان ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ، قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىز دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى . كۆڭلۈمنى غەلىتە ئېغىر چۈشىنىكسىز بىر خىيال ئەسىر قىلىۋالدى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا بىر خىل سۇنۇقلۇق ، زەيىپلىك، ئاللىقانداق بىر ئاغرىقلار ، كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ ۋۇجۇدۇمدا يېڭىلمەس بىر كۈچ ئېيتقۇسىز بىر جاسارەت ئۇرغۇپ تۇراتتى . ct-) +#;U
"y#J-N}08*
شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نىمىدۇر بىر نەرسە توغرىلۇق قەتئىي قارارغا كەلگەنلىكىمنى ھېس قىلدەم .ئەمما ھەرقانچە ئويلاپمۇ دەمەللىققا نىمە توغرىسىدا قارارغا كەلگەنلىكىمنى بىلەلمىدىم . سېنىڭ بۇھەببىتىڭ ساپ ھەقىقىي ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەت ئىكەن ، مېنىڭ بولسا قول بىلەن تۇتقىلى ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ،كىشىگە ھېچقانچە ئەمەلىي خۇشاللىق بېغىشلىمايدىغان غايىۋىي بۇھەببەت ئىكەن ، يەنە كېلىپ مېنىڭ خىيال پەرەسلىكىم تۈپەيلى ، سەن ئۆزەڭنى ئويۇن تاماشاغا زورلىغانسېرى مەن ئۆزەمنىڭ ئاجزى غەلۋىخور يىغلاڭغۇ ئىكەنلىمنى ئاشكارلىدىم. سەن مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن قانداقتۇر بىرخىل پۈتمەس تۈگىمەس ھەسرەت نادامەتنى سەزگىنىڭدە قانداق ئۈمۈدسىزلىنىپسەن . بۇ دۇنيادا پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرۈپ باققىنىمنى، سېنىلا ياخشى كۆرىدىغانىمنى ، بۇ مۇھەببەتنىڭ قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بىر-بىرلەپ ئورنىشىپ كەتكەنلىكىنى بارا بارا چۈشىنىپ يەتكەن بولساڭمۇ ، بۇ خىل مۇھەببەت سېنى قانائەتلەندۈرەلمەپتۇ . مېنى ئۈمۈدسىزلىك چۈشكىنلىكتىن قۇتۇلدۇرالماي ، ئاخىرى ۋاز كېچىش قارارىغا كەلگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم . بۈگۈن تەنھالىقتا يۈرىكىمدىنى جىمى نەرسىنى ، ئازابنى ، غېرىپلىقنى ، چىداپ بولمايدىغان مىسكىنلىك بىلەن ، ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس نالىسىنى تىڭشاپ ئولتۇرماقتىمەن . `#hB
.:1J
YF)1N1*
%iLEd5'[
ھەممىدىن ئايرىلىپ بىر دۆۋە قالايمىقانچىلىقلار ، ۋەيرانە تۇيغۇلار ئارىسىغا كۆمۈلۈپ ئولتۇرغىنىمدا ، سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىمنىڭ تامامەن بىر نازۇك خىيالىي تۇيغۇ ، ئالدامچىلىق ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتمەكتىمەن ، ئەشۇ رەھىمسىز يىللار ماڭا تالاي دىشۋارچىلىقلارنى، تالاي بەخىتسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، يۈرىكىمدىكى تەلپۈنۈشنى، يۈكسەك ئارمانلىرىمنى ، يوق قىلىۋېتىشكا قادىر بولالمىغان ، جاسارەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ، ھۇجۇدۇمدىكى غورورنى شىجا ئەتنى زىيان زەخمەتكە ئۇچرىتالمىغان ئىدى . ئەكىسىچە مېنىڭ تۇرمۇشۇمىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشىنىمشىمگە ، ھاياتنى سۆيىشىمگە ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئالغا بېسىشىمغا يول ئېچىپ بەرگەب ئىدى . مېنىڭ يەنە نىمەم كەم ؟ نىمىشقا زورمۇ زور ئەسلىمە پاتقىقىغا پاتىمەن ؟ *s
q4t.,-
1|NSN~W
\xkv]$_-
شۇنداق ** سەن كەتتىڭ . مەڭگۈگە كەتتىڭ ، مەن قالدىم . ئارىمىزدىكى مۇساپە كۈنسېرى ئۇزىراپ زادىلا يەتكىلى بولمايدىغان ئۇزاق مۈشكۈل بىر مەنزىلگە ئايلانغان ئىدى ، ھەممە نەرسە پۈتۈنلەي تۇگىدىمۇ ، ياى تۇگىمىدى ، راستىنلا تۈگىمىدى ، مەن ئىشىنىمەن ، بىزنى يىراقلاشتۇرىۋەتكەن بۇ قەدەملەر ماڭا داۋاملىق بەخىت ئاتا قىلىدۇ . ao{9|om*|h
1]u;~GU
]J 2#4$
شۇ چاغدا ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇلارغا قايغۇرۇشمۇ ، يوقاتقان پۇرسەتلەرگە ئېچىنىشمۇ ، مەغلۇبىيەت ئېلىپ كەلگەن ھەسرەتلەرمۇ پۈتۈنلەي تۈگيدۇ . مەن ھاياتىمدا يوقاتقان بارلىق نەرسىلەرگە قايتىدىن ئېرىشىمەن ، كۆڭلۈمدە ھېچقانداق سۇنۇقلۇق بوشلۇق قالمايدۇ. T=$-(KA
a~"U(L$
مەنبە : خاتىرەمدىن
[ بۇ يازما قىساسكـار تەرپىدىن 2008-07-27 17:11 دە قا ]