مۇسابىقە ئاخىرلاشتى ، تورداشلارنىڭ ، ماركا لايىھىلەش ئۇستىلىرىنىڭ پائالىيىتىمىزگە قىزغىن ئاۋاز قوشقىنىغا كۆپ رەھمەت.
جەمئىي مۇسابىقىگە ئەسەر قاتناشتۇرغان ئادەم 87 كىشى ، ئەۋەتىلگەن ئەسەر 293 دانە ، ئاخىرقى تاللىنىدىغان ماركا لايىھىسى جىددى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ ، ئەسلى پىلان بويىچە 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاخىرقى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ .
+=======================================
سەلكىن تور بېكىتى ۋە شىنجاڭ سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم تەرەققىيات نىشانىنى كۆزدە تۇتۇپ ، « سەلكىن » ماركىسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ۋە كۆركەم لايىھىلەشكە جەمىيەتتىن ئاشكارە ئەسەر قۇبۇل قىلىدۇ .
ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن : سەلكىن تور بېكىتى ، شىنجاڭ سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
قۇبۇل قىلىنىدىغان ئەسەر سانى : بىر دانە
مۇكاپات سوممىسى : 1000 يۈەن ( مىڭ يۈەن ) خەلق پۇلى .
ۋاقتى : 2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى باشلىنىپ ، 2008 - يىلى 8- ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ ، 2008- يىلى 8- ئاينىڭ 20 - كۈنى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ .
پائالىيەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرى تۆۋەندىكىچە :
1- ماركا زامانىۋىلىق بىلەن مىللى ئۇسلۇبنى بىرلەشتۈرۈپ لايىھىلىنىشى ، قۇرۇلمىسى ئاددى ، ئوبرازلىق ، رەڭلىرى ماسلاشقان بولۇشى كىرەك .
2- ماركا شەكلىدىن ماركا مەزمۇنى ۋە مەنىسىنى ئاسان بىلەلەيدىغان ياكى خاسلىق ئىپادىلىنىشى كىرەك . ( ئىزاھات : « سەلكىن » دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى - يەڭگىل شامال ،غۇر- غۇر شامال، مەيىن شامال بولۇپ، يەنە « يېقىملىق » ، « كۆڭۈلدىكىدەك » دىگەندەك مەنىلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ ، بەزىدە « سەلكىن شامال » - « مەيىن شامال » بىلەن ئوخشاش ئىشلىتىلىدۇ ، خۇلاسىلىگەندە - يېقىشلىق ، كۆڭۈلدىكىدەك شامال دىگەن مەنىدە بولۇپ، بىز مۇشۇ مەنىسىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىمىز . كۆچمە مەنىدە بولسا كىشىلەرگە يېقىشىنى ، كۆڭۈل ئارامچىلىق بېرىشىنى كۆزدە تۇتىمىز. )
3- ئىمكان بار ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتا يېزىلىشى بولغان « سەلكىن » مەلۇم شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ ، لاتىنچە يېزىلىشى «salkin» نى ئاساس ، خەنزۇچە يېزىلىشى « 彩丽肯 » قۇشۇمچە قىلىپ ، شەكىلگە بىرلەشتۈرۈپ لايىھىلىنىدۇ . ( لاتىنچە يېزىلىشىنى ئاساس قىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ لايىھىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئۆزىڭىزنىڭ لايىچە تەپەككۇرىڭىزنىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ . )
4- ماركا لايىھىسى ھەرخىل ئورۇنلاردا ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغان قىلىپ ئىشلىنىشى كىرەك ، مەسىلەن - تور بەت يۈزىدە ، تور بىكەت تۇغىدا ، شىركەت ۋىۋىسكىسىدا ، مەھسۇلاتتا ، ئىزنەك ، تام بىزەكلىرىدە ، ئىسىم كارتىسىدا . . . . چاسا ، يۇمۇلاق ياكى ئىللىپىسسىمان ئورۇنلاردا ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسى بولۇشى كىرەك .
5- تاللاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر يوقارقى ئۆلچەم بويىچە لايىھىلەنگەندىن كىيىن ، بارلىق نۇسقىسىنى JPG شەكلىدە 800*600 ياكى ئۇنىڭدىن يوقۇرى چوڭلۇقتا ساقلاپ ، ماركا ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى تەپسىلى يېزىپ ، mayinxamal@163.com غا يوللاپ بېرىشى كىرەك .
6- تاپشۇرغان ماركا چوقۇم ئىجادىي ئەسەر بولۇشى ، ماركا شەكلى دەۋاسى تۇغدۇرماسلىقى كىرەك . ( بايقىلىپ قالسا لايىھىلىگۈچى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىرگە ، بارلىق چىقىمنى تۆلەيدۇ . مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئەسەر تاللاش باسقۇچىدا لايىھىلىگۈچى بىلەن تەپسىلى سۆزلىشىلىدۇ . )
7- مەلۇم كىشىنىڭ ئەسىرى بارلىق تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، تور بېكىتىمىز تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنسا، لايىھىلىگۈچى ماركىنىڭ بارلىق شەكلىنى تەلەپ قىلغان ئۇسلۇب ( 格式) بويىچە ئۆلچەملىك تەييارلاپ بىزگە تاپشۇرۇشى كىرەك ، قۇبۇل قىلىنغان ئەسەرنىڭ مۇكاپاتى قۇبۇل قىلىنغان كۈنى نەقلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بېكىتىمىز ۋە شىركىتىمىزگە ئۆتىدۇ، شۇنداقلا لايىھىلىگۈچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ھالدا مەزكۇر ماركا لايىھىلىگۈچى تور بېكىتىمىزدە ئالاھىدە تۇنۇشتۇرۇلىدۇ .
8- قۇبۇل قىلىنمىغان ئەسەرلەر بىردەك سىرتقا ئاشكارىلانمايدۇ ، لايىھىلىگۈچىنىڭ بىخەستەلىكى سەۋەبلىك باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلسە توربېكىتىمىز مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
9- ئەسەر قۇبۇل قىلىش 2008- يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 2008- يىلى 8- ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە بولىدۇ ، 2008- يىلى 8- ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاخىرقى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ .
10- ئەسەر قاتناشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ يۇرتى، يېشى ، مىللىتى ، كەسپى . . . قاتارلىقلارغاچەكلىمە قۇيۇلمايدۇ .
قۇشۇمچە : يوقارقى تەلەپلەردىن باشقا ، لايىھىلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغىنىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ ، ئۆز ئالدىغا لايىھىلەپ باقسىمۇ بولىدۇ ، تېخىمۇ يېڭى ، ئۆزگىچە لايىھىلەرنىڭ چىقىشىنى قارشى ئالىمىز .
ھەرقايسى لايىھىلەش ئۇستىلىرىنىڭ ۋە ھەۋەسكارلىرىنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن : سەلكىن تور بېكىتى
شىنجاڭ سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى