تەنھا ھەقىقەت ۋە كۆپۈك شان-شەرەپ
$= d[{dk'j (دىلبايان)
;)GXcbJ9 ئابدۇقادىر جالالىددىن
9
K #uv]7 k AWU||T پىكرى مۇھىت قويۇق بولمىغان جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئانچە كۆپ بولمىغان پىكىرلىك ئادەملىرىنى يېتىم قالدۇرىدۇ، ئۇلارغا ئازار بېرىدۇ. نام-ئاتىقى بارلىرى نام-ئاتاقتىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلارنىڭ ئىزدەش ئوبېكتى بوپقالىدۇ. ئۇلارنىڭ كەم ئۇچرايدىغان مېھنەتلىك مەنىۋىيىتى تىرىكچىلىك توزانلىرى ئارىسىدا قېلىپ، كۆزگە چېلىقمايدىغان مەۋھۇم نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھاجەتنى راۋا قىلىشنى نىگىز قىلغان كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى ئادەملەرنى سەمىمىيلىكتىن چىن ئىنسانى مۇھەببەتتىن يىراقلاشتۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى بىۋاستە مەنپەئەتكە سۆرەپ ئاپىرىدۇ. ئۆز قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ قىسمىتى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە يالقۇنجاپ تۇرۇپ ئويلىنىدىغان كىشىلەر مازغاپ شان-شەرەپ، يالغان مۇھەببەت، غەرەزلىك مۇناسىۋەت تورى ئىچىدە ھالسىراپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا باشلايدۇ. بۇ ھال كىشىگە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بوۋىمىز ئەلشىر نەۋائىينىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:
'ULDB4!R مېنى مېن ئىستىگەن يار سۆھبىتىگە ئەرجۇمەند ئېتمەس،
s-C,v9jT مېنى ئىستەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆڭلۈم پىسەند ئېتمەس.
eq^ tg مەنىسى: مېنى مەن ئىستىگەن يارنىڭ سۆھبىتىگە سازاۋەر قىلمايدۇ، ئەمما مېنى ئىستىگەنلەرنىڭ قەلبىگە پىسەند قىلغۇم كەل
مەيدۇ.
#iW._IDP3 ئىستەلگەن نەرسىلەر دىلغا تايىن بولىدۇ، ۋىسال
ئىشتىياقى ئۆمۈرلۈك مەنا سەپىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئىستەلگەن يار شائىر ئۆزىلا ھېس قىلالايدىغان سېيما بولۇپ، شائىرنىڭ قەلىمىدىن تۇغۇلغان مىسرالارنى ئاشۇ سېيمانىڭ غايىۋى قۇدرىتىدىن تەپكەن ئىلھامنىڭ كۆلەڭگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، مەنىۋىلىك ياكى ماھىيەت ئىزدىگەن ئادەم ماددىي تەمە غەۋغالىرى ئىچىگە غەرق قىلىنغاندا، ئۇنىڭدا قانداق ھال يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
P>mu{Wx*X تەنھالىق ۋە غېرىپلىق ئىنسانلارنى ھەقىقى سۆيگەن بارلىق كىشىنىڭ ئورتاق تەقدىرى. قايسى پەيغەمبەر، قايسى داھىي، قايسى قەھرىمان، قايسى غۇرۇرلۇق پىكىر ئادىمى غېرىبلىق دەشتىدە ئازابلانمىغان!؟ كۆپ ساندىكى كىشى ئۆزلىرىنىڭ كېچىككەن ئەقلى بىلەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ غەلبىسىدىن كېيىن سۆيگەن. لېكىن چىنلىقنىڭ كەلگۈسىدىكى قۇدرىتىنى بالدۇر سېزەلەيدىغان زەكىيلەر ھامان مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. كەلگۈسىنىڭ جەۋھىرى ئاشۇ دانالارنىڭ تەبىئىتى، پىكرىي تەلقىنلىرىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ھەربىر تارىخىي بۇرۇلۇشنىڭ يىلتىزى بىدئەتكە قارشى ئىسيانكارلىقتا يېتىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى بىدئەت ئالدى بىلەن تەپەككۇر ۋە قىممەت قاراشتىكى، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ بارلىق مۇئەسسەسىدىكى ماھىيەتلىك ماھىيەتلىك بولمىغان سېستىمىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاھ، ئۆزىنىڭ زامانداشلىرى قوبۇل قىلالالمايدىغان ئادەملەرنىڭ تەنھالىقى نەقەدەر قايغۇلۇق! يېڭى ئىدىيىدىكى كىشىلەر كۆپ ھالدا سۈرگۈندىكى پارتىزانغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جاراھىتىنى ئۆزلىرى ئەملەشكە، ئۆزلىرىنىڭ سۇنۇقىنى ئۆزلىرى تېڭىشقا مەجبۇر.
N8"e\RHO بازار دەۋرى كىشىلەرنىڭ نەپسىنى تېزلىك بىلەن ئۇلغايتىۋەتتى. كىشىلەر بېيىش ئۈچۈن قىممەت قاراش ۋە ئەخلاققا ياتىدىغان تەرەپلىرىنى ئويلانمايلا دوغا تىكىۋەتتى. باي ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى بىچارىلىكىنى بارغانسېرى ئاشكارلىدى. بىنالارنى سەنئەت ئەسەرلىرىنى، ساياھەت نۇقتىلىرىنى، كىيىم-كېچەكلەرنى، ھەتتا ئادەملەرنىڭ قىياپىتى، چاچ پوسۇنلىرىنى ئەسلى
مەنبەگە تەقلىد قىلغان كوپىيلەش (نۇسخىلاش) بازار دەۋرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولدى. بازار بىلەن ھۇقۇق ئۆزلىرىنىڭ شېرىكچىلىكىنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ، رەسمىي سورۇنلاردىكى ئىبارىلەرمۇ كوپىيلەنگەن ھالدا ئېيتىلىپ، مېخانىك كوپىيە ھەممە يەردە ئومۇملاشتى.
V3"SF بىر ئادەمنىڭ تەنھالىقى ئەگەر ھەققانىيەتكە ۋەكىللىك قىلالايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسا، بۇنداق تەنھالىقتىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ ھامان سۈزۈك پىكىرلەرنىڭ بۇلىقى بولالايدۇ، ئۇنىڭ ئېقىنلىرى ئۆزىگە خاس ھاياتلىق گىياھلىرىنى سۇغۇرۇپ تۇرالايدۇ.
Ij[ynf مەن باشقىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئادەم. مېنىڭ تەنھالىقىمنىڭ مەنبەسى دەل باشقىلارنىڭ كۈچلۈك غېدىقلىشى ئىچىدە ئۆزىگە ئايلىنىدۇ. جەمئىيەتتىن مۇستەسنا ھالدىكى تەنھالىقنىڭ ئىچى قوپقۇرۇق بولىدۇ.
<` KcY] تەنھالىقىم تازا كۈچەيگەندە، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم مۇڭدىشىمەن. روھىم ھەرخىل ئۆزلۈكنىڭ دىئالوگلىشالايدىغان سەھنىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئۆز ۋۇجۇدۇمدىكى چىنلىقتىن ھۇزۇرلىنىپ كېتىمەن. ۋاپاسىز كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدىن يىراق تۇرغان ئۆزۈمدىن خېلى رازى بوپقالىمەن.
rqDNq" شۇ تاپتا ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈمنىڭ بىر مەيدان پاراڭلاشقۇسى كەلدى. پاراڭلىشىۋاتقان بۇ ئىككى ئۆزلۈكۈمگە A ۋە B دەپ نام بېرەي. بۇ كۈنلەردە كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە بىر نەرسە كۆرسەتكۈم يوق، زاماننىڭ خۇلق-ئەلپازىنى ئوبدان ھەزىم قىلغۇم بار. بوپتۇ، يەنە بىر قېتىم تەۋەككۇل قىلاي.
@H7JOSDt ئىشىكلەرنى دۈملىدىم، تېلىفۇنلارنى ئۈزدۈم، ئۆزۈمنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. قۇلاق سالسام، ئىككى ئۆزلۈكۈم سۆھبەتلىشىۋاتقانىدى:
->%/X
kdAC A: شان-شەرەپكە
قىزىقامسەن؟
0N[0,S[YD B: ياق دېيەلمىسەم كېرەك.
bAo}[ A: سەن ئازراق شان-شەرەپكە ئېرىشكەندەك قىلامسەن؟
9
Kz&~ B: شۇنداق.
tcF+&vW
A: ئۇنىڭدىن بەخت ھېس قىلالىدىڭمۇ؟
GZ+0/bZh B: ياق، بەخت ھېس قىلالمىدىم. ئەكسىچە، ئازاب ھېس قىلدىم.
rD'RB;?TT A: بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
"oE~6O-h B: شان-شەرەپ بەزىدە باشقىلارنىڭ مەدھىيىسىگە ئوخشاپ قالىدىكەن. باشقىلار ساڭا بىر نەرسە بەرسە ئېسىلىۋېلىشى مۇمكىن. ھەركىمنىڭ بەرگىنى ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى ھەقىقەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سېنىڭ ئېرىشكىنىڭ بەرگۈچىنىڭ سۈپىتىگە لايىق نەرسە بولۇپ چىقىدۇ. ئاۋام مەۋھۇم بىر ئوقۇم. ئۇنى ھەر بىر كىشى ئۆز مەقسىتىگە لايىق ئىستېمال قىلىدۇ. ئاۋام بىر سودىگەر ئۈچۈن پايدا ئېتىزى، سىياسىيون ئۈچۈن قارتا. ئاۋامنىڭ مەنىسى ۋە مەۋقەسى ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سېنى مەدھىيلىگەنلەر سېنىڭ ھالسىرىغان ھالىتىڭنى قارغىشى مۇمكىن. ئاۋام ئېقىۋاتقان دەريا. ئۇ سېنى چۆكتۈرىدۇ ھەم لەيلىتىدۇ. ئۇلار شان-شەرەپ بەرگەندە، كۆپىنچىسى كورلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلاردىكى قىزغىنلىق تۈپەيلى سەن ئەسلى سۈپىتىڭنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بوپقالىسەن. ئۆز-ئۆزۈڭگە بولغان ئوبېكتىپ باھادىن يىراقلايسەن. سېنىڭ خەۋىرىڭ يوق ئەھۋال ئاستىدا كىشىلەر سېنىڭ ئوبرازىڭنى قۇرۇپ چىقىۋېرىدۇ. بەلكىم سەن ھەقىقى ئۆزۈڭنى مەۋھۇم ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈرۈپ قويۇشۇڭ مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بىر كۈنى كۆپۈكتەك بەربات بولىسەن.
(CTXnBk>K A: ئۇنداقتا ئۇ خەتەرلىك نېمە ئىكەن-دە.
$=)
& B: شان-شەرەپ پۇل ۋە ھۇقۇققا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى بوپقېلىۋاتقان ھازىرقى كۈندە ئۇنى خەتەرلىك نەرسە دېيىشكە مەجبۇرمىز. ئەگەر ئۇ ئادەمنى ئەقىل - ھوشىدىن، تېگىشلىك غۇرۇرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسە بوپقالسا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شان-شەرەپ كىشىنى مۇئەييەن نوپۇزغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئەمما بەزىلەر ئۇنىڭغا سۈنئى رەۋىشتە ئېرىشىشى مۇمكىن. چولپانلارنىڭ ھاياتىدا شان-شەرەپ ئۈچۈن يۈز بەرگەن رەزىللىك مىساللىرى كۆپ بولىدۇ.
X;[tKAik A: قايسىدۇر بىر دانا: «ئۆزلۈكنى يوقىتىپ دۇنياغا ئېرىشكەننىڭ نېمە پايدىسى بار» دەپتىكەن.
%U{!Io@ B: دۇرۇس ئېيتىلغان. شان-شەرەپ تىرىك بىر ئىنساننىڭ باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىنىدىغان قەبرىسىگە ئايلىنىپ قالسا تولىمۇ پاجىئەلىك بولىدۇ. خەنزۇ شائىرى بېيداۋ مۇنداق دېگەنىكەن:
o!g`|8
پەسكەشلىك پەسكەشلەرنىڭ يولخېتىدۇر، 8{Zj~f2V
ئالىجانابلىق ئالىجانابلارنىڭ ئابىدىسى. atE -Qh
-«جاۋاب»تىن Rv"H{or~
پەسكەشلىك سەلبى ئوقۇم، ھەتتا پەسكەشلەرمۇ بۇ سۈپەتنى ئاشكارا قوبۇل قىلالمايدۇ. ئادەملەر پەسكەشلىكتىن بىزار بولۇپ تۇرۇقلۇق، پەسكەشلەرگە نەپرەتلەنمىسە، پەسكەشلەر جامائەت ئەخلاقىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىمىسا، ئەخلاق ئاجىزلارنىڭ قولىدىكى قورالغا ئايلىنىپ قالسا، پەسكەشلەر ھەر بىر قەدەمدە مەقسىتىگە يېتىپ شەرەپ قۇچۇۋەرسە، ئالىجانابلار ئۈن-تۈنسىز تۈگەيدۇ. ھەتتا ئۇ ئالىجانابلىقنىڭ تۇتسا-تۇتقىلى، كۆرسە-كۆرگىلى بولىدىغان بىرەر تال بەلگىسىگىمۇ ئېرىشەلمەي قالىدۇ. تراگىدىيە شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇ: پەسكەشلەرمۇ ئالىجانابلىق قالپىقىنى كىيىدۇ. كىشىلەرنىڭ قولىدا ھەق-ناھەقنى ئايرىيدىغان دەستۇر بار بولسىمۇ، بۇ دەستۇرنىڭ مەزمۇنلىرى كىشىلەرگە سۇدەك يادا بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ يەنىلا ناھەققە سۈكۈت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق شەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 6a3J"dHC
A: نىزامۇلمۇلك دېگەن پادىشاھ: «گۆش پۇراپ قالسا تۇز سالغۇلۇق. تۇز پۇراپ قالسا نېمە سالغۇلۇق؟» دەپتىكەن. ;G7Lbq#z
B: نۇمۇس تۇيغۇسى ئۆلگەن كىشىلەرگە ھەقىقەتتىن گەپ ئېچىش ئىشەككە مۇراببا بەرگەندەك بىر ئىش. «ئىنجىل»دا «مەرۋايىتىڭلارنى چوشقىلارنىڭ ئالدىغا تۆكمەڭلار» دېگەن گەپ بار. PwF&i5H
A: فارابىينىڭ بىر گېپى ئېسىمگە كىلىۋالدى. بۇنى بىر تور بېتىدە كۆرگەنىدىم، ساڭا دەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ: «توغرىسىنى چۈشىنىدىغان ۋە چۈشەنگىنىنى ئىجرا قىلىدىغان ئادەم ھۆردۇر. توغرىسىنى چۈشەنسىمۇ، ئىجرا قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە بولالمىغان ئادەم قۇلدۇر. چۈشەنچە ھەم ئىرادىدىن مەھرۇم ئادەم ھايۋان بىلەن تەڭدۇر». f ?A AE
B: قالتىس گەپ. ئەمەلىيەتتە، پىكىردىكى يۈكسەكلىك يارىتىلىپ بولدى. گەپ، ھەربىر ئىنساننىڭ ئۇنى قانداق بويلاپ مېڭىشىدا قالدى. ئۆتكۈر نەزەرلىك مۇتەپەككۇرلار ئۆز دەۋرىنى يۇرۇتۇپ بېرىپلا قالماستىن، كەلگۈسىدىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىنساندىكى تەبىئەتكە چۆككەن كىشىلەر ھەرقانداق زامانغا مەنسۇپ پىكىرلەرنىڭ ئىگىسى بولالايدۇ. (_E$9
پۇل مەستانىلىقى، ھۇقۇق ھەييارلىقى، تېخنىكا ھەيرانلىقى، مېخانىك ئەمگەك جەريانى، ئىستېمال ئەسەبىيلىكى خۇراپىي ئىنسانلارنىڭ دەۋرىمىزگە خاس ۋارىيانتىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەزگۈسى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئادىللىق سەزگۈسى ۋە ئادىللىق ئۈچۈن پىدائىيلىق سەزگۈسى گاللىشىپ كەتتى. ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك راھەت جىمجىتلىق ئىچىدىكى بىخۇدلىققا ئۆتىدۇ. ئەنگىلىيە شائىرى ت.س. ئېللىئوت بۇنداق ئادەملەرنى تىپىنى «پۇچەك ئادەملەر» دەپ سۈپەتلىگەنىدى. ئەتراپىڭدا پۇچەك ئادەملەر قىمىلداپ يۈرسە، ئۇلاردا نەپسى غالىبلىق قۇتراپ تۇرسا، ئۇلارنىڭ ساڭا بەرگەنلىرى ئەلۋەتتە پۇچەك نەرسە بولىدۇ. ئۇلار ساڭا «ئالىم»، «مۇتەپەككۇر»، «ئەدىب» دېگەندەك نام-ئاتاقلارنى بېرىپ قويۇپ، ھەرقانداق ئادەمگەرچىلىك، دىيانەت، ئەخلاق-پەزىلەت، پىداكارلىقلارنى سەندىن كۈتىدۇ. ئۇلار ھېچنىمىسى يوق شان-شەرەپنى بوينۇڭغا ئېسىپ قويۇپ، سەندىن ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان كامىل ئىنسانلىقنى، ئەخلاقىي قۇربانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. سەن ئۇلار بەرگەن شان-شەرەپكە مەھكۇم بولۇپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئازادە ھەركىتىڭدىن، شەخسىي تاللىشىڭدىن، ئاددىيلىقتىكى ھۇزۇرۇڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن. N8QbPoPH]
A: شان-شەرەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قۇپقۇرۇق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىش ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. قارىغاندا، سەن نام-ئاتاقتىن سېسىق كېكىرگەندەك تۇرىسەن. Z5&P{}&G
B: شان-شەرەپ ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە خۇش ياقىدۇ. دەسلەپتە ئۇ ساڭا مۇناسىپ ئىززەت ۋە غۇرۇر ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇ بەك ئېشىپ كەتسە سېنى غاپىللاشتۇرۇپ، ئۆز قىممىتىڭنى باشقىلارنىڭ لەۋزى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بوپقالىسەن. سەندە بارا-بارا مۇئەييەن يۈز ۋە ئابروي قارىشى شەكىللىنىدۇ، يۈزۈڭنى كوزىر قىلىپ بايلىق ۋە مەنسەپكە ئېرىشكۈڭ كېلىدۇ. @c]w Tp m
A: سەن شان-شەرەپنى ماركا قىلىپ، بايلىققا ئېرىشكەنلەردىن سانىلامسەن؟ DCMR!kX
B: ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. گارسىيە ماركوس: «دوستلىرىمنىڭ مېنى ئۇزاقراق ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىمەن» دەپتىكەن. بۇ گەپتىن مۇھەببەت پۇراپ تۇرىدۇ. بىراق، نادانلارنىڭ مۇھەببىتىدىن خۇدا پاناھ بەرسۇن. ئاز بولسىمۇ ھەققانىيەتنى چۈشىنىدىغان دوستۇڭ بولسىلا بولدى. شان-شەرەپ ھېرىسمەنلىكى مېنى قەلەمگە ھەۋەسكار قىلغان بولسا كېرەك. لېكىن، كېيىنچە مەن ئاچچىقلىرىم ۋە غۇملىرىمنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يازىدىغان بوپقالدىم. قۇپقۇرۇق شان-شەرەپ مېنىڭ ئىشىكىمنى چېىكىشكە باشلىدى. ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بەندىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىمەن. مەن بۇنى ھېچقاچان ئىستىگەن ئەمەسقۇ! \\Virl
نام-ئاتاق ۋە شان-شەرەپ، بۇلارنىڭ پەرقى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن زامانىمىز كىشىلىرى ئۇنى ئوخشاش نەرسە قېلىۋەتتى. كىشىلەر سېنىڭ نام-ئاتىقىڭنىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇرۇشۇپ، سېنى ئەۋلىيا قىلىپ قويىدۇ. سەن ئەۋلىيا بولالماي ئازابلىنىسەن. كىشىلەر ئاندىن سېنى سۆيۈشكە باشلايدۇ. مېنىڭ ھاياتىممۇ بارلىق نورمال ئىنساننىڭ ھاياتىغا ئوخشايدۇ. مەن ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، يىغىنغا قاتنىشىمەن، ئائىلەمنىڭ يۈزى ۋە ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن تويغا بارىمەن، نەزىرگە بارىمەن، يېگەن تۇزۇم ئۈچۈن تۇز بېرىمەن. بۇ جەھەتتىكى ھاجەتلىرىم ۋە سەرپىياتلىرىم باشقىلار بىلەن ئوخشاش. بەلكى ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە سەرپىياتلىرىم كۆپرەك. مەن يۇقىرىقىلارنى ئىجرا قىلىپ بولۇپ، كىتاب كۆرىمەن، تەھلىل قىلىمەن، كۆزىتىمەن ۋە يازىمەن. يېزىقچىلىق ئاز-تولا نام-ئاتاققا ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ نام-ئاتاق مېنى كىشىلەر ئويلىغاندەك تاپاۋەتكە ئېرىشتۈرگىنى يوق. ئەكسىچە، ئۇ مېنى ئۆز ئىكەنجىسىدە سۈنئى پەزىلەت بۇرچىغا سۆرەۋاتىدۇ. تەبىئىتىمدە يوق نەرسىلەر مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. مەن يازىمەن، مەقسىتىم- كىشىلەرنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزگىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولۇش، ھېچبولمىغاندا، پىكىرلىرىمنى ئىپادىلەش يۈكسەكلىكىدە سىناق قىلىپ بېقىش. R)(PM5E>
A: سېنىڭ ئۇلۇغلۇقتىن تەمەيىڭ يوقمۇ؟ x+v|Ef
B: مەۋجۇدلۇقۇمدا ئۇلۇغلۇقنىڭ ھېكمىتى بار. مەن ئۇلۇغ بىر قۇدرەتنىڭ ئىرادىسىدىن كەلدىم. شۇنداق ئىكەن، ئۇلۇغلۇق قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئۇلۇغلۇق ئىزدەش ئىنسانىي پەزىلەت ئەمەس. تارىختىكى ئۇلۇغلۇق ئىزدىگەن داھىيلار چاكىنىلىشىپ كەتتى. ئىنساندا ئۇلۇغلۇقنى كۆتۈرۈپ يۈرەلىگۈدەك ئىقتىدار مەۋجۇد ئەمەس. ئۇنىڭدا پەقەت ئۇلۇغلۇقنىڭ بەزى سۈپەتلىرى بولىدۇ، خالاس.
$J~:eV
A: دېمەكچى بولغىنىڭ.....؟ I*;BJl
B: كۈنلەرنىڭ بېرىدە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش نېسىپ بولسا، ئۇ دەل ئاددىيلىقىمدىكى خىسلەتلەردىن كەلگەن مېۋە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى نەتىجە كىشىلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن نەتىجە بولىشى مۇمكىن. لېكىن يەنە مۇنداق بىر خىل نەتىجىمۇ بار: كىشىلەر ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيدۇ ياكى كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ يېتىشكە مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. بىراۋ يولدىكى بىر ئەينەك پارچىسىنى ئېلىۋەتتى. بۇ يولدىن ئۆتىدىغان بىر بالا ئاشۇ ئەينەك پارچىسىغا دەسسەپ سالغان بولسا، پۇتىنىڭ مۇھىم قان تۇمۇرى كېسىلىپ، بالا كۆپ ھەرەج تارتىشى مۇمكىن ئىدى. بىراۋ يولدىكى ئەۋرەز ئېغىزىنى ئېتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىرسى قازادىن ساقىت بوپقېلىشى مۇمكىن. بۇنداق پەزىلەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئىنسانلار كۆرۈپ يېتىشكە ئاجىز كېلىدۇ. مەخپىي بېرىلگەن زاكات ياكى مەخپىي قىلىنغان ئىھساننى قايسى ئىنسان باھالىيالايدۇ؟ ئادەملەر پەقەت كۆرگەن ۋە ئەقلى يەتكەن ئىشلارنى باھالىيالايدۇ. ھەدىس شەرىفلەردە باشقىلارغا كۆرسىتىلگەن خۇشچىراي ۋە ئېيتىلغان ياخشى سۆزلەر سەدىقە دەپ كۆرسىتىلگەن. ئىنسانلار خالىس تۈس ئالغان ياخشىلىقلار كەلتۈرگەن كاتتا نەتىجىلەرنى باھالاشقا ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى خالىسلىقتا داۋراڭ بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت گۈل، ئوردېن، مۇكاپات پۇلى، چاۋاكلار ئارىسىدىكى نەتىجىلەرنى كۆرىدۇ. تارىخنىڭ سەھىپىسى داڭلىق ئېمپىراتورلار، سىياسىيونلار ۋە قوماندانلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان بولىدۇ. شۇلار ئۈچۈن جېنىنى تەقدىم قىلغان ئاددىي بىر ئەسكەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شان-شەرەپ ئاددىيلىقتىكى ھەقىقەتنى توساپ قويىدىغان ئادالەتسىز پەردىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. باشقا بىرسىنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىرسىنىڭ ھەقىقىتىگە سايە چۈشۈرۈپ قويىشىمۇ مۇمكىن. ياخشىلىقنى مۇكاپات ۋە ئوردېن ئۈچۈن قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ شان-شەرىپى ئۈستىدە چىن ۋىجدان ھەم ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئويلاپ باقساق، قانداق خۇلاسىگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن؟ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى ئالسام، دەرىسىمنىڭ قىممىتىگە سائەتلىك مىقدار بويىچە باھا بېرىلدى. بۇ جەھەتتە مېنىڭ ئەقىدىلىرىم پەقەت ئۇنى بىلگۈچى بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا تايىن ئىش بوپقالدى. ئادەمىيەت روھى ناۋادا تار خىلىۋەتلەردە ياشايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالسا، بىز دەۋاتقان مەدەنىيەت ئاللىبۇرۇن پورلىشىپ كەتكەن دەرەخكە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. BmNJ}q
A: سېنىڭچە، شان-شەرەپ نېمىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك؟ W~Jw)d"3jc
B: شان-شەرەپ تۇيغۇسى كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىدىكى ئاكتىپچانلىقنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن زىيادە قېچىش ھەم ئۇنىڭغا زىيادە ئىنتىلىشنىڭ ھەر ئىككىسى پوزىتسىيىمىزدىكى رادىكاللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېنىڭچە، شان-شەرەپ ئىنساننىڭ قىممىتىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. ناۋادا بىرسى ماڭا مېنىڭ قىممىتىمنى سۇندۇرىدىغان شان-شەرەپنى تەڭلىسە، مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن. YUJWCU4
A: سېنىڭ شان-شەرەپنى قالقان قىلىپ ياشىغۇڭ يوقمۇ؟ hnG|s=Vy
B: مېنىڭ پەزىلىتىم ۋە قەدىر-قىممىتىمنى بىلمىگەنلەر ماڭا يارىشىدىغان شان-شەرەپنى ھەرگىز بېرەلمەيدۇ. ئۇلار مېنىڭ سەۋەنلىكىمنى كۆرگەندە ئۆزلىرى بەرگەن ئاشۇ شان-شەرەپنى مەن ئۈچۈن سىرتماققا ئايلاندۇرىدۇ. QFzH>2
A: شان-شەرەپنى بەزىلەر قورال دەپ قارايدىكەن؟ FIV sVOLg`
B: ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. بىر سىياسىيون، بىر ئارتىس ئۈچۈن ئېيتقاندا شان-شەرەپ نۇرغۇن سىياسىي، ئىقتىسادىي پۇرسەتنىڭ يولخېتى. لېكىن ئۇ بىر ئىلمىي خادىم ئۈچۈن يارىشىملىق لىباس بولالايدۇكى، ئۇ ئىزدەۋەتقان ھەقىقەتكە شوتا بولالمايدۇ. شان-شەرەپ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئادەم ئۈچۈن بىر قاسراقتۇر، خالاس. {kIEn%^3
A: نام-ئاتاق، شان-شۆھرەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر ئۇقۇم بار. ئۇ بولسىمۇ يۈز-ئابروي. شەرق ئەللىرىنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ «يۈز» قارىشى ناھايىتى گەۋدىلىك. كىشىلەر «مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ بولسىمۇ...» دېگەن ئىبارە بىلەن ياراشتۇرۇشنى ياكى بىرەر ئىشنى پۈتتۈرۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. Zh|XP1!o
B: شۇڭىلاشقا جۇڭگۇدا «يول مېڭىش» دېگەن بىر گەپ بار. بۇ، «يۈز»نى «يۈز»گە توغرا كەلتۈرۈپ، مەقسەتكە يېتىش دېگەن مەنىگە ئىگە. ئەسلىدە ھەر بىر ئىش پىرىنسىپ ۋە قانۇنىي تەرتىپ بويىچە مېڭىشى كېرەك ئىدى. «يول مېڭىش» ئارقىلىق چاتاقنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ. شۇڭا قانۇننى بىلىپ، يوسۇننى بىلمىسىڭىز ئىش بىلمەس ئادەم بوپقالىسىز. شيامىن ئۈنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى يى جۇڭتيەن ئەپەندى جۇڭگۇلۇقلار ھەققىدە توختالغان بىر كىتابىدا «ئون تامغا بىر ئىمزاغا توغرا كېلەلمەيدۇ» دەيدۇ. يۈزۈڭ چوڭ بولسا باشقىلار ئېرىشەلمىگەنگە سەن ئېرىشەلەيسەن، باشقىلار قادىر بولالمىغانغا سەن قادىر بولالايسەن، چوڭ دېلونى كىچىكلىتەلەيسەن. «‹يۈز›لۈك ئادەمنىڭ بىر پارچە تۇنۇشتۇرۇش خېتى خىزمەت ۋە ئەرزىيەت كوچىسىدىكىلەرنىڭ چىقىش يولى» دەيدۇ ئۇ يەنە. چوڭ مەنسەپدارلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈۋېلىش پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنىڭ بىر ئېپى. ۋاقتى كەلگەندە ئۇ سېنىڭ قابىلىيىتڭگە قارىغاندا بەكرەك ئېتىبارغا سازاۋەر بولالايدۇ. شۇڭا جۇڭگۇدا تۈزۈكرەك ئوقۇپ جان باقىمەن دېگەن ئادەم دەستۇرلارنى ئوقۇپ قويسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇ يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دائىر مەۋھۇم ئەمما رېئاللىقتا بار بولغان شەكىلسىز دەستۇرلارنى ئۆگىنىش كېرەك. ^Ja~w_
A: جۇڭگۇ زىيالىيلىرىنىڭ قانۇننىڭ نۇپۇزى ئۈستىدىكى چۇقانلىرى بىكار ئەمەسكەندە؟ تەرەققىيات تاللاش ئىقتىدارىنىڭ كۆپىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇنداقتا جەمىئيەت سېستىمىلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشدۇ. كىشىلەرنىڭ نازارەت ۋە تەنقىد ھۇقۇقى مۇۋاپىق تەرەققى قىلمىسا، قانۇننىڭ ئىقتىدارى كاردىن چىقىدىكەن. bZ>u%g|s
B: ئەسلىدە قانۇن توغرىسىدىكى گۇمانىتار ئاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئادەمىيەت روھى كەمچىل جەمئىيەتتە ھەتتا شان-شەرەپتەك جەلىپكار نەرسىمۇ خەتەرلىك بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالىدۇ. i`@q a[w|
A: خەتەرلىك بۇيۇم؟ qf:Nk\
B: شۇنداق. ئازغىنە شان-شەرەپمۇ سېنى ئۆزۈڭگە تەۋە قىلمايدۇ. كىشىلەر ساڭا ئولىشىدۇ، سەنمۇ بۇنىڭدىن سۆيۈنىسەن. قارىساڭ، شەخسىي ھاياتىڭ ئۈچۈن قالغان ئىمكانىيەتنىڭ بەكلا ئاز قالغانلىقىنى كۆرىسەن. كىشىلەر سېنى كۆزىتىدۇ، سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىدۇ. چاقچاق گەپلىرىڭمۇ راست گەپ تەرىقىسىدە تارقىلىدۇ. بېرىپ-بېرىپ پىتنە ۋابالىرىنىڭ ئاھانەتلىرىدە قالىسەن. لېكسىيەلەر سۆزلەيسەن، توغرا گەپلىرىڭ ئۈچۈن بارىكاللا يوق، گەپتىن ئېزىپ قالساڭ (خۇدا ساقىلىسۇن) ئىلمەكچىلەر تەييار. دەپتەرلەرگە ئىمزا قويىسەن، ئاخىرى ئاپتۇبۇسقا چۈشۈپ قايتىپ كېتىسەن. ھەر بىر سورۇن ساڭا ئالىيجانابلىق توغرىسىدا بىر قاتار ۋەزىپىنى تاپشۇرىدۇ، دەردىڭ ۋە ئېھتىياجىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى. (ئەلۋەتتە!) ھەممىدىن يامىنى ھەسەت. ئۇ ساڭا بىر مۇنچە يۇشۇرۇن دۈشمەن تېپىپ بېرىدۇ. سەن ئۆزۈڭنىڭ تاللىشىڭدىكى مۇشەققەتلەر تۈپەيلى چارچىمايسەن، دەل ھەسەتخورلارنىڭ گىزىلداشلىرىدىن ھارسىنىسەن. بىر پەيلاسوپ شۇنداق دېگەنىكەن:«ئادەمنى چارچىتىدىغىنى يىراقتىكى تاغ ئەمەس، دەل ئايىغىڭغا كىرىۋالغان قۇم-شېغىل». ھەسەت شان-شەرەپنىڭ يېنىدىكى تۆرەلمە. Moph*
A: شان-شەرەپ ئېگىسى بولغانىكەنسەن، كەمتەر بولۇشۇڭ كېرەك بولىدۇ. w5&wU
&
B: كىشىلەر كەمتەرلىك دېيىشىدۇ، بىراق تەكەببۇرلۇققا بەك قايىل؛ كىشىلەر ۋاپا دېيىشىدۇ، لېكىن ۋاپاسىزلىققا بەكرەك مايىل. كەمتەرلىك بىلەن ۋاپادارلىقنى ئۆزىنىڭ شەرتى، ئېپى-سېپى بىلەن قىلمىساڭ، يۈزەكى ئادەملەر ئۇنى ئاجىزلىق قاتارىدا ھېساپلايدۇ. مەن ئادەتتە كەمتەرلىكىم تۈپەيلى پەرۋاسىزلىققا ئۇچرايمەن. بىر شەرق مۇتەپەككۇرى: «ئاي نۇرلۇق بولسىمۇ كۈندە كۆرۈنۈۋەرگەچكە قەدىرسىزدۇر» دەپتىكەن. مەن كەمتەرلىكىم تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ رايىغا باقتىم، دەردىگە يەتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىز ئۈكۈنمەيمەن. ئەمما بەرىكەت تاپماس ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ۋاقتىمنى سەرپ قېلىۋەتتىم. yC `#03.
A: ئابدۇراھمان ئەبەي ئاكا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بىر قانچە پۇشايمىنى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنىدى. «ئۆمرۈمنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئۈلپەتچىلىك ئۈچۈن سەرپ بولدى دەپ ئويلايمەن. ئاشۇ ۋاقىتلارنى تېجىيەلىگەن بولسام ئالتە توملۇق ئۆمۈر ئەسلىمەمنى يېزىپ پۈتتۈرەلىگەن بولاتتىم» دەپتىكەن ئۇ زات. wOaBN |r
دېمىسىمۇ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى 20-ئەسىر ئۇيغۇر ھاياتىدىكى نۇرغۇن زور تارىخى ۋەقە ۋە تارىخى شەخىسكە شاھىت ھايات ئىدى. ئەگەر ئۇ ئالتە توملۇق ئەسلىمىسىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرەلىگەن بولسا تارىخ خەزىنىمىز خېلى بېيىپ قالاتتى. *2^EJ6e
B: ئىبراھىم مۇتئىى، ئۇيغۇر سايرانىي قاتارلىق ئەربابلارمۇ ئاجايىپ جىق ئىش، تارىخى قىسمەتنى كۆرگەن ئادەملەر. ئۇلاردىنمۇ قىممەتلىك ئۆمۈر ئەسلىمىلىرى چىقاتتى. بۈگۈنكى دۇنيادا ئەسلىمە تۈسىدىكى تارىخلار تېخىمۇ دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا. |G9ER*u6c
A: ھەممە ئادەمنى رازى قىلىمەن دەپ ئالدىراش يۈرۈپ ئاخىرى كارغا كەلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالساڭ، كىشىلەر سېنى كۆزگە ئىلمايدۇكى، ھەرگىزمۇ بىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل دەپ ئويلىمايدۇ. بۇرۇن داڭقى پۇر كەتكەن بىر مۆتىۋەر ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ئۇنى ھەمىشە زىيارەت قىلىپ تۇرىدىكەن. زىيارەتچىلەر قايتىشىدا مۆتىۋەردىن تەۋەررۈك ئۈچۈن بىر تالدىن ساقال سورايدىكەن، مۆتىۋەر ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ ساقىلىدىن يۇلۇپ بېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۆتىۋەر كوسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇنى يوقلايدىغان ئىخلاسمەنلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلۈپتۇ. _ W>C-T4
B: سېنىڭ تۆھپەڭنى ھەقىقى خاتىرىلىگۈچى كىم؟ بۇنى ياخشى چۈشەنسەڭ، ئەجىرنى نەگە قىلىشنى بىلگەن بولىسەن. &~Jwp|I,
A: ئۆزى سۆيگەن كىشىنىڭ ۋاقتىنىمۇ سۆيىدىغان جامائەت ئەخلاقى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردە دەرھال يېتىلمىكى لازىم، بولمىسا نامراتلىق ئىچىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلىمىز. JQdkiz^
B: ئەسلىدە باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا چېقىلىش ئوغرىلىق كەبىي جىنايەتتۇر. بىز بۇنى تونۇپ يېتىدىغان مەدەنىيلىك دەرىجىسىگە تېخى بارمىدۇق. 7c]@*5
A: خوش، ئۆز ئىخلاسمەنلىرىڭگە نېمىلەرنى دېگۈڭ بار؟ D>nGB#'p
B: مەن بىر ئۆمۈر نامراتلىقتا ياشاپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەسەرلىرى ئەڭ قىممەت باھادا سېتىلىۋاتقان ھوللاندىيە رەسسامى ۋانگوھنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرەي دەۋاتىمەن: «مەن ھەرقانداق ياخشى ئىشى بىلەن كارى يوق خەتەرلىك ئادەم بوپقېلىشنى خالىمايمەن. مەن قىيىنچىلىق ئىچىدە توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ئادەممەن. خىزمىتىم ئۈچۈن خاتىرجەم مۇھىتقا ھەم كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا موھتاجمەن». ]z(L%H-@
A: قىزغىنلىق ۋە ھېسداشلىققا، ئۆزۈڭ تەشنا بولغان مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىسەڭ قانداق قىلىسەن؟ j)Q4QQZ
B: ھەسرەت ۋە خاپىغانلىقتا ئۆتمەكتىن باشقا ئىلاجىم يوق. تەقدىرىم ئىچىدە يول تېپىشىم كېرەك. )kg,(a
A: شان-شەرەپنىڭ مەزمۇنى سېنىڭ زامانداشلىرىڭغا بېقىپ بولىدىكەن-دە؟ Q|)+p4:Z
B: ھەقىقەت ئىشتىياقىدىن ھۇزۇر ئالالىساڭ، يالغۇزلۇق روھىڭنى سۇندۇرالمايدۇ. ھەقىقەت ئاشنالىرى ھامان چىقىدۇ. L;-^qds
2008 -يىل 2-يانۋار، ئۈرۈمچى E;m8yE
n7*{eg
+ut
ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات پروفىسسورى s={Hgq(
qIy;wxGb2@
Bs9SW{p6