« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: سەن بىر ئوغۇل، سەنمۇ بىر ئەركەك IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1824 قېتىم كۆرۈلدى
قۇربانەم
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

قۇربانەمنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 6739
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 150
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە150دانە
شۆھرەت: 366 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 2219 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 322 نۇمۇر
قوللاش: 250 نومۇر
ئالقىش: 450 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :495(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 سەن بىر ئوغۇل، سەنمۇ بىر ئەركەك

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئىدىرىسجان تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-07-19)
[نەسىر)

ئات مىنسەڭ ساڭىمۇ خوپ يارىشىدىكەن، داداڭ ياشارغاندەك بولىدىكەن، ئاناڭ پەخىرلىنىدىكەن. يىگىتلەر ئالقىش ياڭرىتىپ مۇبارەكلىشىدىكەن، قىزلار مەپتۇن بولۇپ قارىشىدىكەن، كۆڭلىنى ساڭا بېرىشىدىكەن. شۇنداق، شۇنداق، ماشىنىنىڭ رولىنى قاماللىغان قوللار، كەتمەننىڭ سېپىغا ئېسىلىپ قالغان قوللار، «سەن» دەپ سىلىنغان قوللار، «ىوش» دەپ قوشتۇرۇلغان قوللار ئەسلى يۈگەنگە ئېسىلىپ يۈگەن سېرىگەن، ئەسلىدە قامچىنى قاماللاپ قامچا ئويناتقان. سەنمۇ بىر چاغ ئاي بىلەن بەيگىلەردە شۇنداق چاپقان، ئوغلاق تارتىشىشتا ئوتتوز ئوغۇل بىلەن شۇنداق چىنىققان، تەننى تاۋلاپ، يۈرەكنى تاۋلاپ ھايات قوينىغا شۇنداق شۇڭغىغان.
ئورۇندۇققا چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىڭ، ئىگەر توقۇپ ئات مىنىشنى ئۇنتۇدۇڭ. ماشىنىدا ئولتۇرۇشنى ئارمان قىلىپ قالىدىغان بولۇپ قالدىڭ، ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈش تەمەلىرىڭ سوغۇلدى. ئېچىلغان يوللاردىلا مۇككا بولدۇڭ، يول ئىچىش بۇرچۇڭ شۇ تاپ خورلاندى. ئات بىلەن يەتكەن نەزەرلىرىڭگە قەدەملىرىڭ تەڭ ئىدى، ئات بىلەن چىققان چوققىلارغا شۆھرەتلىرىڭ تەڭ ئىدى، ئات بىلەن ياراتقان ئۇتۇقلىرىڭغا شادلىق كۈيۈڭ تەڭ ئىدى. مانا ئەمدى، سەن ئاتتىن چاندىڭ، ئات ئاغرىندى، سەندىن ياندى؛ سەن ئاتنى تاشلىدىڭ.
زېمىن ئەسلى سېنى ئاناڭدىن تالاشقان، ئاتاڭغا ئوخشاش بولسۇن دەپ ئاناڭدىن تالاشقان. بىراق، زېمىن ئارمانىغا قانالمايدۇ، مۇرادىغا يىتەلمەي ھەسرەت چېكىدۇ. ئاناڭنىڭ باغرىدىكى توققۇز ئېيىڭدا سېنى تىلەيدۇ، ئانىنىڭ باغاشىدىكى چاغلىرىڭدا سېنى سورايدۇ، بۆشۈكتىكى تاتلىق ئۇيقۇلىرىڭدا چۈشلىرىڭگە كىرىپ ئوينايدۇ. شۇنداق، زېمىن ساڭا قانماي ئۆتىدۇ. ئۆمىلىگەن چاغلىرىڭدا كۆرپە بولىدۇ، تايتاڭلىغان چاغلىرىڭدا سېنى يىتەكلەيدۇ، يىقىلغىنىڭدا باغاشىغا ئالىدۇ.، زېدە بولۇپ يېرىلغىنىڭدا ئۇپا بولۇپ جاراھىتىڭگە مەلھەم ياقىدۇ. زېمىن شۇنداق، يىغلىساڭ يۈرۈكىدىن ئانىلىق خۇمارىنى بېسىۋالسام، قېنىۋالسام دەيدۇ. كۈلسەڭ، غەمسىز – غۇبارسىزلىقنىڭ سۈرىتىنى بىردەم بولسىمۇ كۆرىۋالسام، ئانىلىق مىھىرنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋالسام دەيدۇ. ئۇ شۇنداق دەيدۇ، شۇنداق ئويلايدۇ، شۇڭا ماڭساڭ ئايىغىڭنى غىدىقلايدۇ، يۈگۈرسەڭ سەلكىن بولۇپ يۈرۈكىڭنى سەگىتىدۇ، يىغلىساڭ ئاپتاپ بولۇپ ياشلىرىڭنى قۇرۇتىدۇ، كۈلسەڭ بايراق بولۇپ چاۋاك  چالىدۇ، ساڭا جۈر بولىدۇ.
زېمىن شۇنداق- ئۇ مۇقەددەس ئانا. ئۇ ئاناڭغا ئانىلىق تەمىنى بەرگەن، ئانىلىق مىھىر - مۇھەببىتىدە ئاناڭ بىلەن ئوخشاش ئاتالغان. ئۇ ئاناڭنى ئانىسىدىن شۇنداق تالاشقان. سەنمۇ ئەتىلا ئاتا بولۇپ كىتىسەن، ئارمانلىرىڭدىن تېخىمۇ يېراقلىشىسەن، ئەتىلا ئاتا بولۇپ ئۇنى تەلمۈرتىسەن، تالاي – تالاي تىلىتىسەن. سۈرەتتەك قىتىۋالغىنىڭدا، بىرەردەم يېنىدا ئولتۇرۇشۇڭنى، ئازراق بولسىمۇ مۇڭدىشىشىڭنى ئۆتىنىدۇ. ئۇنىڭ تاتىرىپ قاراشلىرى شۇ، يېرىلىپ – يېرىلىپ تەلمۈرۈشى شۇ. بىراق، سەن ئۈستىۋىشىڭنى پاسكىنا قىلماي، بۇلغىماي دەپ ئولتۇرمايسەن. بالا چاغلىرىڭدا ئىغىناپ ئوينىغان باغرىنى، يېرىلغان زىدىلىرىڭگە مەلھەمدەك سۈرتۈپ ساقايتقان ئۇپىدەك يۈزىنى، ھېلىمۇ دېھقان مېلىنىپ تويمايدىغان باغاشنى يۇقىدۇ دەپ ئولتۇرمايسەن. ئولتۇرىۋەر بۇرادەر، يۇقىدىغىنى ئۇ ئەمەس، باشقا، يۇقسا چىقمايدىغىنى ئۇ ئەمەس، باشقا، ئۇ يۇقسا كىيىمىڭگە چاپلىشىدۇ، قىقىۋەتسەڭ بولىدۇ. يۈرۈكۈڭگە، ۋىجدانىڭغا چاپلىشىۋىلىپ چىقمايدىغىنى باشقا، تۇپراق دېغى يامان ئەمەس، كۆڭۈل دېغى يامان، تۇپراق يۇقسا بايلىق يۇقىدۇ، كۈچ – قۇۋۋەت يۇقىدۇ، مېھىر – مۇھەببەت يۇقىدۇ. ئادەم بەرىبىر ئۇنىڭ قوينىغا قايتىدۇ، ئادەمنىڭ تۆرىلىشى ئۇنىڭ باغرىدا، ئادەمنىڭ يىلتىزى ھەم شۇ، ئاخىرەتلىك ئىككى غۇلاچ مەڭگۈلۈك ماكانمۇ ئۇنىڭ باغاشىدا، باغرىدا...
ئۆزۈڭچە «مەدەنىي»، پاكىز بولۇپ كەتتىڭ. تېنىڭنى يەرگە تەككۈزمەيدىغان بولۇپ قالدىڭ. تۇپراق توزۇندىسىنى يۇقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدىڭ. پۈدەپ تۇرسا، ئۇچۇرۇپ تۇرسا دەيدىغان بولدۇڭ. شامالدەكلا يۈرسەم، ماشىنىدىن چۈشمىسەم، تەختىراۋاندىلا بولسام دەيدىغان بولدۇڭ. ئىنساننىڭ ئاخىرى جىنازىدا راۋان بولىدىغانلىقىنى، يەر قوينىغا قويىلىدىغانلىقىنى، تۇپراقنىڭ مەڭگۈلۈك باغاشىغا ئالىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ. سەن تۇغۇلغاندا، سېنى «ئوغۇل» دېگەندە، بېلەمسەن، ئەڭ خۇش بولغىنى يەر ئىدى؛ - ئەمدى ئاپتاپ كۆرىمەن، ئەمدى ئاغدۇرۇلۇپ ئاپتاپقا قاقلىنىمەن دېگىنى يەر ئىدى؛ ئەمدى ئاسرىلىمەن، يېشىل ياشىرىمەن، رەڭدار ئېچىلىمەن، ھەقىقى ئانا بولۇپ ئىنسانلارنى ئوزۇققا تويغۇزىمەن دېگىنى يەر ئىدى. ئەمدى ئەھدىم ئۈچۈن قېزىلىمەن، داستان – داستان يېزىلىمەن دېگىنى، خەلقىم ئۈچۈن نىمەت تۆكۈپ ئېچىلىمەن دېگىنى يەر ئىدى، ئانىلاردەك زېمىن ئىدى. بىلەمسەن، سەن تۇغۇلغاندا ئەمدى يكلىنىمەن دەپ، مەنمۇ يۆلىنىدىغان تاغ تۇغۇلدى دەپ خۇش بولغىنى زىمىن ئىدى. ئۇلار سېنىڭ ۋەزنىڭدىن ئەمەس، ۋەسلىڭدىن ئەمەس، تاغدەك يىقىلماس، تىغدەك يانماس، بۇلاقتەك سوغۇلماس، چوغدەك سوۋۇماس پەسلىڭدىن ئەمەس بەلكى ئوغۇل دېگەن، يىگىت دىگەن نامىڭدىن شۈنچە سۆيۈنگەن. شۈنچە پەخىرلەنگەن. ئويلىغىنا، شۇ ھالەت، شۇ سۆلىتىڭنى، شۇ نامىڭنى قانداق بۇلغىماي ئۆتەرسەن؟ شۇ سۈرەت، شۇ سۈرىتىڭدە يۈرۈكۈڭگە نەقىشلەنگەن نىشانلىرىڭغا قانداق ئىزىقماي يىتەرسەن؟ مەنلا دەپ، ئۆزۈملا دەپ قانداقمۇ كەلكۈن يالىغان تاغلارغا تىرەك بولالارسەن، قۇم باسقان تۇپراقنى قانداقمۇ باھار رەڭگىدە كۈلدۈرەلەرسەن؟ شۇ ھالدا ئاتا – ئاناڭ ئالدىدىكى ئەھدىڭنى قانداقمۇ ئاقلاپ كېتەلەرسەن؟
گۈلنىڭ تۇنجى گۈزەللىكى بىخىدا، ئۇ تۇنجى پورەكتىن، تۇنجى غۇنچىنىڭ پورەكلىشىدىن باشلىنىدۇ. چەكسىزلىككە سوزۇلغان يوللار تۇنجى قەدەمدىن ئېچىلىدۇ. ھەيۋەت دولقۇنلار بىر – تامچە – بىر تامچىدىن يىغىلىدۇ. بۇلاق سۈيىمۇ ئاشۇ ھالدا قۇرۇمايدۇ. دەريالارمۇ شۇ ھالەتتە قىنىغا پاتماي ئاقىدۇ، تاغلار شۇنداق قەد كۆتىرىدۇ، زېمىن شۇنداق مەڭگۈ ياش پىتى ياشىرىدۇ. سەنمۇ شۇنداق، ئۆزۈڭنى بالا چاغلىما، كىچىك كۆرمە، سەن بىر ئوغۇل، سەن بىر ئەركەك. يۈرۈكۈڭدە قورقۇنىچ بولمىسا سەن بىر ئوت، سەن بىر قۇياش، قۇياشتەك كۆيەلەيسەن، نۇرلىنىپ ئاپتاپ سېپەلەيسەن، قەددىڭنى رۇسلىساڭ سەن بىر تاغ، تاغدەك قەد كىرەلەيسەن، تاغ بولۇپ ئەل يۈكىنى زىممەڭگە ئالالايسەن. قەلبىڭدىن جىرا ئاچساڭ سەن بىر بۇلاق، سوغۇلماس دەريا، مەۋج ئۇرۇپ ئاقالايسەن، ئەل ئارمىنى ئۈچۈن، زىمىننىڭ يىشىل چۈشلىرى ئۈچۈن باغرىڭنى ياقالايسەن. شۇنداق، سەندە چىقىندەك خۇي، كۇچ- قۇۋۋەت بار، ئۇ ئاتىلاردىن ساڭا يىغىلىپ قالغان؛ سەندە تاغلاردەك چىدام – غەيرەت بار، ئۇ ئانىلار تولغاقلىرىدىن ۋۇجۇدۇڭغا كۆچكەن؛ سەندە قاردىنمۇ ئاق ھەم پاك كۆڭۈل بار، ئۇ ئانىلارنىڭ ھالال سۈتىدىن رەڭ ئالغان؛ سەندە تەۋرەنمەس ئىرادە بار، زېمىندەك؛ سەندە يوقالماس، ئۆزگەرمەس، كۆچمەس سۆيگۈ بار، ۋىجدان تومۇرىدەك، سەندە مەڭگۈلۈك بىرخىل يۈرەك بار، بىرخىل قەلب بار، ئاتىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ پاكھەم  ھالال سۆيگۈسىدەك، مۇھەببىتىدەك؛ سەن ئۆزۈڭ شۇنداق، بارلىقىڭ شۇنداق، ساپ مېھىر – مۇھەببەتنىڭ مىۋىسى، ھالال تامچىسى، يۈرۈكۈڭ شۇنداق ئەقىدە، ئىتىقاد، ئەھدىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى. سەن شۇنداق ئوغۇل، شۇنداق بىر ئەركەك.
شۇنداق، سەن بىر ئوغۇل، شۇنداق بىر ئەركەك، خۇددى قۇياشتەك. قۇياشمۇ بەلكى سېنى قۇياش كۆرىدىغاندۇ. قۇياشمۇ شۇنداق نۇر ھەم ھارارەتكە تولغان پارتلاشتۇر، ئاشۇنداق تۇنجى ئۇچراشقان نۇرنىڭ چاقنىشىدۇر، گۈرۈلدەپ كۆيىشىدۇر. خۇددى كۆزلىرىڭدەك بۇرادەر، كۆزلىرىڭدەك؛ تۇيۇقسىز تەشنالىقتا بېقىشقان كۆزلەر ئۇچراشقاندا نۇرلانغاندەك؛ بىر ئەقىدە بېغىشىدا تەقدىرداش بولغان يۈرەكلەر ئوت بولۇپ كۆيگەندەك. بەلكى، قۇياشقا سەن قۇياش بولۇپ كۆرىنىدىغانسەن، ئاچقان يوللىرىڭ، تۆكۈلگەن ئىزلىرىڭ، چىچەكلىگەن ئارمان ئۇچقۇنلىرىڭ كۆيگەن قاسراقلىرىڭدەك، چېچىلغان نۇرلىرىڭدەك كۆرىنىدىغاندۇ؟ يۇلتۇزلارغا يۇلتۇزدەك چاراخشىپ ككرىنىدىغاندۇ كۆزلىرىڭ؛ چاڭقاڭلارغا زەمزەمدەك تامىدىغاندۇ، سۈزۈك جىرادەك بىلىنىدىغاندۇ سۆزلىرىڭ.
ئەي ئوغۇل! ئېيتقىنا، نېمىشقا ئاتىلار ئات كەينىگە ئېلىپ، سەپەرلىرىدە سېنى ھەمراھ قىلىدۇ، بىلەمسەن؟ نىمىشقا بوۋىلار ئاچچىق – ئاچچىق رىۋايەت- ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ سېنى ئۇخلىتىدۇ، يەنە شۇنداق ئويغۇتىدۇ، بىلەمسەن؟ ئىسمىڭنىڭ كەينىگە ئىسمىنى يانداشتۇرغانلىقىنى، يۈرۈكۈڭنىڭ قىتىغا يۈرۈكىنى سىرغىتقانلىقىنى، سىغدىغانلىقىنى، ۋىجدان تومۇرلىرىڭدا ئىسسىق قېنىنى دولقۇنلاتقانلىقىنى ئويلامدىغانسەن؟ ئوغۇل بولغانلىغىڭ ئۈچۈن، ئەركەكلىك ئۈچۈن، ئەركەكلىكىڭ ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟! ئىسمىم ئىسمى بىلەن مەڭگۇ يادلانسا دەيدىغان، يۈرۈكۈم  يۈرىكى بىلەن ياشارسا، شادلانسا دەيدىغان ئاتىلىق ئارزۇ – ئارماندىن ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئانىلار سىنى مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ بۇلىغى دەيدۇ، نېمىشقا ئىسمىڭنى ئاڭلىسا يۈرىكىدىن شادلىنىپ كېتىدۇ، ئاجىز كۆزلىرى نۇرلىنىپ، ئىگىلگەن قامىتى رۇسلىنىپ كىتىدۇ؟ يەنە شۇ ئوغۇل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن- ئەركەكلىكىڭ ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولغانلىقىڭ، تەقدىرىنىڭ قاياشى بولغانلىقىڭ ئۈچۈنغۇ؟ توققۇز ئاي قوساقتا كۆتۈرگەن بالىسىنىڭ يۈرۈكىدە مەڭگۈ غىرىپسىنماي خاتىرجەم يېتىشى ئۈچۈنغۇ؟! سايىسىدە بېشىمغا كۈن چۈشمىسۇن دەيدىغان، قالقىلىشىدا كۆڭلۈم پۇچۇلمىسۇن دەيدىغان، ئىنساپ- دىيانىتىدە تەن ۋە روھىم قورۇنۇپ قالمىسا دەيدىغان مەڭگۈلۈك ئارمانىدىن ئەمەسمۇ؟! كۆز يۇمغىنىمدا بېشىم باغاشىدا بولسا دەيدىغان، ۋىدالىشىش دېمىدىسىنى لەۋلىرىمگە تېمىتسا دەيدىغان، جىنازام ئالدىدا تاغدەك ماڭسا دەيدىغان ئانىلىق قەلبىنىڭ ئاداققى ئارمانىدىن ئەمەسمۇ، ئارمانىدىن ئەمەسمۇ؟
شۇنداق بۇرادەر، شۇنداق، سەن بىر ئوغۇل، سەنمۇ بىر ئەركەك. ئوغۇللۇق مەنىلىرىڭنى ئاختۇرۇپ باق، ئوغۇللۇق مەزمۇنىڭنى، مەزنىڭنى يۈرۈكىڭدىن سوراپ باق! ئەركەكلىك مەجبۇرىيەت- بۇرچۇڭنى، ئەركەكلىك قەسەميادىڭ- ئەھدىڭنى سەن باسقان ئىزلىرىڭدىن ئىزلەپ باق، سەن پۈتكەن يازۇلاردىن ئىلغاپ باق، سەن بەرگەن ۋەدىلەردىن سەرلەپ باق! راست دەيمەن، ئەركەكلىكنى- ئەرلىكنى ئەمدى قىسمىتىڭدىن سوراپ باق، تەقدىرىڭدىن سوراپ باق، ۋىجدانىڭدىن سوراپ باق! سېنى ئەركەك دەيدىغان- ئوغۇل دەيدىغانلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئىلەپ باق، كۆڭۈللىرىدىن ئىلغاپ باق، مۈدۈرۈلگەن كاتاڭلىرىدىن، قەددىنى يا قىلغان داۋانلىرىدىن ئىشلەپ باق...
سەن بىر ئوغۇل، سەنمۇ بىر ئەركەك، ئاتىلار يۈزىنى يەر قىلمايدىغان، ئاتىلار نامىنى بۇلغىمايدىغان، ئانىلار كۆزىنى ياش قىلمايدىغان، ئانىلار ئارمانلىرىنى قاندۇرىدىغان، سەنمۇ ئوغۇل، سەنمۇ ئەركەك. ئىش – چىلىشتا ھىچ قالمايدىغان، شەرەپ گۈلىنى كۈلدۈرىدىغان، ئەجىردىن يېڭى يوللارنى ئاچىدىغان، بەخت ھۇلىنى شۇنداق قۇرىدىغان، سەنمۇ ئوغۇل، سەنمۇ ئەركەك. قىز ئاياللار تەقدىرىگە قالقان بولىدىغان، ئاغرىغان يەرگە مەلھەم ياقىدىغان، ۋىجدان سۈيىدە ئانىلارنىڭ قەلبىنى سۇغۇرىدىغان، يۇيىدىغان.
سەن شۇنداق، بىر ئوينىڭ، بىر جەمەتنىڭلا ئەمەس، خەلقنىڭ چېرىغى بولۇپ يانىدىغان، كىچىلىرىنى قۇياشى بولۇپ يورۇتىدىغان ئوغۇل، سەن شۇنداق ئەركەك. سەن شۇنداق، ئاشۇلار يوللىرىنى ئارمان قىرغاقلىرىغىچە ئاچىدىغان، تاغلار قەددىنى ھەيۋەت قىلىدىغان، زېمىن يۈزىنى بوستان – گۈلۈستان  قىلىدىغان ئوغۇل، شۇنداق ئەركەك. بىر ئۆينىڭ غىمىگىلا پۈكلەنمەي، يۈرۇتنىڭ، ۋەتەننىڭ كۆكىرىشى- كۆكلىشى ئۈچۈن يىلتىز بولۇپ كۆمۈلىدىغان، كۆمۈلىدىغان يۈرەك، سەن شۇنداق مۇقەددەس مۇھەببەت. چۈنكى سەن بىر ئوغۇل، چۈنكى سەن ئەركەك!

مەنبە: «تەڭرىتاغ» يۇرنىلى
ئاپتورى: ئەنەيتۇللا قۇربان
باشقۇرغۇچى چايان-شاھ تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • قوللاش:+20(شابۇرۇت) rahmat sizga
  • ياخشى باھا:+9(ئالىپتىكىن)
  • salkin
    | ۋاقتى : 2008-07-17 23:37 [باش يازما]
    قۇربانەم
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    قۇربانەمنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 6739
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 150
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە150دانە
    شۆھرەت: 366 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2219 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 322 نۇمۇر
    قوللاش: 250 نومۇر
    ئالقىش: 450 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :495(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۈنچە ياخشى  تىمىنى ئوقۇپ بىرەر ئىغىز ئىنكاس يىزىپ قويغىدەك  بىرەر ئوغۇل، بىرەر ئەركەك چىقماپتۇ-دە.
    salkin
    | ۋاقتى : 2008-07-19 00:36 1 -قەۋەت
    خوتەنجان
    ئالاھىدە تۆھپە ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : چەكلەنگەن ئەزا

    خوتەنجاننىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 260
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 2849
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2849دانە
    شۆھرەت: 43166 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1056857 سوم
    تۆھپە: 199 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2332 نۇمۇر
    قوللاش: 2948 نومۇر
    ئالقىش: 3145 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :501(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-07-19
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى
    salkin
    | ۋاقتى : 2008-07-19 00:42 2 -قەۋەت
    Dildash
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    Dildashنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 12743
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 243
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە243دانە
    شۆھرەت: 752 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1530 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 271 نۇمۇر
    قوللاش: 257 نومۇر
    ئالقىش: 326 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :473(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راسىت دەيسىز.بىر ئوغۇل تۇغۇلسا زىمىن شۇنداق خوش بولارمىش.دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئادەم چىقتى دەپ.بىز ئۆزىمىزنى بىر قىتىم قايتا تونۇپ چىقساق بولاتتى.ياخشى تىما يوللاپسىز.يەنە يوللاپ تۇرارسىز....................
    salkin
    ئىشەنمىسەڭ سۆيمە.
    سۆيسەڭ ئىشەنگىن.
    پەقەت بىرلا گۈلنىڭ  پۇرىقىغا خۇشتار بولغان  كۆڭۈل مەڭگۈ بەخىتلىكتۇر........
    مەن ياخشى ئەمەس ، لىكىن ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمەن..............
    مەن ياخشىسىنى تاللاپ بولالمايمەن،ئەڭ ياخشىسى مىنى تاللىسۇن.................
    | ۋاقتى : 2008-07-19 02:15 3 -قەۋەت
    sardar8877
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى

    sardar8877نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 8670
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 97
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە97دانە
    شۆھرەت: 97 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 588 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
    قوللاش: 97 نومۇر
    ئالقىش: 97 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :47(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-07-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     



    يۇللانمىڭىزغا  كوپ  تەشەككۇر .



    bugra
    | ۋاقتى : 2008-07-19 02:31 4 -قەۋەت
    سىتار
    توۋا ~~~
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    سىتارنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11217
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 685
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە685دانە
    شۆھرەت: 912 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 5036 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1292 نۇمۇر
    قوللاش: 1134 نومۇر
    ئالقىش: 1348 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ بىر ياخشى تىما بوپتۇ . نادىرلاپ قوياڭلارچۇ مۇشۇنداق تىمىنى .
    ئۆزىنى ئەركەك دەپ ئاتىۋالغان ، لىكىن قىلۋاتقان ئشىى جاھاندىكى ئەركەكلەرنىڭ شەنىگە داغ تەككۇزدىغان قىنى بۇزۇلغان ئەرلەر ئوقۇسا بولغۇدەك . ياخشى تىما بوپتۇ . 

    مەن ما ئىنكاسنى باشقچە يامان غەرەزدە يازمىدىم . 
    .  قۇسۇرچىلار تۇنۇگۇنكىدەك گەپ تاپماڭلار يەنە  .  تۇز نىيەتتە دىدىم
    .
    salkin
    يوشۇرۇن كۆيۇش - مەخپى ئازاپ شۇنچە تاتلىق لەززىتى !
    بارمىكىن مەندىن بۆلەك شۇنداق چۈشەنگەن بىر كىشى  ~~~~~
    | ۋاقتى : 2008-07-19 03:01 5 -قەۋەت
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئاناقۇشئۇۋىسىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1519
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1519دانە
    شۆھرەت: 6147 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 17159 سوم
    تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1755 نۇمۇر
    قوللاش: 1610 نومۇر
    ئالقىش: 1824 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى :1515(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەركەكلىكىڭدىن مەيدەڭگە ئۇرۇپ «ئەكەكلىك»داۋاسىغا چۈشكىنىڭدە،باغرىڭنى خۇن قىلىپ ياش تۆككۈزگەن نامەرتلەرگە ئۆزۈڭنىڭ «ئەركەك»لىگىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولىسە-دە،رەڭلىك قەغەزگە توشقۇزۇلغان يانچۇغۇڭنى رەڭدار سورۇنلاردىكى ئىشرەتكار سەرخىللارنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتقۇزۇپ شاراقلىتىپ ساناپ،ھەيۋەڭدىن سۇنغان نامەرتلەر كۆزىدىكى ئېچىرقىغان ئەپسۇسلىنىشنى كۆرمىگىچە بولدى قىلمايسەن!!!كۆزلىرىڭ شەيتان غالىپلىقى بىلەن نۇرلانغان ،ئەقلىڭ پاراسەتتىن يىراقلاپ،خۇنۈك بۈگۈنۈڭدە ئانا ئوخشاش ئانىلارنىڭ تىنىدىن ھىد ئېلىپ ياۋايىلاشقان ئەسەبىيلىرىڭ ھەيۋىتىدە،بىچارىلەرچە مۇڭلانغان!!!شۆھرەتنى تاماخور كۆزلىرىڭگە گۈل كۆرسەتكەن شەيتان سىنى ئىدارە قىلغان شاتلىقىدا ئۆز بېغىڭدا شۇمبۇيا ئۆستۈرگۈنىڭدىن خوشاللىنىپ تەمەننادا ئۇسۇلغا چۈشكەن........
    ئەر ئىدىڭ!!ئەركەك ئىدىڭ!!!ئەركەكلىگىڭ بىلەن دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان !!!
    ئەپسۇس ئۆز ئۆيۈڭنى ئىشرەتخورلارغا تاۋكا قىلىپ بەردىڭ.....نۇمۇس سىنىڭدىن شۇنچىلىك يىراق....بەك يىراق........
    salkin
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-07-19 03:39 6 -قەۋەت
    ئىدىرىسجان
    ھە؟ قارايمىزغۇ؟چىرايلىقمىكەنمە
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئىدىرىسجاننىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3951
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3951دانە
    شۆھرەت: 3531 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 4319 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3542 نۇمۇر
    قوللاش: 3473 نومۇر
    ئالقىش: 4414 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :777(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۆتكەندە قىزلار توغۇرلۇق  ،بىر تىما چىققاندا بىرمۇ قىز كۆرمىگەنتىم ئۇ تىمىدا، ئەمدى ئوغۇللار توغۇرلۇق تىما چىقسا ھەممە قىلار  كىرىدىكەن،  <شۇنىڭغا قارىغاندا ئوغۇللار نەدە ؟قىزلار شۇ يەردە .ئوخشىمامدا؟چاخچاق


    نەسىرنىڭ ئىچىدە ماندىقىنى كۆرمەپتىكەنمەن مەن.رەھمەت.
    salkin
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    | ۋاقتى : 2008-07-19 03:59 7 -قەۋەت
    ئىشقىڭ
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى

    ئىشقىڭنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 16363
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 53
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە53دانە
    شۆھرەت: 53 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 165 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
    قوللاش: 69 نومۇر
    ئالقىش: 125 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-07-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يىزىپسىز  رەخمەت ..
    salkin
    سىلەرگە كۆپ رەخمەت  كۆپرەك ياردەم قىلارسىلەر
    | ۋاقتى : 2008-07-19 12:00 8 -قەۋەت
    كەپتەرۋاز
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى

    كەپتەرۋازنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 16593
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 91 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 550 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 90 نۇمۇر
    قوللاش: 90 نومۇر
    ئالقىش: 90 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :121(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-07-31
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋازلىق بولغان بولسا تېخىمۇ  ياخشى چىقاركەن بۇ  ئەسەر 
    ھازىرقى ئوغۇللارنى ئەركەك ھېساپلاشقا بولمايدۇ  .ھەقىقى ئەركەك بولماق ھەقىقەتەن تەس 
    ئۇيغۇر ئايرىم مۇسۇلمان ئايرىم بولغانغا ئوخشاش 

    ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن بۇ .
    salkin
    ئۈزۈمچىنىڭ (پائىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى  )دىگەن ئەسەرنى بىر ئوقۇڭ
    | ۋاقتى : 2008-07-19 14:20 9 -قەۋەت
    ئۇدۇن~ئوغلى
    خوتەن ئەركىسى...ئۇدۇن دىيارى!!
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    ئۇدۇن~ئوغلىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11375
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1517
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1517دانە
    شۆھرەت: 1533 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 15422 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2598 نۇمۇر
    قوللاش: 2034 نومۇر
    ئالقىش: 3923 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ مۇشۇ يۇقىردىكى يولداشلانىڭ پىكىرلىرىگە قوشۇلىمەن!
    salkin
    ئىسىڭىزدە بولسۇن: تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ...
    | ۋاقتى : 2008-07-19 16:12 10 -قەۋەت
    سىرلىق-بالا
    قەيسەر يۇرەك.!
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك

    سىرلىق-بالانىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 730
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2383
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2383دانە
    شۆھرەت: 2846 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2442 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2431 نۇمۇر
    قوللاش: 2351 نومۇر
    ئالقىش: 2238 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :307(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-07-19
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئىسىل ئەسەركەن.!
      ئانقۇشىنىڭ پىكرى تخىمۇ ئوبىرازلق چىقىپتۇ..!
    salkin
    نادان ئۆلۇپ ناھايەت يەتتىسى ئۆتتى،
    كۇندۇزدىكى چۇشىتەكىلا ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
    ئالىم ئۆلۇپ نەچىچىلەپ ئەسىرلەر ئۆتتى،
    بارغانسېرى شۆرىتى پەلەككە يەتتى.
    | ۋاقتى : 2008-07-19 16:16 11 -قەۋەت
    ئالىپتىكىن
    كۆكيال
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    ئالىپتىكىننىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 3545
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 2471
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2471دانە
    شۆھرەت: 2398 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 5 سوم
    تۆھپە: 369 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2718 نۇمۇر
    قوللاش: 2629 نومۇر
    ئالقىش: 3077 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :106(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    salkin
    بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
    ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىد
    كەچۈرۈڭ ! تورىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ!
    | ۋاقتى : 2008-07-19 16:19 12 -قەۋەت
    ئەلكىزەر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    ئەلكىزەرنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 43
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 724
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە724دانە
    شۆھرەت: 734 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 4263 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 835 نۇمۇر
    قوللاش: 762 نومۇر
    ئالقىش: 807 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :62(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    [size=4]بۇنداق تىمىنى كۇرمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ.ئىنكاسلاردىن يەنىلا ئەپسۇسلىنىش تۇگەيدىغاندەك ئەمەس.ھەممە ئەركەك ئانداق بولسا مانداق بولسا دىيىشىپتۇ. قىزلار ئىنكاسى بارغانسىرى كۇچلىنىپ كەتسە سۇزنى تاپالماي ئەپسۇس دەپ تۇرۇپتۇ يىگىتلىرىمىز.
    يۇزەكىلكتە ئەركەك ئۇز ئورنىنى تاپالمىسىمۇ ئەمما ئەرلەر ئۇز نۇۋىتىدە ئاياللاردەك ياش تۇكۇشنى ، باشقىلارغا دەردىنى سۇزلەشنى خالىمايدۇ.ئاياللار يولنى توغرا تاپتىم دىگەن چاغدا ئەرلەر ئاللىقاچان يامان يوللاردا ئۇزىۋاتقان مەزگىل.چۇنكى ئەرلەرنىڭ كاللىسىدا مۇنداق ئۇقۇم مىنىڭچە چۇقۇم ئەكىس ئىتىدۇ .ئۇ بولسىمۇ يامان يولدا ماڭماي تۇرۇپ ياخشى يولغا ئىرىشمەسلىك.چۇنكى ئىشتاننى سالماي تۇرۇپ ئالدىنى تۇسۇپ تۇرغان سۇنىڭ چۇڭقۇر ياكى تىيىزلىقىنى ئىسسىق ياكى سۇغۇقلىقىنى بىلەلمەيدۇدە.ھەر نىمە بولسىمۇ ئەركەك يەنىلا ئەركەك.مەيلى تەنلىرى پۇكلەنسۇن،ياكى تەنلىرى سىسىق پۇرىسۇن ئۇ يەنىلا ئەركەك.ئەركەكنىڭ ھەر بىر تىنىقىمۇ يەنىلا ئەركەك.چۇنكى ئەركەك يەنىلا ئىزدىنىشتە بولىدۇ.قىزلارمۇ ئەركەك مانداق بولسا ئۇنداق بولسا دىيشكە جۇرئەت بولغاندىكىن،ئەركەكنىڭ قانداقلىقى سىلەرگە ياقمىدى،شۇنىمۇ دىمەمسىلەر. بۇنداق ياپتى سۇزلەر بىلەن قۇرساقتىكىنى بىل دىسەڭلار قانداق بولغىنى.
    [ بۇ يازما ئەلكىزەر تەرپىدىن 2008-07-19 16:51 دە قاي ]
    salkin
    ئۇزىڭىز ياخشى كۇرگەن ئادىمىڭىزنىڭ ئىللىتى خىسلەت بىلىنسە،ئۇزىڭىز يامان كۇرگەن ئادىمىڭىزنىڭ خىسلىتى ئىللەت بىلىنىدۇ.
    | ۋاقتى : 2008-07-19 16:45 13 -قەۋەت
    robotfan
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    robotfanنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 5083
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 289
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە289دانە
    شۆھرەت: 335 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2897 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 317 نۇمۇر
    قوللاش: 302 نومۇر
    ئالقىش: 350 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :438(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىن يىقىلسام ئانام يىغىلىدى،
    ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا.
    جاپالاردا راسا تاۋلىدى،
    خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا.

    كۆينەك بەرسە ئانام ماتادىن،
    بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە.
    ...
    داۋامىنى سىلەر تولۇقلاپ قويۇڭلار.
    salkin
    ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!
    | ۋاقتى : 2008-07-19 17:08 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » نەسىرلەر
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

    Time now is:08-04 12:09, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation