خىزمەت ئىزدەش
OjW`\M )(
_>hL (فىليەتۇن)
5Qi:0s7D Hyd^Il 17يىللىق جاپالىق ئوقۇش ھاياتىمنى ئاخىلاشتۇرۇپ، «كۆڭۈلدىكىدەك» خىزمەت تېپىش ئىستىكىدە كوچا ئارلاپ يۈرۈپ، ئېلان تاختىسىدىكى «خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئىلانى»غا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى، دەرھال نۇمۇرنى خاتىرلىۋېلىپ، تىلىفۇن ئارقىلىق بۇ شىركەتنىڭ ئورنىنى بىلىۋالدىم، ھەم كۇچۈ ئاپتۇبىسىغا ئولتۇرۇپ شىركەتكە كەلدىم.
VS+iP}ImHq شىركەت تولىمۇ ھەيۋەت سېلىنغان بىنادا بۇلۇپ، ئالدى تەرەپ تامغا يوغان قىلىپ «شىنجاڭ
سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» دەپ ۋېۋىسكا ئېسىقلىق تۇراتتى.
,Zlkae;7 بىنانىڭ ئىچىگە كىرىشىمگىلا، بىر ئادەم مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى. قارىغاندا ئۇ مۇشۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم، ئويلىغىىم توغرا چىققان ئىدى، ئۇ بۇ شىركتىڭ داڭلىق خىزمەتچىسى
ئۇيغۇرجان ئىكەن(بۇنى كىيىن بىلدىم).
55gF?_1A ئۇ ئالدىمغا كىلىپ تەمكىنلىك بىلەن:
u{j)a1V| -بىرەرسىنى ئىزدەمسىز ياكى بىرەر
ئىش بىجىرگۈزگىلى كەلدىڭىزمۇ؟، دەپ سورىدى.
4fGhp(& مەنمۇ قاياققا بىرىشىمنى بىل
مەي تەمتىرەپ تۇرغان ئىدىم، ئىككىلەنمەي بۇيەرگە كىلىش مەقسىتىمىنى ئۇيغۇرجانغا دىدىم ۋە ئۈزەمنى قىسقىچە تۇنۇشتۇردۇم. ئۇيغۇرجان سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ مەقسىتىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن« ئۇنداقتا ئىنتايىن ياخشى، سىز ياندىكى ئىشىكتىن كىرسىڭىز نۇرغۇن ئىشىكلەر بار، ئىشىكنىڭ ئۈستىگە شىركىتىمىزنىڭ ئالىدىغان خادىملارغا قۇيۇلغان تەلەپلىرى ۋە شەرتلىرى ۋە خىزمەت تۈرلىرى بار، قېنى خالىغانچە ئۆزىڭىز تاللاپ كىرىڭ، بۇ شىركەتتە ئىشلەپ قېلىش ئىشلىيەلمەسلىك ئۆزىڭىزنى قۇلىدا، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن» دەپلا ئالدىراش كىتىپ قالدى.
A+y\Z4= مە ئۇيغۇرجانىڭ دىگىنى بۇيىچە يان تەرەپكە بارسام، ئۇيەردە ئىككى ئىشىك تۇراتتى، ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىككە «
مۇنبەرگە كىرىپ باققان ياكى كىرەلەيدىغانلار بۇيەردىن كىرىڭ، سول تەرەپتىكى ئىشىككە مۇنبەرگە كىرىپ باقمىغان ياكى كىرەلمەيدىغانلار بۇ ئىشىكتىن كىرىڭ» دەپ يېزىقلىق تۇراتتى. مەن مۇنبەرگە كىرىپ باققان ھەم مۇھاببەت
شىئېرلىرى يوللاپ يۈرگە بولغاچقا، ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكتىن كىردىم. ئىچىدە يەنە ئوخشاشلا ئىككى ئىشىك تۇراتتى، ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىككە «داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگگەنلەر بۇيەردىن كىرىڭ»، سول تەرەپتىكى ئىشىككە «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر بۇ يەردىن كىرىڭ» دەپ يېزىقلىق ئىدى، مەن ئۇقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپ مەملىكەت بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردىكى داڭلىق 100 ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغاچقا ئىككىلەنمەي ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكتىن كىردىم، ئازراق ماڭغاندىن كىيىن يەنە ئىككى ئىشىك ئۇچۇردى، ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىككە «مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر بۇيەردى كىرىڭلار»، «سول تەرەپتىكى تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر بۇيەردىن كىرىڭلار» دەپ يېزىقلىق تۇراتتى، شەرتكە توشقۇدەكمەن دەپلا سول تەرەپتىكى ئىشىكتىن كىردىم.
&'l 8 بۇ شىركەتنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تاللايدىغان بۇ تەرىپى مىنى بەكمۇ خوشال قىلدى، ھەم «بۇ بىر ئادەتتىكى شىركەت ئەمەسكەن» دىگەن ئويغا كەلدىم..يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يەنە ئوخشاشلا ئىككى ئىشىك ئۇچرىدى، بۇ ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرەپتىكىسىگە خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن 8- دەرىجىدىن ئۆتكەنلەر بۇ يەردىن كىرىڭ، سول تەرەپتىكى ئىشىككە 8- دەرىجىگە ئىرىشەلمىگەنلەر بۇ يەردىن كىرىڭلار، دەپ يېزىلغان ئىدى، مەن 5 يىللىق ئوقۇش ھايىتىمدا تىرىشچالىقىمنىڭ نەتىجىسىدە 10- دەرىجىنى ئېلىپ بولغان، شۇڭا يەنە مەن شەرتىگە چۈشىدىغان ئىشىكتىن كىردىم، يەنە كىرسم يەنە « تاللاش ئىشىكى» ئۇچراپ تۇردى..
zO~~x;vZ ئېنگىلىزتىلىدا 4- دەرىجىگە ئىرىشكەنلەر بۇ ئىشىكتىن... ئىرىشەلمىگەنلەر بۇ ئىشىكتىن....؛ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغانلار بۇ ئىشىكتىن...، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ باقمىغانلار بۇ ئىشىكتىن ...؛كومپىيوتىر2-دەرىجە كىنىشكىسى بارلار بۇ ئىشىكتىن ،2- دەرىجىدىن تۆۋەنلەر بۇ ئىشىكتىن.....؛خىزمەت تەجىربىسى بارلار بۇ ئىشىكتىن...خىزمەت تەجىربىسى يوقلار بۇ ئىشىكتىن....؛ مەن شۇنداق قىلىپ ھەممە ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۈتۈپ كەلدىم، مۇقىم خىزمەت قىلىپ باقمغان بولساممۇ، بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇشتىن سىرىت ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلىپ خېلى تەجىربىلىك بۇلۇپ قالغان، شۇڭا خىزمەت تەجىربىسى بارلار بۇ ئىشىكتىن .... دىگەن يەردىن كىردىم.....
KZYX[G شىركەتنىڭ بۇنداق قاتتىق تالىشىنى كۈرۈپ سەل تەمتىرىدىم، ھەم بۇ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.
NIj|i> مەن شۇ تەرىقىدە 100 مىتىر ماڭدىم، ئالدىمدا يەنىلا ئوخشاش ئىككى ئىشىك، باشلىق بۇلۇپ باققانلار بۇ ئىشىكتىن، باشلىق بۇلۇپ باقمىغالار بۇ ئىشىكتىن.... ۋاھ، مەن باشلانغۇچتىن تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە سىنىپ باشللىقى بۇلۇپ كەلگەچكە، ئىككلەنمەيلا باشلىق بۇلۇپ باققانلار كىرىدىغان ئىشىكتىن كىردىم....يەنە 50 مىتىر ماڭغاندىن كېيىن يەنە ئىككى ئىشىك ئۇچۇردى، بۇ ئىشىككە يېزىلغان خەت مىنى ئويغا سالدى، ئىشىكنىڭ بىرسىگە «ساختا ھىسابات قىلالمايدىغان ھەم قىلىپ باقمىغانلار بۇ ئىشىكتىن كىرىڭ!»، ساختا ھىسابات قىلالايدىغان ھەم قىلىپ باققانلار بۇ ئىشىكتىن كىرىڭ!»، دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن بۇ شىركەتنىڭ باشلىقلىرىنىڭ شۇنچىلىك سەمىمىي، پاك دىيانەتلىك ئىكەن دەپ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى، جەمىيەتتىكى ھەممە كارخانىلارنىڭ ۋە ھەرقايسى ئۇرۇننىڭ باشلىقلىرى مۇشۇنداق پاك، سەمىمىي بولسا جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تېخىمۇ تۈرتكە بۇلاتتى، دەپ ئويلىدىم، ھەم بۇ شىركەتنى توغرا تاللىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم..
say<(x; مەن بۇ ئۆمرۈمدە ساختا ھىسابات قىلىپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلالمايمەن، شۇڭا مەن خوشاللىق ئىچىدە «ساختا ھىسابات قىلالمايدىغان ھەم قىلىپ باقمىغانلار بۇ ئىشىكتىن كىرىڭ!» دەپ خەت يېزىلغان ئىشىكتىن كىردىم...
tZ'DTQx>} ئاھ خۇدا، نىمە كارامەت بۇ؟ مەن ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا قايناق بازارغا چىقىپ قالدىم. ھەيرالىق بىلەن كەينىمگە ئۆرىلىپ ئىشىككە قارىدىم، ئۈستىگە يوغان قىلىپ «كەچۈرۈڭ، سىز بىزنىڭ شىركەتكە ماس كەلمەيدىكەنسىز، ساختا ھىسابات قىلىشنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ، سىز ھازىرچە ئەڭ ياخشىسى سەلكىن مۇنبىرى بىلەن سەلكىن چايخانىسىدا بىر قانچە يىل ئويناپ ئاندىن كىلىڭ، ئۈزىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن شاللىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىسىز.... دىگەن خەت تۇراتتى. مەن ئۈزەمنىڭ تاللىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كىچىكىپ ھىس قىلدىم، ھەممە جەھەتتە تالانىتلىقلار كېرەك بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ساختا ھىسابات قىلالايدىغان كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى پەقەت
. {`E2 ئويلىماپتىمەن . پۇشايمان قىلساممۇ بەرىبىر، جەمىيەتتە ھەممە نەرسە تەل بۇلۇپ كەتسە، ئۇچاغدا جەمئىيەتنىڭ مەنىسى قالمىغۇدەك. مەن ئاخىرى بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ياتىقىمغا قايتىپ كەلدىم..
y{$.~XgQ:w جەمئىيەت ۋە مەن بارغان شىركەت ۋە ئۆزەم ئۈستىدە قايتا- قايتا ئويلىنىپ چىقتىم، ئاخىرى جەمىيەتتە ئانچە مۇنچە يالغانچىلىق، ساختىلىق بولمىسا، ئەتراپىمىزدىكى ھەقىقىي، پاك بولغان نەرسىلەرنى بايقىيالمىغۇدەكمىز.
w{gvhq7:L7 ئەلەك موللا، بۇمۇ مىنىڭ بىر تەجىرىبە ئىگەللىشىمگە پايدىلىق، تەلىيىم مۇشۇنداق بولسا كېرەك.
ky2 um`~ شۇڭا ئاۋال سەلكىن مۇنبىرىگە يۈگۈرەپ كەلدىم....بەلكىم ساختا ھىسابات قىلالايدىغانلارنى مۇشۇ يەردىن ساختا ھىسابات قىلالايدىغانلارنى تېپىپ ساختىلىقنىمۇ ئۈگەنمىسەم بولمىغۇدەك...شۇڭا سىلەرنىڭ قېشىڭلىغا كەلدىم.....
Ap!m;G
F خەير، جەمئىيەتتە ماڭا ماس كەلگىدەك بىرەر خىزمەت تېپىلىپمۇ قالار...................
[ بۇ يازما ئاتەش تەرپىدىن 2008-07-14 20:33 دە قايتا ]