« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: زۇنۇن قادىرى ( مېنىڭ دادام ) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 2157 قېتىم كۆرۈلدى
باغۋەن
سالام رومانتىكا
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

باغۋەننىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 49
نادىر تېما : 35
يازما سانى : 3882
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3882دانە
شۆھرەت: 9958 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 33823378 سوم
تۆھپە: 2676 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6506 نۇمۇر
قوللاش: 5815 نومۇر
ئالقىش: 6062 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 زۇنۇن قادىرى ( مېنىڭ دادام )

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلقۇت تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-07-12)
.< U9 `Sz  
                                               j +h(  
                                                  زۇنۇن قادىرى lhFZGi9  
//#J\=|  
mxZo i  
                                                  ئاتا – ئانىمىز p\B (cJp  
\n0bNTx-/  
دادام ئاتۇشنىڭ تېجەن دېگەن يېرىدىن غۇلجا شەھىرىگە پىيادە چىقىپ، مەتنىياز ھاجىم سارىيىغا كېلىپ چۈشكەنىكەن. ئۇ، تاپانلىرى ئىششىپ ماڭالماي قالغانلىقتىن، بىر يۇرتلۇقىنىڭ ھۇجرىسىدا بىر ھەپتىچە يېتىپ قاپتۇ. دادامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ جاپادا قالغانلىقىنى ئاڭلىغان تېجەنلىكلەر دادامغا بىر قانچە ماتا بېرىپ، ئۇنى ئوقەتكە سېلىپ قويۇپتۇ. دادام ماتالارنى يېزىلارغا ئاپىرىپ سېتىپ، بىر ئاز پۇل قىپتۇ، بىر يىلدىن كېيىن ئۇلار دادامنى ئۆيلەپ قويۇشقان بولسىمۇ، ئەمما دادام تۈزۈكرەك دەسمايىسى بولمىغانلىقتىن، ئوقىتى يۈرۈشمەي تۇرمۇشتىن قىسىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام غۇلجىدىن دۆربىلجىن ناھىيىسىگە كېتىپتۇ. ئۇ بۇ يەردە ئاكىسى قۇربان ئاخۇننىڭ بىر قورا قويىغا قاراپ يۈرگەندە، 12 – يىلى مەن تۇغۇلغان ئىكەنمەن. تۆت ياشقا كىرگىنىمدە بوۋام __ ئاپامنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئائىلىنى غۇلجا شەھىرىگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دادام ئاكىسىنىڭ بەرگەن پۇلىنى دەسمايە قىلىپ، گىر بازىرىدا يەم – خەشەك ساتىدىغان بىر تەنزە ئېچىپتۇ. دەسمايىسى بىر ئاز كۆپەيگەندىن كېيىن، شۇ ئەتراپتىن ماتا – چەكمەن ساتىدىغان كىچىك دۇكان ئېچىۋاپتۇ. ئاندىن دادام تاپقان پۇلىنى يىغىپ غۇلجا شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدىن كىچىك بىر قورا جاي سېتىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بىز شۇ مەھەللىلىك بولۇپ قاپتۇق. z'R4ftI#0w  
NOG@NX^  
دادام ئانچە ساۋاتلىق بولمىسىمۇ، قۇلاق موللىسى ئىدى. ئۇ نامازنى كۆپ ئوقۇيتتى، قولىدىن تەسۋى چۈشمەيتتى. دادام ئاپامنى تالا – تۈزگە چىقارمايتتى، ئاپامنىڭ ئۆگزىگە چىقىپ قالغىنىنى كۆرۈپ قالسا، سەپراسى ئۆرلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىچارە ئاپام سۇس يورۇق چۈشۈپ تۇرىدىغان زەي ئۆيدە ئەتىدىن كەچكىچە ئۆي ئىشىنى قىلاتتى، قولى بوشىسا ياماقچىلىق، كەشتە تىكىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. تار ھويلىمىزنىڭ ئۈستى يېپىق بولۇپ، پەقەت بىرلا ئورۇندا تۈڭلۈكى بار ئىدى. ئاپام ھويلىغا چىقسىمۇ، كۈننىڭ سېرىقىنى تۈزۈك كۆرەلمەيتتى. ئاخىر ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالماس بولۇپ قالدى. ئۇ ماڭا ناھايىتى ئامراق ئىدى. مەنمۇ كۆپ ۋاقىت ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ھېچ يەرگە كەتمەيتتىم. چۈجە مىكياننىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋالغاندەك مەنمۇ ئۇنىڭ بېقىنىغا كىرىپ ياكى ئالدىدا يۈكۈنۈپ، دۈمچەيگەن ھالدا بېشىمنى قۇچىقىغا قويۇپ ئولتۇراتتىم. ئاپام بولسا بېشىمنى، دۈمبەمنى زېرىكمەي سىيلايتتى. ئۇنىڭ يۇمشاق قوللىرى بەدىنىمدە ئايلانغانسېرى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ياكى يېنىكلىشىپ قالغاندەك بولاتتىم – دە، ئاپامنىڭ مېھىر – مۇھەببەتلىك قۇچىقىدا شېرىن ئۇيقۇغا چۆمەتتىم. K]|RO~Wl]  
GCbQKIP~  
ئاپام بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ تەرىتىنى تۆكەتتىم، زېرىكمەي پۇت – قوللىرىنى تۇتاتتىم، ھېرىپ قالسام، كۆكسىگە بېشىمنى قويۇپ ياتاتتىم. LbEan!  
90#_Ikt9  
مەن بەش ياشقا كىرگىنىمدە، ئاپام پالەچ كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. دادام بىزنى تاماقلاندۇرۇش ئۈچۈن پاي – پېتەك بولۇپ، خېلىلا ئالدىراپ قالدى. بىز كۈندۈزى ياخشىراق ئوزۇقلانمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، تاڭ ئاتا – ئاتمايلا بېشىمىزنى يوتقاندىن چىقىرىپ نان سورايتتۇق. دادام ئالدىراپ يۈرۈپ تەرەت ئالاتتى – دە، يوتقاننىڭ بىر چېتىنى قايرىپ گىردە ناننى ئۇشتۇپ پەتنۇس بىلەن ئورۇنىمىزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بامداتقا چىقىپ كېتەتتى. بىز ئورنىمىزدىن قوزغالمايلا ناننى يەپ، پەتنۇسنى ئىتتىرىۋېتىپ يەنە ئۇخلاپ قالاتتۇق. دادام بامدات نامىزىدىن كېيىن بولىدىغان كىتابخانلىقنى ئاڭلاپ قايتقۇچە كۈن چىقاتتى. ئۇ كېلىپ چاي قايناتقۇچە ئاشۋاقتى بولۇپ قالاتتى. E[ai]P(F7  
L+403$  
دادام ئۆي ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆيلەنمەكچى بولدى. كىشىلەرنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بالىلارنى ئۆگەيلىمەيدۇ دەپ، رېھىمخان دېگەن پالكۆز بىر خوتۇن ئالدى. «كۆز بىلەن كۆردۈڭمۇ، قۇلاق ئاڭلىغان يالغان» دېگەندەك، بۇ ئاپىمىز ئۆگەيلىكى يوق ئايال بولماي، بەلكى كىچىك بالىنى كۆرسە جۇدۇنى ئۆرلەيدىغان بىر ئايال بولۇپ چىقتى، بىز ئۈچ ئوغۇل، بىر قىز ھە دېمەيلا بۇ ئاپىمىزنىڭ ئۆگەيلىشىگە ئۇچرىغىلى تۇردۇق. ئىككى ئاكام ئۇنىڭغا تۇتۇق بەرمەي، دادام كەلگۈچە ئۆيگە كىرمەي قېچىپ يۈرەتتى. ئۆگەي ئاپىمىز ئۈچ ياشقا كىرگەن سىڭلىم زىلەيخانى نان سورىغىنى ئۈچۈن چىمدىپ بدەنلىرىنى كۆكەرتىۋەتتى، مېنىڭ قوڭغۇزدىن تازا قورقىدىغانلىقىمنى بىلىۋېلىپ، يانچۇقۇمغا ئوسۇرغاق قارا قوڭغۇزنى سېلىپ قوياتتى. مەن قورقۇپ چېقىراپ، ھەر تەرەپكە يۈگۈرەيتتىم. ئۆگەي ئاپام بۇنى كۆرۈپ ھارغىچە كۈلەتتى. «مۆشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن» دېگەندەك دادام كەلگەندە، ئۇ بىزنى: «ناننى ئېلىپ قېچىپ كۈچۈككە بەردى»، «پاتقاق كېچىپ، كىيىم – كېچىكىنى بۇلغىدى» دەپ چېقىشتۇراتتى. دادام بولسا ئەھۋالنىڭ تېگى – تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەي، كىر، توپا – چاڭغا مىلەنگەن ئەپتى – بەشرىمىزنى كۆرۈپلا بىزنى ئۇرۇپ كېتەتتى. ئورنى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، دادام قىزىققان، چۇس ئادەم بولغىنى ئۈچۈن «توڭ» دېگەن لەقەملىكمۇ بولۇپ قالغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئاق كۆڭۈل، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇ بىرەر مۇتىھەمنىڭ باشقا بىرىنى بوزەك قىلغانلىقىنى كۆرسە، چىداپ تۇرالماي، بوزەك قىلىنغۇچىغا بولۇشۇپ، جېدەلنى سېتىۋالاتتى. يۇرت چوڭلىرىنىڭ نالايىق ئىشلىرىنى كۆرسە، يۈز قارىماي ئۇلارنىڭ گېپىنى رەت قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار دادام بىلەن گەپ تالىشىشتىن تەپتارتاتتى... ھەر ھالدا، دادام بەزىبىر ئاغزى يۇمشاق، ئىچى يامان، ئىككى يۈزلىمە، خۇشامەتچى، مۇناپىقلىقتىن خالىراق ئادەم ئىدى. >j$6->d  
?|0Ah)v%  
ئەمدى يەنە ئۆگەي ئاپىمىز توغرىسىدىكى گەپكە كېلەي: «كۆپنىڭ كۆزى كۆپ» دېگەندەك، بىزنىڭ ئۆگەي ئاپىمىزدىن كۆرۈۋاتقان كۈنىمىزنى قوشنىمىز نىساخان موماي چۈشىنەتتى. ئۇ بىر كۈنى دادامنى ئۆيىگە قىچقىرىپ كىرىپ: ?Z #M'l|Z  
X]C[ZJ$/  
_ ھاي قادىراخۇن، ئىشنىڭ ئالدى – ئارقىسىنى سۈرۈشتە قىلمايلا بۇ كىچىك بالىلارنى ماۋۇ خوتۇنلىرىدىن يېگەن دەككىسىنى ئاز دەپ سىلىمۇ ئۇرۇۋاتىدىلىغۇ. ئاۋۇ كىچىك قىزلىرى زىلەيخانىڭ بەدەنلىرىنى ئېچىپ قاراپ باقسىلا، ئۇنى سىلى يوق ۋاقىتتا چىمدىپ چىرقىرىتىپ، جېنىنى يەرگە قويدى. بۇرناكۈن بىچارە بالىنى پېشايۋاندىن يەرگە ئىتتىرىۋەتتى، - دېدى ياقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ. JN:TS}Oe}  
Sys+;}  
موماي ئۆگەي ئاپىمىزنىڭ بىزگە سېلىۋاتقان ئازابلىرىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردى. دادام ئۆيگە چىقىپ سىڭلىمنىڭ بەدىنىدىكى كۆكلەرنى كۆرۈپ غەزەپلەندى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ قىيناغىسىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سىڭلىمنىڭ بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى كۆرسەتتى، بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى بىرمۇ بىر دەپ كېلىپ، خوتۇنى بىلەن ئۈزۈلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتى. ئۈچ – تۆت كۈندىن كېيىن، راست دېگەندەك، دادام بۇ خوتۇندىن چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كەتتى. $N,Gwnrp  
=C:$l;C  
كېيىن دادامنىڭ شاراپەتخان دېگەن ئايالى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن زىلىخا دېگەن قىرغىز ئايالغا ئۆيلەندى. شۇنداق قىلىپ، مەن بىر نەچچە ئاپىنى كۆردۈم. كېلىن بۇ كېيىنكى ئىككى ئاپا بىزگە ھەرگىز ئۆگەيلىك قىلمىدى، بولۇپمۇ زىلىخا ئاپام ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى. بۇ بەستلىك، ئىككى مەڭزى قىپقىزىل، قاۋۇل، تىنىمسىز ئىشلەپ تۇرىدىغان، كۆڭلى كەڭ ئايال ئىدى. ئۇ ئاتنى ناھايىتى سەمىرىتىپ باقاتتى، گۈزەل كەشتە تىكەتتى، ئاش – تاماققا ئۇستا ئىدى. مەن شوخلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىگە سەكرەپ چىقىۋالسام: «تولا جېنىمنى چىقارماي چۈش» دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى. ئۇ «ج» ھەرپىنى «ي» دەپ ئېيتاتتى. ئۇنىڭ جېنم دېگەننى يېنىم، جوزا دېگەننى يوزا دەيدىغانلىقىنى دوراپ سەكرەپ كەتسەم، ئاچچىقى كېلىش ئورنىغا: «بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا» دېگەن تەمسىلنى ئېيتىپ مېنى ئەركىلىتىپ قوياتتى. مەن بۇ ئوچۇق كۆڭۈل، خۇشچاقچاق قىرغىز ئاپامغا بەك ئامراق بولۇپ كەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەندە، يەتتە كۈن يىغلىغانىدىم. H#T+aiM$  
bvkJwX@R  
 مەنبە : تارىخىي خاتېرىلەر .. :+GbCqk&  
6zGTy)I5m  
 بۇ كىتابنى ئوقۇپ قويىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن،  KLc43jwpC  
salkin
ھاياتلىق بىر پارچە كىتابقا ئوخشايدۇ . ئەقىلسىز كىشىلەر ئۇنى تېزلا ۋاراقلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئەقىللىق كىشىلەر ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇيدۇ ، نېمىشقا جېنىم ؟ چۈنكى ئەقىللىق كىشىلەرشۇنى ھىس قىلغانكى « بۇ كىتابنى پەقەت بىر قېتىملا ئوقىغىلى بولىدۇ »
| ۋاقتى : 2008-07-11 22:34 [باش يازما]
باغۋەن
سالام رومانتىكا
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

باغۋەننىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 49
نادىر تېما : 35
يازما سانى : 3882
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3882دانە
شۆھرەت: 9958 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 33823378 سوم
تۆھپە: 2676 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6506 نۇمۇر
قوللاش: 5815 نومۇر
ئالقىش: 6062 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامى J1#c?_;[  
\?d+2"W  
ئېگىز ئەخمەق پاكار پىتنىخور، ،،  ( پاكار موللا مەكتىپى ) ZQnZ 
`Y1{j}B+0  
كونا مەكتەپ \FM8ulHR  
__K? 
qNc[r G  
-t[9@o  
بىر كۈنى دادام بامدات نامىزىدىن قايتىپ كىرىپ، مېنى ئويغاتتى، كىيىمىمنى كىيىندۈرۈپ، يۈز – قوللىرىمنى يۇغۇزدى – دە: MCTq&15?  
~ s+")eri  
_ ھەي، سەن ئەمدى يەتتە ياشقا كىرىپ، يوغانلا بىر ئەزىمەت بولۇپ قالدىڭ، قارا بۇ ئۈستى – بېشىڭنى! بۇنىڭدىن كېيىن بۇرنۇڭنى يېڭىڭگە سۈرتمە، كىيىمىڭنى پاكىز كىي جۇمۇ؟ - دېدى ياقىلىرىمنى تۈزەپ تۇرۇپ. 1+~Y8_%1  
=.x^Q][=  
باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا دادام بۈگۈن مېنىڭ تازىلىقىمغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى مەن ئەتتىگەنلىك چايدىن كېيىن ئۇقتۇم. !9|=f  
YL2(7  
دادام كىچىككىنە ساقال تاغىقى بىلەن سېرىق ساقىلىنى تۈجۈپىلەپ تارىغاندىن كېيىن، سەللىسىنى باشقىدىن ئورىدى، پىرىجىسىنى كىيىپ مەن ئولتۇرغان جوزا يېنىغا كېلىپ: Au/vW'T  
n2TAQz#1  
_ قېنى ئوغلۇم تۇر، بۈگۈندىن باشلاپ موللا بولۇش ئۈچۈن قەدەم باسىسەن، - دېدى. ئۇنىڭ قولىدا كىچىككىنە بىر كىتابچە سېلىنغان كىچىك بىر جىلتا تۇراتتى. rQyyO5}v  
sH'p;wZZ  
_ دادا، بۇ نېمە كىتاب؟ - ئورنۇمدىن تۇرۇپ سورىدىم مەن. ]RVl4 qMW  
yM {M QO  
_ شەرئى ئىمان، - دېدى دادام جىلتىنىڭ بېغىنى بوينۇمدىن ئۆتكۈزۈپ، دادام شۇنداق دېدى – دە، نېرىقى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. V)RCZ|q  
r~/=b[2C  
دادامنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن بۈگۈن مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ: «ئەمدى كوچىلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئوينىيالمايدىغان بولدۇم» دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، شۇ چاغدا تالاغا قۇلاق سالدىم. ئەتىيازنىڭ شامىلىدا بالىلار ئۇچۇرۇۋاتقان دارقىراتما لەگلەكلەرنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن تاقەت قىلالماي جىلتامنى پۇلاڭلاتقان پېتى ئېغىلغا يۈگۈردۈم. ئۇ يەردە ئاكام تۇردىنىڭ قىزىل، يېشىل رەڭدە بوياپ، تۆت چاسا قىلىپ ياساپ بەرگەن بىر تاختا دارقىراتما لەگلىكى تورۇستا ئېسىقلىق تۇراتتى. بۇنى مەن دادامغا كۆرسەتمەي تىقىپ قويغان، ئۇنى مەن كۆپرەك دادام يوق چاغلاردا ئۇچۇرۇپ ئوينايتتىم. چۈنكى ئۇ مېنىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلمايتتى. ھازىر دادام ئۆيدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى مۇشۇ تۇرقىدا مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمەكچى، مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ لەگلەكنى ئېلىشقا تەمشىلىۋىدىم، بۇ ھەرىكىتىمنى دادام سېزىپ قالدى – دە، لەگلەكنى ئېلىپ يىرتىپ تاشلىدى ۋە مېنى بىر كاچات ئۇرۇپ، يېتىلىگەنچە مەكتەپكە ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا يول بويى بۇرنۇمنى تارتىپ، يىغلامسىراپ كېتىپ باراتتىم. k7W-AV  
}m,3nxAH%  
_ ماچىلدىما! ئويۇنپەز، ئەخمەق،- دەپ پات – پات قولۇمنى سىلكىپ قوياتتى دادام، _ ئوقۇپ موللا بولىدىغىنىغا خۇش بولماي يىغلاۋاتقىنىنى قارا بۇ شۇمتەكنىڭ، مەن ساڭا ياخشىلىقچە ئېيتىپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلمەي كوچىمۇ كوچا يۈگۈرۈپ لەگلەك ئۇچۇرساڭ، خوراز سوقۇشتۇرۇپ، ئىت تالاشتۇرساڭ، گەپ ئاڭلىمىغان قۇلىقىڭنى يۇلۇپ، قولۇڭغا بېرىمەن... Q*NjnB  
+E 'siP]q  
بىز شەھەر ئىچى سېپىل ياقىسىدىكى ئىككى پەنجىرىلىك پاكار بىر كونا مەكتەپنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدۇق. بۇ «پوقاق موللام مەكتىپى» دەپ ئاتىلاتتى. مەكتەپ ئىچىدىن ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى ئاڭلاندى. بۇ خۇددى قارىياغاچ شاخلىرى ئۈستىدە ئۇياندىن بۇيانغا سەكرىشىپ ۋىچىرلىشىۋاتقان بىر توپ قۇشقاچنىڭ ئاۋازىنى ئەسلىتەتتى. بىزنىڭ ئىشىكتىن كىرىشىمىز بىلەن موللام: «خەپ – شۈك» دەپ تاياقنى ئالدىدىكى ئۈستەل ھېسابىدىكى كەڭ، ئېگىز بەندىڭگە پاققىدە بىرنى ئۇردى. سىنىپ ئىچى جىم بولۇپ قالدى. / =6WyS  
=/?:CB 
دادام: r]zs b}(x  
+,I}cl+6  
_ ئەسسالامۇلەيكۇم تەقسىر!- دەپ ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنىنى كۆكسىگە قويدى، سول قولىدىكى داستىخانغا ئوراقلىق بىر پەتنۇس توقاچنى بولسا، موللامنىڭ ئالدىدىكى بەندىڭگە قويدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانچۇقىدىن بىر نەچچە سەر پۇل سېلىنغان كونۋېرىتنى چىقىرىپ، پەتنۇسنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدى، _ ئوغلىمىز زۇنۇن ھەزرەتلىرىدىن تەلىم – تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ ئۇستىخانلىرى بىزگە، گۆشى جانابلىرىغا تەئەللۇق. مۇبارەك مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، ئوبدان موللا بولۇپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز،- دادام بېشىنى ئەگدى ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى، _ بۇ ئاز بولسىمۇ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمىز، ئىلتىپات قىلسىلا. *x}=3(nB  
خوپ، خوپ، ناھايىتى ياخشى، ئىلىم – بىلىم بەرگەيمىز، ھەشقاللا، _ موللا دۇئا قىلىپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن كونۋېرىتنى قاتلاپ يانچۇقىغا سالدى. داستىخاننى ئېچىپ نان، قۇيماقلار قويۇلغان پەتنۇسنى ئىككى قوللاپ كۆتۈردى – دە، _ ھەي مەۋلان بۇ پەتنۇسنى دەررۇ بوشىتىپ چىق، _ دېدى بالىلاردىن بىرىگە قاراپ. dde!'  
`~]Nd#:&qb  
ئوت تۆت ياشلار چامىسىدىكى بىر تالىپچاق ئەدەپ بىلەن پەتنۇسنى بېرىپ بوشىتىپ چىقتى. مەۋلان دېگەن بۇ ئوقۇغۇچى موللام سىرتقا چىقىپ كەتسە، ئۇنىڭغا ۋەكالىتەن ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان خەلپەت ئىدى. ئۇ بالىلارنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ۋە تەرتىپ ساقلىشىغا باشچىلىق قىلاتتى. .s/'3V4".  
4\8%c.Ud  
دادام داستىخاننى ئېلىپ قايتىپ كەتتى. مەن بولسام موللامغا قاراپ ئۆرە تۇراتتىم. موللام ئۆچكە ساقال، گېلىدا مۇشتەك پوقىقى بار، يوغان بۇرۇن، ئەللىك ياشتىن ئاشقان، ئېگىز بوي، سېرىقدان ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇزۇن تۈكلۈك قېشى ئاستىدىكى چېقىر كۆزلىرىدىن ئاچچىقى يامان ئادەملىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بېشىدا قاپاق سەللە، ئۇچىسىدا لەنبۆك پەشمەت، بېلىدە ساقال تاغىقى بىلەن مىسۋاك ئېسىلغان ياغلىق پوتا بار ئىدى. 54t{f]37  
gJki0w},bF  
موللام بەش – ئالتە كىشى پاتقۇدەك كىگىز سېلىنغان تۆت چاسا سۇپىنىڭ بېرىقى چېتىگە سېلىنغان بەقسەم كۆرپىنىڭ ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كىچىك بىر جوزا، سول تەرىپىدىكى تامنىڭ تۈۋىدە بىر غۇلاچ، بەزىسى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ھەرخىل توملۇقتىكى كۆك چىۋىق ھەم چوڭ كىشىنىڭ باشمالتىقىدەك تاياقلار باغلاقلىق تۇراتتى. موللامنىڭ ئالدىدىكى قىرنىڭ تۈۋىگە قويۇلغان يېرىم گەزچە كەڭلىكتىكى ئېگىز پۇتلۇق بەندىڭ ھازىرقى زامان ئۈستىلىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئادەتتىكى بەندىڭلەر قويۇلغانىدى. موللام ماڭا ئاشۇ بەندىڭلارنىڭ ئالدىدىكىسىنى قولى بىلەن كۆرسىتىپ: hJ;h6J  
`9%-3\t  
_ ھە ئوغلۇم، قېنى ئولتۇرغىن،- دېدى. KdU\2 Eek  
P *EAvX!=  
مەن بەندىڭگە كېلىپ ئولتۇردۇم. موللام ئاۋۋال بالىلارغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ دەرسىڭنى ئوقۇش، دېگەننىڭ ئىشارىتى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بالىلار دەرسلىرىنى ئۈنلۈك تەكرارلاشقا كىرىشتى، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك مەنىدىكى سۆزلەر بوم ۋە ئىنچىكە ئاۋازلار بىلەن ئارىلىشىپ، مەكتەپ ئىچى ھەرىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى. iV/|Ji>V  
+b3Vwo  
_ قېنى جىلتاڭنى ئېلىپ مەيەرگە قوي، ئوغلۇم! _ دېدى موللام ماڭا قاراپ. مەن جىلتامنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ جىلتا ئىچىدىكى كىچىك كىتابچىنى ئېلىپ: 8@] Gqo3  
=h;\SV"  
_ بۇ شەرئى ئىمان ئىكەن. سەن بۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى يادلاپ بولغۇچە كىتابىڭ يىرتىلىپ، ھېچنېمىسى قالمايدۇ. ھاي مەۋلان بۇنىڭغا كىتابى تارغاقتىن بىرنى كەلتۈر،- دېدى. } ]} q  
d ;e0  
مەۋلان خەلپەت قازناققا كىرىپ، كالىنىڭ يوغان قۇرۇق بىر تاغاق ئۇستىخىنىنى ئېلىپ چىقىپ، موللامنىڭ ئالدىغا قويدى. موللام مىس سىياداندىكى قويۇق قارا سىياغا قۇمۇش قەلەمنى مىلەپ، تارغاق بېتىگە «ئە ئۇزۇ...» نى خۇشخەت بىلەن يېزىپ بەردى. تارغاقنىڭ بېشىنى سول قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، ئوڭ قولۇمنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى خەتنىڭ بىر چېتىدىن باستۇرۇپ: WQ'hkzD  
SWJ;AkR  
_ ئەئۇزۇ، ھە، قېنى ئوقۇ! – دېدى موللام. مەن ئۇ نېمە دېسە شۇنى دېدىم. ئۇ بارمىقىمنى سۆزمۇ سۆز يۆتكىتىپ تۇردى. بىراق مەن «رەجىم» دېگەن سۆزگە كەلگەندە، «يەجىم» دەپ ئوقۇغانىدىم. ئۇ: 0'5+}sU S  
pEF$+`i !  
_ ھەي، «يەجىم» ئەمەس، «رەجىم» دېگىن، بولمىسا مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ،- دېدى. مەن يەنىلا «يەجىم» دەپ ئوقۇدۇم. w|36Mw/0!  
Gz0~ z0{A  
_ ئەستاغپۇرۇللا! بۇنىڭ تىلى سېمىز ئىكەن،- دېدى موللام تېرىكىپ. x;dJ"LS`  
cA=q8K~'  
ئۇ مېنىڭ تىلىمنى «ي» دىن «ر» غا كەلتۈرۈشنى، بېرىلگەن دەرسلەرنى يادا ئېلىۋېلىشىمنى مەۋلانغا تاپشۇردى، شەرئى ئىمان دېگەن كىتابىمنى بولسا، تاختا بېشىغا ئېلىپ قويدى. Fj@(9n f  
"<:5G@Mc  
مەۋلان مېنى ئۈچىنچى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئالدىمىزدا كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە ئىككى – ئۈچتىن كېسەك قويۇلغان تاختاي بار ئىدى. ئۆزىمىز بولساق، زەي يەرگە سېلىپ قويۇلغان زىغىر پاخىلى ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇراتتۇق. ئوقۇغۇچىلار ئورۇن تالىشىپ، بىر – بىرى بىلەن جەينەكلىشىپ ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆتۈرگەندە، مەۋلان خەلپىتىم ئۇزۇن تاياق بىلەن ئۈستى – بېشىمىزغا ئايىماي ئۇراتتى، شۇ چاغدا بىز يۈكۈنۈپ بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتۇق. خەلپەتكە بويسۇنماي كۆكەمىلىك قىلغان بالىلارنى موللام ئالدىغا چاقىرتىپ، بەستلىك بالىلارغا ھاپاش قىلغۇزۇپ، يالىڭاچلانغان دۈمبىسىگە كۆك تاياق سۇنغىچە ئۇراتتى. ئەدەبكە چىققۇچىلار ئىشىكنىڭ يېنىدا ئېسىپ قويۇلغان «ئەدەب» تاختىسىنى ئېلىپ سىرتقا چىقاتتى. كىمكى ۋاقتىدا كىرمەي، كېچىكىپ قالسا، دۈمبىسىدىن قان چىققۇچە تاياق يەيتتى ياكى پالاققا بېسىلاتتى. ,UD@UJlk  
 sK2=x}  
پالاققا بېسىش مۇنداق بولاتتى: نوغۇچتىن تومراق بىر كالتەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىردىن تۆشۈك ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا تاسما ئۆتكۈزىلىدۇ. قاۋۇل ئىككى ئوقۇغۇچى ئەيىبكار بالىنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ، ئىككى پۇتىنى شۇ تاسمىغا ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ھاۋا تاپان قىلىپ، موللامنىڭ ئۇدۇلىغا توغرىلايدۇ. موللام جازالانغۇچى بالىنىڭ ئۆتۈكى ياكى پوپۇشىنىڭ چەمى ئۈستىگە بىر غۇلاچ چوماق بىلەن بار كۈچىنى چىقىرىپ ئۇرىدۇ. بالا پۇتىنى قىمىرلىتالماي ئاغرىق ئازابىدىن چىرقىرايدۇ. مەكتەپ ئىچىدىكى بارلىق بالىلار قورقۇپ جىم ئولتۇرىشىدۇ، بەزىلىرى كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالىدۇ. بۇنىڭدىن يامانراق يەنە بىر خىل جازا بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، مەكتەپتىن قاچقان ئوقۇغۇچىنى ئۈچ – تۆت بالىنى ئەۋەتىپ تۇتتۇرۇپ كېلىپ، تاپىنىنى ئۇستۇرا بىلەن تىلىپ، تۇز سۈركەش. ئۈچىنچى خىل جازا: دەرس بىلمەيدىغان ناچار بالىلاردىن بىرەرىنى «تىلى سېمىزكەن» دەپ، تىلىنى ئوتتۇرىسىدىن يېرىق قۇمۇش نەيچىدىن ئۆتكۈزۈپ سېرىش. مەن بۇ جازالارنى كۆرگەندىن كېيىن قورقۇپ، شوخلۇق قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم. بولۇپمۇ كېيىنكى جازادىن بەك چۆچۆپ يۈردۈم. چۈنكى بىرىنچى دەرستىلا موللام مېنى «بۇنىڭ تىلى سېمىزكەن» دېگەنىدى. شۇڭا تىنماي دەرس ئوقۇيتتىم، موللام كالا تارغىقىغا يېزىپ بەرگەن ھەرپلەرنى _ «ئىلىپتۇزىۋەر ئەن، ئىلىپتۇزىر ئىن، ئىلىپتۇ پەشئۇن» لاردىكى ئەن، ئۇنلارنى بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇپ تەكرارلايتتىم. مەن ئاستا – ئاستا ئويۇنپەرەسلىكتىن قېلىپ ئوقۇشقا بېرىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، كالا تارغىقىنى تاشلاپ شەرئى ئىماننى ئوقۇشقا كىرىشتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەپتىيەك ئوقۇدۇم. كېيىن يەنە «سوپى ئاللا يار» دېگەن شېئىرىي كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدىم (بۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپكە كىرگىنىمگە تۆت – بەش يىل بولۇپ قالغانىدى). بۇ كىتابقا قىزىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن موللام مېنى ماختايتتى ۋە شېئىرلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي يادلايدىغان ساۋاقداشلىرىمغا ئۆگىتىش ئۈچۈن مېنى تۆت ئوغۇل، تۆت قىزغا خەلپەت قىلىپ قويدى. قىزلار مەكتەپنىڭ قىلۋى (قىبلە) تېمى تەرەپتە ئىككى رەت بولۇپ ئولتۇراتتى. مەن كۆپرەك كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ئاق يۈزلۈك، پومبۇلاققىنا، ئوماق قىز خەيرىنساغا دەرس ئۆگىتەتتىم، ئۇنىڭغا سوپى ئاللايار شېئىرلىرىنىڭ مەنىسىنى مىسرا – مىسرا بويىچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتىم. مەسىلەن، ئۇنىڭدا ھەقىقەت توغرىسىدا مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىر بار ئىدى: L9g1(?\@  
/P#Un5zajB  
?hClC{R p  
0SD8(\M>  
ھەق چىراغىنى ياندۇردى، قويدى، *8@qLC )u  
H@ a7"w  
كىم ئانى پۈۋپ دېدى، ساقالى كۆيدى. AKDd*qQV%I  
=kp2/\  
m35Ms%\  
PBRmV1dv  
بۇنىڭ مەنىسى، ھەقىقەت چىرىغى يېنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى پۈدەپ ئۆچۈرىۋېتىمەن دېگەن كىشىنىڭ ساقىلى ئوتتا كۆيىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. مەن ئۇنىڭغا شېئىرلارنى ئەنە شۇنداق ئوقۇپ ئۆگىتىپ، ئاندىن مەنىسى چۈشەندۈرەتتىم. P@1 \]^$&  
D@Lb+# n2'  
ئوغۇللاردىن غوپۇر دېگەن قاڭشارلىق، مۇلايىم بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. تولا چاغلاردا ئۇ يانچۇقىغا ناۋات سېلىپ كېلەتتى، يازدا بولسا مېۋە ئېلىپ كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ يانچۇقى تېشىلىپ كېتىپ، شاپتۇللارنى ئاۋايلاپ ئېلىپ مېنىڭ ئالدىمغا تىزىشقا باشلىدى. ئەتراپتىكى بالىلار بۇنى كۆرۈپ بۆلۈشىۋېلىشقا تۇردى ۋە ئۇنىڭ يانچۇقلىرىغا قوللىرىنى تىقىشتى. ئېزىلگەن شاپتۇلنىڭ سۇلىرى غوپۇرنىڭ كىيىملىرىنى شالتاق قىلىۋەتكەنىدى. غوپۇر بولسا، تېرىكمەي كۈلۈمسىرەپ: 6IWX? Zp  
i4A/Ag3Q>  
_ بولدى، بولدى، پېشىمنى قويۇۋېتىڭلار، تۈگىدى ئەمدى، ئەتە جىقراق ئالغاچ كېلەي،- دەپ قوياتتى. ئۇ ئەسلىدە بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئالغاچ كېلەتتى، چۈنكى مەن ئۇنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلاتتىم. ئۇ مېنى يەنە جۈمە كۈنلىرى بېغىغا باشلاپ بېرىپ، مېۋىگە تويغۇزاتتى ياكى مېۋىنى مەكتەپكە ئېلىپ بارسا، بۇلاڭغا كېتىدىغانلىقىدىن قورقۇپ، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن ئۆيۈمگە ئەكىلىپ بېرەتتى. }cY)l3v  
*8J m}!mU  
شۇنداق بولغاچقا، دۇرۇسراقىنى ئېيتقاندا، بىز دوست بولۇپ قالغاچقا، غوپۇرغا ۋە مېھرى ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان خەيرىنىساغا دەرستە كۆپرەك ياردەم قىلاتتىم. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يۈرگەن قالغان ئۈچ ئوغۇل بىلەن ئۈچ قىز مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھەتتا تۈرلۈك يامان گەپلەرنىمۇ تاپاتتى ۋە موللامغا چاقاتتى. بەزىدە بولسا، ئۇ قىتىغۇرلار بىلەن كوچىدا ھارغىچە مۇشتلىشاتتۇق. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆيدە ئاتىمىزدىن، مەكتەپتە پوقاق موللىمىزدىن بەدىنىمىز كۆكىرىپ، قان چىققۇچە تاياق يەتتۇق. لېكىن جېدەل – ماجىرا تۈگىمەيتتى، تېخى ئەدەپ كېتىپ، ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق. بىر كۈنى مەن ھېلىقى قىتىغۇرنىڭ بىرىنى ئۇرۇپ، قاپىقىنى يېرىپ قويدۇم. مانا شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ پالاققا بۇيرۇلدۇم. )8\w(+Y4  
m@'J \5[  
موللام سەللىسىنى قوزۇققا ئىلىپ، پىرىجىسىنى سالدى، بالىلارغا قاراپ ئۆچكە ساقاللىرىنى تىترەتكەن ھالدا: "6x*=v@  
t)6w?XTw  
_ ھاي مەۋلان، زۇنۇننى مەيەرگە ئېلىپ كەل!- دەپ ۋارقىرىدى. "=izUF?a<  
U& 
مەۋلان مېنى بېلىكىمدىن تۇتۇپ سۆرەپ، موللامنىڭ سۇپىسى ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. DgMy{"5cn  
g;0fq$bK  
_ پالاقنى قايسىڭ تۇتىسەن؟- دەپ سورىدى موللام. O>8s6#H  
8c~u<'r  
ھېلىقى قىتىغۇر بىلەن ئۇنىڭ ئاغىنىسى جاۋاب بەردى: |yI/)\a3!  
t>]6M[,]<$  
_ مەن، مەن... #i5c2@?  
ux t5x`  
_ باس!- دەپ ئەمىر قىلدى موللام. 1k]5W&#]  
BLN,P0o08  
قىتىغۇر بالا بىلەن ئاغىنىسى يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار مېنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ، كۆن ئۆتۈكلۈك ئىككى پۇتۇمنى كالتەكنىڭ تاسمىسىدىن ئۆتكۈزدى، ئاندىن كالتەكنى بىر تەرەپكە بۇراپ، تاسمىنى تازا چىڭ ئورىدى. پۇتلىرىم بوغۇلۇپ زىڭىلداپ كەتتى. موللام ئالقانلىرىغا تۈكۈرۈپ، چوماقنىڭ سىلىقلىنىپ كەتكەن سېپىنى ئىككى قولى بىلەن سىقىمداپ تۇتۇپ، ھاۋا تاپان بولۇپ تۇرغان پۇتۇمنىڭ تاپىنىغا كۈچەپ تۇرۇپ بىرنى ئۇردى. مەن: [3Gc,  
>f.kp\Oc!z  
_ ۋايجان!- دەپ ۋارقىراپ يىغلىۋەتتىم. >;.E8  
(0$mzI`g?  
_ توۋا، توۋا قىلدىم دە،- دېدى مەۋلان. مەن مەۋلاننىڭ دېگىنىنى دەپ پۇتۇمنى تۆۋەن تارتتىم. كالتەك تۇتقان بالىلار بولسا، تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۈمبەمنى يەردىن ئاجرىتىپ بوينۇمنى قاتلىۋەتتى. موللام غەزەپ بىلەن يەنە ئۈچنى ئۇرۇۋىدى، ئۆتۈكۈمنىڭ پاشنىسى سۆكۈلۈپ چۈشتى. تاپىنىم ئوتتا كۆيگەندەك بولۇپ، ئاغرىقى بېشىمغىچە چىقتى. ئاغرىققا چىدىيالمىدىم، پۇتلىرىم ئىششىپ كەتتى، ھەتتا كەچقۇرۇن مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىدا ھەممە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆرە تۇرۇپ بىللە ئاۋازلىق ئوقۇيدىغان «ۋەششەمسى» نى ئوقۇشقا تۇرالماي قالدىم. ھەممە بالىلار كەتكەندىن كېيىن، دوستۇم غوپۇر مېنى ھاپاش قىلىپ ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويدى. مەن دادامغا ھال ئېيتىپ، پوقاق موللامنىڭ مەكتىپىگە بارمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. دادام ماڭا نەسىھەت قىلىپ: V G/*.of  
C6o`]+MKV  
_ موللىسى ئۇرغان يەردىن ئاخىرەتتە قىزىلگۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۇستازلىرىنى خاپا قىلغان ئادەم قىيامەتتە توڭگۇز سۈرىتىدە قوپۇپ، دوزاختا كۆيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى ھەم موللاڭنى ھەرگىز خاپا قىلما، ئەگەر گەپكە قۇلاق سالماي يەنە ئەسكىلىك قىلساڭ، مەندىنمۇ، موللاڭدىنمۇ ياخشىلىق كۆرمەيسەن، «جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالىڭاياق» دېگەندەك بولىسەن،- دېدى.
hti8z"  
m+ _yg~$x  
ئۈچ كۈندىن كېيىن پۇتۇم يەرگە دەسسىگۈدەك بولىۋىدى، دادام مېنى يەنە ئالدىغا سېلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. 1^ddR9An{J  
pH "F*2 |  
_ تەقسىر، ئوغلىمىز جانابلىرىنى خاپا قىلىپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پېقىرلىرى ناماقۇل،- دەپ قولىنى كۆكىسگە قويۇپ ئېڭىشتى دادام _ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق گەپ ئاڭلىمىغان قۇلىقىنى سوزايلى، بولمىسا مەكتەپكە كېلەلمەي قالىدىكەن،- دادام موللامنىڭ پۇتۇمنى كاردىن چىقىرىپ قويماسلىقىغا ئەنە شۇنداق دالالەت بېرىپ قايتىپ كەتتى. hOU{?y  
9Q 
مەن شۇنىڭدىن كېيىن زەي، چاڭ – توزانلىق بۇ كونا مەكتەپنى، سەپرا مىجەز پوقاق موللامنى، بولۇپمۇ ھېلىقى پۇتۇمنى سۇندۇرۇپ قويغىلى تاس قالغان ئۇزۇن ساپلىق چوماقنى يامان كۆرۈپ قالدىم. ئورنى كەلگەندە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن بۇ نەس چوماقتىن كېيىن ئۆچۈمنى ئالدىم. m "[0  
/^WNFLvlt  
ئۆچ ئېلىشىم مۇنداق بولدى: ئاي راسا تولغان __ بارات ئېيىنىڭ 14 – كېچىسى ياشلار مەھەللىدە بىر يەرگە يىغىلىپ، تۈنەك كېچىسى ئۆتكۈزۈپ، ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ ۋە سىرتقا چىقىپ تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينايدۇ، گۈلخان يېقىپ ئوت ئاتلايدۇ. كوچا ئويۇنلىرىنى باشلاش ئالدىدا ئۇزۇن خادىغا كىيدۈرۈلگەن ياغلىق قاپاققا ئوت يېقىپ، ئۇنى لاۋۇلدىتىپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئۇلار بۇ ناھايىتى چوڭ مەشئەلنىڭ يورۇقىدا «ۋەششەمسى» نى ۋارقىراپ ئوقۇپ، كوچا ئايلىنىدۇ. بۇنى «ۋەششەمسى قىچقىرىش» دەپ ئاتايدۇ. مەن مانا شۇ تۈنەك كۈنى __ ئاپئاق ئايدىڭ كېچىدە ساۋاقدىشىم ئابدۇك (ئابلاخان) بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ بەستلىك، قاۋۇل ۋە قارام بالا ئىدى. ئابدۇك ماڭا: «پوقاق موللامنىڭ چومىقىنى بۈگۈن كەچتە يوقىتىمىز» دەپ قوشۇلدى. چۈنكى ئۇمۇ ئالتە قېتىم بۇ چوماقنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەنىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ يەڭلىرى تۈرۈلگەن قولىدا بىر لاخشىگىر تۇراتتى. بىز ئىككىمىز يۈگۈرگەندەك مېڭىپ پوقاق موللام مەكتىپى ئالدىغا كەلدۇق.  8;;? I  
;'pH5Fp<  
_ سەن ئۇياق – بۇياققا ماڭغاچ ئەتراپقا قاراپ تۇر، بىرەر كىشى كۆرۈنسە، ھايت دە،- دېدى ئابدۇك ۋە مەكتەپ پەنجىرىسىنى لاخشىگىر بىلەن قومۇرۇشقا باشلىدى. مەن بولسام، سېپىل ياقىسىنى بويلاپ، ئۇيان – بۇيان يۈرۈپ كۆزەتچىلىك قىلدىم. ھەش – پەش دېگۈچە ئابدۇك پەنجىرىنى قومۇرۇۋەتتى ۋە چوماقنى ئېلىپ چىقىپ: 'n= E  
Mrr3E !+  
_ ھەي زۇنۇن، مەيەرگە كەل،- دەپ مېنى قىچقاردى. مەن يۈگۈرۈپ كەلگەنىدىم، ئۇ يەنە مەكتەپ ئىچىگە چۈشۈپ، پالاقنى ئېلىپ چىقتى. بىز پەنجىرىنى ئورنىغا سېلىپ قويۇپ، مەھەللىگە يۈگۈرگەندەك كەتتۇق. ئابدۇك: ecz<67B!  
IyxuoE">b  
_ سەن ئاۋۇ ئوت ئاتلاۋاتقان بالىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوت ئاتلاپ تۇر، مەن بۇنى تەييارلاپ كېلەي، _ دېدى – دە، ئارقىسىغا يېنىپ، ئۆز ئۆيى تەرىپىگە يۈگۈرۈپ كەتتى. `ZNp8C  
XEmYRX  
مەن مەھەللىمىزدىكى بالىلارغا قوشۇلۇپ: «بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ، بىزگە قۇيماق قويدۇڭلارمۇ؟» دەپ ۋارقىراپ ئوت ئاتلاش بىلەن ئاۋارە بولدۇم. بىر نەچچە شوخ بالا خەقنىڭ ئۆگزىسىدىن قوراي ئوغرىلاپ كېلىپ تىنماي ئوت قالايتتى. X;`^d>Z  
;$h*Mz!/  
ئابدۇك قايتىپ كەلدى. ئۇ پالاق ياغىچىنى چوماق سېپىگە تېڭىپ ئۇزارتىپ، چوماقنىڭ بېشىغا ئەسكى پاختا ئوراپ، ئۇنى ياغقا چىلاپ ئېلىپ كەپتۇ. بىز چوماقنىڭ ياغقا چىلانغان بېشىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلار بىلەن ئېگىز – پەس «ۋەششەمسى» قىچقىرىپ ماڭدۇق. لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان چوماقتىن بەزى – بەزىدە ئابدۇكنىڭ يۈزىگە قىزىق ياغ تامچىسى چاچراپ كۆيدۈرەتتى. ئۇ: SMgW  
C]v5s/   
_ بۇ پاسكىنا چوماق كۆيۈپ تۈگەۋېتىپتمۇ مېنى قىينىماقچى، ۋارقىراڭلار بالىلار، چىڭ – چىڭ ۋارقىراڭلار!- دەپ ئالغا قاراپ ماڭاتتى. بىز تاكى چوماقنىڭ بېشى كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ چۈشكىچە كوچا ئايلاندۇق. شۇنداق قىلىپ، بىز چوماقنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۆككە سورۇپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالدۇق... a2b] B}[9  
5,IhlJ,Yf  
قىش كۈنلىرى مەكتەپكە قالايدىغان كۆمۈرنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئېلىپ كېلەتتى. بىز ھەر كۈنى ئەتتىگەندە جىلتا ئاسقان، قولتۇقىمىزدا بىر پارچە قىستۇرۇلغان ھالدا مەكتەپكە كېلەتتۇق ۋە ئىشىكنىڭ سول تەرىپىدىكى بۇلۇڭغا كۆمۈرنى تاشلاپ يۇقىرى تەرەپتىكى پاخال ئۈستىگە بېرىپ ئولتۇراتتۇق. قولىمىزنىڭ قارىسىنى چاپان ياكى كۆڭلەك پېشىگە سۈركىۋېتىپ، كىتابلىرىمىزنى كېسەككە مىندۈرۈپ قويغان تاختاينىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئاچاتتۇق – تە، باشلىرىمىزنى لىڭشىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇشقا كىرىشەتتۇق. بۇ مەكتەپ بىرلا ئېغىز ئۆي ئىدى، بۇ يەردە قىرىق – ئەللىك بالا ئوقۇيتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغان دەرسلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايتتى. موللام نۆۋەت بىلەن چاقىرغاندا، بىر ياكى ئىككى بالا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كىتابلىرىنى ئېچىپ دەرس ئالاتتى. بۇ بىر ئېغىز ئۆينىڭ بىر چېتىدە ئوتۇن، كۆمۈر، يەنە بىر چېتىدە ئەسكى جوزا، بەندىڭ، سۈپۈرگە، گۈرجەك، تاختا بېشىدا كىتابلار، موللامنىڭ ئەتراپىدا جازا قوراللىرى __ سۇنۇق ۋە باغلاقلىق تاياقلار تۇراتتى. موللام ياز ئايلىرىدا تۆت – بەش بالىنى دەريا بويىغا ئەۋەتىپ ياۋا تاللارنىڭ شۇڭلىرىدىن تاياپ كەستۈرۈپ كېلەتتى. قىشتىن ئېشىپ قالغان قاتتىق ئوتۇن بىلەن كۆمۈرنى تۆت بالا زەمبىل بىلەن موللامنىڭ ئۆيىگە توشۇپ ئاپىراتتى بېرەتتۇق. بۇ خېلىلا جاپالىق ئىش ئىدى. چۈنكى بالىلار كىچىك بولغىنى ئۈچۈن زەمبىل سېپىنىڭ تۆت ئۇچىنى تۆت بالا مۈرىسىگە ئېلىپ ماڭاتتى. ئېغىر يۈك ئاستىدا بىچارە بالىلار پۇشۇلداپ، تەرلەپ كېتەتتى ۋە موللامنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە بىر نەچچە جايدا توختاپ دەم ئېلىۋالاتتى. كۆمۈر جىقراق يىغىلىپ قالغان چاغلاردا سەككىز بالا تۆتتىن نۆۋەتلىشىپ كۆتۈرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئىككى بالا زەمبىلدىن چۈشۈپ قالغان كۆمۈرلەرنى تېرىپ ماڭاتتى. قۇشناچىم كىر يۇغان ياكى نان ياققان چاغلاردا موللام ئىككى بالىنى ئۆيىگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتەتتى. ئۇلار شۇ كۈنى كەچكىچە سۇ توشۇپ، ئوتۇن يېرىپ بېرەتتى ۋە باشقا ئىشلارغىمۇ قارىشاتتى. دېمەك، بالىلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ موللامنىڭ ئۆي خىزمىتىنى قىلىدىغان ۋەزىپىسى بار ئىدى. :Ey_y y-  
n3mS#P5  
موللام مائاشنى ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ كەلگەن ئوقۇش بەدىلىدىن ئۈندۈرۈۋالاتتى. بۇنىڭ نامى «پەيشەنبىلىك» دەپ ئاتىلاتتى. «پەيشەنبىلىك» __ ئوقۇغۇچىلار دەرسنىڭ تۈرىگە قاراپ ھەر پەيشەنبە كۈنى موللامغا ئاتاپ ئېلىپ كېلىدىغان مەلۇم پۇلغا قارىتىلغان. ئوقۇغۇچىلار دەسلىپىدە بىر مىسقال تۆلىسە، ئەڭ يۇقىرى ئوقۇغاندا تۆت – بەش مىسقالغىچە پۇل تۆلەيتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ھېسابىدا بىر مىسقال يىگىرمە تىيىن، بەش مىسقال بىر سۇم (تەڭگە)[1] ئىدى. بىز بۇ پۇلنى يارماق ھېسابىدا بېرەتتۇق. مەن تېخى يېشىمغا توشمىغان چاغلاردا ئۈچ يارماقنىڭ قىممىتى بىر تىيىن ئىدى. كېيىن ئىككى يارماق بىر تىيىن بولدى؛ يارماق ئازلىغانسېرى بىر يارماق بىر تىيىن بولۇپ قالدى. tGJb<^v[  
E_5c:7_:  
مەن بىر مىسقال پەيشەنبىلىك ئېلىپ كېلىدىغان چاغلاردا ئىككى يارماق بىر تىيىن بولغاچقا بىر مىسقال (يىگىرمە تىيىن) ئۈچۈن قىرىق يارماق ئەكىلىشىم كېرەك ئىدى. يارماقنى بىردىنبىر ساناپ ئېلىش قىيىن بولغىنى ئۈچۈن شۇ چاغدا يارماق سانىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئەسۋاپ بولىدىغان. بۇ «چەن پەنزى» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ يۈزى بىر قانچە يېرىم نوكەش قىلىپ ئويۇلغان بىر پارچە تاختاي ئىدى، بۇ تاختاينىڭ يېرىم نوكەش قىرلىرىدا ئېلىپ كېلىنگەن يارماقلارنىڭ قانچە تىيىن ياكى قانچە مىسقال ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان سىزىقلىرى بار ئىدى. ھەر پەيشەنبە كۈنى موللام ئاشۇ تاختىسىنى ئالدىغا قويۇپ ئولتۇراتتى. بىز تۆلەشكە تېگىشلىك يارماقلىرىمىزنى ئۇ تاختىنىڭ نوكىشىگە سېلىپ سىزىققا توغرىلىغاندىن كېيىن، موللام ئېلىپ ساندۇقىغا سالاتتى. `e9IHS6  
^KR99-.Tv"  
ئابدۇك بىر كۈنى ماڭا موللامنى ئالداش ئۈچۈن مۇنداق بىر چارىنى ئۆگەتتى: يارماقنىڭ نېپىز، سېرىقراق بىر خىلى بولىدىغان، ئۇنى جىڭچەن دەپ ئاتايتتۇق. يەنە بىر خىلى ئۈچ – تۆت يارماقتەك قېلىنلىقتا ئىدى، ئۇنى قۇلۇلە ياكى تومپۇر دەيتتۇق. دادام بەرگەن بىر مىسقال پەيشەنبىلىك ئىچىدىن ئاشۇنداق جىڭچەن يارماقلارنى ئىلغىۋېلىپ، ئۇنى تومپۇرلارغا تېگىشەتتۇق (سودىگەرلەر بىر جىڭچەنگە ئۈچ – تۆت تومپۇر بېرەتتى). ئاندىن ئۇنى ئېلىپ بېرىپ موللامنىڭ ئالدىدىكى يارماق ئۆلچىگۈچىگە سالاتتۇق. موللام سىزىققا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى گەپ – سۆز قىلمايلا غەلۋىرىگە كولدۇرلىتىپ تاشلايتتى. دېمەك، ھەر پەيشەنبىلىكتىن بەش – ئالتە تىيىننى قايرىۋالاتتۇق، بۇنىڭغا لەگلەك تانىسى ياكى تاڭگا ئالاتتۇق. egp{&:3"p$  
-!]+Q@J  
موللامنىڭ بالىلاردىن ئالىدىغان يەنە بىر خىل كىرىمى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، بىرەر بالا بىر كىتابنى تاماملاپ باشقا كىتابنى باشلىغان كۈنى پۇل، كىيىملىك ۋە تاماق ئەكىلىپ، ئۇنىڭدىن دۇئا ئالاتتى. موللام پۇل ۋە رەختلەرنى ئۆزى ئېلىپ، قۇيماق بىلەن توقاچلارنى بالىلارغا تارقىتىپ بېرەتتى ھەم شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى بىر كۈن قويۇۋېتەتتى. مەنمۇ سۇپى ئاللايارنى تاماملاپ ناۋايىغا چىققان كۈنۈمدە موللامغا خېلى بىر نەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن، موللام ئوقۇغۇچىلارنى بىر كۈن ئازاد قىلدى. موللام يەنە نەزىر – چىراغ، توي – تۆكۈنلەرگە چاقىرىلىپ كونۋېرىت ئالاتتى. مۇنداق كۈنلەردىمۇ موللام بىزنى ئازاد قىلاتتى. كونۋېرىت كەلمىگەن كۈنلىرى بولسا، موللام  بىزنى چۈشكىچە ياكى كەچكىچە قويۇپ بەرمەي، قورساقلىرىمىز ئېچىپ بىئارام بولاتتۇق. مۇنداق ئەھۋال تولاراق تەكرارلانسا، قورقۇمسىز ئابدۇك: «موللامنىڭ ئۆيىدە ئۆچكە، بىزنى قويمايدۇ چۈشكە» دېگەندەك گەپلەرنى ھەممە بالىلارغا تەڭ ئۆگىتىپ، تەڭ ۋارقىرىتىپ ئېيتقۇزاتتى. موللام پۈتۈن بالىلارنىڭ ئۆزىگە تەگكۈزىۋاتقان بۇ ھەجۋى گەپلىرىدىن چۆچۈپ، دەررۇ ئوقۇغۇچىلارنى چۈشلۈككە قويۇپ بېرەتتى. wxgmMD6  
BW>6(.  
بىز بارات كېچىسى موللامنىڭ پالاق ۋە چوماقلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىلگىرىكىدىنمۇ يوغان تاياقلارنى تەييارلىتىپ ئېسىپ قويغانىدى. موللام ئابدۇكنى يامان كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى كۆزىدىن يوقىتىشنى ئويلاپ يۈرگەن بولسا كېرەك، بىر كۈنى تاختا بېشىدىكى بىر قۇرئان يوقىلىپ كەتتى. چېقىمچى بالىلاردىن بىرى: «قۇرئاننى ئابدۇك ئوغرىلاپ ساتتى» دەپ چېقىشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن موللام ئابدۇكنى ئىككى خىل جازاغا تارتتى: دەسلەپتە، ئۇنى ھاپاش قىلدۇرۇپ، كۆڭلىكىنى قايرىپ، يالىڭاچ دۈمبىسىگە بەش تال كۆك تاياق سۇنۇپ كەتكۈچە ئۇردى. ئۇنىڭ دۈمبىسى قىر – قىر تىلىنىپ، تىرقىراپ قان چىقىپ كەتتى. ئاندىن كېيىن پالاققا تارتىپ ئۇرۇپ تاپانلىرىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ يېرىلغان يەرلىرىگە تۇز سۈركەتتى... كەچقۇرۇن نىمجان بولۇپ قالغان ئاغىنىمىز ئابدۇكنى تۆت بالا ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇك ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن يېتىپ ساقايغاندىمۇ، بۇ مەكتەپكە كەلمەي قويدى. كېيىن موللام: «ئابدۇك مەكتەپتىن قاچتى، تۇتۇپ كېلىڭلار!» دەپ قاۋۇل تۆت بالىنى ئەۋەتكەنىدى، ئۇلارنى ئابدۇك تاش ئېتىپ قوغلىۋېتىپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ئۇ سېپىلغا چىقىپ پوقاق موللامنىڭ مەكتىپىنىڭ پەنجىرىسىگە ئىككى – ئۈچ تاش ئاتتى. لېكىن ئۇ موللامغا تۇتۇق بەرمەي يۈردى. موللام بولسا ئۇنى قولغا چۈشۈرەلمەي يۈرگىنىگە تىت – تىت بولۇپ بىزگە: «سەنلەرنىڭمۇ ئىچىڭدە يادا تاش بار» دەپ ئالىيىپ قوياتتى. e_* bM\]  
)~yD`yI y  
ئابدۇكنىڭ ئارقىسىغا كىرىدۇ دەپ موللام ماڭىمۇ سوغۇق نەزەردە قاراشقا باشلىدى. كېيىن مەن بۇ موللامنىڭ قولىدا ئابدۇكنىڭ كۆرگەن كۈنىنى كۆرمەي دەپ قورقۇپ، بۇ مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. sTAg^r@L  
[clg#;9}v  
موللامنىڭ زالىملىقىنى دادامغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەرگەنىدىم، داداممۇ ماقۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ، سەپرا پوقاق موللامنىڭ مەكتىپىدىن ئەبەدىي قۇتۇلدۇم. :=CF#E> 
lPAXyM  
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، دادام مېنى دولان دەرۋازا يېنىدىكى پاكار موللامنىڭ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى. بۇ موللاممۇ مېنى ئوقۇتۇشتىن كۆرە كۆپرەك ئۆي خىزمىتىگە سالدى. ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى بىر باراڭ ئۈزۈمگە ئەپكەشتە سۇ توشۇپ قۇياتتىم. قۇشناچىمنىڭ يۈگۈر – يىتىم ئىشلىرى بىلەن ئاۋارە بولاتتىم، كالىسىغا ھەلەپ ئېتىپ بېرىپ بولۇپ، كوچىلاردىن شاپاق تېرىپ كېلەتتىم... بۇ موللامنىڭ بىلىمىنىڭ تايىنى يوق ئىكەن. مەن ئۆي ئىشلىرىدىن بوشاپ مەكتەپكە كەلگەندە موللامدىن: qEf_~x8*  
/\. WO12  
_ موللام، مەن ناۋايىنى ئوقۇپ يۈرەتتىم، كىتابىمنى ئوغرىلىتىپ قويدۇم، ئەمدى نېمە كىتاب ئوقۇيمەن؟- دەپ سورىدىم. F/U ?T  
$KlMLEe  
موللام بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: 13*6T,H  
"yC5i  
_ ئەمىسە چاھار كىتاب تېپىپ كەلسەڭمۇ بولىدۇ،- دېدى. مەن ئىزلەپ يۈرۈپ، چاھار كىتابىنى تېپىپ كېلىپ موللامدىن دەرس ئالدىم. مەن كىتابنى ئېچىپ موللامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنىمدا، ئۇ كىتابنىڭ باش تەرىپىدىن ماۋۇ ئىككى مىسرا شېئىرنى ئىشارەت بارمىقى بىلەن ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقۇدى: MQMtD x0FE  
l'hX],'a)\  
68^ktUdu  
ابتدا ميكىم بنامى خدا، %|U[h>{#  
`CZ]){$  
كز دو حرف فريدار خدىما. TB;GxH(P  
'Aq9?L9$  
zNEJ{N\-^  
H`!. j+V  
مەن ناۋايىنى ئوقۇپ يۈرۈپ پارسچە سۆزلەرگە تىلىم كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ئۇنى موللامدىن تۈزۈكرەك ئوقۇدۇم، كېيىن ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرسام، ھېچ گەپ چىقمىدى. ^HgZh ny.  
~ b&=Q>z4  
موللامدىن مەن: L- R\z  
NTM_%-K  
_ مەنىسى نېمىكىن؟- دەپ سورىدىم. q8q^9MHX  
hR:xJ  
_ ھازىرچە مەنىسىنى قوشۇپ ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەر كۈنى مەن ئوقۇپ بەرگەن بويىچە ئىككى مىسرادىن يادلاۋەرسەڭ بولىدۇ،- دېدى موللام. D-Uq`r2~  
9R5 3ze~  
_ تەقسىر، بۇ سۆزلەر پارسچە تۇرسا، قۇرۇپ ياد ئېلىپ ئۇنى چۈشەنمىسەم بولامدۇ؟ rWdxoF0  
gA80P%@  
_ يادلاۋەرسەڭ قۇلىقىڭغا سىڭگەنسېرى ئاخىرى چۈشىنىپ قالىسەن، ماڭ، بار، ئاۋۋال يادا ئوقۇشنى ئۆگەن. I445J  
/_okAtzVr  
مەن ئۆيگە قايتىپ ئاكام تۇردىغا چاھار كىتاب ئوقۇغانلىقىمنى، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەنلىكىمنى، مەن تۇرماق موللاممۇ مەنىسىنى تۈزۈكرەك ئېيتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «يادلىۋالساڭلارلا بولدى» دېگەنلىرىنى دەپ  بەردىم. , J.[=_M  
r'_r%B  
_ بەللى، مەنىسىنى ئۇقماي تۇتىدەك سايرىغاننىڭ نېمە پايدىسى،- دېدى ئاكام قاقاقلاپ كۈلۈپ، _ ئۇنداق بولسا، پاكار موللامنىڭ ئۆزىمۇ ئىچى كاۋاك دۇمباق ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىگە شاگىرتلىرىدىنمۇ قۇرۇق ئاۋاز چىقىرىپ يادلاپ بېرىشنىلا خالايدىكەن – دە، ئەكەل كىتابىڭنى، مەن يادلىغىنىڭنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەي. bi}:#mI1  
t#&R#(x  
مەن ئوقۇپ يۈرگەن كىتابىمنى ئۇنىڭ قولىغا بەردىم. ئۇ كىتابنى ئېچىپ: NP#]J5(sx1  
{3YYYc~cQ  
_ قېنى، قايسى مىسرالارنى يادلىدىڭ؟- دەپ سورىدى. 7 u&ychRD  
>Y/?L%wjG  
مەن دەسلەپتە يادلىۋالغان يۇقىرىقى ئىككى مىسرا شېئىرنى كۆرسىتىپ ئوقۇدۇم. G Z* vg9  
<#Q(^61  
ئاكام ھېچقانداق دۇدۇقلىمايلا: X\M-9jXR  
JMj~9 =4p_  
_ باشلايمەن بۇ كىتابنى خۇدانىڭ ئىسمى بىلەن، چۈنكى خۇدا ئىككى ھەپ بىلەن يەر، ئاسماننى ياراتتى، دېگەن بولىدۇ، سەن ئەمدى بۇنى قويۇپ، ماۋۇ كىتابنى ئوقۇغىن،- دېدى ۋە تاختا بېشىدىن «خوجا ھاپىز» دېگەن باشقا بىر كىتابنى ئېلىپ بەردى، _ بۇ كىتابنى مەن خېلى بۇرۇن ئوقۇغان. بۇنىڭدا ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىلىك گۈزەل شېئىرلار بار. سەن يادلىغانلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىشىڭغا مەن ياردەم بېرىپ تۇراي، قورقماي ئوقى! gCz7#9:  
'()p1Y9aw  
ئاكام تۇردى قادىر مەدرىسىدە نادىرخان داموللام دېگەن مەشھۇر ئالىمدىن دەرس ئالاتتى، شۇڭا ئۇ ئەرەبچە، پارسچىغا خېلى ئۇستا ئىدى، ھەتتا قۇرئانغا مەنا ئېيتاتتى. بىرەر كىتاب قولىغا چىقىپ قالسا، ئۇ كىتابنى دەرھال ئېچىپ، قۇرلىرىغا قىزغىن ھەۋەس بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقاتتى ۋە مەنىسىنى زوقلىنىپ سۆزلەپ بېرەتتى. Ygv(C:CN  
J0{I!#  
پاكار موللام بىزنى تۈزۈكرەك ئوقۇتماي، مالاي ئورنىدا ئۆي ئىشلىرىغا سالغىنى سالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتقان شېئىرلىرىنىڭ مەنىسى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭمۇ پوقاق موللامنىڭ جازا چارىلىرىدىن باشقا ئالاھىدە بىر جازالاش ئۇسۇلى بار ئىدى. ئۇ بولسا مۇنداق: سامان تىقىدىغان كۆشۈكنىڭ بىر چېتىدىن باغلانغان ئارغامچىنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى تورۇستىكى لىمدىن ئۆتكۈزۈپ، خاپا قىلغان بالىنى كۆشۈككە سېلىپ تورۇسقا تارتىپ قوياتتى. بىچارە ئوقۇغۇچىنىڭ پۇت – قولى بىر يەرگە يىغىلغان ھالدا كەچكىچە ئېسىقلىق تۇراتتى. مەن بۇ غەلىتە جازادىنمۇ خېلى چۆچۆپ يۈردۈم. {8jVkLS.  
o}1C "i1  
پاكار موللام پوقاق موللامدىنمۇ تېرىككەك، ئالدىراڭغۇ ئىدى. «ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلسە، پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ» دېگەندەك، ئۇ ئاچچىقى كەلسە، ئورنىدا تۇرالماي سەكرەپ كېتەتتى، تېخى ھالىغا باقماي باشقا مەكتەپ موللىلىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇرۇشقا سالاتتى ۋە مەكتەپلىرىگە تاش ئاتقۇزاتتى. بەزى مەكتەپنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپ ئاۋۇشقا باشلىسا، ئۇ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاۋۇل ۋە بەستلىكلىرىنى توپلاپ پەيتىنى تاللاپ ئۇرۇشقا كۈشكۈرتەتتى. سوقۇشتا كۈچلۈكرەك چىققان بالىنى پاكار موللام «ھۇششەرە»، «ئەزىمەت» دەپ تەقدىرلەيتتى. مەن بىر كۈنى شۇنداق ئۇرۇشلاردىن بىرىگە قاتنىشىپ، يۈز – كۆزۈمنى مورلىتىپ، بۇرنۇم قان ئۆيگە قايتتىم. w ;8vMtV  
~57lW}?  
مەن سۇمۇ، پاتقاقمۇ كارىم بولماي كېچىپ، ئۆتۈكۈمنىڭ تۇمشۇقىدىن پايتىمامنىڭ چىقىپ قېلىشى، تۇمىقىمنىڭ كۆرپىسى سۆكۈلۈپ ساڭگىلاپ قالىغىنىغا قارىماي، ئۈستى – بېشىم توپا – چاڭ يۈرەتتىم. شۇنىڭغا قاراپ ئائىلىمىزدە بەزىدە مېنى «زۇنۇن ئاشىق» دەپ ئاتايتتى. بۈگۈنكى ئۇرۇشتا شۇنداق قىياپىتىم ئۈستىگە يۈز – كۆزۈمنى قانغا بوياپ كەلدىم. مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ئاكام تۇردى: BX}h81lgR  
qH\_(B22F  
_ ھەي، ھەي، مانا بۈگۈن جىڭ «زۇنۇن ئاشىق» بولۇپ كەپسەن، مەجنۇن، _ دېدى ۋە باشقا گەپ سورىمايلا ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى ئېلىپ كەلدى، _ يۈز – كۆزۈڭنى چاپسان يۇغىن، ھېلى دادام كېلىپ مۇشۇ ئەپتىڭنى كۆرۈپ قالسا، دۇنياغا كەلگىنىڭگە تويدۇرىدۇ. 6!d2}3(  
O-_vezN  
مەن يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاكام مەندىن نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى سورىدى. مەن مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى، موللامنىڭ بىزنى باشقا مەكتەپنىڭ بالىلىرىغا ئۇرۇشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم. b]m=cg>ue  
^KeZ;Q&J  
_ توۋا، ماۋۇ جاھالەتنى كۆرۈڭ، ياقىسىنى تۇتتى ئاكام، _ مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ھودۇكۇش – كۇش» بىلەن «ھۇششەرە» ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. بۇ پاكار موللام مۇشۇنداق كۆڭلى قارىلىقى بىلەن قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرەلەيدۇ. ئەرەبلەردە: «ئەددارازون ئەخمەقون، قەسىرەتون پىتنەتون» (ئېگىز ئەخمەق، پاكار پىتنىخور بولىدۇ دېگەن مەنىدە) دېگەن تەمسىل بار. بۇ پاكار موللاڭ بىر پىتنىخور ئادەم ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان بىلىمسىز كىشىدە ئوقۇمىساڭمۇ بولىدۇ. ئەمدى بۇ مەكتەپكە بارمايلا قوي، مەن سېنى ئۆزۈم ئۆيدە ئوقۇتۇپ قوياي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پاكار موللام مەكتىپىگە بارماس بولدۇم. مەنلا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارمۇ بارماس بولۇپ قالدى. بارا – بارا ئوقۇغۇچىلار ئازىيىپ، پاكار موللام مەكتىپى يېپىلىپ قالدى. 6`N{?]%Qc  
w~^[?}Akq  
{!tKc  
hNa]cnR  
FyZF$leZ  
Y?~ilF|3Ry  
B~JQ!rEz  
lV7&X=  
! xm]xv  
F[)"1 `O  
s(~=Y J  
zzlFUW (  
i Y(D dgi  
N.\|v.{P  
}]F*F0v  
|S2B t""lO  
     دار ئويۇنى { Nt&1_|  
B2 |*,R_7s  
9am"Y,L9  
c8}KTHyu'  
غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ بىر دۆڭلۈك جايدا غۇلجا ھاكىم بەگلىرىنىڭ ئەجدادلىرىغا قاراشلىق قەبرىستانلىق بار. ئۇنىڭ ئىچىدە چوڭ بىر گۈمبەز بولىدىغان. مانا شۇ گۈمبەزنىڭ ئەتراپى «ئالتۇنلۇق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتۇنلۇقنىڭ غەربىدىكى پەسلىكتە چوڭ بىر ئۆستەڭ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ سۇ ئۆتكەن جايلار ساي بويى دېيىلىدۇ. ساي بويىدا تاللىقلار، ئېگىز ئۆسكەن سۆگەتلىك بوستانلار بار. باھار ۋە يازدا كىشىلەر بۇ يەرگە توپ – توپ كېلىپ ئويناپ كېتەتتى. ئالتۇنلۇقنىڭ ئالدىدا تۈز كەتكەن قۇم – شېغىللىق بىر مەيدان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بۇلاقلار ۋە ياپيېشىل چىملىق مەنزىرىلەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاچاتتى. (eS$.@  
yxd6!>y  
بىر يىلى باھاردا ئالتۇنلۇق ئالدىدىكى سايدا دار ئويۇنى بولدى. شەھەر خەلقى قومۇرۇلۇپ دېگۈدەك ئالتۇنلۇق تەرەپكە قاراپ كېتىپ باراتتى. مەنمۇ دادام بىلەن دار ئويۇنىنى كۆرۈشكە باردىم. ساي بويىدىكى كەڭ مەيدان، ئېرىق – ئۆستەڭ، سازلىق، چىمەنزار ۋە ئېگىزلىكتىكى گۈمبەز ئەتراپى مىڭلىغان ئادەملەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ئۆستەڭ بويلىرىدا بورىلار بىلەن توسۇپ ياسالغان ۋاقىتلىق قاتار – قاتار ئاشخانىلار، چايخانىلار، ناۋايخانىلارنىڭ؛ سازلىق ۋە چىملىقلاردىكى ئۈستى يېپىلغان ياكى دەرەخ سايىلىرىنى دالدا قىلغان سامسا، كاۋاپ، ئاشلەمپۇڭ (ماشلىغ)، دوغاپ، پىۋا، كۇۋاس ساتقۇچىلارنىڭ سانىنى ئېلىش قىيىن ئىدى. ئۇلار بەس – بەس بىلەن خېرىدار قىچقىرىپ توۋلايتتى. تونۇر بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان گۆشگىردىچى ئۇستام بولسا، ئاق يەكتىكىدىن يۇڭلۇق مەيدىسىنى چىقىرىپ، ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنىنى قۇلىقىغا قويۇپ: «ياغ يەيسەن، شېكەر يەيسەن، بىرنى يېسەڭ ئۇھ دەيسەن، ئىككىنى يېسەڭ سۇ دەيسەن» دەپ قاپىيىلىك سۆزلەر بىلەن ۋارقىرايتتى. چايخانىلاردا تۈرلۈك سازلار چېلىنىپ، مۇقام ۋە نەغمە – ناۋالار بولۇپ تۇراتتى. ئەھلى كاسىپلار خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇستا سازەندىلەرگە پۇلنى ئايىماي بېرىپ، بىر – بىرلىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشاتتى. قايسى ئورۇننىڭ نەغمە – ناۋاسى قىزىپ كەتسە، خېرىدارلار شۇ يەرگە كۆپرەك توپلىناتتى. بۇ يەردە يەنە قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنلىرى بولۇپ تۇراتتى ياكى خوراز، كەكلىك ۋە بۆدۈنىلەرنى سوقۇشتۇراتتى. ئىگىلىرى يېڭىلىپ قاچقان ھايۋان ياكى قۇشلىرىنى يەڭگۈچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. تاماشىچىلار بۇ تەرەپ ياكى ئۇ تەرەپ بولۇپ پۇل تىكىشەتتى. كىمنىڭ ھايۋىنى ياكى قۇشى غالىپ بولسا، شۇ تەرەپنى ياقلىغۇچى تىككەن پۇلنى مەغلۇپ بولغۇچى تەرەپتىن نەق ساناپ ئالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، بۇنداق ئورۇنلارغا ئادەم كۆپرەك يىغىلاتتى. يەنە ئۈچ – تۆت يەردە مەدداھلار جەڭنامە ۋە رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ ئادەملەرنى توپلىۋالغانىدى. مەن باشقا تاماشىغا قارىغاندا رىۋايەت ئاڭلاشقا قىزىققانلىقىم ئۈچۈن، قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىنىمۇ سەزمەي، مەدداھنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالاتتىم. بىر قېتىم مېنى دادام يۈتتۈرۈپ قويۇپ ئىزلەپ بىر مۇنچە ئاۋارە بولۇپ، ئاخىرى مەدداھنى ئالدىدىن تاپتى – دە، بىلىكىمدىن تۇتۇپ خەلق ئارىسىدىن سۆرەپ چىقتى ۋە ئاچچىقى بىلەن ياڭىقىمغا بىر كاچات سېلىۋېدى، كۆزۈمدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئاچ قورساققا سامسا يېيىشنى ئورنىغا، قاراپ تۇرۇپ بىر شاپىلاق يېۋالدىم. ھەر ھالدا شاپىلاقنىمۇ بىكار يېمىگەن ئىكەنمەن. مېنىڭ ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، قورسىقىمنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى چىرايىمدىن سەزگەن دادام سامسا ئېلىپ بېرىپ، قورسىقىمنى تويغۇزۇپ قويدى. j 
|OK_A/6{}X  
بىردىنلا دار باغلانغان تەرەپتىن سۇناي بىلەن دۇمباق ئاۋازى ياڭرىدى. مىڭلىغان ئادەملەر دار ئەتراپىغا يىغىلىپ، ناھايىتى چوڭ دائىرە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، بويى ئېگىز، قامەتلىك، رەڭگى سارغۇچ كەلگەن ھاشىم ھاجى دارۋاز كۆپچىلىككە قاراپ: 8KuI`a|H]  
u P 6g  
_ جامائەت، دارغا چىقىشتىن بۇرۇن موللاق ئويۇنى ئۆتكۈزىمىز، _ دېدى. توختاپ قالغان دۇمباق – سۇناي يەنە چېلىنىپ، موللاق ئېتىش باشلاندى. ھاشىم ھاجىنىڭ شاگىرتلىرىدىن دار ئويۇنىغا ئەڭ ئۇستىسى توختاخۇن دېگەن 15 – 16 ياشلاردىكى غۇنچە بوي، ئاق يۈزلۈك، چىرايلىق بالا ئىدى. يەردە موللاق ئېتىشنىڭ ئەڭ ئۇستىسى قارامۇتۇق، توغرۇلۇق كەلگەن يىگىت ئىدى. موللاقنىڭ قالتىسلىرىنى ئەنە شۇ يىگىت ئويناپ كۆرسىتەتتى. ئۇ ھەر تۈرلۈك موللاق ئېتىش، بەلدىڭدىن يەرگىچە ئېگىلىپ، يەردىكى چىنىلەرنى ئاغزىدا چىشلەپ، قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يەنە موللاق ئېتىپ چۈشەتتى. ئۇ موللاق ئاتقاندا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى – ئۈچ پېرقىرىۋېتەتتى ياكى ھېچ يەرنى تۇتماستىنلا بەش – ئالتە قېتىم موللاق ئېتىۋېتىپ توختايتتى. موللاق ئويۇنى جەريانىدا ئادەملەر تولۇق يىغىلىپ بولدى. مانا ئەمدى دار ئويۇنى باشلاندى. "%Ct6pI2  
L!# 2~  
قىزىل دۇخاۋىدىن ئىخچام شىم – تۇجۇركا كىيگەن، بېشىغا سېرىق سەللە ئورىغان يالىڭاياق توختاخۇن قولىدا ئۇزۇن تەڭشەك ياغىچىنى تۇتۇپ مېڭىپ، دارنىڭ چوڭ قوزۇقى ئالدىدا قىلۋىغا قاراپ تۇردى. )D-nB-  
pbf% wP J@  
ئۇستاز ھاشىم ھاجىم قىلۋىغا قاراپ مۇناجات ئوقۇپ دۇئا بەرگەندىن كېيىن، قىپقىزىل رەڭلىك كىيىمىدىكى ئوماق يىگىت توختاخۇن دار ئارغامچىسىغا دەسسەپ، يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى. تۆۋەندە بولسا، داقا – دۇمباق، سۇناي ياڭرىدى. مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆزلىرى توختاخۇنغا تىكىلىپ قالدى. دارۋاز سۇناينىڭ پەدىسىگە كەلتۈرۈپ يۆتكىگەن پۇتىنى ئوينىتىپ يۇقىرى ئۆرلەيتتى. دارنىڭ ئۇچىدىكى راۋاققا قارىسىڭىز، ئۇ دوپپىڭىز يەرگە چۈشۈپ كەتكۈدەك ئېگىز. دارۋاز: بىرىنچى ئاچىماقنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئوڭ تاپىنىنى سول پاچىقىغا تىرەپ قويۇپ، يەك ئاياغ بولغان ھالدا: «ياپىرىم، شاھى مەردان...!» دەپ ۋارقىراپ ئاچىماققا ئۆتۈپ ئولتۇراتتى، بۇ يەردە ئۇ ئىككى – ئۈچ مىنۇت دەم ئالغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى __ ئىككىنچى ئاچىماققا قاراپ ماڭاتتى، يۇقىرىقى ئاچىماق يېنىغا يېقىن كەلگەندە، ئۇ بىر قەدەم بېسىپ قويۇپ، يەنە ئارقىچە مېڭىپ، تۆۋەنكى ئاچىماققىچە قايتاتتى. يەنە ئالغا تېز – تېز مېڭىپ كېتىپ بېرىپ، ئىككى پۇتىنى ئىككى تەرەپكە كېرىپ، بىردىنلا ئارغامچىغا مىنىپ قالاتتى. مانا شۇ چاغدا كىشىلەر چۆچۈپ «ۋاي» دەپ توۋلىشىپ كېتەتتى. ئۇ ئەمدى ئارغامچىغا مىنىپ تۇرۇپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ، ئىككى ياققا تاشلاپ ئوينايدۇ، كېيىن چازا قۇرۇپ ئولتۇرىدۇ، يەنە بىرىنچى ئاچىماققا كېلىپ، ئىككى كۆزىنى چىڭ تېڭىپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئارقىچە مېڭىپ قايتىدۇ، ئەمدى ئىككى تاپىنىغا ئىككى تەخسە باغلاپ، كۆزى تېڭىلغان ھالدا يەنە يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. يەردە بولسا، كىشىلەر خەپسىرەپ جىمجىت كۆز تىكىپ تۇرۇشىدۇ.  Q!ym\V  
Rjc>JB2P  
ئەنە شۇنداق بىر قانچە خىل ئويۇنلارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىپ، تاختا راۋاققا بىر – ئىككى چامدام قالغاندا، بېشىنى ئارغامچىغا قويۇپ، ئىككى پۇتىنى ئاسمانغا تىك كۆتۈرۈپ: «ياپىرىم!» دەپ ۋارقىرايدۇ. تۆۋەندە ھاشىم ھاجى: «جانلان كىشىنى شەمسى بوستان ئەتكەن، بىر ئەلەمنى گۈلىستان ئەتكەن، ياپىرىم، شاھى مەردان» دەپ سول قولىنى مەيدىسىگە قويىدۇ، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ ئۈستىگە پاقىلدىتىپ ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ھەزرىتى ئەلى شاھى مەردان ھەققى – ھۈرمىتى يولىدا ئاتىغىنىڭلارنى بەرگەيسىلەر!» دەپ ۋارقىراپ دۇئاغا قول كۆتۈرىدۇ. ئىككى كىشى داستىخاننىڭ ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېچىپ، دائىرە ئايلىنىپ توپ ئالدىدىن ئۆتىدۇ. كىشىلەر بولسا، يېنىكى پۇللىرىنى داستىخانغا تاشلايدۇ. بەزىبىرلىرى تەسىرلىنىپ، ئۈستىدىكى چاپانلىرىنى سېلىپ تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ناھايىتى نۇرغۇن پۇل – نەرسىلەر توپلىنىدۇ. دارۋاز يىگىت ئۈستى يېپىلغان پەشتەخت ئىچىگە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ. داردىن چۈشۈش ۋاقتىدا ئۇ ئۆزى مېڭىپ چىققان ئارغامچا بىلەن يېنىپ چۈشمەي، پەشتەختتىن تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ قويۇلغان ئارغامچىدىن سىيرىلىپ چۈشىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنى نەچچە مىڭلىغان ئادەم ئورىۋېلىپ، قول تەككۈزۈپ تاۋاپ قىلىشىدۇ. ئادەم ئۈستىگە ئادەم يامىشىپ، قوللىرىدىكى نانلارنى توختاخۇنغا سۇنىدۇ. ئۇ بولسا، سۇنۇلغان ناندىن بىر چىشلەيدۇ. چىشلەنگەن نان ئىگىسى ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلاپ، ناننى قوينىغا تىقىپ سەكرەپ كېتىدۇ. بۇ چىشلەنگەن ناننىڭ ئىگىسى نېمىشقا شۇنچە خۇش بولۇپ كېتىدۇ؟ چۈنكى، ئۇنىڭ خوتۇنى تۇغماس بولسا، ئەمدى دارۋاز چىشلىگەن بۇ ناننى يەپ تۇغارمىش... :6}9J/f  
mr$#10L,A  
ئويۇندىن كېيىن توختاخۇننى كۆپچىلىك قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرۈشتى، بەزىلەر ئۇنى ئۆز ئاتلىرىغا مىندۈرۈپ، بەزىلەر ھارۋىغا سېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولۇشتى. ھاشىم ھاجىم بولسا، ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلاتتى. مۇشۇنداق غۇلغۇلا بولۇپ تۇرغاندا، ئىككى چېرىك توپقا مىلتىق تەڭلەپ توختاخۇننىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. بۇ قانداق ئىش؟ ll@=|*|  
U= o8,Uvvi  
ئىلى ۋىلايىتىنىڭ شۇ چاغدىكى دوتىيىنىڭ ئالىقانات بىر ئوغلى بولۇپ، ئەشەددىي ئەركە ئىدى. نېمىنى خالىسا، شۇنى قىلاتتى. ئۇ شۇ يەردىكى ياش بالىلارنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ، ئاجايىپ پورمىدا كىيىم كىيگۈزۈپ بىر ئەترەت تەشكىل قىلىۋالغان. ئۇ بۇ ئەترەتنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ شەھەردە ئالا – توپىلاڭ كۆتۈرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئۇنى «ساراڭ شويى» دەپ ئاتايتتى. ھازىر بۇ يەرگە كەلگەن ھېلىقى ئىككى چېرىك ئەشۇ شويىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى. ساراڭ شويى دار ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن توختاخۇنغا ھەيران قېلىپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئەسكەرلەرنى ئەۋەتكەنىكەن. خەلق توختاخۇننى ئۇلارغا تۇتقۇزماي ۋارقىراشقا باشلىدى، ھاشىم ھاجىم بولسا: {65#DC  
IJV{}Gw3\  
_ ھاي خالايىق، جىم بولۇڭلار، بىز بۇلاردىن گەپ سوراپ باقايلى، _ دەپ خەلقنى تىنچلاندۇردى. ھېلىقى ئەسكەرلەردىن بىرى: Bh][*b q\  
BsTNsiHL  
_ شويى جانابلىرى بۇ بالىنى بىر كۆرسەم بېرىدىغان مۇكاپاتىم بار دەپ بىزنى بۇ ياققا ئەۋەتكەن، _ دېدى. ھاشىم ھاجى بالىنى شويىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارمىساق، ئويۇنىمىزنى توختىتىپ قويمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ، دەرھال توختاخۇننى ساراڭ شويىنىڭ ئالدىغا باشلاپ ماڭدى. مەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا سىقىلىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ باردىم. شويى ساماۋارخانىدا ئىكەن. ئۇ توختاخۇننىڭ ئۇ يەر – بۇ يېرىنى تۇتۇپ كۆردى. كېيىن يىڭنە ئالدۇرۇپ، ئۇنى توختاخۇننىڭ ئوتتۇرانچى بارمىقىغا تىقتى، دارۋاز بالا «ۋايجان» دەپ ۋارقىرىشى بىلەن قولىدىن تىرقىراپ قان چىقتى. : yH1r~  
=dk =RJq`  
_ ۋاھ، بۇنىڭ جېنى بار ئىكەنغۇ؟ _ دېدى ساراڭ شويى كۈلۈپ، _ مەن بۇنى جىنمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. bQwcTphYU  
wA +_%`  
_ شويى جانابلىرى، بۇ بىزگە ئوخشاش ھاجى ھەرەمنىڭ ئوغلى، ھەزرىتى ئەلى شاھى مەرداننىڭ شاگىرتى بولىدۇ، _ دېدى ھاشىم ھاجى. E%>j55t @  
*}g[e1m  
_ ئەلى دېگەن كىم ئۇ؟ _ دەپ سورىدى شويى. /I}[\bh  
^N2o"G  
ساراڭ شويىنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئەخمىقانە قىلىقلىرىغا ئاچچىقى كېلىپ تۇرغان بىر ئادەم: %5 4: dj  
Ce);Txv  
_ ئەلى شاھى مەردان دېگەن تاغنى زۇلپىقارى بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىدىغان باتۇر، _ دېدى غەزەپ بىلەن. $lL{,  
g"E - |txr  
_ زۇلپىقار دېگەن نېمە؟ _ دېدى شويى. nb)_` t*  
o.m!kD*  
_ زۇلپىقار دېگەن بىر سىلكىسە قىرىق گەز بولىدىغان، بىر چاپسا قىرىق دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئالىدىغان قىلىچ، _ دېدى ئاچچىقى بىلەن ھېلىقى ئادەم. 6"z5M}IyQ  
0 G!*LN.C  
_ ئۇنداق بولسا بۇ ئەۋلىيانىڭ شاگىرتى ئىكەن - دە! _ دېدى ساراڭ شويى توختاخۇننىڭ شۇنداق ئېگىز باغلانغان تىك ئارغامچا ئۈستىدە قورقماي سەكرەپ يۈرۈپ كۆرسەتكەن خەۋپلىك ئويۇنلىرىغا ئەمدى ئىشىنىپ. :=\8 ezX^  
T<(g 2{  
ھاشىم ھاجى توختاخۇننى قولىدىن تۇتۇپ يېتىلەپ ساماۋار يېنىدىكى سۇپا ئۈستىگە چىقىپ: Fo{xZ5^T  
qb7q;>rH#  
_ ئەھلى جامائەت، بۈگۈنكى ئويۇنىمىز تامام. ئەتە دار ئۈستىدىكى چىغىرىق ئويۇنى بولىدۇ، _ دەپ ۋارقىرىدى. خەلق قايتىشقا باشلىدى. مەن توختاخۇنغا تويماي قاراپ تۇراتتىم. دادام كۆپچىلىك ئارىسىدىن مېنى چەتكە ئېلىپ چىقىپ: 385oeZroz  
0KcL&34  
_ ھە ئاشىق، بۈگۈنكى ئويۇننى تويغۇچە كۆرۈپ ھارغانسەن؟ يۈر، بىزمۇ قايتايلى، _ دېدى – دە، بىلىكىمدىن تۇتۇپ مېڭىپ، ھارۋا ئىزلەشكە كىرىشتى. ئاخىر مىڭ تەسلىكتە بىر دەرجە ھارۋا كىرا قىلىپ ئۆيگە قايتتۇق... z1j+8eo  
UQyYW*z`  
ئەتىسى دار ئويۇنىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە چىقتۇق. بۈگۈن توختاخۇن دار ئۈستىدە ئىككى – ئۈچ خىل ئويۇن كۆرسەتتى – دە تېزلا پەشتاققا چىقتى. ئۇ پەشتاقتىن يالغۇز بالداقلىق چىغىرىققا ئۆتۈپ، بىر پۇتى بىلەن بىر بالداقنى ئىلىۋېلىپ پىرقىرىدى، ئاندىن قولى بىلەن بالداقنى تۇتۇپ بېشىنى تۆۋەن، پۇتىنى ئاسماندا قىلىپ بىر قانچە قېتىم ئايلاندى، ئۇ بەزىدە بالداقنى بىر قولتۇقىدا قىسىۋېلىپ، بەزدە پۈكۈلگەن پاچاقلىرى بىلەن قىسىۋېلىپ ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئەنە شۇنداق بىر – بىرىدىن قىيىن ئويۇن كۆرسىتىۋاتقاندا يەردىكى ئادەملەر دارۋاز بالىدىن خەۋپسىرەپ، يۈرەكلىرى ئېغىپ، ئۇنىڭدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى، بەزىلەر بولسا ئاغزى ئېچىلغان ھالدا قىمىرلىماي ھەيكەلدەك قېتىپ قېلىشاتتى. d.-#n  
X3Pl,o'r  
ئەمدى توختاخۇن سول تەرەپتىكى ئىككى بالداق چىغىرىققا چىقتى. بۇنىڭدىكى ئويۇن ئادەملەرنى تېخىمۇ چۆچۈتەرلىك شەكىللەر بىلەن داۋام قىلدى. ئۈستۈنكى بالداقنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇچۇۋاتقان يىگىت بىردىنلا قولىنى قويۇۋەتكەنىدى، تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىش خەۋپى ھەممىنى سەراسىمىگە سالدى. شۇ چاغدا ئۇ ماھىرلىق بىلەن تۆۋەنكى بالداقنى تۇتۇپ توختاپ قالدى. بۇ نېمىشقىمۇ ئادەمنى چۆچۈتمىسۇن؟ بىز بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇقراق بىر نەچچە خىل ئويۇننى كۆردۇق: بىرى، بالداققا بېلىنى قويۇپ، پۇت – قوللىرىنى ساڭگىلىتىپ ئوڭدا ياتقان دارۋاز بالا بىردىنلا بېشى بىلەن تۆۋەنگە قاراپ سىيرىلىدۇ. بىز: «توختاخۇن ئەمدى يەرگە تىك موللاق ئېتىپ چۈشىدىغان بولدى» دەپ تۇرۇشىمىزغا ئۇ يەرگە چۈشمەي، پۈتۈن تېنى بىلەن بېشى تۆۋەن ھالدا ساڭگىلاپ قالدى. ئۇ قانداق بولۇپ ھايات قالغاندۇ دەيسىز؟ بۇ ئويۇندا توختاخۇن بىرىنچى قېتىم ئۆزىنى تۆۋەنگە تاشلىغاندا ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئىككى پۇتىنى بالداقنىڭ ئارغامچا باغلانغان ئىككى چېتىگە ئاپىرىپ ئىلىۋالغان. ئىككىنچى قېتىم ئۆزىنى تۆۋەنگە تاشلىغاندا تاپىنىنىڭ دۈمبىسى بىلەن بالداقنى ئىلىۋېلىپ، پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرغان. ئويلاپ بېقىڭچۇ، بۇنىڭدىمۇ بارماقلىرى پۈتۈن گەۋدىسىنى كۆتۈرەلمەي سەللا سىيرىلىپ كېتىپ قالسا ھالاك بولمامدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بالداققا ئولتۇرۇۋېلىپ __ كەينىگە ئۇچۇۋاتقان توختاخۇن بىردىنلا ئۆزىنى تۆۋەنگە ئاتىدۇ. «ھە ئەمدى ئۇ جېنىدىن تويۇپ ئۆزىنى يەرگە ئاتتى» دەپ دەھشەت ئىچىدە قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى باغلاقلىق ھالدا يەنە ساڭگىلاپ تۇرغان. ئەسلىدە ئۇ ئۇچۇۋاتقان چاغدا بىزگە سەزدۈرمەي بالداق بۇرجىكىگە ھالقا قىلىپ باغلاپ قويۇلغان چىغرىققا پۇتىنى ئۆتكۈزۈۋالغانىكەن. ئەمما بۇ ئويۇن دارۋازغا ئانچە قورقۇنچلۇق بولمىسىمۇ، تۆۋەندىكى كۆرگۈچىلەردە قورقۇنچ پەيدا قىلاتتى. sT';b L/  
~NFFaBbBz  
مەن مۇشۇ ئويۇن مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق بىر ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كېلىدۇ: يېزىدىن ئاشلىق ئېلىپ كىرىپ ساتقان بىر دېھقان بازاردىن نەرسە – كېرەك ئالماقچى بولۇپ يۈرگەندە، ئالتۇنلۇقتا دار ئويۇنى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پۇلنى ياغلىققا چىگىپ يانچۇققا ساپتۇ – دە، دار ئويۇنىنى كۆرۈشكە بۇ يەرگە كېلىپتۇ. دارۋاز چىغرىقتىن ئۆزىنى تۆۋەنگە ئاتقاندا، دېھقان قورقۇپ كېتىپ «يائاللا» دەپ قولىنى كۆتۈرۈپ ياقىسىنى تۇتۇپتۇ. شۇ ئارىلىقتا، پەيت كۈتۈپ تۇرغان جەللىگۈر ئۇنىڭ پۇلىنى يانچۇقىدىن سۇغۇرۇۋاپتۇ. دېھقان ئېسىنى يىغىپ يانچۇقىنى تۇتسا پۇلى يوق. بوۋاي شۇ يەردىلا «ئاللا ، كاللا» توۋلاپ، ئەتراپىغا قاراپ، ئۆزىنى _ ئۆزى كاچاتلاپ يىغلىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن بىز بىچارە دېھقانغا كەلگەن ئۇۋالچىلىقنى كۆرۈپ ئېچىنىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن دار ئويۇنى كىشىلەرگە قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، سېھىرلەپ قويغانلىقىنى بىلىمىز. )0[7u;  
W^9_#v  
بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بۇ يەرگە ئوتتۇرا بوي، قاڭشالىق، قارا بۇرۇت، ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى بىر دارۋاز دار تىكىپ ئويۇن كۆرسەتكەنىدى. ئۇ توختاخۇننىڭ كۆرسەتكەن ئويۇنلىرىدىن باشقا دارغا ئۆتۈك بىلەن چىققان، بېشىغا ساماۋار قويۇپمۇ ماڭغان. بۇ ئىككى دار ئويۇنىدىن كېيىن كونا ھۆكۈمەت دار ئويۇنىغا رۇخسەت بەرمەي، ئۇيغۇر خەلقى قىزىقىپ كۆرىدىغان بۇ ئويۇن يوقاپ كەتكەنىدى. +;wDA4  
%ZP_Ng`6  
شۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن دار ئويۇنى يەنە پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ دارنى باغلىغان ئادەم جۇۋازچى بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا دارۋاز بولغانىكەن، ئۇ جەنۇبتىن ئىلىغا دار ئويۇنى ئويناش ئۈچۈن نۇرغۇن توشۇڭلارنى ئېلىپ چىققاندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ دار ئويۇنىغا رۇخسەت قىلمىغان. نەتىجىدە ئۇ نەرسە – كېرەكلىرىنى سېتىپ راسخوت قىلىپ، بىر نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ قىيىنلىقىدا ئۇ ئاخىر بىر جۇۋازچىغا ياللىنىپ، جۇۋاز ھەيدەپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا دار ئويۇنىغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى بىلىپ، بىر نەچچە ئادەمگە ئۆزىنىڭ دارۋاز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئەگەر دار تىكىشكە رۇخسەت قىلىنسا، دار ئويناپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ گەپ يۇرت چوڭلىرىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىر نەچچە مۆتىۋەر ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ دار ئوينىشىغا رۇخسەت بەرگەن. ئۇنىڭغا يەنە قەرز ھېسابىدا، توشۇڭ، ياغاچ سېتىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭ دار تىكىشىگە بىر نەچچە ئادەمنى ئاجرىتىپ ياردەملەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، يەنە شۇ ئالتۇنلۇقتا دار ئويۇنى كۆرسىتىلىشكە باشلىغان. azQm3^J  
GwG@/W*  
جۇۋازچى دارۋاز قىرىق نەچچە ياشلاردىكى كۆزى ئەلەس ۋىجىك ئادەم ئىدى. كۆپ ئادەملەر ئۇنىڭ دارغا چىقىپ ئويۇن كۆرسىتىشىگە ئىشەنمەيتتى. جۇۋازچى بۇ ئەھۋالنى سەزگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغىنىغا ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى بەزى ئاجىزلىقلىرىغا قارىماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دار ئويۇنى ئويناشقا كىرىشكەن. ئۇ جۇۋاز ھەيدىگەندە كىيىدىغان كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، قىزىل مەخمەلدىن كىيىم كىيىپ دارغا چىققانىدى. ئۇ توختاخۇننىڭ ئويۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆرسىتەلىدى، كۆز باغلاش، تەخسە تېڭىشلارنىمۇ قىلدى. ھەتتا ئارغامچىدا يۈگۈردى. ئەمما چىغرىق ئويۇنىدا توختاخۇننىڭ كۆرسەتكەن ئويۇنلىرىدىن پەقەت يېرىمىنىلا كۆرسىتەلىدى. چۈنكى ئۇ ياشتا چوڭىيىپ قالغاچقا، ئاسانلا ھېرىپ قالاتتى. داردىن چۈشكەندە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى تەرلەپ، كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ قىينىلىپ تىترەپ، شۈمشىيىپ قالغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرگەندە ئادەمنىڭ بەك ئىچى ئاغرىيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئەتىدىن باشلاپ ئۇ يەنە دار ئويۇنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. VgTL6a.  
داۋامى بار................
>(FhnJs  
داۋامى بار................  -E62)akX+  
CEQS'yl w  
                  موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش '3qy5Z  
pb8p>4RCL  
Sd1461f  
مەن ھاشىم ھاجى دارۋازنىڭ شاگىرتلىرى ئورۇنلىرىغان دار ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن، دار ئويناشقا ھەم موللاق ئېتىشقا قىزىقىپ، ھەر كۈنى شۇلارنى دوراپ ئويناشقا باشلىدىم. موللاق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى سوراپ بىلىۋېلىش ئۈچۈن دارۋازلار تۇرىدىغان جاينى ئىزدەپ تاپتىم. ئۇلار قازانچى مەھەللىسىدە ۋاقىتلىق ئىجارە ئالغان چوڭ بىر ھويلىدا تۇرىدىكەن. مەن توختاخۇننى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ياز كۈنلىرى ئۇنىڭغا ھەر كۈنى يەل – يېمىش، قوغۇن – تاۋۇز ئاپىرىپ بېرەتتىم. ئۇ مۇلايىم، شېرىن سۆز، كۆڭلى كەڭ بالا بولغىنى ئۈچۈن ماڭا ئويۇن قائىدىلىرىنى زېرىكمەي چۈشەندۈرەتتى. ئېرىنمەي ئويناپ كۆرسىتىپ بېرەتتى. ئۆزىمۇ ھويلىغا ئېسىپ قويۇلغان چىغرىق بالدىقىدا مەشق قىلىپ تۇرىدىكەن. مەن توختاخۇننى بىر كۈن كۆرمىسەم، چىدىمايدىغان بولۇپ قالدىم. كۈندىلا باراي دېسەم دادامنىڭ: «نەگە يوقالدىڭ؟» دەپ سوراققا تارتىشىدىن قورقاتتىم. شۇڭا كۈن ئارىلاپ ياكى ئىككى – ئۈچ كۈندە بىر بېرىپ تۇراتتىم. شۇنداق قىلىپ، مەنمۇ دەرەخكە ئارغامچا باغلاپ، چەنزە بىلەن ئاچا قۇرۇپ، قولۇمدا تەڭشەك تۇتۇپ دار ئويۇنىنى مەش قىلىشقا باشلىدىم. دەسلەپتە ئۆگزە بويى يەرگە مېڭىپ چىققۇچە ئۈچ – تۆت قېتىم يىقىلىپ چۈشتۈم. بۇ مېنىڭ بىرىنچىدىن، قورققانلىقىم، ئىككىنچىدىن، تەڭشەكنى توغرىلاپ تۇتالماسلىقىمدىن بولغانىكەن. چۈنكى تەڭشەك ئارغامچا ئىككى تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي تىك تۇرۇشتا ماشىنىنىڭ رولىغا ئوخشاش ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىدى. مەن كېيىن جۇۋازچى دارۋازنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تەڭشەكنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى قۇمنى ياغلىققا چىگىپ ئېسىپ قويدۇم. بۇ ئۇسۇلنىڭ پۇتنى ئارغامچىغا چىڭراق دەسسىتىپ تۇرۇشتا ياردىمى بار ئىكەن. ئاخىر مەن ئارغامچىدا مېڭىپ دەرەخكە چىقىشنى ئۆگەندىم. ئارغامچىدا كېتىۋېتىپ ئىككى پۇتىنى ئىككى ياققا تاشلاپ، ئارغامچىدا مىنىپ تۇرۇشنى قىلىپ باققانىدىم، كاسسىلىرىم سۈرىلىپ ئاغرىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىچىك بىر ياستۇقنى چاتىرىقىمغا تېڭىۋېلىپ ئارغامچىغا مىنىشنى ئۆگەندىم، كېيىن ئارغامچا ئۈستىدىن ئىككى پۇتۇمنى چۈپلەپ، ئىككى ياققا ئېتىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇ چاغدا ئۆگزە بويى يەردىن يىقىلىپ، پېشانەم يېرىلدى. نامسىز بارمىقىم قاتلىشىپ، بىرىنچى ئۈگىسىدىن چىقىپ كەتتى. بارمىقىمنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى دادامغىمۇ دېمەستىن ياكى ئورنىغىمۇ چۈشۈرگۈزمەستىن يۈرۈۋەردىم، چۈنكى مەن بۇ ئويۇنلارنى دادامغا ئۇقتۇرماي مەشق قىلىپ يۈرگەنىدىم. بارمىقىم ئاغرىپ يۈرۈپ ئاخىر دوناي بولۇپ ساقايدى. ny_k8dV  
FgJWu|  
دار ئويۇنى ئۆگىنىمەن دەپ خېلى پەشۋا يېگەندىن كېيىن، ئۇنى تاشلاپ قويۇپ موللاق ئېتىشنى مەشق قىلىشقا باشلىدىم. مەن بۇ ئويۇننى ئاۋۋال ئىككى قول بىلەن چاقپەلەك بولۇپ پىرقىراشنى ئۆگىنىشتىن باشلىدىم. ئاندىن كېيىن بېشىمنى يەرگە، پۇتۇمنى ئاسمانغا قىلىپ تۇرۇشنى ۋە بېشىمنى تۆۋەن، پۇتۇمنى تامغا قىلىپ قول بىلەن يەرگە تىرەپ تۇرۇشنى خېلى كۆپ مەشق قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن پۇتۇمنى ئۈستۈن قىلىپ قولۇم بىلەن مېڭىشنى ئۆگەندىم. كېيىنچە ئوڭدامغا بېلىمنى ئېگىپ قول ۋە پۇتۇمنى يەرگە تىرەپ تۆت پۇتلۇق بولۇپ تۇرۇشنى ئۆگەندىم. بۇ شەكىلنى كۆپ مەشق قىلىپ، مەلۇم ۋاقىت چېنىققاندىن كېيىن، ئاۋۋال بەش – ئالتە ياشلىق بىر بالىنى قورسىقىمغا چىقىرىپ خېلى ۋاقىت تۇرغۇزاتتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن قورسىقىمغا بىر بالىنى، مەيدەمگە يەنە بىر بالىنى چىقىرىپ تۇرغۇزۇپ كۆردۈم. بۇنىڭغا بىر ئاز كۆنۈككەندىن كېيىن ئالدىچە ۋە كەينىچە ئېگىلىپ موللاق ئېتىپ پىرقىراشنى ئۆگەندىم. بارا – بارا بەلدىڭگە چىقىپ دەسسەپ تۇرۇپ ئارقىچە ئېگىلىپ چۈشۈپ، ئىككى ئالقىنىم بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرىدىغان بولدۇم. كېيىن بۇ شەكىلنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ جايغا ئۈچ تال يارماقنى ياكى ئۈچ تال سوقماق تاشنى تىك قويۇپ، ئىككىسىنى قولۇم بىلەن، يەنە بىرىنى بولسا، چىشىم بىلەن چىشلىۋېلىپ بەلدىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرىدىغان بولدۇم. `y< >W]e  
G!qhq^GSp  
يۇقىرىقىدەك بىر قانچە موللاق شەكىللىرىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، كوچىلاردا ئادەم ۋە ئاۋۇن جايلارغا بېرىپ ئۇلارغا موللاق ئويۇنى كۆرسىتىدىغان بولدۇم. ئادەم يىغىش ئۈچۈن دۇمباق چېلىش كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بۇنىڭغا موللاق ئېتىشنى بىللە مەشق قىلىپ يۈرگەن مەھەللىمىزدىكى قاسساپنىڭ ئوغلى ھەيدەرنى تاللىۋالدىم. ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ دۇمباق كەرمەكچى بولدۇق. دەسلەپتە بىر ئۆچكە تېرىسىنى تېپىپ قىغقا كۆمۈپ قويدۇق، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ قارىساق، ئۇنىڭ تۈكلىرى تامامەن يۇلۇنما بولۇپ چۈشتى. ئۇنى كونا بىر ئەلگەكنىڭ قاسنىقىغا كېرىپ دۇمباق ياسىدۇق. كېلىشكىنىمىز بويىچە دۇمباقنى ھەيدەر چالىدىغان بولدى. خەلق يىغىلغاندا مەن موللاق ئاتىمەن. ھەيدەر موللاق ئاتقاندا دۇمباقنى مەن چالىمەن. كۆپچىلىك تولاراق مېنىڭ ئويناپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلاتتى. چۈنكى ھەيدەر مەنچىلىك ئەپچىل ئوينىيالمايتتى. ئويۇن كۆرسەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز ھەق تەلەپ قىلمايتتۇق. چۈنكى بىز دارۋازلارنى دوراپ ئويناش ئۈچۈن، يەنى ئۆزىمىز ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئويۇن كۆرسىتەتتۇق. بەزىدە بولسا، باشقا مەھەللىنىڭ بالىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئوينايتتۇق. تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە سۇ دەرۋازىنىڭ تاشقىرىسىدىكى سامسىپەزنىڭ بالىسى ئىلىچاق بىلەن بەسلىشىپ قالدىم. بەسلىشىش شەرتى بويىچە بىز دەرۋازىدىن يۈز مېتىرچە نېرىدىكى چوڭ ئۆستەڭنىڭ لېۋىگە پۇتىمىزنى ئاسمانغا قىلىپ بارماقچى بولدۇق. پەللىگە بارغىچە يۆتكىگەن قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى قورسىقىمىزغا ئۇرۇپ ماڭىمىز. كىم ئۆستەڭ لېۋىگە بۇرۇن بارسا، شۇ ئون سامسا ئۇتىدىغان بولدى. غالىپلار تەرەپ بولغان كىشىلەر بولسا، ئەللىكتىن سامسا تىكىشتى. بىز كۆڭلەكلىرىمىزنى سېلىۋېتىپ ئىشتانچاق بولىۋالدۇق. شۇ كۈنى مەن بار كۈچۈم بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىلىچاقتىن ئون نەچچە قەدەم بۇرۇن پەللىگە يېتىپ بېرىپ، ئون سامسا ئۇتۇۋالدىم. ئەمما ئالقانلىرىم قىيىندىلارغا تېگىپ، نەچچە يېرىدىن قان چىقىپ كەتتى. پۈتۈن بەدىنىمدىن تەر قۇيۇلۇپ، چۆپ – چۆپ ھۆل بولۇپ كەتتىم. كۆپچىلىك چۇرقىرىشىپ مېنى ئالقىشلىدى. ئارىدىن بىر تەلۋە يىگىت چىقىپ: «بەرىبىر ئۈستى – بېشىڭ ھۆل بولدى، ئەمدى بىراقلا سۇغا چۆمۈلۈپ چىق» دەپ مېنى كۆتۈرۈپ ئۆستەڭگە تاشلىۋەتتى. ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغىچە سۇغا بېشىمچە ئىككى – ئۈچ قېتىم كىرىپ كېتىپ، سۇدىن ئاران چىقىۋالدىم. ھېلىقى تەلۋە مەن بىلەن سامسىخانىغا بېرىپ: «سېنى سەگىتىپ قويدۇم – ھە؟» دەپ، مەن ئۇتۇۋالغان ئون سامسىنى بىللە يېدى. نېرىقى جوزىدا بولسا، ماڭا دو چىققان كىشى ئۇتۇۋالغان ئەللىك سامسىنى بەش – ئالتە كىشى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەۋاتاتتى. بۇ تەلۋە ئۇلارنىڭمۇ قېشىغا بېرىپ، ئىككى – ئۈچ سامسىنى يەپ، بىر سامسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. mL -~>:,  
]FBK[@/ZJ  
مەن ھاردۇقۇمنى ئېلىپ، ئەمدى ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرۇشىمغا ھېلىقى يۈزى قېلىن تەلۋە قازانچىلىق ساۋۇر دېگەن بىر بالىنى باشلاپ كەلدى. PQ4F'tA".  
=E>21\L  
_ موللاقچى، مانا ئەمدى بۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ كۆر، _ دېدى ئالدىمنى توسۇپ. 8 z V   
XRyNRRr,  
_ قولۇم ئاغرىپ كەتتى، ئەمدى ئوينىمايمەن، _ دېدىم مەن. J}PjQ\O3  
y_hk:C  
_ بىڭسى بار ئوغۇل بالا ھال ئېيتمايدۇ، يۈر، _ دەپ قولۇمدىن تارتتى ھېلىقى تەلۋە _ بۇ دېگەن قازانچىدىن چىققان قالتىس موللاقچى. ئەگەر بۇ سەندىن قېلىپ قالسا، قۇلىقىمنى كېسىۋېتىمەن. dO,y"K]oC  
uo0 k`"  
ئۇ مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي، ئىككى قولى بىلەن ئىككىمىزنىڭ بېلىكىدىن تۇتۇپ سۆرەپ، سۇ دەرۋازا ئالدىغا ئېلىپ باردى. شۇ چاغدا، مەھەللە – مەھەللىدىكى بالىلار ئارىسىدا موللاق ئويۇنى ئەۋج ئېلىپ، موللاقچىلار كۆپىيىپ كەتكەنىدى. ساۋۇر مانا شۇنداق ئۇستا موللاقچى دەپ داڭق چىقارغان. ئەگەر مەن بۇنىمۇ يەڭسەم «قالتىس ئۇستا موللاقچى بولىمەنغۇ؟» دېگەن ئويدا ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ ئويناشقا ماقۇل بولدۇم. M&fiU:5  
;31SVA$/  
مەن ئۆيدىن ئاش ۋاقتى بىلەن چىقىپ كەتكەنىدىم. نامازدىگەر بولغۇچە ئۆيگە كەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن دادام مېنى ئىزدەپ يۈرگەنىكەن. ئۇ مېنىڭ سۇ دەرۋازا ئۆپچۆرىسىدە ئادەم توپلاپ موللاق ئويۇنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىمنى كىشىلەردىن ئاڭلاپ، مەن ئويناۋاتقان جايغا ئاتلىق ئىزدەپ كەپتۇ. قارىسا مەن كىيىمىمنى سېلىۋېتىپ بېشىم تۆۋەن، پۇتۇم ئۈستۈن ھالدا قولۇم بىلەن مېڭىپ يۈرگەن. دادام شۇ يەردىن ئاتلىق ماڭغانچە كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ قامچا بىلەن قورسىقىمغا راسا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. مەن چۆچۈپ كېتىپ، چىرقىراپ يىغلىغان پېتى قاچتىم. دادام كەينىمدىن ئاتلىق قوغلىدى. مەن سېپىل ياقىلاپ ناغرىچى تەرەپكە بۇرۇلۇپ خانىقانىڭ ئارقىسىغا كەلگەندە، دادام ماڭا يېتىشىپ ئاتتىن چۈشتى، مەن يوشۇرۇنغىدەك جاي تاپالماي، ئالدىمدىكى ئېرىقتىكى سۇغا چۈشتۈم – دە، ئۆمىلىگەن پېتىم كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا كىرىپ يېتىۋالدىم. دادام كۆۋرۈك ئاستىغا ئېڭىشىپ: «چىق ماياققا، يېنىپ چىقساڭ ھېچنېمە قىلمايمەن، بولمىسا موللاق ئاتقان پۇت – قولۇڭنى چېقىۋېتىمەن» دەپ توۋلىدى. مەن ئۈنچىقارماي، ئوغرى مۈشۈكتەك كۆزلىرىمنى پارقىرىتىپ، شۈمشەيگەن پېتى كۆۋرۈكنىڭ يورۇق چۈشۈپ تۇرغان چېتىگە قاراپ تۇردۇم. مەن چىقمىغاندىن كېيىن، دادام نەدىندۇر ئۇزۇن بىر چەنزە تېپىپ كەلدى. ئۇ مېنى شۇ چەنزە بىلەن چىقارماقچى بولۇپ، ئۇنى كۆۋرۈك ئاستىغا تىقتى. دادام چەنزىنى تارتىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇچە مەن كۆۋرۈكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ ناغرىچى تەرەپكە قاچتىم، ئۇ يەردىن ئايدۆڭ تەرەپكە كەتتىم. دادام كەينىمدىن ئاتلىق قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ يېتىشەي دەپ قالغاندا، شىۋە كوچىسىدىكى ئات ماڭمايدىغان ئەگرى – توقاي ئۆستەڭ قىرى بىلەن يۈگۈرۈپ، تام شورىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ دادامنىڭ ئىنىسى ئابدۇللا ياۋاشنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدىم. ياخشى، ئۇلار دەرۋازىنى ئىلماپتىكەن، سامانىخانىغا كىرىپ مۆكۈۋالدىم. دادام بولسا چوڭ يول بىلەن يۈرۈپ «ھەقىچان ئۇ مۇشۇ يەرگە كەلدى» دەپ ئويلاپ، تاغامنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، گۇناھىمنى سۆزلەپ بېرىپ مېنى سۈرۈشتە قىلىپتۇ. تاغام كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتسا دادام: v^2IA6 L  
-.\,`ev  
_ جەزمەن مۇشۇ ھويلىغا كىردى، يوشۇرما، _ دەپ تاغامغا كايىپتۇ. تاغام: Kcg5 Tj  
pKAKt8T<  
_ سىز ماڭا ئاچچىقلانماڭ، بۇ يەرگە كىرسە، مەن نېمىشقا يوشۇرىمەن. سىز سەل ئاچچىقىڭىزنى بېسىپ ئۆيدە ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ. مەن ئەتراپنى ئىزلەپ باقاي، _ دەپ دادامنى تىنچلاندۇرۇپتۇ. كېيىن تاغام مېنى ئىزلەپ سامانخانىدىن تاپتى. 9E/,_Z  
| ._n@e=  
مەن تاغامغا ئېسىلىپ يىغلاپ: GR)JU{qj  
T Rrga>L3  
_ مېنى بۈگۈن قۇتقۇزۇڭ، بولمىسا دادام ئۇرۇپ پۇت – قولۇمنى چېقىۋېتىدۇ، _ دەپ يالۋۇردۇم. tTYaVS~  
gAe}6M.}  
_ ئەمىسە، مۇشۇ يەردە سامانغا كۆمۈلۈپ يېتىپ تۇر. مەن بىر ئامال قىلىپ سېنى ئېلىپ قالاي، _ دەپ سامانخانىدىن چىقىپ كەتتى. q60 'D(  
gp/Xk m(4E  
تاغام بەك ياۋاش، مىس – مىس ئادەم ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى بوش، سىلىق ئاھاڭدا قىلاتتى، لېكىن تەسىرلىك سۆز بىلەن ھەرقانداق ئادەمنى ئېرىتەتتى. بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا، ئۇ رەڭگىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمەي: N: XhH[@V1  
!W),|0EI  
_ بۇرادەر، ئىمان ئېيتقان ئاغزىڭىزنى بۇلغىماڭ، خۇدا تەلىپىڭىزگە يەتكۈزسۇن! _ دەپ قوياتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى ئابدۇللا ياۋاش دەپ ئاتايتتى. دادام بولسا، بىر ئېغىز گەپنىمۇ كۆتۈرەلمەي مۇشت ئېتىشقا تەييار ئىدى. شۇڭا ھەممە ئۇنى توڭ قادىر دەيتتى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بۇ ئىككى قېرىنداش مىجەزدە ئىككى دۇنيا ئىدى. مانا بۈگۈن دادام ئۇنى تىللاپ: u{DR?6Tu  
lxKc]a  
_ ھۇ مۇناپىق ھارامزادە، _ دەپ ھاقارەتلىدى. مېنى سۆرەپ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىگىنى ئۈچۈن، دادام ئۇنى بىر نەچچە قامچا ئۇردى. شۇنداق بولسىمۇ تاغام: _1 .`'ov  
CG=rRhi  
_ بالا كىچىك، نادان بولغىنى ئۈچۈن شوخلۇق قىلىدۇ، ئاتنىڭ تېيىمۇ قىيغىتىدۇ، ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىمۇ سەكرەيدۇ ئەمەسمۇ، سادىغاڭ كېتەي ئاكا! بۇ قېتىم مەن بالىنى تىلىۋالاي، ئەتىگىچە ئوبدان نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قوياي، _ دېگەندەك بىر مۇنچە شېرىن سۆزلەر بىلەن دادامنى ئېرىتىپ، مېنى ئېلىپ قالدى. |Mpa J'  
qj@>Ip*p@  
تاغام ۋەدىسى بويىچە ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن شوخلۇق قىلماسلىق ھەققىدە نۇرغۇن نەسىھەت قىلدى ۋە ئەتىسى تۈنۈگۈنكى قالايمىقانچىلىقتا يوقىتىپ قويغان كۆڭلىكىم ئورنىغا يېڭى كۆڭلەك ئېلىپ كىيگۈزۈپ ئۆيىمىزگە ئاپىرىپ قويدى. +W:hry\  
wZ>Se. -  
شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دادامدىن قورقۇپ ئۈچ كۈنگىچە جىم يۈردۈم. تۆتىنچى كۈنى ھەيدەر بىلەن مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، مورىنىڭ ئاغزىغا كېسەك تىزدۇق، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىمنى قويۇپ پۇتۇمنى ئۈستۈن قىلىپ بىر نەچچە مىنۇت تۇردۇم، ئاخىرىدا تامنى تۇتۇپ، پۇتۇمنى جۈپلەپ بېشىمچە تىك تۇردۇم. بۇ خەۋەر يەنە دادامغا يېتىپ بېرىپتۇ. لېكىن دادام شۇ كۈنى ماڭا گەپ قىلمىدى. لېكىن ئەتىسى بامداتتىن كىرىپ مېنى ئۇخلاۋاتقان ئورنۇمدىن تارتىپ چىقىرىپ، تاسما چۇلۋۇر بىلەن بىر نەچچىنى ئۇردى ۋە پولنىڭ ئاستىغا سولاپ قويدى. ئۇ ئۆيدىكىلەرگە ماڭا ھېچنەرسە بەرمەسلىكنى جېكىلەپ، ئۆزى ئەتتىگەنلىك چېيىنى ئىچىپ بازارغا چىقىپ كەتتى. `;8iCL  
ir#e'/@/  
مەن ئاچلىقتىن، تاسما تېگىپ تىلىنىپ كەتكەن بەدىنىمنىڭ ئازابىدىن زارلىنىپ زەي يەردە ياتاتتىم. پۈتۈن ئەزايىم تور باغلاپ كەتكەن، ئۇ يەر – بۇ يەردىن چاشقانلارنىڭ كىتىرلاش ۋە چىرىلداشلىرى، پاقىلارنىڭ يېنىمدا سەكرەپ كۇركىراشلىرى سۈرلۈك ئاڭلىنىپ تۇراتتى... ئاكام تاغامنىڭ مېنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، سىڭلىمنى تاغامنىڭكىگە ئەۋەتىۋېتىپتۇ. ئۆزى چۈشتە ئۆيدە ئەتكەن چۆچۈرىدىن بىر ئاپقۇر كۆتۈرۈپ كېلىپ، پولنىڭ ھاۋا كىرىدىغان تۆشۈكىدىن مېنى چاقىردى: ,||g'_Gpi  
#y>  
_ زۇنۇن، پولنىڭ ئاستىغا چۈشىدىغان جايغا دادام قۇلۇپ سېلىپ قويۇپتۇ. تۆشۈكتىن چىنە پاتمايدىكەن، ماۋۇ يەردىن قولۇڭنى سوز. #_D+C$j  
M7DS$R9X  
مەن ھاۋا كىرىدىغان تۆشۈكتىن ئاكام قوشۇق بىلەن سۇنۇپ بەرگەن چۆچۈرىنى يەپ، قورسىقىمنى چالا تويغۇزۇپ جىمىپ قالدىم. كەچقۇرۇنلۇقى تاغام كېلىپ، يەنە دادامنىڭ توڭىنى يۇمشاق، شېرىن سۆزلىرى بىلەن ئېرىتىپ، مېنى ئازاد قىلدى. |gh}2sI  
0q |(Fz  
مەن قەدىرلىك، كۆيۈمچان ياۋاش تاغامنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىنى ئۇنتۇلماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بالىلىرىنى ھاپاش قىلىپ بېقىپ، خىزمىتىنى قىلىپ بەردىم، شۇنداق قىلىپ، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى يېقىنلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
[1>CV6HR  
"1:\ #1-R  
N[U;f9zR  
   كىتابخانلىققا بېرىش ^G091GP  
`9Hf{ T  
us!Snf@  
V*5/5  
مەن گۈدەك ۋاقىتلىرىمدا جۈمە مەسچىت دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ مەسچىتلەر بولىدىغان. ئاتاقلىق چوڭ موللاملار (ئۇلار داموللا ياكى ئۆلىما دەپ ئاتىلاتتى) بۇ يەردە ئەرەبچە، پارسچە مەشھۇر كىتابلارنىڭ مەنىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى. بۇنىڭدا شاگىرت تەرىقىسىدىكى موللىلار كىتابنىڭ ئىبارىسىنى يەنى ئەينىنى ئوقۇيدۇ. ئۇستاز سۈپىتىدىكى موللا بولسا، مەنىسىنى ئېيتىدۇ ياكى شەرھلەپ بېرىدۇ. مانا بۇ كىتابخانلىق دېيىلىدۇ. ئەگەر داموللام ئەرەبچىگە كامىل بولۇپ، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغان بولسا، مەنىسىنى ئېيتىپ ياكى شەرھلەپ، تىڭشىغۇچىلارنى كەھرىۋادەك ئۆزىگە تارتىۋالاتتى. مۇنداق ئاتاقلىق داموللا كىتابخانلىق قىلغان مەسچىتكە كىشىلەر ھېسابسىز كۆپ كېلەتتى ۋە ئۆزلىرىنى «مەن دېگەن پالانى ئالىمنىڭ كىتابخانلىقىغا بارغان» دەپ ماختىشاتتى. كىتابخانلىق، كۆپىنچە ھەر كۈنى بامدات نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن تارتىپ، كۈن چىققۇچە بولۇپ تۇراتتى. WiNx  
rXmMr G  
قايسى مەسچىتتە ئاتاقلىق داموللا كىتابخانلىق قىلىشقا باشلىسا، دادام ئۇ يەر ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ، تاڭ ئاتا – ئاتمايلا شۇ مەسچىتكە ئۈلگۈرۈپ باراتتى. ئۇ كىتاب ئاڭلاشقا بەك قىزىقاتتى، شۇڭا قايسى مەسچىتتە كىم كىتابخانىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى، دادام كىتابخانلىقتا ئاڭلىغانلىرىنى بىزگە كېلىپ بىرىنى قويماي سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ساۋاتسىز بولسىمۇ، خاتىرىسى كۈچلۈك ئىدى. دادام مېنىڭ كىتاب سۆزلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ: A?  _%Ko  
8A<-Y?]lJ  
_ سەن كىتاب ئاڭلاشقا بەك قىزىقىدىكەنسەن. تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بولساڭمۇ، ئەتىدىن باشلاپ مەن بىلەن بامدات نامىزىغا بار. داموللامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن كىتاب سۆزلىرىنى ئاڭلا! ئاجايىپ ياخشى گەپلەر بولىدۇ. بۇنى ئاڭلىغاننىڭ ساۋابىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، _ دېدى خۇشال بولۇپ. RpNTl Bj'  
T<{cvja(  
ئەتىسى تاڭ سەھەردە دادام مېنى ئويغىتىپ قويۇپ، تەرەت ئالغىلى تۇردى. مەن ئالدىراپ كىيىنىپ چىقتىم – دە، ئۇنىڭ تەرەت ئېلىش ئۇسۇلىغا زەڭ سېلىپ قاراپ تۇردۇم. ئاپتۇۋا بوشىغاندىن كېيىن، مەنمۇ دادام قانداق قىلغان بولسا، شۇنداق قىلىپ تەرەت ئالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، دادام بىلەن قازانچىدىكى چوڭ مەسچىتكە قاراپ يول ئالدۇق. دادام ئالدىمدا ئالدىراپ كېتىپ باراتتى، مەن ئۇنىڭ سەللىسىنىڭ قىستۇرۇلما ئۇچىنىڭ شامالدا لىپىلداۋاتقىنىغا قاراپ ئوغلاقتەك سەكرەپ ئارقىسىدىن قالماي كېتىپ باراتتىم. 8fEyw0 ~  
"'Q1%  
بىز مەسچىتكە كىرىپ ئارقا سەپتىن ئورۇن ئالدۇق. ناماز ئوقۇغاندا جامائەت قانداق ھەرىكەت قىلسا، مەنمۇ شۇنداق ھەرىكەت قىلىپ نامازنى تۈگەتتۇق. كىتابخانلىق باشلاندى. yy5:Hy>  
*.P?iij\_  
تېخى تاڭ يورىمىغانىدى. مېھراب ئالدىدىكى كىچىككىنە جوزىغا قويۇلغان لامپا غۇۋا نۇر چېچىپ تۇراتتى. داموللام مېھرابقا ئارقىسىنى قىلىپ چازا قۇرۇپ، جامائەتكە سەپسېلىپ جىددىي قىياپەتتە ئولتۇردى. ئىبارە ئوقۇپ بەرگۈچى بولسا، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ خەتكۈش (كۆرسەتكۈچ) بىلەن كىتاب قۇرلىرىنى ئېنىقلاپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ بىر نەچچە جۈملە ئوقۇغاندىن كېيىن، داموللامنىڭ «ھىم...» دېگەن ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭ توختايتتى. داموللام ئەرەبچە ئوقۇلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. بىز ئاڭلاۋاتقان كىتابنىڭ ئىسمى «سەھىھۇلبۇخارى» ناملىق مەشھۇر ھەدىسلەر توپلىمى ئىدى. @p8.2"  
J1w^g@_5  
مەن شۇنىڭدىن كېيىن، نەدە كىتابخانلىق بولسا، شۇ يەرگە بارىدىغان بولدۇم. بىر قېتىم مەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ: «كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى _ ياخشى ئادەمدۇر» دېگىنىنى ئاڭلاپ، ياخشى ئادەم بولۇش كويىدا بولدۇم: پاتقاققا پېتىپ قالغان ھارۋىلارنى چىقىرىشقا ياردەم بەردىم، يىقىلغان كىشىلەرنى يۆلەپ تارتىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم. *O `LruTd6  
?m/{Y=2Me  
ئادەم ماڭىدىغان يوللاردىكى تاش، چالما ۋە قىيىندىلارنى بىر چەتكە ئېلىۋېتىدىغان بولدۇم. چۈنكى مەن ئۆزۈممۇ مۇنداق نەرسىلەردىن بىر نەچچە قېتىم پەشۋا يەپ، پۇتلىرىمنىڭ بارماقلىرى يارا بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ زامانلاردا ماڭا ئوخشاش بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى ياز كۈنلىرى يالىڭاياق يۈرۈشەتتى. ناھايىتى باي ۋە مۆتىۋەر ئادەملەرنىڭ بالىلىرىلا يازدا سەندەل ياكى بەتىنكە كىيىۋالاتتى. Up\WD/a  
Bc}Rv6^A  
كىتابخانلىقتا ئاڭلىغانلىرىم بويىچە، ئادەمنىڭ ياخشىسى __ خەلققە پايدا يەتكۈزگۈچى، يامىنى بولسا زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىكەن. مەن بۇ يەردە ئەمگەك ۋە ھەرىكەت توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىمدىن مۇنداق ئىككى ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كېلىدۇ: O*3I vcoe  
4u8T<=>.n  
بىرىنچى ۋەقە: \4b\g,_E[  
9i& jI>  
بىر كۈنى بىر بوۋاي ھاسىسىغا تايىنىپ ئىشىك ئالدىدا جىم ئولتۇرسا، مۇھەممەد پەيغەمبىرىم ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەرگەنىكەن، ئۇ بوۋاينىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بوۋاي: «مەندىن قانداق گۇناھ سادىر بولغاندۇ، رەسۇلىمىز سالىمىمنى قوبۇل قىلمىدى، يۈزۈمگىمۇ قارىماي ئۆتۈپ كەتتى» دېگەنلەرنى ئويلاپ، غەمگە چۈشكەن ھالدا بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ، ھاسىسى بىلەن يەرنى سىجىغان پېتى ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر قايتىۋېتىپ، يەنە ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا بوۋاي دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ: Q=|GpQ  
5uY mVz3  
_ ئەسسالامۇئەلەيكۇم! _ دەپ قول قوشتۇرۇپ سالام بېرىپتۇ. پەيغەمبەر: ig0-8|Lo  
8mWtM[Oz  
_ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! _ دەپ بوۋايغا ئوچۇق چىراي بىلەن قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ يىگىرمە – ئوتتۇز قەدەم نېرى كەتكەندىن كېيىن، بوۋاي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن پايپاسلاپ يۈگۈرۈپ يېتىشىپ دەپتۇ: 1kkg0W]f  
B.+H+  
_ يا رەسۇلۇلىللا، جانابلىرىدىن بىر سوئال سورىشىم مۇمكىنمۇ؟ z,0 *jU6+  
Wf,89:My?  
_ قېنى، قېنى سوراڭ، مەرھەمەت. &f]vP  
'lf="  
_ جانابىڭىز ئۇ تەرەپكە ئۆتكەندە سالىمىمنى ئىلىك ئالماي ئۆتكەنىدىڭىز، قايتقاندا سالام بەرسەم، ئوچۇق چىراي بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، غەمكىن كۆڭلۈمنى خۇرسەن قىلدىڭىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈم كېلۇر، _ دەپ سوراپتۇ بوۋاي. NN|`D,8`  
>R82kO*)  
_ مەن ئۇ تەرەپكە ئۆتكىنىمدە سىز قىمىر قىلماي ئولتۇرغان ئىكەنسىز، قايتقىنىمدا بولسا، ھەر ھالدا ھاسىڭىزنىڭ ئۇچى بىلەن يەرنى سىجاپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپسىز، _ دېگەنىكەن مۇھەممەد پەيغەمبەر تەبەسسۇم بىلەن. ?hnFXxT  
R;zLyMQuc  
ئىككىنچى ۋەقە: X$ 3VGGj  
)fqg4\L  
ئۇششاق بەش بالىسى بار بىر كەمبەغەل كىشى: «مۇھەممەد پەيغەمبىرىم كەمبەغەل، غېرىپ – مىسكىنلەرنىڭ ھالىغا يېتىدۇ» دېگەننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە بالا – چاقىلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئەھۋال ئېيتپتۇ. پەيغەمبەر بولسا، قازناقتىن تۆت غۇلاچ كەلگۈدەك بىر تال كۇلا (چىغدا ئىشلىگەن ئارغامچا) ئېلىپ چىقىپ، كەمبەغەلنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. بۇ كىشى كۇلىنى سىقىمداپ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا بازادىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا، كۆپنى كۆرگەن بىر مويسىپىت ئادەم ئۇنىڭدىن: |hl&pF-xy  
;b imd7#\  
_ ھەي بۇرادەر، نېمانچە غەمكىن كېتىپ بارىسىز؟ _ دەپ سوراپتۇ. O:)kA73  
Y)I, s  
غەمكىن كىشى: W?tuP 'm  
=+L 
_ ماۋۇنى كۆرۈڭ، _ دەپتۇ يەرگە قاراپ. gR85 n`a%  
o"3]3k )  
_ نېمىنى؟ wZ8aS< gVg  
5zrO@7  
_ ماۋۇ كۇلىنى دەيمىنا. -5k^@%  
FYO#R{H  
_ كۇلىڭىز نېمە بولۇپتۇ؟ 5Ys 
iU41CF4  
_ كۇلا ھېچنېمە بولغىنى يوق. بىز بىر ئائىلىدە يەتتە جان ئادەم ئاچ قېلىۋاتىمىز، _ دەپتۇ غەمكىن كىشى ئۇلۇغ – كىچىك تىنىپ، _ پەيغەمبىرىمنى ماڭا ئوخشاش يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدۇ دەپ ئالدىغا ھال ئېيتىپ بارسام، مۇشۇ كۇلىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئويلاپ بېقىڭا، بۇرادەر، بۇ كۇلىنى يېگىلى بولامدۇ ياكى كەيگىلى بولامدۇ؟ Tt@(NH  
RIpUta]m  
_ بۇ ھېكمەتنىڭ تېگىگە يەتمەپسىز، _ دەپتۇ ھېلىقى مويسىپىت، _ رەسۇلىللانىڭ سىزگە بۇ كۇلىنى بەرگەنلىكى جاڭگالدىن ئوتۇن باغلاپ ئەكىلىپ سېتىن جان باق دېگەنلىكى. !^t#L+e j  
|.YO'}wP;  
غەمكىن كىشى مويسىپىت كىشىدىن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، «بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن» دەپ ئولتۇرماي، يېقىن ئەتراپتىن قاخشاللارنى تېرىپ ئەكىلىپ، كۇلىدا باغلاپ سېتىپتۇ، شۇ كۈنى ئۇ بۇنىڭ پۇلىغا يەتتە نان ئاپتۇ. ئەتىسى جاڭگالغا بېرىپ تۈنۈگۈنكىدىن كۆپرەك ئوتۇن باغلاپ ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئون نان ئاپتۇ. كۈندە شۇنداق ھەرىكەت قىلىۋېرىپ، ئۆيدە نان ئۈزۈلمەيدىغان، ئۇچىلىرىدا كىيىم پۈتۈن بولىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، غەمكىن كىشىنىڭ ئىش – ھەرىكەتكە قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ. )oA7VyN  
jq|lC!rd>  
"Sb=&`v)J[  
U o22CkM7  
تۇردى قادىر 5 l"0`A^A  
x}I\2  
_-QU]\ni  
Cip..c3i{  
ئاكام تۇردى قادىر ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلىگەن، ئەرەبچە، پارسچە، خەنزۇچە، رۇسچە تىللاردىن خەۋىرى بار ئادەم ئىدى. ئۇ مەدرىستە بەش – ئالتە يىل ئوقۇدى، كېيىن پەننىي بىلىم ئالدى. بىراق، بۇخاراغا بېرىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، داموللا ياكى مۇدەررىس دېگەن ئاتاق ئالالمىدى. شۇنىڭدەك، كونا جەمئىيەتتە پەننىي مەكتەپلەر بولمىغىنى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئورۇن تاپالمىدى. دادام مەن كىچىك چېغىمدىلا ۋاپات بولۇپ كەتتى. بىز تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولۇپ غۇربەتچىلىكتە قالدۇق. ئاخىر ئاكام بەزىبىر بايلارنىڭ ئەتىۋارلىق بالىلىرىدىن ئىككى – ئۈچنى ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتۇپ يۈردى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار بەزى چاغلاردا ئازراق پۇل بەرسە ئالاتتى، بەرمىسە ھەرگىز سورىمايتتى. كېيىنچە ئاكىمىز مەھەللىمىزدىن بىر ئېغىز بوش ئۆي تېپىپ، كوچىدا بىكار ئويناپ يۈرگەن گۈدەكلەرنى شۇ ئۆيگە يىغىپ، ساۋاتى يوقلارغا خەت، ساۋاتى بارلارغا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىتىپ تۇردى، ئەمما بۇ، رەسمىي مەكتەپ ياكى كۇرسمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خالىسا كېلەتتى، خالىمىسا كەلمەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ بەزىدە يىگىرمە – ئوتتۇزغا يېتەتتى، بەزىدە بەش – ئالتىگە چۈشۈپ قالاتتى. بۇ ئىشتىن ئاكام بىر يارماقمۇ تەلەپ قىلماي، بالىلارنى بىكارغا ئوقۇتاتتى. مەنمۇ شۇ بالىلارغا قوشۇلۇپ ئاكامدىن دەرس ئېلىپ يۈردۈم. +/| IogA4M  
9j9 O^t[  
ئاكام خۇشخەت يېزىشتا پۈتۈن غۇلجا بويىچە ماھىر كىشى ھېسابلىناتتى. ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ «مۇئەللىم ئاۋۋال» (ئېلىپبە) ۋە «مۇئەللىم سانى» (ھېساب) ناملىق ئىككى خىل ئوقۇتۇش كىتابىنى قۇمۇش قەلەم بىلەن يېزىپ چىقتى. بۇ خەتلەرگە ھەر قانچە دىققەت قىلسىڭىزمۇ، ئۇ مەتبەئەدە بېسىلغان ھەرپلەردىن پەرق قىلمايتتى. كېيىن ئاكام بۇ كىتابلارنى كۆپەيتىپ يېزىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىرى بىر ئايدا پۈتۈپ چىقاتتى. مەن پۈتكەن كىتابنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ساتاتتىم. ئالغۇچىلار: z5m,u)[:U  
5DwC`  
_ قازان باسمىسىغۇ، سەن بۇ كىتابنى قەيەردىن ئالدىڭ؟ _ دەپ سورايتتى. مەن بىر كىتابنى ئىككى تەڭگىگە ساتاتتىم، ئاندىن شۇ پۇلنىڭ يىگىرمە تىيىنىغا دابەنجىڭ سەي (توخۇ قورداق) قورۇتۇپ بىر تەخسە لەڭمەن يەيتتىم. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئاكامغا بىر سۇم سەكسەن تىيىننى بېرىپ: S.qCDmd&  
z\: o_c  
_ يىگىرمە تىيىننى راسخوت قىلىپ قويدۇم، _ دېسەم، _ بوپتۇ ئۇكام، چاپسان بېرىپ، ماڭىمۇ بىر دابەنجىڭ (توخۇ قورداق) ئەپكىلىپ بەر. ئاتمىش تىيىنغا بىر ھەپتە يېگۈدەك گىردە ئالغاچ كەل، _ دەپ سەكسەن تىيىننى ماڭا بېرىپ، بىر سۇمنى يانچۇقىغا سالاتتى. fbp]/g\  
sV 
بۇنىڭدىن باشقا، بىر كىتابپۇرۇش تاتار بوۋاي ئاكامغا قازان ياكى بومبايدا بېسىلغان قۇرئانلارنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن ۋاراقلىرىنى ئەكىلىپ، ھەر بىرىنى بەش سۇمدىن ھەق تۆلەپ كۆچەرتەتتى. CsOtZe   
 
بىز ئەنە شۇنداق پۇللۇق بولۇپ قالغان كۈنلىرى ئىككى – ئۈچ كىشىلىك ئاش ئەتكۈدەك پۇتلۇق قازىنىمىزغا پولۇ دۈملەيتتۇق، ئاكام مەدرىستە پولۇ ئېتىپ يۈرۈپ ناھايىتى ئۇستا بولۇپ قالغانىكەن. پولۇ دۈملەنگەن كۈنى خۇددى ھېيت بولغاندەك ناھايىتى خۇش بولۇپ كېتەتتۇق. j70I'H~  
1piV/Aq  
بىزنىڭ رامىزان ئايلىرىدا پولۇ يېيىشىمىز ئادەتتىكى ئايلارغا قارىغاندا كۆپرەك بولاتتى. شۇڭا مەن بىر ئاي رامىزاندا ئون قېتىمچە پولۇ يېگەن كۈنلىرىمىزنى ھازىرمۇ لەززەت بىلەن ئەسلەيمەن. رامىزاننىڭ قالغان يىگىرمە كۈنىنىڭ تولىسىدا قاتتىق ناننى ئۇۋىتىپ روزا تۇتاتتۇق. 'Bz0y9+_  
ETG"8#zd  
دادىمىز ئۆلگەندە ئۇنىڭ قولىدىكى ماتا – چوتالىرى قەرزگە يەتمەي، ئۆيدىكى جابدۇقلارمۇ سەپلەپ بېرىلدى. بىزگە پەقەت شەھەر ئىچىدىكى تۆت ئېغىزلىق ئۆيى بار قۇرۇق جايلا مىراس بولۇپ قالدى. دادامنىڭ قەرزدار بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ماتا سودىسى كاساتلىشىپ، نىسى ئالغان ماتالىرىنى خۇدىياريۈزىدىكى بىر كىشىنىڭ خو يېرىگە تېگىشىۋەتكەنىكەن. بۇ يەرگە دادام دېھقانچىلىق قىلماقچى بولۇپ، ئۇ يەرنى ئالۋان تۆلىيەلمەي يەردىن بەزگەن بىر دېھقاندىن قىشتا ئالغانىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن دادامنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئەتىيازدا ئۆلۈپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، دادام دېھقانچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ئاكام ئىككىمىز بۇ يەرنى تېرىيمىز دەپ يېزىغا چىقىپ، ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمىدۇق. چۈنكى، بىرىنچىدىن، بىزدە قوش – جابدۇق ياكى ئۇلاغ يوق ئىدى. ئىككىنچىدىن، بىز دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىلمەيتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ يېرىگە قوشۇپ تېرىغۇچى بىر دېھقانغا ئورتاققا بېرىپ، شەھەرگە قايتىپ كىردۇق. مەسلىھەت بويىچە، بىز كۈزدە ئاشلىق يىغىشىپ بەرگىلى چىقىدىغان ۋە چىقىمنىڭ يېرىمىنى چىققان ھوسۇلدىن تۆلەيدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، يا يېزىدا تۇرۇپ دېھقان بولالماي، يا شەھەردە يۈرۈپ سودىگەر، ياكى بىرەر ھۈنەرۋەن بولالماي قالدۇق. Vwe?H}B  
*FR+"x  
مەن مەھەللىمىزدىكى سۇ ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشىسى يوق ئائىلىلەرنىڭ سۈيىنى ئەكىلىپ بېرەتتىم. بىز تۇرغان مەھەللىنىڭ سۇ ئەكىلىدىغان يېرى سۇ دەرۋازا، دولان دەرۋازا ياكى كۈرە دەرۋازىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئارىلىقى خېلى بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇ تولدۇرۇلغان ئىككى سوغىنى قۇلىقىدىن كالتەك ئۆتكۈزۈپ، ئارقان بىلەن چېتىپ، ئېشەككە توقۇلغان لىڭگىچاققا ئارتىپ ئېلىپ كېلەتتىم. مانا مۇشۇنداق ئېشەككە ئارتىلغان سوغىدا بىر يول سۇ ئەكىلىپ بەرسەم، ئۆي ئىگىسى ماڭا ياخشى بىر ۋاق تاماق بېرەتتى. سۇنى مۇنداق توشۇش يازدا ئاسان بولغىنى بىلەن قىش، ئەتىياز كۈنلىرى تەس ئىدى. بولۇپمۇ ئەتىيازلىقى __ ئادەمنىڭ تىزىغا چىققۇدەك پاتقاقچىلىق بولغان چاغلاردا __ تېخىمۇ قىيىنغا چۈشەتتى. شالاقلىتىپ پاتقاق كەچكەن بويىچە ئېشەكنى ھەيدەپ ماڭاتتىم. مۇنداق چاغلاردا ئېشەك مۈدۈرۈپ پاتقاققا يىقىلسا، ئىككى سوغا ئېشەكنى بېسىپ لايغا چىلىناتتى. ماڭا ئوخشاش بىر گۈدەكنىڭ ئېشەكنى قوپۇرالماي ھەممە يېرى پاتقاققا مىلەنگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا رەھمى كەلگەن بىرەر مەرد ئادەم چۈشۈپ يۆلىشىپ بەرسە، پالاكەتتىن قۇتۇلۇپ، پاتقاققا مىلەنگەن ئېشەك ۋە سوغىلاردىكى يېرىم قالغان سۇ ئۆي ئىگىسىگە تاپشۇرۇلاتتى. ئەگەر ئۇنداق خالىس، مەرد ئادەم چىقماي قالسا، سوغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى سۇ چۈشىدىغان تۆشۈككە قاپلاپ قويۇلغان مەدەكتەك قوزۇقنى تارتىۋېتىپ، ھەممە سۇنى ئېقىتىۋېتەتتىم.، ئاندىن كېيىن ئېشەكنى قوپۇرۇپ ھەيدەپ، ئۆي ئىگىسىگە سوغىلارنى قۇرۇق تاپشۇراتتىم. يا بولمىسا، ماڭا خېلى ياخشىلىقى تەگكەن ئائىلىنى سۇسىز قويماي دەپ ئېشەكنى قايتا ئۆستەڭگە ھەيدەپ بېرىپ، سوغىلارنى سۇغا توشقۇزۇپ كېلەتتىم. ئەتىيازلىقى ئۆستەڭلەرگە پاتقاق ئېقىپ چۈشۈپ، سۇمۇ يۇندىدەك بولۇپ قالاتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنى ئېلىپ بارماي ئىلاجىڭ قانچە؟ 1WMH/`9  
$F L'vX]c  
مەن مۇنداق خالىس خىزمەتلەردىن باشقا يەنە توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلاتتىم، باغاق تارقىتاتتىم، داش قازانلارغا ئوت قالايتتىم، مېھمانلار كەلگەندە قولىغا سۇ ئالاتتىم، داستىخان سېلىپ، تاۋاق توشۇيتتىم، كېچىلىرى بولسا، سەۋزە قىرىپ ئاشپەزلەرگە قارىشىپ بېرەتتىم. بەزى سېخىيراق ئاشپەزگە ئۇچراپ قالغاندا، ئۇ ئۆزۈمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغاندىن تاشقىرى كەچقۇرۇن قايتقاندا، ئىككى – ئۈچ پارچە گۆشنى ئۆيۈڭگە ئالغاچ كەت دەپ بېرەتتى. FI|MvUDp  
[.& ;  
سولۇما پوتامغا چىگىپ كەلگەن گۆشنى ئاكامغا بەرگىنىمدە، ئۇ خۇشال بولۇپ يەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن رەھمەت ئېيتىش ئورنىغا تەنە قىلىپ: =,?P)6  
7/[T:M_  
_ سەن ئاشىق ئابدالدەك ئىشىكمۇ ئىشىك قاترايدىغان بولۇۋالدىڭ، _ دەيتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا بوش كەلمەي: ["}hx3*  
Ss^31  
_ ھەي ئاكا، ساڭا ئوخشاش قىمىرلىماي ئولتۇرسام، ئاغزىمغا چىۋىن چىچىپ قويمامدۇ. «ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا، ئاياغ يۈگۈرۈكى ئاشقا» دېگەن گەپ بار. خەقنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ يۈگۈرمىگەن بولسام، ئىككى كۈندىن بېرى يېگەن پولۇلىرىڭ، ماۋۇ سەن يەۋاتقان گۆشلەر نەدىن كېلىدۇ؟ _ دەيتتىم. aPdzC zk  
2 ESdL:  
_ ھەر ھالدا پەسكەشلىك قىلمايلى، ئۇكام! _ دەپ قوياتتى ئاكام. ln||xA  
,5] aK"  
ئۇ نەپسىدىن، تەمەخورلۇقتىن خالىي يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ قول ئىلكىدە ھېچ نەرسە بولمىسىمۇ، كۆكسى – قارنى كەڭ، كۆڭلى نازۇك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىززەت – نەپسىگە تېگىدىغان بىرەر ئېغىز سۆزنى ئاڭلاپ قالسا، كۆتۈرەلمەي قايناپ كېتەتتى. R-# 7Q/g  
EUHo[;$  
ئاكام بازاردىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىمۇ تۈزۈكرەك ئۇقمايتتى. ئۇ بىر كۈنى يالاڭ پەلتۇ كىيىش ئۈچۈن بىر ماگىزىندىن بارلىق پۇلىغا يەتتە گەز (بەش مېتىرغا يېقىن) كامپۇلات سېتىۋاپتۇ. مەن ئۇنى كۆرۈپ، ئالغان باھاسىنى سوراپ قىممەت ئالغانلىقىنى، باشقا دۇكانلاردا ئەرزان ئىكەنلىكى ئېيتقانىدىم، ئۇ غەزەپلىنىپ: #%f 1UoK__  
Wq."^]F  
_ مال ساتقۇچى ماڭا، بۇنىڭ باھاسى ھەممە دۇكانلاردا ئوخشاش دەپ يالغان ئېيتىپتۇ قارا، _ دېدى ۋە قولىدىكى رەختنى: «يوقال، مۇناپىقنىڭ مېلى!» دەپ تورۇسقا ئېتىۋەتتى. ai2 U >Fp!  
/KMb tQ[  
ئۇ زامانلاردا راست گەپ قىلىدىغان سودىگەرلەرنى تېپىش تەس ئىدى. ئەمما ئاكام ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشاش راست سۆزلەيدۇ دەپ بىلەتتى. «ئوتتۇرىدا بۇرۇن بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەپ قوياتتى» دېگەن تەمسىلنى يادىغىمۇ ئېلىپ قويماي: «ھەرقانچە بولسىمۇ كىشىلەر مۇناپىقلىق بولۇشتىن قورقىدۇ» دەپ ئىشىنەتتى. W:[;19 .f  
\%\pYp?;I  
ئۇ رەختنى قىممەت ئېلىپ قويغاچقا، تىكىش ھەققىنى تۆلەشكە پۇلى قالمىغانىدى. مەن مەھەللىمىزدىكى بىر ماشىنىچىغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتقىنىمدا، ئاكامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ: ?Ad%e[=  
!sd {Ax8  
_ ئەپەندىمگە ئېيت، رەختنى ئۆزى ئېلىپ كەلسۇن، ھايال قىلماي تىكىپ بېرىمەن، _ دېدى. `X]KsU%\  
CLQ JV  
مەن كېلىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئاكامغا دېسەم، ئۇ: QE4%"zG  
-T"bfgJq(M  
_ تىكىپ بەرگەن بىلەن مانچىسىغا بېرىدىغان پۇل يوق. سەن يەنە بىر بېرىپ ئېيتىپ باققىن، تىكىپ بەرمەي كېسىپ بېرەلەمدىكىن، _ دېدى. ZF PcbY  
%{`gT_lQ  
مەن بۇ گەپنى ماشىنىچىغا يەتكۈزگەنىدىم، ئۇستام: = 3R%tlPjP  
@] %naIl  
_ مانچىسىنى پۇل تاپقاندا بەرسە بولىدۇ. تۇردى ئەپەندىم تارتىنماي كېلىۋەرسۇن! _ دېدى. ^MMT0`w  
iC!!U{~w@  
ئاكام: «رەختنى ئېلىپ بار، تىكىپ بەرمەي كېسىپ بەرسۇن، مەن ئۆلچەپ يېزىپ بېرەي» دېدى – دە، بىر قەغەزگە بويىنى، يېڭىنى، ياقىسىنى ئۆلچەپ يازدى. يەنە بىر پارچە قەغەزگە چاپاننىڭ شەكلىنى سىزىپ بەردى. ;Lh !VP3H  
\>EEL  
ئورنى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەيكى، ئاكام خېلى ئەپچىل رەسسام ئىدى، بىراق ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغانىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى سىزغانلىقىنى دادام كۆرۈپ قېلىپ: .xdyrTh  
?OsPIf  
_ قىيامەتتە بۇلار سەندىن جان تەلەپ قىلىدۇ. بىر جېنىڭنى ئۆزۈڭ ئالامسەن ياكى ئۇلارغا بېرەمسەن. بالانىڭ چوڭىغا قالىسەن، _ دەپ دوق قىلىپ، سىزغان رەسىملىرىنى يىرتىپ تاشلىغانىدى. دادام ئاكامنىڭ بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلماي يەنە رەسىم سىزغىنىنى كۆرسە ياكى ئاڭلاپ قالسا، ئۇنىڭ قولىنى تۈۋرۈككە باغلاپ: «رەسىم سىزغان قولۇڭ مۇشۇمۇ؟» دەپ ئۇرۇپ ئالقىنىدىن قان چىقىرىۋېتەتتى. ?#D  
w\}P)\7j  
گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى: مەن شۇ كۈنى ئۆلچەم بىلەن چاپاننىڭ رەسىمىنى ئۇستامغا كۆرسىتىپ، رەختنى كېسىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم. ماشىنىچى ئۇستام كۈلۈپ كەتتى. E4hqyG#I  
E_n3XA&m  
_ يېڭى مودا ئىكەن، مانا قارىغىنا، رەسىمنى ئەجەب كېلىشتۈرۈپ سىزىپتۇ، _ ئۇستام قولىدىكى ئىشنى قويۇپ رەسىمگە قاراپ خېلى تەسلىكتە رەختنى كەستى. ئەمما قولۇمغا بەرمىدى، _ سەن تۇردى ئەپەندىمگە بېرىپ ئېيت، مەن مانجا ئالماي ئىككى – ئۈچ كۈندىلا تىكىپ بېرىمەن، _ دېدى. k%(IML4  
Tf-/DaF  
مەن ئاكامغا ئۇستامنىڭ دېگىنىنى ئېيتقانىدىم، ئاكام: > :1 7!QK  
7W9.lIZ0   
_ ھوي ئابدال، ئەمدى مېنى كىشىنىڭ ھەققىنى بەرمەيدىغان مۇتىھەم بول دەمسەن؟ _ دېدى خاپا بولۇپ. {'yK 1  
];YE> (Zx8  
_ ئۇستام ئۆزى ھەق ئالمايمەن دەۋاتسا، قانداق مۇتىھەم بولىسەن؟ _ دېدىم مەن. mNJiDhrX/}  
.zeZP0oM x  
_ ياق، مەن كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقىمەن. 3`;pa!+]  
Ug#_}"0M  
_ بېرەي دېسەڭ پۇلۇڭ بولمىسا، ئۇستام ئەھۋالنى ئۇقۇپ، بىكارغا تىكىپ بېرىشكە رازى بولۇۋاتسا، يەنە قورقىدىغان نېمە ئىش بار؟ L+ @ <  
U]}u2f;i(  
_ سەن مېنى تەييار تاپ بول دېمەكچىمۇ؟ "k@Nj/PZ  
|1qM^| 4  
_ كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىلمەيدىغان تازا جاھىل ئىكەنسەن، _ دېدىم ئاچچىقىم كېلىپ. بۇنى ئاڭلاپ ئاكامنىڭ ئوغىسى قايناپ كەتتى: 34O'9U4  
kd@X '+oX,  
_ ئەبۇ جەھلنىڭ نەق ئۆزىكەنسەن، ئىبلىسنىڭ شاگىرتى. چاپسان بېرىپ رەختىمنى ئەكەل. بولمىسا خامىرىڭنى ئېزىۋېتىمەن! _ ئۇ لاخشىگىرنى قولىغا ئېلىپ كېلىۋىدى، بەدەر تىكىۋەتتىم. شۇ قاچقانچە ماشىنىچى ئۇستامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاكامنىڭ چاپاننى تىكتۈرۈشكە زادى ئۇنىمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپ، كېسىلگەن رەختنى ئەكىلىپ بەردىم. .T?|~?  
l~^gA^:o  
ئاكام كېسىلگەن رەختنى قولىغا ئېلىپ تەكشۈرگەنىدى، ئۇستام ھەتتا پۇرۇچلىرىنىمۇ قويماي يېرىم گەزدىن ئارتۇقراق ئاشقان رەختكە ئوراپ قويۇپتۇ. ئاكام بۇنى كۆرۈپ: 0/.M%`:Mq  
2Ko3.  
_ ھە، ئىشنىڭ يولى مانا مۇنداق بولىدۇ. بۇ يوغان باش ئۇستامنىڭ خېلى ئىنسابى بار ئادەم ئىكەن. كىشىنىڭ ھەققىنى قايرىۋېلىشتىن قورقىدىكەن، _ دېدى – دە، ئۇزۇن پۇرۇچلاردىن يىپ چىقىرىشقا باشلىدى ۋە ئۇستامغا، ماڭىمۇ رەھمەت ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ بۇ چاپىنىنى پۇرۇچلاردىن چىقىرىۋالغان يىپلار بىلەن قولىدا تىكىپ كىيگەنىدى. `UaW/hF  
D/(l#P7a!  
ئاكام يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تولا تارتىپ ئۆپكە كېسىلى بولۇپ قالدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن سىل كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى تولۇق چۈشىنەتتى. 0[6tr#$  
-T 
_ ئۇكام، بۇ كېسىلىم ئىجتىمائىي كېسەل. مۇنداق دېگىنىم كۆپ ۋاقىت قۇۋۋەتلىك تاماق يېيەلمەسلىك، بەزىدە ئاچ قېلىش، پەسىلگە قاراپ كىيىم كىيەلمەسلىك، غەم – قايغۇدىن قۇتۇلالماسلىق بىلەن تېپىۋالغان كېسەل. ئەمدى بولسا، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياخشىراق ئوزۇق كېرەك، ساپ ھاۋالىق جاي كېرەك، روھلىنىدىغان شارائىت كېرەك، قىسقىسى ئىقتىساد كېرەك. بۇ كېرەكلىكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي جەمئىيەت بولۇش كېرەك. ئاندىن بۇ نەرسىلەر بار بولىدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ قىلاتتى، كېسىلىم ئەتراپىمدىكىلەرگە يۇقمىسۇن دەپ تاماق يەيدىغان قاچىلىرىغا بەلگە سېلىپ قوياتتى ھەم يېنىدا ساقلاپ يۈرگەن قۇتىغا تۈكۈرۈپ، كېيىن ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتەتتى. ئۇ يەنە: 9nz@t4pKN  
k>TYx(  
_ مېنىڭ ئۆمرۈم قىسقا بولۇپ قالدى. سىلەر ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەندەك كېچە – كۈندۈز ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇۋالماڭلار، تىرىشىپ ھەرىكەت قىلىڭلار. مېنىڭ قاچا – قۇچامدا تاماق يەپ قويماڭلار. مەندىن قالغان كىيىم – كېچەكنى كەيمەن، ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار، _ سۆزلەرنى كۆپ تەكرارلايتتى. rVV_#F!Jw  
Twzki1M  
يۈكسەك خىسلەتكە ئىگە ئىنسانپەرۋەر بۇ يىگىت _ مېنىڭ ئاكام ئۆزى دېگەندەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەي، 26 يېشىدا سىل كېسىلى بىلەن كونا دۇنيادىن كۆز يۇمدى. SUR@<~G  
Nn8b(%k  
داۋامى بار.............
"wAi9l}Vt  
lfB ]`Ebs  
(M.8Qv{q  
M;@\eO:)  
M9!vC  
9> G70mA$  
%mHOvYp]  
K,3<5Qa  
ef !gnMe_  
edd`Y+7'   
^u8i5D[,?  
يېزىلىۋاتىدۇ DAq$/@jH\V  
5gW`3KK  
=||>).kSh`  
pHRX ^Q  
  <1A6UhN  
7T6u9Whw^G  
داۋامى بار.............
[ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-07-12 20:30 دە قايتا ]
salkin
ھاياتلىق بىر پارچە كىتابقا ئوخشايدۇ . ئەقىلسىز كىشىلەر ئۇنى تېزلا ۋاراقلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئەقىللىق كىشىلەر ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇيدۇ ، نېمىشقا جېنىم ؟ چۈنكى ئەقىللىق كىشىلەرشۇنى ھىس قىلغانكى « بۇ كىتابنى پەقەت بىر قېتىملا ئوقىغىلى بولىدۇ »
| ۋاقتى : 2008-07-11 22:36 1 -قەۋەت
ئۇكۇنۇش
دەرىجىسى : سەلكىنداش

ئۇكۇنۇشنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 13701
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 710
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە710دانە
شۆھرەت: 714 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 3640 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 709 نۇمۇر
قوللاش: 707 نومۇر
ئالقىش: 714 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :239(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئۇقۇپ باقماپتىكەنمەن ،ئۇقۇپ باقاي ،رەخمەت سىز گە .
salkin
نىمە بولدى ؟
| ۋاقتى : 2008-07-11 22:41 2 -قەۋەت
قەلبىم_بىمار
كۇندە كەچتە يىغلايمەن،،،،
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك

قەلبىم_بىمارنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 3283
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1879
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1879دانە
شۆھرەت: 1123 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 109774 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1968 نۇمۇر
قوللاش: 1888 نومۇر
ئالقىش: 2173 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :345(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

زۇنۇن قادىرنىڭ غۇنچەم دىراممىسىنى بىر كۇرسەم بولىتى ...ما ياشقا كىلىپ ئاڭلىدىميوۇ.كۇرمەپتىمەن ،، 'n Y_p&  
كىتىپى بامۇيا؟
bugra
بۇ بىشىمغا چۇشكەن كۇننى ھىچكىم بىلمەيدۇ،     يىلان باققان كالۋانىڭ،
توۋا دەيمەن دەرت تارتقانغا كىشى ئۇلمەيدۇ.    يۇرىكىدە زەھرى يوق.
قاراپ مىنىڭ بۇ ھالىمغا شاد خۇرامكەن دىمەڭ،  مەندەك قەلبى ساراڭنىڭ
كۆزۇم كۇلۇپ تۇرسىمۇ ئەپسۇس قەلبىم كۇلمەيدۇ.  قىزلارغا ھىچ كۇڭلى يوق
| ۋاقتى : 2008-07-11 22:41 3 -قەۋەت
قىساسكـار
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

قىساسكـارنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 16499
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 571
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە571دانە
شۆھرەت: 1024 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 774 سوم
تۆھپە: 210 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 859 نۇمۇر
قوللاش: 701 نومۇر
ئالقىش: 1108 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى كەن ،،،،
salkin
قىساسكـار بـۆرە.
دوست تۇتساڭ ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇقنى تۇت.
دوست بىلەن بىرلىشىپ بەيگىلەردە ئۇت،
چاغلىماي تۇلكىنى دوستۇم دېسەڭ سەن.
بىر ئۇتۇك ئىچىگە كىرەر ئىككى پۇت،
| ۋاقتى : 2008-07-11 22:42 4 -قەۋەت
لەيلىم
ئالىي ئەزا ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

لەيلىمنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 8470
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 468
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە468دانە
شۆھرەت: 375 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 414877710 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 589 نۇمۇر
قوللاش: 529 نومۇر
ئالقىش: 743 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :567(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئادەمنىڭ قارنى كۆكسى ئۇنىڭ بوي بەستى بىلەن ئۆلچىنىدۇ دېگەن سۆزنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ ئىشەنمەپتىم. ما سىلىنىڭ ئەتراپلىرىدا بولغان ئىشلاردىن چۈشەندىم،
[ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-07-11 23:20 دە قايتا ]
salkin
مۇھەببەت بىر تۇيغۇ.............
| ۋاقتى : 2008-07-11 22:46 5 -قەۋەت
جاللات~بۆرە
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

جاللات~بۆرەنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 15719
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 286
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە286دانە
شۆھرەت: 168 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 1731 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 305 نۇمۇر
قوللاش: 289 نومۇر
ئالقىش: 351 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :475(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇلىدىغان ھېكايىكەن ئاخىرىنى ساقلايمەن ئەمىسە ،
salkin
| ۋاقتى : 2008-07-12 00:21 6 -قەۋەت
كۆك-ئەتىرگۈل
يامغۇردىكى كەپتەر
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : سەلكىنداش

كۆك-ئەتىرگۈلنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 11587
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 647
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە647دانە
شۆھرەت: 1524 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 9220 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1002 نۇمۇر
قوللاش: 801 نومۇر
ئالقىش: 1239 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :682(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

«ئېغىر كۈنلەردە» دىگەن ھىكايىمۇ زۇنۇن قادىرنىڭغۇ دەيمەن...ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن...بىراق، مەزمۇنى ئازراق ئوخشاپ قالامدۇ...بولسا شۇ ئەسەرنى بىر يوللاپ بەرسەڭلار...
salkin
سەن گۈللەر ئېچىدىكى بىر گۈل ئەمەس، گۈللەر ئېچىدىكى ئالاھىدە گۈل بولالىغىنىڭدا ئۆزۈڭنى  تاپقان بولىسەن....
| ۋاقتى : 2008-07-12 08:34 7 -قەۋەت
ســرداش
ئـــالــىي  ئەزا
دەرىجىسى : سەلكىنداش

ســرداشنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 9669
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1070
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1070دانە
شۆھرەت: 577 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 9547 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 572 نۇمۇر
قوللاش: 1054 نومۇر
ئالقىش: 1087 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى :145(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن  قىززىقماي  دىكەن  مەن.
salkin
شادىمان،بەختىيار كىشىلەر بىلەن دوس بول،باشقىلار مەڭگۈ ساڭا ئېھتىياجلىق بولسۇن.
ئەيىپنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇشنى بىل،مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا چېكىنىشنى بىل.
تولىمۇ يۇۋاش بوپ كەتمە،ھەقىقەتمۇ پەردازغا مۇھتاج.
| ۋاقتى : 2008-07-12 13:04 8 -قەۋەت
كۆكخان
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

كۆكخاننىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 6791
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 369 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
قوللاش: 15 نومۇر
ئالقىش: 15 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-07-24
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇئەسەرنىڭ نامى«خاتىرىلەر»
salkin
قەيسەر يۈرەك
| ۋاقتى : 2008-07-12 13:17 9 -قەۋەت
يۇلتۇز0991
ئوماق مەلىكەم
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

يۇلتۇز0991نىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 2472
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1427
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1427دانە
شۆھرەت: 2283 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 12115 سوم
تۆھپە: 26 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1866 نۇمۇر
قوللاش: 1331 نومۇر
ئالقىش: 2459 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :1374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، ئوقۇپ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن، ھەممىمىزنىڭ ئوقۇپ قويۇشىمىزغا ئەرزىيدىغان ياخشى كىتاپ ئىكەن، داۋامىنى توختاپ  قالماي يوللاپ تۇرارسىز ھە؟؟؟  داۋمىنى ئوقۇشقا تەشنامىز  . . . .
salkin
ھەرقانچە  ئازاپ - ئوقۇبەتتە  قالساڭمۇ  تەشۋىشلەنمە ،  چۈنكى،  ھايات  بۇلىقى  ھەمىشە  قاراڭغۇ  يەردىن  چىقىدۇ  .
| ۋاقتى : 2008-07-12 14:38 10 -قەۋەت
تۇران~ۋادىسى
دەرىجىسى : قىزىققۇچى

تۇران~ۋادىسىنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 7236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 218
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە218دانە
شۆھرەت: 91 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 6248 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 127 نۇمۇر
قوللاش: 108 نومۇر
ئالقىش: 454 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىغا تەشنا بوپ كەتتۇق جۇمۇ...
salkin
| ۋاقتى : 2008-07-12 14:43 11 -قەۋەت
شەھەرپۇقراسى
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

شەھەرپۇقراسىنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 15739
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
شۆھرەت: 26 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 255 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
قوللاش: 28 نومۇر
ئالقىش: 35 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامى چىققاندىن كىيىن نادىرلىساڭلار بولمامدۇ؟؟؟ 7a'mJh_bS)  
نىمانداق؟؟؟
salkin
| ۋاقتى : 2008-07-12 18:19 12 -قەۋەت
سۈبھىدىكى ياپراق
يوقىغىن مۇھەببەت
ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

سۈبھىدىكى ياپراقنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 948
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1138
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1138دانە
شۆھرەت: 615 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 24030688 سوم
تۆھپە: 107 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1316 نۇمۇر
قوللاش: 1169 نومۇر
ئالقىش: 1439 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :328(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

نادىر تىمىلىرىنى مۇنبەردە كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،  تارتىنماي يوللاپ تۇرالا
salkin
 كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ باققىنىڭ،
ھىساپتا شەيتانغا چىراغ ياققىنىڭ.
ئۆمرىڭگە شاھ قىلساڭ ئەقىل ئىزدىنىش،
ئەمەسمۇ ھاياتتا بەخىت تاپقىنىڭ.
| ۋاقتى : 2008-07-12 20:22 13 -قەۋەت
ئۇدۇن~ئوغلى
خوتەن ئەركىسى...ئۇدۇن دىيارى!!
دەرىجىسى : سەلكىنداش

ئۇدۇن~ئوغلىنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 11375
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1517
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1517دانە
شۆھرەت: 1533 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 15422 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2598 نۇمۇر
قوللاش: 2034 نومۇر
ئالقىش: 3923 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز بۇنى!! EQ^Pf} u0  
ياكى شارتتىدە تارتىپلا ئەكەلدىڭىزمۇ يا!
salkin
ئىسىڭىزدە بولسۇن: تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ...
| ۋاقتى : 2008-07-12 20:32 14 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر


سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

Time now is:08-04 11:30, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation