Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم...

ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم
خېلىن كېللىر (ئامېرىكا)  
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات ئۆزباش


مەن دائىم: «ئەگەر بىر ئادەم ياش ۋاقتىدا تۇيۇقسىز بىر نەچچە كۈن كور بولۇپ قالسا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى» دەپ ئويلايمەن. قاراڭغۇلۇق ئۇنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان قىلىدۇ. جىمجىتلىق ئۇنىڭغا ئاۋازنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئىلگىرى مەن ھەمىشە كۆرۈش قۇۋۋىتى نورماك دوستلىرىمنى سىناپ، ئۇلاردىن نېمە كۆرگەنلىكىنى سورايتتىم. يېقىندا، ئورمانلىقتىن ئەمدىلا قايتىپ چىققان بىر يېقىن دوستۇم مېنى كۆرگىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى بايقىغانلىقىنى سورىدىم. «ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسىمۇ يوق ئىكەن» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەگەر مۇشۇنداق جاۋابلارغا ئادەتلىنىپ قالمىغان بولسام، بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. كۆزى كۆرەلەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز نەرسىنى كۆرىدىغانلىقىنى ناھايىتى بۇرۇنلا ھەقىقىي بىلىپ يەتكەنىدىم.
بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مەن ئۆز- ئۆزۈمدىن: «ئورمانلىقتا بىر سائەت ئايلىنىپ تۇرۇپمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ھېچنېمىنى كۆرمىگەنمىدۇ؟» دەپ سورىدىم. مېنىڭ كۆزۈم كۆرمىگەچكە سىيلاش ئارقىلىق مېنى قىزىقتۇرىدىغان خىلمۇ- خىل نەرسىلەرنى بايقىيالايمەن. بىر تال يۇپۇرماقنىڭ شۇنچىلىك نەپىس ھالەتتىكى سىممېتىرىكلىكىنى ھېس قىلالايمەن. قوللىرىم بىلەن باراقسان ئۆسۈپ ياشىرىپ تۇرىدىغان ئاشۇ دەرەخلەرنى، قارىغايلارنىڭ يىرىك قوۋزاقلىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىمەن. باھاردا مەن تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن دەرەخ شاخلىرىنى سىيلاپ، يۇمران بىخلارنى تاپماقچى بولىمەن. ئۇ تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغانلىقىنىڭ تۇنجى شەپىسى. مەن گۈللەرنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان يۇمران نوتىلىرىدىن ھوزۇر ئالىمەن. تەبىئەتنىڭ قىسمەن مۆجىزىلىرى ماڭا مۇشۇنداق ئايان بولىدۇ. تاساددىپىي ھالدا تەلىيىم كېلىپ قالسا، قوللىرىم بىلەن بىر تۈپ دەرەخنى ئاۋايلاپ تۇتىمەن. قۇشلار سايرىغاندا خۇشاللىقتىن تىتىرەپ كېتىمەن. مەن بارماقلىرىمنى ئېچىپ، ئېرىقتىكى مۇزدەك سۇنىڭ بارماقلىرىم ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەر يۈزىگە خۇددى گىلەمدەك يېيىلغان قارىغاي يۇپۇرماقلىرى ۋە ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر ئەڭ ئېسىل پارس گىلىمىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، رەڭگارەڭ پەسىللەر كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەڭگۈ ئاياغلاشماس تىياتىر بولۇپ، بارماقلىرىمنىڭ ئۇچىنى ئاستا سىيلاپ بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بەزىدە مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن نىدا قىلىمەن، ھەممە نەرسىنى بىر كۆرۈپ باقسام دەپ ئۈمىد قىلىەمن. پەقەت سىيلاش، تۇتۇش ئارقىلىقلا مۇشۇنداق ھوزۇرغا ئېرىشەلەيمەن. ئەگەر كۆزۈم كۆرگەن بولسا، قانچىلىك گۈزەل نەرسىلەرنى بايقار ئىدىم- ھە! ھالبۇكى، كۆرەلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى تولىمۇ ئاز. ئۇلار رەڭگارەڭ جانلىق دۇنيانى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قىلچە ھاياجانلانمايدۇ. بۇ بەلكىم ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى بولسا كېرەك. ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنى ئازراقمۇ قەدىرلىمەيمىز. ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەرگە بولسا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كېتىمىز. نۇرلۇق دۇنيادا، تەڭرى ئاتا قىلغان كۆرۈش قۇۋۋىتى بىر خىل قۇلايلىق ۋاسىتە دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۇ ھاياتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
مەن ئەگەر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدېرى بولۇپ قالغان بولسام، «كۆزىڭىزدىن قانداق پايدىلىنىسىز؟» دېگەن بۇ زۆرۈر دەرسلىكنى تەسىس قىلغان بولاتتىم. بۇنداق بولغاندا پروفېسسورلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلغاندا كۆز ئالدىمىزدىن ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى ھەقىقىي «كۆرگىلى» بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىقنى ئاۋۇتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاپ ياتقان قاشاڭ ئورگانىزملىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئويغاتقان بولاتتى.

         كۆرۈلۈشى:1690     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/11 13:21:34يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com