Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئانىنىڭ ئۆمرىدە ئېيتقان 8يالغان سۇزى

   ئانىنىڭ ئۆمرىدە ئېيتقان 8يالغان سۇزى
   بىر بالا كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولغاچقا ،دائىم تويغۇدەك تاماق يىيەلمەيتتى . بۇنداق
چاغلاردا ئاپىسى قاچىسىدىكى تاماقنى بالىلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ ،بالىلىرىم ،تېز يەڭلار ،مېنىڭ قوسىقىم ئاچمىدى دەيتتى ----------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان  بىرىنچى يالغان سۆزى .
   2.ئوغلى ئۆسۈۋاتقان چاغدا ،جاپاكەش ئانا ئارام كۈنلىرىدە بالىلىرىغا كالتسىي تولۇقلاش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى دەريالاردىن بېلىق تۇتۇپ كېلەتتى ، بېلىق بەكمۇ يېيىشلىق ،شورپىسىمۇ بەك تەملىك ئىدى ، بالىلىرى بېلىقلارنى يەۋاتقاندا ،ئانا بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ئۇستىخىنىنى غاجىلايتتى ، ئوغلىنىڭ ئىچى ئاغرىپ ،قاچىسىدىكى بېلىق گۆشىنى قاچىسىغا سېلىپ بەرگەندە ،ئانا ئۇنى يىمەي ،بالىسىنى چىنىسىگە قايتا سېلىپ ،بالام ،تېز يىگىن ،مەن بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرمەيمەن دەيتتى-----------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان ئىككىنچى يالغان سۆزى .
   3.بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ،تىككۈچىلىك قىلىدىغان ئانا بالىلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى غەملەش ئۈچۈن ،ئاھالىلەر كومىتىتىغا بېرىپ سەرەڭگە قېپى ئەكىلىپ ،كەچلىرى ئۇنى چاپلاپ ياساپ نەچچە تىيىن بولسىمۇ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامدايتتى ،قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،ئوغلى يېرىم كېچىدە ئويغۇنۇپ كېتىپ ،ئانىنىڭ جىنچىراق ئالدىدا مۈكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ سەرەڭگە قېپىنى چاپلاۋاتقانلىقىنى كۆردى ،ئوغلى ،ئاپا بولدى ئۇخلاڭ ،ئەتە سەھەردە يەنە ئىشقا بارىسىز ،دىگەندە ،ئانا كۈلۈپ تۇرۇپ ،بالام ئۇخلاۋەرگىن ،مېنىڭ ئۇيقۇم كەلمىدى دىدى-----------ئانىنىڭ ئېيتقان ئۈچۈنچى يالغان سۆزى.
   4.بالا ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن يىلى ،ئانا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىۋاتقان ئوغلىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئىشىدىن رۇخسەت سوراپ كېلىپ ،ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئالدىغا كەلدى ،ئانا تومۇز ئىسسىقتا ئۇدا بىرنەچچە سائەتلەپ تۇردى ،ئىمتىھاندىن چىقىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا ،ئانا قېنىق دەملەنگەن بىر قاچا چاينى ئوغلىنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ كەلدى ،قېنىق دەملەنگەن بۇ چايغا چوڭقۇر مىھرى -مۇھەببەت سىڭدۈرۈلگەنىدى ، ئوغلى ئانىنىڭ قۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن لەۋ ۋە تەرگە چۆمگەن چېھرىگە قاراپ ،قولىدىكى چاينى ئانىغا ئۇزاتتى ،بۇ چاغدا ئانا ،بالام ،تېز ئىچىۋال ،مەن ئۇسسۇمۇدۇم دىدى--------------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان تۆتىنچى يالغان سۆزى.
   5.جۆرىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ،ئانا ھەم ئاتا ،ھەم ئانا بولۇپ ،تىككۈچىلىكتىن تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ ،جاپالىق تۇرمۇش كەچۈردى ،كوچا دوقمۇشىدا سائەت رىمونت قىلىدىغان ئۇستام بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ ،كۆمۈر ۋە سۇلىرىنى ئەكىرىشىپ ،ئازراق پۇل ۋە ئاشلىق بېرىپ ،ئۇلارنى قامداپ تۇردى ،خوشنىلار بۇنى كۆرۈپ ،ئانىغا ئۇ كىشىنى سايە قىلىپ ،بۇنداق جاپا تارتقۇچە توي قىلىۋېلىشنى نەسىھەت قىلدى . لېكىن ئانا ئۇزۇن يىلغىچە قايتا ياتلىق بولمىدى ،باشقىلار قايتا -قايتا نەسىھەت قىلغاندا ،ئانا، مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن دەيتتى--------------ئانىنىڭ بەشىنچى يالغان سۆزى.
   6.بالىلىرى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ،ئىشسىز قالغان ئانا يېقىن ئەتراپتىكى دىققانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا كىچىك بىر يايما ئېچىپ تۇرمۇش كەچۈردى ، سىرتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بالىلىرى ئانىغا دائىم پۇل ئەۋەتىپ تۇرغان بولسىمۇ ،لېكىن ئانا بالىلىرىنىڭ پۇلىنى زادى ئالماي ،قايتۇرۋېتىپ ،پۇلۇم بار! دەيتتى-----------ئانىنىڭ ئالتىنچى يالغان سۆزى.
   7.بالا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،ئىككى يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ،كېيىن ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئامىرىكىدىكى بىر داڭلىق ئۇنۋىرسىتېتقا دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى ،مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئامىرىكىدىكى مائاشى يۇقۇرى ،شارائىتى ياخشى بىر تەتقىقات ئورگىنىدا ئىشلەپ قالدى ،چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان بالا ئانىنى ئەكىلىۋېلىپ بۇ راھەتتىن بەھرە ئالدۇراي دىسە ،ئانا بۇنىڭغا قوشۇلماي ،مەن ئۇ يەرگە كۆنەلمەيمەن دىدى--------------ئانىنىڭ يەتتىنچى يالغان سۆزى .
   8.ياشىنىپ قالغان ئانا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى ،يىراق ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئايرۇپىلان بىلەن قايتىپ كەلگەن چاغدا ،ئوپېراتسىيىدىن چىققان ئانىنىڭ تېنىقى ئارانلا قالغان ئىدى ،ئوغلى كېسەل ئازابى تارتقان ئانىغا قاراپ ،قاتتىق ئازاپلاندى ،ئۇنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز تۆكۈلمەكتە ئىدى ،بۇ چاغدا ئانا ، بالام، يىغلىما ،ھېچيېرىم ئاغرىمىدى دىدى------------------بۇ ئانىنىڭ ئېيىتقان ئاخىرقى يالغان سۆزى
         كۆرۈلۈشى:2140     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/11 12:27:25يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com