Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


سىز ئاتا-ئانىڭىزغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟

سىز ئاددىي بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بولسىڭىز، ئەگەر سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تېخى سالامەت بولسا: (مەيلى سىز ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان، ياكى تۇرمىغان بولوڭ.)  
ئەگەر بىر كۈنى، ئاشخانا ئۆينىڭ ئىلگىرىكىدەك پاكىز تازىلانمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئۆيدىكى قازان-قۇمۇشلارنىڭ پاكىز يۇيۇلمىغاندەك تۇرغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئانىڭىزنىڭ قازىنىنىڭ پارقىرىمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتىڭىزنىڭ گۈللۈكىنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئۆيدىكى سەرەمجانلارغا توپا قونۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئانىڭىز ئەتكەن تاماقنىڭ بەك تۇزلۇق ياكى ئوخشىمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دائىم گاز تۇڭىنى ئېتىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ;
ئەگەر بىر كۈنى، سىز ياشانغان دادىڭىز، ئانىڭىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىدە غەيرىلىك بولغانلىقىنى (مەسىلەن، ئۇلار كۈندە يۇيۇنۇشنى خالىماس بولوپ قېلىشىدەك) بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كۆكتات، مىۋىلەرنى ياقتۇرماس بولوپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پىششىق قورۇلغان سەينى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىز يول ماڭغاندا ھەركىتىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛  
ئەگەر بىر كۈنى، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز......
ئەگەر راستلا مۇشۇنداق بىر كۈن بولسا، سىزگە دەپ قوياي، ھۇشيار بولۇڭكى، ئاتا-ئانىڭىز راستىنلا ياشىنىپ قاپتۇ، تېنى ئاجىزلاپ، باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج بوپتۇ.  
ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئادەم تېپىپ بولسىمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ، ھەم دائىم بېرىپ يوقلاپ تۇرۇڭ، چوقۇم يوقلاپ تۇرۇڭ، ئۇلار ئۆزىنى تاشلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالمىسۇن.
ھەممە ئادەم قېرىيدۇ، ئاتا ئانىمىز بىزدىن بۇرۇن قېرىدى، بىز ئەمدى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالساق، شۇندىلا ئۇلار سەۋىرچان بولىدۇ، بىزدىن ئاغرىنمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغان چاغدا، پەرزەنت بولغۇچى ھۇشيار بولوڭكى، ئۇلار ئىھتىمال چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماس بولوپ قالغاندۇ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالماس بولۇپ قالغاندۇ، ئەگەر ھوجرىدا غەيرى پۇراق بولۇپ قالغان بولسا، بەلكىم ئۇلار ئۆزىمۇ سېزەلمىگەندۇ، ئۇنى سېسىقكەن ياكى مەينەتكەن دېمەي تازىلىۋېتىڭ، شۇندىلا ئۇلارنىڭ «غۇرۇرى»نى ساقلىيالايسىز.
ئۇلار يۇيۇنۇشنى خالىمايدىغان بولوپ قالغاندا، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى يۇيۇندۇرۇپ قويۇڭ، چۈنكى، ئۇلار ئۆزى يۇيۇنسىمۇ پاكىز يۇيىنالماسلىقى مۇمكىن. بىز غىزالىنىۋاتقان چاغدا ئۇلارغا مۇۋاپىق، ئاسان چاينىيالايدىغان تاماقنى ئېلىپ قويايلى، چۈنكى ئۇلار چاينىيالمىغانلىقى ئۈچۈن يىگۈسى كەلمەيۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.
بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ، سۈت بېرىپ، زاكىلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ، ئاغرىپ قالساق كىرپىك قاقماي بىزنى بېقىپ، بىزگە ياشاشتىكى ئەڭ ئاساسى ئىقتىدارنى ئۈگىتىپ، مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ ئويناتتى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەركىتى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. ئەگەر بىركۈنى، ئۇلار راستىنلا ھەركەتلىنەلمىسە، بىز رولىمىزنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشىمىز كىرەكقۇ؟ 
پەرزەنت بولغۇچى شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، ئاتا-ئانىڭىزغا قارىغانلىق-كەلگۈسىڭىزگە قارىغانلىق، شۇڭا ۋاپادارلىقنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ «دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزمايدىغان»ۋاقىتقىچە، «بېقىۋالاي،كۆرىۋالاي دېسەم سەن يوق» دەيدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، ئاخىرى پۇشايماندا قالماڭ؛  
يۇقىرىقىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاپ بېقىڭ، سىز ئاتا-ئانىڭىزغا زادى دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟؟؟
         كۆرۈلۈشى:2086     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/10/27 16:39:10يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com