Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بىر بالا باققۇچى قىزنىڭ ئىلتىجاسى

   مەن شۇنداق بىر بالا، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا بالا باقىدىغان. مەن  شۇنداق بىر بالا، باشقىلار خالىغانچە ئەيىبلەپ، ھاقارەتلەيدىغان. مەن شۇنداق بىر بالا، ئۆزۈمگە ماس كەلمەيدىغان خىزمەت قىلىدىغان. مەن شۇنداق بىر بالا، ھەتتا بالىلارغا ئانا بولىدىغان. مەن شۇنداق بىر بالا، كۈنلەپ جاپا چەكسەممۇ، ماختاشقا ئەرزىمەيدىغان، مەن شۇنداق بىر بالا، باشقىلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشايدىغان. مەن شۇنداق بىر بالا، بالىلار بەھرىمان بولىدىغان قەدىر–قىممەت، ئىززەت-ھۆرمەتتىن بەھرىلىنەلمەيدىغان.
   ئۇلۇغ ئانىلار قىلىپ تۈگىتەلمىگەن نۇرغۇن ئىشلار مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەن. خالىساممۇ قىلىمەن، خالىمىساممۇ قىلىمەن، قىلماي ئامالىم يوق.
   ئەي سۆيۈملۈك ئانىلار! مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى، ھۆرلۈكۈمنى بوغۇش بەدىلىگە ئۆزۇڭلارغا خۇشاللىق ئىزدەيسىلەر. مېنى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە پەرزەنتىڭلارنىڭ بەختىنى كۆزلەيسىلەر، ھەتتا مېنىڭ قىممەتلىك ھاياتىم بەدىلىگە پەرزەنتىڭلارنىڭ ھاياتىنى قوغدايسىلەر.
   مەن ئائىلەمدە ئوماق بالىلىرىڭلاردەك بالا ئىدىم، ئاددىي غىزالانساممۇ، چىرايلىق كىيەلمىسەممۇ خورلانمايدىغان.
  مەن ئائىلەمدە تولىمۇ بەختلىك ئىدىم، سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلاردەك باياشات بولمىساممۇ ئىنتايىن خۇشال ياشايدىغان.
   مەنمۇ بىر ئىنسان، مېنىڭمۇ خۇددى سىلەرنىڭ ئەزىز پەرزەنتلىرىڭلارغا ئوخشاش گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىم، غايىلىرىم، كىشىلىك قەدىر-قىممەت، ئىززەت-ھۆرمىتىم بار.
   مېنى كېچە-كۈندۈزلەپ خىزمىتىڭلارغا سالىسىلەر-يۇ، لېكىن قىزغىن مۇئامىلە قىلمايسىلەر، مېنىڭ ئىسمىم ‹‹بومۇ››، ‹‹بومۇ›› ئەمەس، ‹‹باۋ مۇ›› 保姆 (بالا باققۇچى، كاپالەتلەندۈرگۈچى، قوغدىغۇچى ئانا) دېگەن چىرايلىق ئاتىلىشىم بار.
   سىلەر ھاجەتمەن بولغاندا ئەڭ تاتلىق شېرىن-شېكەر گەپ–سۆزلەر بىلەن ئاتا-ئانامنى قايىل قىلىپ مېنى ئوقۇشسىز قويۇپ، مەلۇم شەرتلەر بىلەن ئەكىلىۋالىسىلەر، لېكىن، ئۆيۈڭلارغا كەلگەندە بولسا ئىش باشقىچە بولىدۇ. ئويلاپ قالدىم، سىلەرنىڭ ساپايىڭلار نېمېدىگەن تۆۋەن. مېنىڭ نامىمنى توغرا دېيەلمەيسىلەر، مەن بىلەن بىر سورۇندا، بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتىن، رەستىلەرنى بىللە ئايلىنىشتىن نومۇس قىلىسىلەر. مېنى ياراتمايسىلەر-يۇ، يەنە ئەزىز بالىلىرىڭلارغا قارىغىلى سالىسىلەر. ماڭا ئەڭ قەدىرلىك پەرزەنتىڭلارنى تاپشۇرۇسىلەر، بالىلارغا زىيان–زەخمەت يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا، سىلەر بەلگە ئۇرۇپ قويغان يېمەكلىك مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قارايسىلەر. مەن كېچە ئويغىنىپ كەتسەممۇ، سىلەرنىڭ سوغۇق چىرايىڭلارنى ئەسلەشتىن قورقىمەن.
   مېنىڭ يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشىمنى خالىمايسىلەر، پاكىز كىيىشىمنى خالايسىلەر–يۇ، قازان بېشىغا بەنت قىلىپ قويىسىلەر. مەن چوڭ بولۇپ ئۆز ھاجىتىمدىن چىققۇدەك بولغاندا قاراپمۇ قويمايسىلەر. مەن ۋاقتىم توشۇپ سىلەرنىڭ رۇخىسىتىڭلار بىلەن ئائىلەمگە قايتۇرۇلغاندا بىرەر كەسىپ ياكى بىرەر ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتاي دېگەندە پۇرسەت ئاللىقاچان كېتىپ قالغان بولىدۇ، خالاس.
   مەن ئۆيلۈك–ئوچاقلىق بولۇپ، ئانا بولسام مەسخىرە قىلىسىلەر. ئەڭ ئېچىنارلىقى شۇكى، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىم — بالا ۋاقتىمدا بالا باققىنىم، باللىقىمنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ سەبىي دەملىرىنى سىلەرنىڭ قاش–قاپىقىڭلارغا قاراش بىلەن، تىل–دەشناملىرىڭلارغا چىداش بىلەن كىر- قاتلار ئارىسىدا، قازان بېشىدا ئۆتكۈزگىنىم.
   ئۆز جاپاسىنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدىغان ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قانداقمۇ ئۇيالماي تۇرۇپ مەن بىر ئانا دېيەلىسۇن؟!
   مانا مەنمۇ ئانا بولدۇم. سىلەر بېرەلمىگەننى تولۇق بېرەلەيدىغان، ئاتا قىلالايدىغان مېھرىبان ئانا بولدۇم. مېنىڭ ئۆزۈمگە قالدۇرغىنىم پەقەتلا ‹‹بو مۇ›› (بالا باققۇچى) دېگەن ئاتاق بولدى. بۇ نام مېنىڭ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە يادلىنىدۇ، ھەتتا بالىلىرىممۇ بۇ نامنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن. مېنى يولدىشىم قوبۇل قىلىپ ياخشى كۆرۈپ ھەمراھلىققا تاللىسىمۇ، سىلەر قوبۇل قىلالمايسىلەر، ياراتمايسىلەر ھەتتا كىيگەن كىيىم-كېچەك، يۈرۇش-تۇرۇشلىرىممۇ كۆزۈڭلارغا سىغمايدۇ.
   مەن ئانا تەربىيەسىگە ئەڭ مۇھتاج بولىدىغان ۋاقتىمدا سىلەرنىڭ بالاڭلارنى باقىدىغانغا بېرىلدىم. يېڭى مۇھىتتا نۇرغۇن جەبرى-جاپالار ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق–سوغۇقلىرىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.
   سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ سىلەر يۈرەك پارەڭلارنى بىراۋنىڭ ئۆيىگە نەچچە يىللىق ئەمەس،  بىر نەچچە كۈنلۈك ئاپىرىپ قويۇپ سىناپ بېقىڭلارچۇ؟ قانداق ھېسسىياتتا بولىسىلەركىن؟ شۇ ئارقىلىق خۇشاللىق تاپالارسىلەرمۇ؟ پەخىرلىنەرسىلەرمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار يىرگىنىدىغان ئىشلارنى ماڭا قىلدۇرىسىلەر!ئەجەبا، مەنمۇ ئادەم ئەمەسمۇ؟ تۇغۇلغاندا ئوخشاش تۇغۇلغان، ئوخشاشلا تۇپراققا كۆمۈلىمىز ئەمەسمۇ؟ بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا خالاس.شۇنداقتىمۇ بارچە ئەيىبلەرنى سىلەرگىمۇ قويمايمەن. بەزى ئىشلار بولۇپمۇ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، بۇ تۈپەيلى خورلانغۇم يوق، ناچار يوللارغا كىرىپ قېلىپ نامىمغا داغ تەگكۈزۈشنى، غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلىپ ياشلىق گۈلۈمنىڭ خازان بولۇشىنى كۆرۈشتىن، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلغىنىم تۈزۈك، دەپ قارىغانىدىم. ئەمما خاتالىشىپتىمەن.
   سىلەرگە شۇنداق بىر گەپنى دېگۈم بار: مەنمۇ ئادەم، ئادەمگە ئادەمدەك مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىنۋالساڭلار! دىلىمىزغا ئازار بەرمىسەڭلار! بىزنىمۇ ھەر جەھەتتىن تەربىيەلىسەڭلار! بالىلار بەھرلىنىشكە تېگىشلىك خۇشاللىقلاردىن بىزنىمۇ بەھرلەندۈرسەڭلار! بىزگىمۇ ئازراق ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەرسەڭلار! گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىڭلار بىلەن ئۈلگە بولساڭلار!
   مەن ھاياتلىق دەپتىرىمگە ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ھاياتنى ئۆز مەنىسى بىلەن سۆيۈشنى، ھەر بىر قەدىمىمنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن بېسىشنى ئويلايتتىم، لېكىن مەن چوڭ بولۇپ تۇنجى قەدىمىمنى بېسىش ئالدىدا باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپ تۇردۇم. مېنىڭ بۇ نامىم مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئېگىز سېپىل بولۇپ قالدى. مەن ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەممۇ ئاتلاپ ئۆتەلمىدىم، مادارىم يەتمىدى. مېنىڭ قىلغان ئىشىم نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس.ئەگەر نومۇس قىلىشقا توغرا كەلسە، مېنىڭ سەبىي قەلبىمگە ئازار بەرگەن، ئەڭ سەبىي، ئەڭ گۈزەل ۋاقتىمنى زايە قىلغان ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار. مەن سىلەردىن ھېچقاچان ھەق تەلەپ قىلىپ باقمىدىم، تەلەپ قىلدى دېيىلسە مېھرى-مۇھەببەت، ئەخلاق-پەزىلەت، ئىنساب-دىيانەت، تىلىدىم. بۇنى تىلەشكە مەن ئەڭ ھەقلىق، بالىلىرىڭلارغا بەرگەن مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بىر تامچىسىنى بولسىمۇ ماڭا بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. كىيىمنىڭ يېڭىسىنى تەلەپ قىلمىساممۇ، بەرگەن كىيىمىڭلارنىڭ مىننىتىنى قىلماسلىقىڭلارنى تىلىدىم. مەن بىر ماشىنا ئادەم بولمىغانلىقىم ئۈچۈن، ھېرىپ–چارچايدىغنىمنى بىلىشىڭلارنى تىلىدىم. كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا تەسەللىي بېرىشىڭلارنى تىلىدىم. ئاتا-ئانامنى يوقلاشقا بارغاندا قاپاق تۈرمەي ماقۇل بولۇشۇڭلارنى تىلىدىم. تاماق ئالدىمغا كەلگەندە ئۇششاق ئىشلارغا بۇيرۇماسلىقىڭلارنى تىلىدىم. نورمال فىزولوگىيەلىك ھادىسىلەرگە نىسبەتەن توغرا مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى كۈن-تۈنلەپ تىلىدىم. سىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ھايالىق بولۇشىڭلارنى تىلىدىم. سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلارنىڭ بۆشۈكىنى ئەمەس دۇنيانى تەۋرىتىشىڭلارنى تىلىدىم. ئاتا قىلغىنىڭلارنىڭ بۇيرۇق-پەرمان ئەمەس، مېھرى-مۇھەببەت بولۇشىنى شۇ قەدەر تىلىگەنىدىم. ئەپسۇسكى، بۇنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرەلمىدىڭلار.  قىسقىسى، بارلىق ئىشلاردا ماڭا ئۈلگە بولۇشىڭلارنى تىلىدىم. دۇنيادا بالا ئۈچۈن ئانا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان، بۇنداق بولۇشى ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپ شەخسىيەتسىز ھالدا مۇھەببىتىنى بېرىپ ۋە ئۇنى ھەقىقىي تەربىيەلىيەلىگەنلىگىدە. بۇ مېھرى-مۇھەببەتنى سىلەر بەرسەڭلار، ئانىلىق سالاھىيىتىڭلار، سالاپىتىڭلار، نازاكىتىڭلار بىلەن پەرزەنتىڭلارنىڭ ئالدىدا ھەرقاچان ھازىر بولساڭلار!دۇنيا ئاياللار بىلەن گۈزەل، سىلەرنىڭ گۈزەللىكىڭلار چىرايىڭلار، قەددى-قامىتىڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتىڭلار بىلەن، مېھرى-ۋاپايىڭلار بىلەن كامال تاپىدۇ.
   مۇئەللىم، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ!
   قىشلىق تەتىلدىن يىغىلىپ تۇنجى سائەتلىك دەرستىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىپ سىرتقا چىقىشىمغا كەينىمدىن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ: ‹‹مۇئەللىم توختاپ تۇرسىلا›› دېگەن ئاۋازىى ئاڭلاندى. كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام بىر قىز ئوقۇغۇچى بىر پارچە خەتنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. مەن خەتنى قولۇمغا ئېلىپ ئىشخانىغا كىرىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.
   خەت مۇنداق يېزىلغانىدى: مۇئەللىم مەن سىزنىڭ تولۇقسىز 7-يىللىقنىڭ 2-مەۋسۈمىدە ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچىڭىز رەيھانگۈل بولىمەن. مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگەندۇ، دەپ ئويلايمەن. سىز ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ يۆتكىلپ كېتىشىمگە چىدىمىغانىدىڭىز. مېنىڭ مەكتەپكە ئەمەس باشقىلارنىڭ ئۆيىگە يۆتكەلگەنلىگىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتىڭىز؟! شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆيدىكىلەرنىڭ قىستىشى بىلەن يېزىدىكى بىر باشلىقنىڭ ئۆيىگە كەلدىم.شۇ كۈندىن باشلاپ مېنىڭ غەمسىز، ئەركە، شوخ كۈنلىرىم ئاخىرلاشتى. ئۆز ئۆيۈمدە بىر غەمسىز بالا بولغان بولسام، بۇ ئۆيگە كەلگەندىن باشلاپ بالا تۇرۇپ بالا باقىدىغان ئانىغا ئايلاندىم. كۈن بويى بالا بېقىشتىن باشقا تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش، ئۆي تازىلاش ئىشلىرى ماڭا يۈكلەنگەن. تىنماي ئىشلەپمۇ ئۇلارنى رازى قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ زەھەردىن ئاچچىق تاپا-تەنە، ھاقارەتلىرى جېنىمدىن ئۆتىدۇ. كۈنلىرىم بۈگۈن يەنە قانداق يامان گەپ ئاڭلارمەن، دېگەن ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىدۇ، تىللاشلىرى ئاز كەلگەندەك پېشانىلىرىمگە نوقۇشلىرىچۇ، تېخى.
   مۇئەللىم، مېنىڭ ئۈنسىز يىغامغا ھەمدەم بولۇڭ!
   مۇئەللىم مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ! مېنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەرمەڭ. مېنىڭ مۇزلىغان قەلبىمنى مېھرى-مۇھەببىتىڭىز بىلەن ئىللىتىڭ، ئۈمىدىمنى يەنىلا سىزگە باغلىدىم.
   — دەپ ھۆرمەت بىلەن ئۆزلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان مەسۈم ئوقۇغۇچىلىرى: رەيھانگۇلدىن.
   مەن خەتنى ئوقۇپ بولۇپ بۇ ئوقۇغۇچۇمنى ئەسلەپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم. توۋا، مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى تولۇق چۈشەندىم. ئۇلارنىڭ مۇڭىغا مۇڭ بولدۇم، دەپ ئويلايتتىم، بىراق، سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ، قەلبى پاك نوتىلىرىمنىڭ، مېھرى ئىسسىق ناتىۋانلىرىمنىڭ بۇنچىلىك ئازابلانغانلىقىنى ھېس قىلماي يۈرۈپتىمەن. ئاشۇ ئوقۇغۇچۇمغا ئوخشاش يەنە قانچىلىغان ئوقۇغۇچىلار روھىي جەھەتتە ئازاب تارتىۋاتقاندۇ؟ بۇ ئىشلارغا كىملەر سەۋەبچى؟ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب زادى قەيەردە؟
   قىزلىرىنى مەنىۋى جەھەتتىن كامال تاپقۇزۇش، روھىيىتىگە مەسئۇل بولۇش، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر ئىنساندا جۈملىدىن بىر قىزدا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلىرىنى سىڭدۈرۈشتىن يالتايغان، ئىلىم–مەرىپەت ئۆگىتىدىغان مەكتەپ ۋە مۇئەللىملەردىن ئايرىپ تاشلىغان ئاتا-ئانىلارمۇ ياكى ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بالىلارنى ئوقۇشسىز قويغان بىر قىسىم رەھبەرلەرمۇ؟

         كۆرۈلۈشى:2479     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/9/7 16:46:43يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com