Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


يـۈرىـكـىـم يـىغـلايـدۇ

يـۈرىـكـىـم يـىغـلايـد ۇ (ئۇيغۇرىيە )

                          

      يىغلىما يۈرىكىم ، سېنى بەزلىگىلى  نەچچە ئەسىردەك بولدى ،ئەمما ھېچ گەپ ئاڭلىمىدىڭ ، بەدەنلىرىم سۇسىزلىنىپ ، لەۋلىرىم يېرىلىپ كەتتى . ئەمدى سېنى بەزلىگۈدەك مەندە نە مادار بولسۇن ! پەقەتلا ھالسىرىغان جىسمىمنى ، مۇزلىغان يۈرىكىمنى ئانا زىمىنىم باغرىغا  چىڭ يېقىپ تۇرۇپ ، ئۈمۈتسىزلىكتىن ئۆچەيلا دەپ قالغان جىن چىراقتەك پىلدىرلاۋاتقان كۆزلىرىمنى كىملەرگىدۇر تىكىپ ، كىملەردىندۇر مېھىر -مۇھەببەت تىلەپ ساڭا داۋا ئىزلەۋاتىمەن . شۇڭا قوتۇرماچتەك قېتىپ قالغان قەلبخانەمگە شەبنەمچىلىك  سۇ بېرەي دىسەڭ سەۋرى قىلغىن ! سەن سورايسەن ، خەلقىم ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ جەڭگە كىرگەن ئوغلانلار قېنى دەپ ؟! سەن سورايسەن ،خەلقىم ئۈچۈن قولىغا ساتارىنى ئالغان ئاماننىسا كەبى قىزلار قېنى دەپ ؟!

ئاڭلا يۈرىكىم ، ئۇلار بار . لېكىن شاۋقۇن -سۆرەنلىك بۇ رەڭگە-رەڭ دۇنيا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشكەچكە سەن ئۇلارنىڭ توۋلىغان مۇقاملىرىنى  ، ئۇلارنىڭ مەرت -مەردانە چەبدەس قەدەم تېۋىشلىرىنى ئاڭلىيالمىغان  بولىشىڭ مۇمكىن . ئەمما ئۇلار ھامان ھايات !

    گەرچە ئوغلانلىرىمىز قانداقتۇر تەتۈر شاماللارنىڭ تەسىرىدە يىلتىزلىرى بوشۇشۇپ ،‹مەسئۇليەت› تىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇ ئۇلارغا سەل ناتۇنۇشتەك بىلىنسىمۇ ئەمما ۋەتەن ئۈچۈن ،خەلقىم ئۈچۈن شۇنداقلا ئائىلە ئۈچۈن ئۆز مەسئۇليىتىنى ئۈن -تىنسىز ئادا قىلىۋاتقان ئوغلانلار يەنىلا مەۋجۇت . ئاز ساندىكى بېلى بوشلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ ماڭغان يولىدىن چەتنەپ كېتىپ ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىنى قورۇندۇرماقتا . جەمىيەتنىڭ داشقىلىغا ئايلىنىپ ئۆز پۇتىغا ئۆزلىرى پالتا چاپماقتا ! بۇنىڭلىق بىلەن ئانىلار يىغلىماقتا ، پەرزەنتلەر دادا مېھرىگە قانماي تۇرۇپلا بىر قانىتىدىن ئايرىلغان بىچارە قۇشتەك ،  پەرۋاز قىلىپ ئۇچالماي ئۈمۈتسىزلەنمەكتە !!! شۇڭا ئۇلارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى دەپ ئۆتۈشۈمگە رۇخسەت قىلغىن :

ئاكىلار ،دادا ، ئۇكا ۋە يىگىتلەر !!! سىلەرسىز بىزگە تەرەققىيات ، سىلەر ئاچمىغان بوز يەرسىز گۈلىستان نەدە تۇرۇپتۇ ؟ سىلەرسىز تاتلىق ۋە گۈللەنگەن دۇنيا ، ئەقىللىق پەرزەنت نېمە قىلىدۇ ؟ سىلەرسىز ئانىلىق بۈيۈكلۈك ۋە ئالىجانابلىق ، مەۋجۇدىيەت ، باش كۆتۈرۈش ، قۇدرەت تېپىشلار نېمە قىلىدۇ ؟شۇڭا بېلىڭلارنى تېخىمۇ چىڭ باغلاڭلار ، سىلەرنىڭ ئەجىر تۆھپەڭلەر تارىخ بېتىدىن تېخىمۇ كۆپرەك قۇرۇق ۋاراقلارغا رەڭ بېرىپ ئورۇن ئالغۇسى ! شۇندىلا مۇنۇ يىغلاڭغۇ يۈرەكلەرمۇ يىغىغا خاتىمە بېرىپ كۈلۈپ ياشارغۇسى !!!

يىغلاڭغۇ يۈرىكىم قاراپ باقسام يەنىلا يىغلاۋاتىسەن ، مەقسىدىڭنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، ئاياللارغا قاراپ يىغلاۋاتىسەن شۇنداقمۇ ؟

يىغلىما ! سەن ئارزۇ قىلغاندەك خانىم -قىزلىرىمىزمۇ خىزمەت ، ئائىلە ۋە جەمىيەتتە ئۆز مەسئۇليىتىنى ئادا قىلماقتا ! گەرچە بەزى بىر ئايرىم خانىم -قىزلىرىمىز مىللىتىم شەنىگە داغ كەلتۈرۋاتقاندەك قىلسىمۇ ،لېكىن ئۇلارنى قۇتقۇزدىغان ئوغلانلىرىمىز مەۋجۇت ! چۈنكى ئاياللارنىڭ ياقۇت، گۆھەر ،قاشتېشى  ئالماسنىڭ ئورنىدا تەرىپلىنىشى ۋە ياكى تاش بۇلۇپ چۆللەرگە تاشلىنىشىنىڭ ھەممىسى ئەرلەرگە باغلىق دەپ قارايمەن .

ئايال دېمەك ،سەنئەت دېمەك . ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن سەنئەت بولغان ، ئېستېتىكا بولغان ، پىكاسو بولغان، ئاياللارسىز مۇزىكا ، ئەرلەرنىڭ كۈلكىسى نىمە قىلسۇن ؟! بارلىق تىل -يېزىق ، ئەدەبىيات ، پۇل -پۈچەك دىگەنلەرنىڭ ھەننىۋاسى ئاشۇ بىز ئاياللارنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئۇنىڭغا بولغان تەرجىمىسىز ئىنتىلىش ، چېگرىسىز سۆيگۈدىن كەلگەن . بىز تۇغما پاكلىق ، يېتىلىشتىكى مۇكەممەللىك بىلەن پەرىشتە بولالىساق ، ئوسال ، پۇتالغان ئەپتىمىز بىلەن شەيتاننىڭ ، پاھىشىنىڭ ، مۇناپىقنىڭ سۈرىتىگە كىرەلەيمىز . بۇنىڭغا ئەڭ چوڭ تەسىر قىلىدىغان نەرسە نېمە ؟ ئەركەك .نېمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ ؟ دەپ سوراۋاتىسەن يۈرىكىم ، بۇ سۇئالغا <ئىنسانسەن> دىگەندىن باشقا قايىل قىلارلىق جاۋاپ يوق يۈرىكىم !

ئىرا ئالماشقان تەقدىردىمۇ ،ماكان ئالماشقان تەقدىردىمۇ ئىككى خىل ئادەم قالىدۇ . گۈزەللىكنىڭمۇ ، رەزىللىكنىڭمۇ سەۋەپچىسى يەنىلا بىز ئاياللار بولۇپ قېلىۋېرىمىز . ھېچكىمنىڭمۇ قىيامەتنى كۆرگۈسى ، ئۇياتسىز ھالەتلەردە يۈرگۈسى يوق ئەركەكلىرىم ! شۇڭا راھەت كۆرگۈڭلار بولسا ، ئاياللارنى تەربىيەلەڭلار ! مۇھەببەتكە چىلىشىپ ياشىغۇڭلار بولسا ، ئاياللارنى تەربىيەلەڭلار . سىلەرنىڭ مېھرى -مۇھەببەتلىك كەڭ قوللىقىڭلاردا يېرىم يالىڭاچ بەدەنلەر پۈتۈن كىيىم بىلەن شەرمى ھايانى تېپىۋالسۇن ! سىلەرنىڭ ئاتىلارچە ئاچقان مېھرىبان كەڭ قۇچىقىڭلاردا ئۇلارمۇ تەشۋىشسىز ، غەم -قايغۇسىز قېنىپ بىر ئۇخلىۋالسۇن ! مۇنۇ يىغلاۋاتقان يۈرەكلەر  تاتلىق بىر كۈلىۋالسۇن ! شۇڭا بارلىق خانىم قىزلارغا دەيدىغىنىم : بىز ئىنسانىيەتنىڭ كۆزى ! بىز چاقنىغاندىلا زىمىندا نۇر ، ئاسماندا يۇلتۇز ،بۆشۈكتە بوۋاق بولىدۇ .قەدىر -قىممەت ، قۇربان بېرىش ، سۆيۈش ۋە ئارام تېپىش سەپىرى بولىدۇ . روھ بۇلىدۇ ، غۇرور بۇلىدۇ . شۇڭا قەدىر -قىممىتىمىزنى ساقلاپ ئەرلىرىمىزنىڭ ئابرويىنى كۈتۈرەيلى !

ئۇف يۈرۈكىم ، ئەمدىغۇ بولغاندۇ ؟ سېنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىڭنى مەن تەرجىمە قىلىپ بەردىم . ئەمدىغۇ يىغىدىن توختارسەن ؟ ! لېكىن ئۇ يەنىلا يىغلىماقتا ...

ئاپتورى: رىيىمجان 

  مەنبە : ئىز باسار تورى

         كۆرۈلۈشى:1441     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/21 12:07:54يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com