Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئۆزىڭىزنى ئالدىماقچىمۇ، ئۆزگىنىمۇ

ئۆزىڭىزنى ئالدىماقچىمۇ، ئۆزگىنىمۇ

 

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھارپا كۈنى ئاپتۇبۇستا ئىككىيلەننىڭ قىلىشقان پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.

ــ ئۆيدىكىلەر ئوقۇتقۇچىلارغا تاپىلاپ قويماقچى ئىكەن، ئىمتىھانغا كىرىدىغانلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەن. ئاتا-ئانام كۆچۈرىدىغانغا بىر نېمە تەييارلاپ قوي دەيدۇ، ــ دېدى بىر قىز تارتىنمايلا.

ــ ئەمىسە تەييارلاپ قويمامسەن. مەنمۇ خېلى تەييارلاپ قويدۇم...

دەل شۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا تېلېفۇن كەلدى.

ــ ۋەي ئاداش، تۈنۈگۈن ساڭا دېدىمغۇ، دېيىشكىنىمىزدەك بولسۇن. بىزمۇ بىر نەچچە مۇئەللىمگە دەپ قويدۇق. سەن ئۆزۈڭ دېگىنە، مەن دېيىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن.

ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقى، ياسىنىشىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئىدى. ئۆزۈمچە ئۇلارنى ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقلىرىدا ئوقۇسا كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇلارنىڭ ئەتە ئۈچۈن قىلغان ئەندىشىلىرى ئويۇمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئويلاپ قالدىم. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا كۆچۈرمىكەشلىكنى ئۆگىتىشى، ئۇلارغا ئىمتىھان مەيدانىدا «ئالاھىدە ئىمتىياز» ھازىرلاپ بېرىشكە ئۇرۇنىشى بالىلاردا تەييارتاپلىقتەك روھىي پۈچەكلەرنى ھەدىيە قىلماسمۇ؟ توغرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بالىلارغا نىسبەتەن مۇھىم ئۆتكەل. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىرەر يىل قالغاندىن باشلاپ بالىلاردىنمۇ بەكرەك ئاتا-ئانىسى جەڭگىۋار ھالەتكە ئۆتۈپ، بالىلىرىنى ئائىلە ئىشلىرىدىن مۇستەسنا قىلىدۇ. ئۇلارغا ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتى كېلەي دېگەندە، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئىمتىھان بېرىشكە ئەمەس، «ئەقىل» ىنى ئىشلىتىپ ئىمتىھان بېرىشكە ئۈندەيدۇ. ئويلاپ باقساق، بۇ يەردە قاتلاممۇ قاتلام ئالدامچلىق شەكىللىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كۆز بۇيامچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بالىلار نازارەتچىلەرنىڭ كۆزىنى غەلت قىلىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنىدۇ. بالىلار نازارەتچىلەرنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغىنىدىن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا «ئەقىل» ئۆگەتكىنىدىن شادلىنىدۇ.

خوش، يۇقىرىقىدەك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، پەرزەنتلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىنغۇ ئۆتۈپ كەتسۇن، لېكىن ئۇلارنىڭ قورسىقىدا ئۇمىچى بولمىسا، ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇيالايدۇ؟ ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى نۇرغۇن ئىمتىھانلارغىمۇ ساختىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسۇنمۇ، ئۆزگىلەرنى ئالداپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈۋالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرسۈنمۇ؟

بىلىشىمچە، چەتئەللەردە كۆچۈرمىكەشلىكنى كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇناھ دەپ قارايدىكەن. مەكتەپلەردە كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلار باش كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىكەن، ئەمما بىزچۇ؟ شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىلىمگە ساختىلىق قىلغانلىق ئۆزىمىزنى ئالدىغانلىق بىلەن باراۋەر. ئۆزىمىزنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ئالدىماي، ئاز بىلسەكمۇ، ساز بىلىپ، ھەقىقىي ياشىساق ــ قانداق؟

ئاپتورى : زۇلپىيە زۇمرەتشاھ

         كۆرۈلۈشى:1359     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/18 18:12:33يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com