Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ھەقىقىي ئوغۇل بالا بولساڭ ...

ھەقىقىي ئوغۇل بالا بولساڭ ...

كوچا ئايلىنىپ كېتىۋىتىپ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ ئورنىمىزدا ئىككى يىل مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇلۇپ قويۇپ بېرىلگىنىگە بىر ئايچە بولغان بىرسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ  تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە بەتبىشىرە بولۇپ كەتكەن چىرايى، ئاغزىدىن چۈشۈپ قىلىۋاتقان گەپلىرىدىن  مەسلىكى چىقىپلا تۇراتتى.

ــــ ۋاي نېمە بولدۇڭ؟ سەن ساقمۇ، مەسمۇ؟ - دېدىم ئۇنىڭ ئورنىمىزدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا: «  ئەگەر بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن خېروئىن، ھاراق، ئاددىيسى تاماكا دېگەن نەرسىنى ئاغزىمغا ئالىدىغان بولسام ئوغۇل بالا بولماي كېتەي» دەپ قانچە قېتىملاپ قىلغان ۋەدىلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ.

ــــ نېمە دېسەم بولار، راست گەپنى قىلسام ھازىر سىلەرگە قاراشتىنمۇ نومۇس قىلىۋاتىمەن. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىككى ھەپتە ئۇ يەردە ئۆتكەن كۈنلىرىمنى، ئاتا – ئانام ۋە ھەممىڭلارگە قىلغان ۋەدىلىرىمنى ئېسىمدىن چىقارماي، ناھايىتى تىنچ ئۆتتۈم. ئاتا – ئاناممۇ مېنىڭ زەھەرنى تاشلاپ، سالامەتلىكىمنىڭمۇ ئەسلىگە كېلىپ قالغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇشتى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، بىر دوستۇمنىڭ زورلىشى بىلەن بىر قېتىم چېكىپ قالدىم، شۇنىڭدىن كېيىن بىسىققان خۇمارلار يەنە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئاتا – ئانام بىلىپ قىلىپ يەنە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىمىز دېدى، ئۇلارغا يەنە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىپ ئاران دېگەندە ئاچچىقىنى ياندۇردۇم. ئۇلار، سەندە پۇل بولسا چېكىپ قالىدىكەنسەن، دەپ ھەر كۈنى بەش يۈەندىن ئارتۇق پۇل بەرمەيدىغان بولۇۋالدى. ئاخىرى بولماي «خېروئىن» چەكمەي بۇ دورىدىن كۈنىگە بىر قېتىمدىن يەپ مەس بولۇپلا ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاۋاتىمەن، تېخى ھېلىلا 10 تال يېگەن ئىدىم، مانا ھازىر تازا تۇتتى، - دېدى،  دەلدەڭشىگىنىچە يانچۇقىدىن بەش قۇتىدەك دورىنى ئېلىپ كۆرسىتىپ. ھەي، قىلغان ۋەدىلىرىڭ قېنى؟ سەنمۇ ئوغۇل بالا بولدۇڭمۇ؟ ئۇ نىجىستىن ئاران قۇتۇلغاندىكىن قايتا ئاغزىڭغا ئالمىساڭ بولمامدۇ؟ نومۇس قىلماي ئۇنى يەنە چەكتىم دەيسەنغۇ ؟ كۈندە دورا يەپ مەس بولۇپلا ياتساڭ سەندەك ئادەمنىڭ بۇ زېمىندا ياشىغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟ سەن ھاياتىڭنى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرماقچىمۇ؟ دەپ گېلىدىن بوغۇپ يۈزلىرىگە نەچچىنى ئۇرىۋەتكىم كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى بىسىۋېلىپ:

ــــ ئېسىڭدە بولسۇن، پەرىشتە سۈپەت ئانىلارنىڭ ئاق سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولغان ئىنسان بالىسى «خېروئىن»دىن ئىبارەت ئىنسانلارغا ھەر خىل بالايى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان نىجىسنى ئاغزىغا ئالمايدۇ ھەم ئۇنى چېكىشكە زورلىغان، چەككەن ئادەمنى دوستۇم دەپ يۈرمەيدۇ. ئاناڭ ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان ھەقىقىي ئوغۇل بالا بولساڭ ئاغزىڭدىن چىققان ۋەدەڭگە ئەمەل قىلىسەن، ئەجداتلار بىزلەرگە «ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ تومۆرچىسى» دېگەن ئاجايىپ بىر پاساھەتلىك سۆزنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن، - دېدىم - دە، ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە مۇش بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كېتىپ قالدىم.

ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈپەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان، بۇ دۇنيادىكى قىسقىغىنە ھاياتىنى ئەھمىيەتسىز، كىشىلەر يىرگىنىدىغان ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان ئادەملەرنى ئادەم ئەمەس دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. شۇڭا ئۆزىمىزنى ئوغۇل بالا سانايدىكەنمىز، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ۋەدە قىلغان ئىكەنمىز، جېنىمىز چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ۋەدىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلايلى، ئەمەل قىلالمايدىغان ۋەدىلەرنى قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئوبرازىمىزىنى خۇنۈكلەشتۈرمەيلى. 

ئەكبەر جاپپار دەردى

(ئاپتورى: قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن)

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
         كۆرۈلۈشى:1695     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/15 13:35:07يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com