Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بۇ سىلەر كىرىدىغان يەر ئەمەس

                       بۇ سىلەر كىرىدىغان يەر ئەمەس

 

بىر كۈنى قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، شەھىرىمىزدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى رەڭلىك چىراقلار بىلەن يېزىلغان « xx مەيخانىسى » دېگەن خەتلىرى ۋالدىلاپ يېنىپ تۇرغان، بىر قاۋاقخانىنىڭ ئالدىدا، كىچىك ماشىنىنىڭ ئىچىدە بىرىنى ساقلاپ تۇرۇپ قالدىم. 

ـــ بولدى ئاداش ئۇ يەرگە كىرمەيلى، ئىچىدىن مەس ئادەملەرلا چىقىۋاتىدۇ، ئۇ يەردىن چىققۇچە مەكتەپنىڭ ئىشكىنى تاقىۋەتمىسۇن، يەنە كېلىپ ئۇلارنى تۈزۈك چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرگە ئولتۇرۇشتىن سەل قورقۇۋاتىمەن، سەن ئۇلارغا دېگىن ئەتە چۈشتە كۆرۈشەيلى. ماشىنىنىڭ يېنىدىلا چىقىۋاتقان بۇ ئاۋاز ئىختىيارسىز مېنى ئۆزىگە تارتتى.

ــــ ۋىيەي، ساراڭدەك گەپ قىلمىغىنا ئاداش، ئۇلار ئەتىگەندىن بېرى ساقلاپ تۇرغان تۇرسا، ئۇنداق دېسەك قانداق بولىدۇ، مەكتەپنىڭ ئىشكىنى تاقىۋەتسە ھاممامنىڭ ئۆيىگە كېتەرمىز، ئەتە مۇئەللىمگە ھاممام ئاغرىپ قاپتىكەن، سەن بىلەن بىرگە دوختۇرخانىغا ئاپارغان دەيمەن، قورقمىغىنا بۈگۈن ئاران بىر پۇرسەت كەلگەندە ئۇلارنى تازا بىر پۇل خەجلىتەيلى، مۇراتنىڭ دوستى ئەنۋەرمۇ بولىدىغان مەرت بالىدەك قىلىدۇ، ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن چىقىشىپ قالامسەن تېخى. شۇ ئارلىقتا ئۇچىسىغا ياشلارغا خاس كېيىنگەن، چاچلىرىنى ئارتىسلارنىڭكىدەك كۆپتۈرۈپ ياسىتىۋالغان، 18 – 20 - ياشلاردىكى ئىككى ئوغۇل بالا تاماكىسىنى يانتۇ چىشلىگىنىچە بۇ گەپلەرنى قىلىشىۋاتقان، ئۆزلىرى بىلەن ياش جەھەتتىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــــ ئىش پۈتتى مېڭىڭلار، بۈگۈن ئايرىمخانىلاردىن بىرسىمۇ بىكار ئەمەسكەن، ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق، ئەھۋالنى دېسەك ئۇلار، ــــ بىز باشقا دوستلار ئولتۇرغان يەرگە چىقىپ كېتىپ، بۇ ئايرىمخانىنى سىلەرگە بېرەيلى دەپ چىقىپ كېتىشتى، تېزرەك بولمىساق باشقىلار كىرىۋالمىسۇن يەنە. باشتا كىرمەيلى دېگەن گەپنى قىلغان كۆڭۈلچەك قىز ھېلىقى ئېزىتقۇ دوستىنىڭ يۈرە ئاداش دەپ قولىدىن تارتىشى بىلەن، - ئەمىسە تېزراق يېنىپ چىقايلى جۇمۇ _  دېدى - دە، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ھېلىقى ئىككى ئوغۇل بالا بىر – بىرىگە قارىشىپ قويۇپ، قانداق دېگەن مەنادا كۆزلىرىنى قىسىشىپ خۇشاللىقىدا قىزلارنى باشلاپ مەيخانىغا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

كۆز ئالدىمدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ شاھىدى بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمچە تولىمۇ خورلۇق ھېس قىلدىم. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قەدەمنى خاتا بېسىۋاتقان بۇ قىزلارمۇ ئەقىل ئىگىسى بولغاندىكىن باشقا ئىشلارمۇ يۈز بەرمەس ياكى بۈگۈن بۇ يەردىن بىر قۇرقۇپ كەتسە ئىككىنچى بۇنداق يەرلەرگە كىرمەس بولار، دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدىم. ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت  ئۆتكەندىن كېيىن قۇلىقىمغا بىرسىنىڭ ھۇ نۇمۇسسىزلار، بىزلەرنى نېمە كۆرۈپ قالدى، دېگەن ئاۋاز  ئاڭلاندى. قارىسام، ھېلىقى دوستىنىڭ زورلىشى بىلەن كىرىپ كەتكەن قىز سومكىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ يۈگۈرگىنىچە مەيخانىدىن چىقىۋېتىپتۇ، ئارقىسىدىن دوستىمۇ، - ئاداش توختا، بىرگە كېتەيلى، بۇ مازلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، دەپ يۈگۈرۈپ چىقتى.  ھەي، ھېلىقى ئىككى بالا بۇ قىزلارغا بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىپتۇ - دە، بايا كۆز قىسىشلىرىدىنلا نىيىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى ئۇلارنىڭ، بىر ھېسابتا ئۇلار تازا ياخشى قىلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا بۇ قىزلار بۇ يەرگە كۆنۈپ قالسا كېيىنچە قانداق ئىشلار يۈز بېرەر ئىدى، دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ تۇرسام، ھېلىقى ئىككى ئوغۇل بالا، - مانا بولدىمۇ قىزلار دېگەننى ئالدىرىماي ئىندەككە كەلتۈرىمىز دېسەم ئۇنىماي ئاران قولغان كەلتۈرگەن قىزلارنى قاچۇرۋەتتىڭ، دەپ بىرسى يەنە بىرسىگە تاپا قىلغىنىچە مەيخانىدىن چىقىپ، ئۆزلىرى چىقىشتىن بۇرۇنلا تاكسىغا ئولتۇرۇپ نەگىدۇر كېتىشكەن ئىككى قىزنى ئىزدەپ چوڭ يول تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى.

بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كۆز ئالدىمدىلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە، ئۆز يولىدىن چىقىپ كەتكەن ھايات ھېچقاچان مەنىلىك ھايات بولمايدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئەركىنلىكمۇ ئىنسانلارغا ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ياشلىق ھايات ھەر بىر ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدىغان قىسقا ۋە قىممەتلىك ھايات بولۇپ، ئۇنى قەدىرلىمىگەن ئىنسان ھامان بىر كۈنى ئۆز ۋىجدانىنىڭ سورىقىغا قالىدۇ. ياش قىزلار ھېلىقى ئىككى قىزدەك ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ، كوچا ئەخلەتلىرى تاپقان ھارام پۇللىرىنى بۇزۇپ چاچىدىغان  مەيخانىلاردا يۈرسە، باشقا قىزلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى ۋايران قىلىپ، ھېچكىمگە يۈز كېلەلمەي پۇشايمان ياشلىرى كۆزلىرىدىن قۇرىماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ. قىسقىسى « مەيخانا » كەلگۈسىنىڭ ئانىسى بولغان قىزلىرىمىز كىرىدىغان يەر ئەمەس.

ئەكبەر جاپپار دەردى

(ئاپتورى: قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن)

 مەنبە:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى 

         كۆرۈلۈشى:1616     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/15 13:25:18يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com