Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


نىكاھ ۋە تۇنجى سۆيگۈ

     

نىكاھ ۋە تۇنجى سۆيگۈ

       نورمال جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ھەرقانداق كىشى تۇنجى سۆيگۈ سەۋداسىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەمما، كىشىلەرنىڭ تۇنجى سۆيگۈگە بولغان تونۇشى، مۇئامىلىسى پەرقلىنىدۇ. بەزىلەر، بولۇپمۇ ھېسسىياتچان كىشىلەر تۇنجى سۆيگۈنى باشقىلارغا قارىغاندا چوڭ بىلىدۇ. بۇنداقلار تۇنجى سۆيگىنىدىن ئايرىلسا، روھىي جەھەتتە ئاسانلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئەمما، بەزىلەر بۇنداق قىسمەتكە سوغۇققان مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار تۇنجى سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، مەسىلىنى ھېسسىياتقا تايىنىپ ئەمەس، ئەقىلگە تايىنىپ ھەل قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇنجى سۆيگۈگە بولغان تونۇشىدا پەرق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇنجى سۆيگۈدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئاساسەن ئوخشايدۇ. يەنى، تۇنجى سۆيگۈسىنى نىكاھلىنىشقا يەتكۈزۈپ، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

    كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى سۆيگۈنى توغرا پەرۋىشلەپ، نىكاھ پەللىسىگە يەتكۈزمەك ئانچە ئاسان ئەمەس. تۇنجى سۆيگۈ كىشىنىڭ سۆيگۈ ھاياتىدا ئېچىلغان بىرىنچى گۈلدۇر. ئۇنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېچىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بەكمۇ قەدىرلىك بىلىنىدۇ. كېيىن ئېچىلغانلىرى ھەرقانچە خۇش پۇراق، چىرايلىق بولسىمۇ، ئومۇمىي چۈشەنچىدە يەنىلا بۇرۇنقىسىغا يەتمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن تۇنجى سۆيگۈنى يات جىنىسلار ئارا ئويغانغان تۇنجى سەزگۈ دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سەزگۈنىڭ قۇدرىتى شۇنچىلىك سىرلىق، گۈزەل ۋە مېھىرلىك تۇيۇلىدۇ. تۇنجى سۆيگۈدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، باشقىلار سىزگە (مەيلى يىگىتكە ياكى قىزغا) بىرەرسىنى تونۇشتۇرسا، ئۇلار تۇنجى سۆيگىنىگە بولغان سەزگۈسىنىڭ ئۇنىڭدا بار - يوقلۇقىنى دەڭسەپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرىدۇ.

        تۇنجى سۆيگۈ كىشىلەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ئەڭ گۈزەل، ئەڭ رومانتىك جەريان بولسىمۇ، زامانىمىزدا ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمايۋاتىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى سۆيگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، نىكاھلىنىپ مۇرادىغا يەتكەنلەر ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە 6% كىمۇ يەتمەيدىكەن. دېمەك، بۇ تۇنجى سۆيگۈنىڭ نىكاھلىق ئائىلە بولۇش - بولالماسلىقىدىكى بىر مۇئەمما. بۇ نۇقتىدىن تۇنجى سۆيگۈنى نىكاھ - تۇرمۇش مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەجرىبىسى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇنجى سۆيگۈسىدىكى مەغلۇبىيىتىدىن نۇرغۇن تەجرىبىگە ئېرىشىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى باشقا تەجرىبە - ساۋاقلارغا قارىغاندا، تۇنجى سۆيگۈنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئېلىنغان تەجرىبە - ساۋاق كىشىلەرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      تۇنجى سۆيگىنىدىن ئايرىلىش تولاراق ياشلارغا (ئۇ قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن) ئىنتايىن ئېغىر كېلىدۇ. تۇنجى سۆيگىنىدىن ئايرىلىشتەك جاراھەتنى ساقايتماق تەسكە توختايدۇ. بۇ «دەرد»كە مۇپتىلا بولغانلار تەسەللىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ چاغدا ئەقىللىق مەسلىھەتمەن بۇنداقلارغا سوغۇققان بولۇش، ھايات مۇساپىسىدە ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشتەك نەسىھەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قەلب جاراھىتىگە مەلھەم بولمىقى لازىم. ناۋادا، سىز تۇنجى سۆيگۈڭىزدىن مەغلۇپ بولغان بولسىڭىز، ئۇنى خۇلاسىلەشكە، قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىڭىز لازىم. بۇ جەرياندا سىز ئامال بار ئۆزىڭىزدىن كەتكەن تەرەپلەرنى كۆپرەك ئويلاش بىلەن بىللە، قارشى تەرەپتىن كەتكەن تەرەپلەرنىمۇ ئويلىشىڭىز لازىم. بولۇپمۇ «بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالسىڭىز، چوقۇم سوغۇققان بولۇڭ. قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەڭ. بىر قىسىم ياشلاردا «بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قېلىش» خاھىشى ئېغىر. ھەتتا بەزىلەر بۇنداق سەزگۈنى ھەممىدىن ئۇلۇغ بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كەچۈرمىش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ پىشمىغان پىسخىك ھادىسە بولۇپ، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ تاشقى قىياپىتىگە مەپتۇن بولغان سەزگۈنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق سەزگۈ ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتمىگەچكە، ئۇنىڭدا ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مېھىر يەتكۈزۈش ئامىللىرى كەمچىل بولىدۇ. ئارىمىزدا كۆپلەرنىڭ بۇنداق پىشمىغان سەزگۈگە ئىشىنىپ ۋە چوقۇنۇپ، ئاخىرى شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەپمۇ، نىكاھ تۇرمۇشىغا يېتەلمىگەنلىكى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇنىڭ ئۈچۈن، نىكاھ تۇرمۇشىغا «بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قېلىش»تەك سەزگۈنى ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا چۈشىنىشكەندىن كېيىنكى سەزگۈنى ئاساس قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.   

       ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ بەختلىك ئائىلە قۇرۇشى بەكمۇ مۇھىم. بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى تۇنجى سۆيگۈگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق لايىق تېپىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى نوقۇل ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىلا ئەمەس، باشقا ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، تۇنجى سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ، باشقا بىر جورا بىلەن نىكاھلانغان ياشلار نىكاھلىق تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇشى لازىم. چۈنكى ئادەم نىكاھ تۇرمۇشىدا خىلمۇخىل مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ. ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ۋاقىت، دەۋر ۋە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ياشلارنىڭ نىكاھ ئىشىدا رومانتىك ھېسسىياتلارغا ئارتۇقچە بېرىلمەي، ئەمەلىيەتچىل بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. بەزى ياشلار تۇنجى سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ، جەمئىيەتكە تېگىشلىك تۆھپىسىنى قۇشۇۋاتىدۇ. شۇنداقلا تۇنجى سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ بەختسىز بولۇپ قېلىشى ناتايىن. شۇڭا «تۇنجى سۆيگۈ»نى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاش بىر خىل «گۈدەكلىك كېسىلى»دۇر. ئۇنى ھازىرقى ياشلارنىڭ نىكاھ قارىشىغا زورمۇزور تېڭىشقا بولمايدۇ. بىز پەقەت تۇنجى سۆيگۈدىن نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق بېسىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، نىكاھ تۇرمۇشىمىزدا ئەگرى - توقاي يوللارنى ئاز بېسىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز.

  ئاپتورى  :   غالىب خوجىئابدۇللا

مەنبە ؛ شىنجاڭ گېزىتى
         كۆرۈلۈشى:1109     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/15 12:39:30يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com