Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئاچا - ئۇكا

 ئۆيىمىز يىراق ،چەت بىر تاغلىق يېزىدا بۇلۇپ ،ئاتا- ئانام ئەتىگەندىن كەچكىچە يەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان دېھقان ئىدى .مەندىن ئۈچ ياش كىچىك بىر ئىنىم بار ئىدى .بىر قېتىم مەن قىزلارنىڭ ھەممىسىدە بار بولغان گۈللۈك قولياغلىق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ،دادامنىڭ پۇل قۇيىدىغان تارتمىسىدىن بەش مونى ئېلۋالدىم .

دادام شۇ كۈنىلا بايقاپ قېلىپ ،بىزنى تام تۈۋىدە يۈكۈندۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇپ ،بىر تاياقنى ئېلىپ ، قايسىمىزنىڭ  پۇل ئوغۇرلىغانلىقىنى ئىقرا قىلدۇرماقچى بولدى .ئەينى ۋاقىتتا مەن بەك قورقۇپ كەتكەچكە ،بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ،گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم . دادام بىزنىڭ ئېتىراپ قىلمىغىنىزنى  كۆرۈپ ،ھەر ئىككىمىزنى ئۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .دادام گېپىنى تۈگىتىپلا قولىدىكى تاياقنى ئېگىز كۆتۈرگەندە ،ئىنىم تۇيۇقسىز ۋارقىراپ تۇرۇپ دادامنىڭ قۇلىغا ئېسىلىپ :دادا،مەن ئوغىرلىغان ،ئاچامنى ئۇرماڭ دېدى .شۇنىڭ بىلەن دادامنىڭ قولىدىكى تاياق ئىنىمنىڭ ئۈستى - باشلىرىغا رەھىمسىزلەرچە چۈشۈشكە باشلىدى ،دادام ئاچچىقىدا نەپەس ئالالماي قالدى. ئىنىمنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ،كاڭدا ئولتۇرۇپ : ھازىر ئۆيدە پۇل ئوغىرلىساڭ ،چوڭ بولغاندا نېمە بولماقچى ئىدىڭ ؟ مەن سەندەك يارىماسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىمەن - دىدى .

شۇ كۈنى ئاخشىمى ئاپام بىلەن ئىككىمىز پۈتۈن بەدىنىنى تاياق ئىزى قاپلىغان ئىزى قاپلىغان ئىنىمنى قۇچاقلىغاندا، ئىنىم بىر تامچىمۇ ياش تۆكمىدى .

يېرىم كېچىدە مەن تۇيۇقسىز يېغلاپ كەتتىم .ئىنىم قولى بىلەن ئاغزىمنى چىڭ ئېتىۋېلىپ،ئاچا يېغلىمىغىن،مەن بەرىبىر تاياق يەپ بولدۇم - دىدى.

مەن ئىزچىل ئۆزەمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جۈزئەتسىزلىكىمدىن نەپرەتلىنىمەن .بۇنىڭغا نۇرغۇن يىل بولغان بولىسىمۇ،ئىنىمنىڭ مىنى دەپ تاياق تاياق يىگەنلىكىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە ئىدى .

شۇ يىلى ئىنىم سەككىز ياشتا،مەن 11ياشتا ئىدىم .ئىنىم تۇلۇقسىز پۈتتۈرۇپ،ناھىيىدىكى نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتى.شۇنداقلا مەنمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى قۇلۇمغا ئالدىم .

شۇ كۈنى كەچتە دادام ھويلىدا ئولتۇرۇپ ئارقا- ئارقىدىن ئۇلاپ غاڭزا چەككەچ،ھەر ئىككىسى يارايدۇ،يارايدۇ،دەپ سۆزلەپ كەتتى .

ئاپام بولسا،كۆز ياشلىرىنى ئوغۇرلۇقچە سۈرتكەچ،بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ئۇلارنى قانداق ئوقۇتىمىز؟-دىدى .

ئىنىم دادامنىڭ ئالدىغا كېلىپ:دادا،مەن ئوقۇمايمىكىن ،ئىشقىلىپ يىتەرلىك ئوقۇدۇم- دىدى .

  دادام ئىنىمنى بىر كاچات سېلىپ:سەن نىمە دىگەن يارامسىز ؟مەن قورۇ - جايىمنى ساتساممۇ ئىككىڭلارنى ئوقۇتىمەن-دىدى. ئارقىدىنلا قوشنىلاردىن پۇل سوراشقا ماڭدى .

مەن ئىنىمنىڭ قىزىرىپ ئىششىغان يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ:سەن ئۇقىغىن،ئوغۇل بالا ئۇقۇمىسا،بۇ تاغلىق يېزىدىن بىر ئۆمۈر چىقالمايدۇ - دىدىم .ئىنىم ماڭا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى .ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇقۇشتىن ۋاز  كەچكەن ئىدىم .

ئويلىمىغان يەردىن ئەتىسى تاڭ يۇرىماستا،بىر نەچچە قۇر كىيىم - كېچىكى ۋە بىر نەچچە تال مومىنى ئېلىپ بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ چىقىپ كىتىپتۇ .ئاچا،سەن غەم قىلمىغنىن،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئاسان ئەمەس،مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ سېنى ئوقۇتىمەن .

مەن ھېلىقى خەتنى سىقىملاپ،كاڭدا دۈم يېتىپ يېغلاپ كەتتىم .

شۇ يىلى ئىنىم 17ياشتا ،مەن 20ياشتا ئىدىم .

مەن دادام كەنىتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن قەرز ئالغان پۇل ۋە ئىنىم سىمونىت توشۇپ تاپقان پۇل بىلەن ئونۋېرستنىڭ 3- يىللىقىغىچە ئوقۇدۇم .

بىر كۈنى مەن كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرسام بىر ساۋاقدىشىم سىزنى بىر يۇرتلىقىڭىز ئىزدەپ كەپتۇ- دىدى.قانداقمۇ يۇرتلۇقۇم مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ؟ مەن سىرتقا چىقىپ يىرقتىنلا ئىنىمنى كۆردۈم .سىمونىت ۋە قۇمغا مىلەنگەن كىيىمنى كىيگەن ئىنىم مېنى ساقلاپ تۇراتتى .مەن ،نېمىشقا يۇرتدىشىم دەيسەن؟دەپ سورىدىم .

ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،قارا بۇ كىيىملىرىمگە،مەن ئىنىسى دىسەم،ساۋاقداشلىرىڭ زاڭلىق ئەتمەمدۇ؟ - دېدى. 

مېنىڭ بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ كۆزلىرىمىگە ياش كەلدى.مەن ئىنىمنىڭ ئۇچىسىدىكى توپىلارنى قېقىپ تۇرۇپ:سەن مېنىڭ ئىنىم تۇرساڭ،سەن قانداقلا كىيىم كىيگىن،مەن ھەرگىز باشقىلارنىڭ مازاك قىلىشىدىن قورقمايمەن - دېدىم .

ئىنىم يانچۇقىدىن ناھايتى ئاۋايلاپ قولياغلىققا ئورالغان كېپىنەك شەكىللىك چاچ قىسقۇچنى چىقىرىپ ،چېچىمغا تەڭلەپ تۇرۇپ:شەھەردىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى بۇنى قىسۋاپتۇ،شۇڭا ساڭىمۇ بىرنى ئالدىم - دېدى.مەن ئەمدى ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئىنىمغا ئېسلىپ يېغلاپ كەتتىم .

ئۇ يىلى ئىنىم 20ياشتا مەن 23ياشتا ئىدىم .

مەن تۇنجى قېتىم يىگىتىمنى ئېلىپ ئۆيگە كەلگەندە،نەچچە يىللاردىن بېرى چېقىلپ كەتكەن ئەينەكلەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغانلىقىنى،ئۆيلەرنىڭ پاكىزە يىغۇشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم .

يىگىتىم كەتكەندىن كېيىن،مەن ئانامغا ئەركىلەپ تۇرۇپ:ئانا ئۆيلەرنى ئەجەپ پاكىزە قىلۋېتىپسىز - دېدىم .

ئانام ياشىنىپ قالغان بولغاچقا،كۈلسە يۈزلىرى قۇرۇلۇپ جۈيخۇا گۈلىگىلا ئوخشاپ قالاتتى. <<بۇنى ئىنىڭ بالدۇر قايتىپ كېلىپ قىلىدى.قارا ئۇنىڭ قولىدىكى جارائەتكە،ئەينەك سالغىچە كېسىلىپ كەتتى .>>

مەن ئىنىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،ئىنىمنىڭ كۈنسىرى ئۇرۇقلاپ كېتۋاتقان چىرايىغا قاراپ،كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى.

ئىنىم يەنىلا كۈلۈپ تۇرۇپ:تۇنجى قېتىم يىگىتىڭنى باشلاپ كەلگەن تۇرساڭ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ شەھەرلىك تۇرسا،ئۆينى چىرايلىق تۈزەشتۈرمىسەك بولماس- دېدى.

مەن ئۇنىڭ يارىسىغا دورا سۈرتكەچ: ئاغرىدىمۇ ؟ دەپ سورىسام،ئۇ ئاغىرىمىدى،قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلىگەندە تاش پۇتۇمنى يېرىۋېتىپ پۇتۇم ئىشىپ كېتىپ،ئاياق كىيەلمىگەندىمۇ ئىشلىگەن تۇرسام.....دەپ،گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىمەي توختىۋالدى .

مەن كەينىمگە بۇرلۇپ،يېغلاپ كەتتىم .

ئۇ يىلى ئىنىم 23ياش،مەن 26ياش ئىدىم .

         كۆرۈلۈشى:1722     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/12 17:13:32يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇخلىيالماسلىق
ئۇخلىيالماسلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇرۇت ماجىراسى
بۇرۇت ماجىراسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com