Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


كاشال دوپپا(ھېكايە)

ئەسقەرجانغا نېمە بولدىكىن تاڭ بىرنەچچە كۈندىن بېرى دوپپا جوداسى قىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىنى ئوت قىلىۋەتتى.شۇ تۈپەيلى يەكشەنبە كۈنى ئۇلار بازارغا چىقىپ ئوغلى ئەسقەرجانغا بادام دوپپىدىن بىرنى ئېلىپ بەردى.ئۇ خۇشاللىقىدىن قېن -قېنىغا پاتمايتتى،چۈنكى ئۇ بۈگۈن تۇنجى قېتىم دوپپا كىيگەنىدى.
ــ ئاپا ياراشتىمۇ؟
ــ بەك ياراشتى ئوغلۇم ،بەك ياراشتى ئاپا بالىسىغا مەستلىكى كەلگەن قىياپەتتە قاراپ-قاراپ تويمايتتى.ئەسقەرجاننىڭ يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلاتتى كىشى...
خۇشاللىقىدىن گۈل قەقەلىرى ئېچلىپ كەتكەن ئەسقەرجان بىر دەم دوپپىسىغا قارىسا ،بىردەم مېھرىبان ئاتا-ئانىسىغا يېنىشلاپ قارايتتى،كۆڭلىدە ئەتىلىككە مەكتەپكە بارسام بارلىق ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ دوپپامغا قارىشىپلا قالىدىغان بولدى،مەن ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا دوپپامنى تازا بىر كۆز-كۆز قىلىۋالىدىغان ،ماختىنىۋالىدىغان بولدۇم،مەن ئەتە ئۆتۈلىدىغان‹‹دوپپا رىۋايىتى››دىگەن تېكىستنى ئالدىن كۆرۈپ قويمىسام بولمايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدى،تۇيۇقسىز ئۇ بىر ئىشنىڭ چالا قالغانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ تاڭ ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرگىنىچە ئاپىسىدىن .
ــ ئاپا ،ئۇيغۇر دوپپىلىرى قانچە يىللىق تارىخقا ئىگە ؟دوپپىنىڭ تۈرى قانچە خىل ؟نېمە ئۈچۈن ھازىرقى كىشىلەر دوپپا كىيمەيدۇ دىگەندەك بىر تالاي سۇئاللار بىلەن ئاپىسىنى كۆمۈۋەتتى .ئانا بىلىدىغانلىرىغا جاۋاب بەرگەندىن سىرت قالغان بىر مۇنچە سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ،كېيىن ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.شۇنداق قىلىپ ئەسقەرجان نېمىلا بولمىسۇن دوپپا توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە بىلىمگە ئېرىشكەنلىكىدىن رازىمەنلىك ھېس قىلىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى...
دوپپامنى كىيپ ياتسام بولمايدۇ ،سەل ئىگىزرەك جايغا قوياي،ياق بولمايدۇ ئەتتىگەنلىككە ئۇنتۇپ قالسامچۇ؟
ھە، ئاۋۇ ئۈستەلگە قويۇپ قۇياي،ئەتىلىككە مەكتەپكە بارغاندا ساۋاقداشلىرىم كۆرۈپ باقايلى دەپ تۇتۇپ كىر قىلىۋەتسە قانداق قىلارمەن؟ياق مەن ئۇلارغا تۇتقىلى قويمايمەن،تۇتماڭلار دوپپام مەينەت بولۇپ كېتىدۇ دىسەم ساۋاقداشلىرىم نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟ھە راست قۇلۇڭلارنى يۇيۇۋېتىپ تۇتۇڭلار دەيمەن شۇنداق دىسەم ئۇلارمۇ خاپا بولمايدۇ،ئۇ خىيال قىلغانسېرى ھاياجانلىناتتى ،ئاتا-ئانىسىغا رەھمەت ئېيتقۇسى كېلەتتى.بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بىراق ئەسقەرجانلا شېرىن خىيال ئىلىكىدە ئەركىن ئۈزمەكتە،شۇنداق قىلىپ ئۇ مىڭ تەسلىكتە تۈننى تاڭغا ئۇلاشتۇردى.
سەھەردىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئىللىق تەبەسسۇم قىلىشقا باشلىدى ،كۈندىكىدىن بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇۋالغان ئۇ چىرايلىق كىيىنگەندىن كېيىن مەكتەپ تەرەپكە يول ئالدى،ئۇ بىردەم-بىردەم بېشىنى تۇتۇپ قوياتتى.ئۇنىڭ بالىلىق خىياللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا،ئۇ ئەنە شۇ شېرىن خىياللار ئىلىكىدە مەكتەپكە كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى.ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازسىىدىن كىرەي دەپ تۇرۇشىغا بىرىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا.
ــ ھەي بۇياققا كەل دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.ئۇ كىمنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى ۋە مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى.ئاۋاز بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى ئۇ يەنىلا مېڭىشىنى داۋاملاشتۇردى.-ھەي ۋېي زۇ شۈ شىڭ (ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى)
دىگەن ئاۋازدىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ئەتىراپقا سەپ سالدى،ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كۆرۈنمىگەچ ئۇ ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى.ــ نى گۇو لەي(بۇيان كەل)دەپ ئىشارەت قىلدى مەكتەپ مۇدېرى. ئەسقەرجان دەررۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە كۈلۈمسېرىگەن قىياپەتتە مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟سالام بەردى.ــ با مۇۋزا مادىيو(دوپپاڭنى سېلىۋەت)نىشى ناگې بەندې دىگىنىچە ئۇنىڭ دوپپىسىنى ئالدى-دە،ئالايغىنىچە بالىغا تەڭلەپ تۇرۇپ ياجۇقۇڭغا سال بۇندىن كېيىن مەكتەپكە دوپپا كېيىپ كەلمە دىدى.
ئەسقەرجاننىڭ ئاخشامدىن بۇيانقى خۇشاللىقى بىردەمدىلا خۇددى سۇغا چۈشكەن قاردەك غايىپ بولدى،ئۇ يېغلام سىرىغان قىياپەتتە مۇئەللىم كېيىپ كېلىڭلار دىگەن دىيەلىدى ئارانلا،قايسى مۇئەللىم شۇنداق دىدى.مەكتەپكە دوپپا كىيىپ كېلىشكە بولماۇدۇ دىگىنىچە ئالايدى مۇدېر ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان مۇئاۋىن ئەخلاق مۇدېرىمۇ سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ بولماپتۇ بالام ،مۇئەللىمىڭ شۇنداى دىگەن بولسا سەن ئۇنى قاتلاپ سومكاڭغا سېلىۋالساڭ بولمامدۇ؟بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلغۇچە بولما ،ماڭە سىنىپىڭغا كىرىپ كەت دىدى ۋە مۇدېرغا بىر نېمىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى...
ئەسقەرجان تولىمۇ پەرىشان كۆرۈنەتتى ئانىسى ھەيرانلىق ئىلىكىدە.
ــ ئوغلۇم نېمە بولدى ساڭا ئەجەپ شۈكلەپ كېتىپسەنغۇ؟دىدى ئانىلىق مېھرى بىلەن.
ــ ئاپا ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپتە ئوقۇمايمەن،جېنىم ئاپا !مەكتەپكە ھەرگىزمۇ بارمايمەن ،مېنىڭ ئوقۇغۇم يوق دىدى ۋە يېغلاپ تاشلىدى.
ــ ئاپئاق قوزام سېنى ساۋاقداشلىرىڭ بوزەك قىلدىمۇ؟نېمە بولدى ساڭا ئانا بالىدىن سوراشقا باشلىدى.
ــ ياق ئاپا ساۋاقداشلىرىم ھەم مۇئەللىم بۇزەك قىلمىدى.
ــ ئەمىسە نىمىشقا يېغلايسەن.بالا يەنىلا يېغلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.يېغىدىن ئۇنىڭ تىلىمۇ كالىۋالىشىپ قالغاندى.بىر پەستىن كېيىن سومكىسىدىن قاتلاقلىق دوپپىسىنى ئالدى-دە،مەكتەپتە بولغان ئەھۋاللارنى ئاپىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى ئانا -بالا ئىككىيلەننىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئانا سەل ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن كىمنىڭ نەرىگە تاقاشقاندۇر بۇ دوپپا ،بۇنداق تاقاشقا دوپپىنىڭ نېمە كېرىكى دىگىنىچە ئوغلىنىڭ قولىدىكى دوپپىنى ئېلىپ چۆرىۋەتتى .ئەسقەرجاننىڭ يېغىسى بىنانى بىر ئالدى ئاپا بۇ نېمە قىلغىنىڭىز دىگن پېتى دوپپا چۈشكەن تەرەپكە چاپتى...

پەرھات جەمشىت

         كۆرۈلۈشى:2322     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/6/14 16:31:15يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇخلىيالماسلىق
ئۇخلىيالماسلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇرۇت ماجىراسى
بۇرۇت ماجىراسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com