Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

 
     ئالىم بىلەن گۈزەلنۇرنىڭ بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقىنىغا 3يىل بولدى.گۈزەلنۇر قىرقىماچاچ،بۇغداي ئۆڭ،قوي كۆزلۈك ئەخلاقلىق،تىرىشچان قىزئىدى. 
شۇڭلاشقا ساۋاقداشلىرى ئۇنى تولىمۇ ياقتۇراتتى،بولۇپمۇ ئوغۇل ساۋاقداشلار ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلىشاتتى، شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭغا سانسسىزلىغان قارا كۆزلەر تىكىلگەندى...
ئۇزۇندىن بېرى ئالىمنىڭ ئىچىدە بىر ئوت پەيدا بولۇشقا باشلىدى،ئۇ ئوت مانا ئەمدى يېنىشقا باشلىغاندەك قىلاتتى،شۇ تۈپە يلى ئۇ خىيالچان بولۇپ بولۇپ كېتىۋاتتى،ئۇ كۆڭلىدىكىنى گۈزەلنۇرغا قانداق شارائىت،قايسى ۋاقىتتا ئىزھار قىلىشنى خىيال قىلاتتى .تۇرۇپ-تۇرۇپ ،ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىرەرسى بارمىدۇ؟دىگەنلەرنىمۇ ئويلاپ قوياتتى ،بۇنداق خىياللارنى قىلغىنىدا سەل بىئارام بولاتتى.بۈگۈن مۇزاكىرىدىن يېنىپ ئالىم ياتاق تەرەپكە كېتىىۋاتقان گۈزەلنۇردىن:
__ سىزدە<<ئانا يۇرت>>رومانى بارمۇ دەپ سورىدى.
__ بار دىدى قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋابەن.
__ بېرىپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن!
__ بولىدۇ مەن ئەتىگەنلىككە ئالغاچ چىقاي .
__ خاپا بولمىسىڭىز مەن موشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي، ھاىزرلا ئېلىپ چىقىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،كېچىچە كۆرەي دىگەندىم دىدى ئالىم قىزغا .قىز سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى ۋە بىر ئازدىن كېيىن.
__ كەچ بولۇپ كەتتى دىدىى جاۋابەن .
__ ئۇغۇ شۇنداق بىراق مەن كەچتە كۆرەي دىگەندىم دىدى قايتا .
__  ئەتىدىن باشلاپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇغۇ؟.
__ مىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ كۆرگۈم بار ئىدى .
__ ئەمىسە  سەل ساقلاڭ . دىگىنىچە قىز ياتاق تەرەپكە كىرىپ كەتتى.
ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالىم بىر تەرەپتىن كىتابنى ۋاراقلىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن قانداقتۇر شېرىن خىياللار ئىلىكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. كۆڭلىنى قىزغا قانداق ئىزھار قىلىشنى ئويلىسا يەنە  بىردەم ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرى بارمىدۇ يا!دىگنلەرنىمۇ  خىيال قىلاتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ،ئۆزىنىڭ مېڭىشقا تەمشەلگىنىدە قىزنىڭ     شۇنچە كېچىدە قىلچە ئىككىلەنمەي ياتىقىدىن كىتابنى ئېلىپ چىقىپ بەرگەن كۆرۈنۈش كىنو ئېكرانىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى ۋە سەل خاتىرجەم بولغاندەك بولدى .بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلغاندى،بىراق ئۇ يەنىلا ئۇخلىيالمايتتى.
كىيىكنى ئاتاي دىدىم،
چەنلىدىم ئاتالمىدىم.
سەن ئۇ ياقتا،مەن بۇياقتا،
تاڭ ئاتقىچە ياتالمىدىم.
ئالىمنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كۆزىنىڭ ئەتىراپى سەل قارىداشقا
باشلىغاندى...
بۈگۈن تۆتىچى سائەتتە ئالىمنىڭ قۇلىقىغا دەرس كىرىپمۇ چىقمايتتى ،ئۇ تۇرۇپ –تۇرۇپ ئۇدۇلىدىكى ئورۇيندۇقتا زېھنىنى يىغىپ دەرس ئاڭلاۋاتقان گۈزەلنۇرغا تىكىلىپ قارىنىغىچە قانداقتۇر بىر شېرىن خىياللاغا بېرىلىپ ئولتۇراتتى.تۇرۇپ-تۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ كۈچەپ سۆزلىشى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋېتەتتى-دە،ئۆزىچە قىزىرىپ كېتەتتى.مانا ئۇ يەنە نەزىرىنى قىز تەرەپكە ئاغدۇردى،قىزمۇ دەل شۇ پەيتتە ئۇ تەرەپكە قارىغاندى.ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇ ھامان ئۇچۇراشتى،ئالىمنىڭ ھۇجۇدىدا گويا چاقماق چاققاندەك بىر خىل سېزىم پەيدا بولۇپ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى،قىزپىسسىڭڭىدە كۈلۈمسېرىدى-دە،ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى.. .
شەنبە كۈنى سەھەردىلا ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كەتكەن ئالىم ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كىتابىنى قولتۇقلىغىنىچە مەكتەپ گۈللىكىگە يول ئالدى.گۈزەلنۇر چىققانمىدۇ؟مەن ئۇنىڭغا نېمە دىسەم بۇلار؟ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرەرسى بولۇپ قالسا ،مېنى رەت قىلسا قانداق قىلارمەن؟دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەندە ئۇنىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولاتتى.چىگىش خىياللار بىلەن ئۇ گۈللۈككە كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى.سەھەرنىڭ ئىللىق شامىلى كىشىنىڭ يۈزىنى يىنىك سۆيۈپ ئۆتەتتى  .ئۇ مەجنۇنتال سايە تاشلاپ تۇرغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى ۋە يەنە شۇ تىگى يوق خىياللارغا غەرق بولۇشقا باشلىدى...
تۇيقسىز  يۆتەلگەن ئاۋازىدىن  ئېسىگە كەلگەن ئالىم بېشىنى كۆتۈردى.
قىز :
__ نىمانداق ئەتىگەن چىقۋالدىڭز دىگەن پېتى ئۆزىگە تىكىلگىنىچە كۈلۈمسېرەپ تۇراتتى . ئالىم ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەي قالدى.لېكىن  يەنىلا چاندۇرماسلىققا سېلىپ.
__ سىزنىڭ ئالدىڭىزدىراق چىققاندىم دىيەلىدى ئارانلا.
 __ كېلىڭ ئولتۇرۇڭ!، ئورۇندۇق پاكىز مەن ئۇنى بايتىنلا سۈرىتىپ قويغان .
__ باشقا بىرى يوقتۇ؟قىز چاقچاق ئارىلاش دىدى شەيتانلىق بىلەن چاقچاق ئارىلاش .
__ ياق سىزدىن باشقا كىم بولاتتى،دىدى ئالىممۇ بوش كەلمەي.قىزنىڭ يۈزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى ۋە ئولتۇرۇشقا تەمشەلدى.ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرۇشتى.بىر ھازادىن كېىين ئالىم ئەتىراپقا بىر قۇر كۆز يىئۈگۈرتتى ۋە قىزغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
__ گۈزەلنۇر،-دىدى ھاياجان بىلەن،- مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،ماڭا جاۋاب بېرىڭ!...
قىز بۈگۈن خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتتى . قىزىم بۈگۈن بەكلا خۇشال كۆرىنسەنغۇ ،بىرەر نەرسە تېپىۋالدىڭمۇ يا ؟دەپ سورىدى قىزىدىن ئانىلق مىھرى بىلەن .
-كۈندە شۇنداققۇ دىگنىچە ئۇدۇل ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى گۈزەلنۇر.
ئوقۇشمۇ پۈتتى ساۋاقداشلارنىڭ ھەرقايسىسى ھەر تەرەپلەرگە ئۆزلىرىنىڭ بەختىنى ئىزدەش ئۈچۈن كېتىپ قېلىشتى.ئالىم يۇرتقا قايتماسلىق قارارىغا كەلدى .  بۇ بىر جۈپ ياشمۇ نۆۋەتتە ياش زىيالىلار ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىگە دۇچ كەلدى.گەرچە بىر نەچچە قېتىملاپ مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولسىمۇ بىراق ئۇنداق ياكى مۇنداق  سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. ئۇلار مەمۇرىلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش خىيالىدىن ۋاز كېچىشتى .ھەر ھالدا گۈزەلنۇر تاللا بازىرىدىن خىزمەت تاپتى.ئالىم مەلۇم بىر ئائىلىلىكلەر رايونىدا قوغداش خادىمۇ بولۇپ ئورۇنلاشتى.
 گۈزەلنۇر خىزمەتتىن يېنىپ ئالىمنىڭ ئۆيىگە كەلدى .ئىشىكتىن كىرىپلا بۇ كىچىك ھەم پاكىزە ئۆيدىن تولىمۇ ھەيران قالدى ۋە ئۇنۇڭغا ئەركىلىگەن قىياپەتتە.
- سىز بىلەن توي قىلسام زىيان تارتمىغۇدەكمەن دىدى  .
-نىمىگە شۇنداق دەيسىز؟ سورىدى يىگىت.
-پاكىزلىقىڭىزغا دەيمەن، نىمانداق پاكىزە ئۆي بۇ ؟دىدى قىز .ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى تۈگىمەيتتى ،بىر دەم چاقچاق قلىشسا بىردەم قىزغىن پاراڭلىشاتتى، بىر چاغدا يىگىت قىزنىڭ بېلىدىن قاماللاپ تۇتتى ۋە ئۇنى ئۆزى تەرەپكە تارتتى، قىز قارشىلىق كۆرسەتمەيتى چۈنكى مۇھەببەتنىڭ ۋولقىنى قىزنىمۇ ،يىگىتنىمۇ ئۆرتىمەكتە ئىدى.مانا ئىككى تەن بىرلىشىپ لەۋلەر ئۆزئار ئۇچىراشتى، ھەر ئىككىيلەن ئۆزىنى جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلشقا باشلىدى.قىز بولسا كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە ئۆزىنى بولغۇسى يولدىشىنىڭ ئىختىيارىغا قويغاندى...
مارت ئايلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ توي كۈنلىرىگىمۇ ئازلا قالغاندى .ئۆي سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندى .8-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئالىمنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز خانىم -قىزلار بايرىمى كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۈل دۇكىنىغا قاراپ يول ئالدى.دۇكانغا كىرگەندىن كېيىن ئۇ بىر مۇنچە گۈللەر ئارىسىدىن بىر تال قىزىل ئەتىرگۈلنى تاللىدى-دە،بولغۇسى ئايلىغا سوۋغا قىلىشقا ئالدىراپ تاكسىغائولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى .تاكسى ساي يولىدىن ئۆتۈپ خوتەن كوچىسىغا ئەگىلگەندە تۇيۇقسىز ئۇدۇلدىن كەلگەن بىر ماشىنىغا شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلدىكى بىر نەچچىنى دۇمىلاپ كەتتى.قۇتقۇزۇش خادىملىرى چاقامق تېزلىكىدە يېتىپ كېلىشتى .تاكسى شوپۇرى نەق مەيداندىلا قازا قىلغاندى. يېنىدىكىسىنىڭ يارىسى ئېغىربولۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ قولىدا بىر تال ئەتىرگۈلنى سىقىمدىۋالغان بولۇپ.گۈل قانغا بويالغاندى .ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، جىددىي قۇ تقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېتىلدى. ھايال ئۆيمەي گۈزەلنۇرمۇ يېتىپ كەلدى.ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئېقىشقا باشلىدى.
-كەچۈرۈڭلار قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىدى دىدى ئوتتۇرا ياشلىق بىر دوختۇر .
 گۈزەلنۇر نېمە دىدىڭىز؟ دىگىنىچە ھوشىدىن كەتتى،ئالىمنىڭ مىيىتى ئېلىپ چىقىلدى .ئوڭ قولىدا  قولىدا قانغا مىلانغان بىر تال ئەتىرگۈل مەھكەن تۇتغلۇق تۇراتتى.


             كۆرۈلۈشى:2645     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/11 11:10:49يوللىغۇچى ئەزا:

     
       

       ئاۋات ئەسەرلەر

    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇخلىيالماسلىق
    ئۇخلىيالماسلىق
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈمىدسىز كۈتۈش
    ئۈمىدسىز كۈتۈش
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇرۇت ماجىراسى
    بۇرۇت ماجىراسى
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
    گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
    ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
    كاشال دوپپا(ھېكايە)
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
    ئىپپەتئاي
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
    قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

    پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
           
    ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
    سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
      ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
      بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
     
     
     
     

     

       

    工信部备案:新ICP备11000444号

    乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com