Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


شۈكرى(ھېكايە)

                                                                  (پەرھات جەمشىت)

                                                                             ھېكايە

 دېكابىر ئايلىرىنىڭ سوغۇقى كىشىنىڭ جېنىدىن ئۆتەتتى،ئۇ كونىراپ،كىرلىشىپ كەتەكەن يوتقىنىدىن چىققۇسى كەلمىگەندەك ئاستاسۇغۇرۇلۇپ چىىقتى،مەشتىكى ئوت ئالابۇرۇن ئۆچۈپ قالغاندى...

ئۇ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇلغان جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن، چاماداننى ئاقتۇرۇشقا باشلىدى.بۇنى كېيىۋالسام بولارمۇ؟سىرت بەك سوغۇق،سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلەرمەنمۇ؟دېگىنىچە كونا چاپانلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقتى ۋە ئاخىرىدا قاناەت ھاسىل قىلغاندەك،كونا چاپىنىنىڭ ئۈستىگە ئاسارە-ئەتىقە قاتارىغا ئۆتۈپ قالغان دۇراپ پەلتوسىنى كىيگەندىن كېيىن،سىرتقا قاراپ يول ئالدى...
سەھەرنىڭ سوغۇق شامىلى نەشتىرىنى ئايىماي سانجىيتتى،ئۇنىڭ سوغۇقتىن قورۇلۇپ قالغان بەدىنى يوقاپلا كېتەي دىگەنىدى،ھەي،نىمانداق سوغۇق بولىدىغاندۇر؟ياراتقۇچى ئىگەم بىزدەك نەمراتلارنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ كوچىغا چىقتى،كوچىدا كىشىلەر كۆرۈنمەيتتى ئۇ مەيدە يانجۇقىدىن كونىراپ كەتكەن سائىتىنى ېلىپ زەن سېلىپ قارىغاندىن كېيىن ،ئانچە بالدۇرمۇ ئەمەس ئىكەن نېمىشقا ئادەملەر كۆرۈنمەيدىغاندۇ؟دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ دۆڭ كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ يول ئالدى...
ئولتۇرسام بولارمۇ؟ ئۆرە تۇرسام خىيال قىلاتتى ئۇ،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە<<ھەي بوۋاي ،ئولتۇرمىغىن،ئولتۇرساڭ توڭلاپ ئۆلۈپ قالىسەن >>دىگەن ئاۋاز  جاراڭلىدى . 
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاق مەسچىد تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى...
بۈگۈن مەردراق بىر نەچچە ساخاۋەتچىگە ئۇچۇراپ قالسام 10سومدىن 20سومدى سەدىقە بەرسە كونا يوتقىنىمنى يېڭىلىۋالغان ،موشۇ چاپىنىمنىڭ ئورنىغا قېلىنراق چاپاندىن بىرنى سېتىۋالغان بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى،ھەي!دىگەنلەرنى چاقماق تېزلىكىدە خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.ئۇ خىيال قىلغانسېرى روھلىناتتى.مانا كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى،قېرى –ياش ھەممىسى ئۆز ھەلەكچەلىكىدە.
__ سەدىقە بالانى يە،توۋا گۇناھنى ئامىن،باللىلىرىم مەندەك بىر ئاجىز بوۋايغا قاراپ قوۇڭلار،بىرمو ،ئىككى مو،بەشمۇ،بىر سوملۇق پۇللار خېلى چۈشكەندەك قىلدى،بوۋاي خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدى ۋە قولىدىكى پارچە پۇللارنى ساناشقا باشلىدى،بەشسوم،ئالتە سوم،ئون سوم ،يىگىرمە سوم،ئوتتۇز بەش سوم بوۋاي قولىدىكى پۇللارنى خۇدددى باشقا بىرى بۇلاپ كېتىدىغاندەك چىڭ سىقىمدىۋالغاندى.
تۇيۇقسىز ئۇ قۇرسىقىنىڭ كورىلدىغانلىقىنى سەزدى،سەل خۇش ياقمىغان قىياپەتتە سامسا دۇكىنىغا بېرىپ بەش تال سامسا ئېلىپ قورسىقىنى ئەستەرلىۋالغاندىن كېيىن يەنە سەدىقە تىللەشكە باشلىدى...
قۇياش تاغ كەينىدىكى ساياھىتىنى باشلىۋەتكەندى،كەچنىڭ سوغۇقى كىشىنىڭ سۆڭەك-سۆڭەلىرىدىن ئۆتەتتى .بوۋاي غال-غال تىتىرەيتتى،ئۇنىڭ كالپۇكلىرى كۆكىرىپ تىلى كالىۋالىشىشقا باشلىدى شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا بىر خىل كۈچنىڭ  تۈرۈتكىسىدە ئالغا ئىلگىرلەيتتى.ئوتتۇز بەش سومغا چاپان ئالغىلى بولمايدۇ، يوتقانمۇ كەلمەيدۇ،قانداق قىلارمەن؟ قېرىشقاندەك سوغۇقنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان؟ھەي! يوقسۇزلۇق دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى. لېكىن ئۇ يەنىلا ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.مانا ئاۋۇ كېلىۋاتقان كىشى خېلى بايۋەتچى كىشىدەك قىلىدۇ بەش سوم سەدىقە قىلسا ئەجەب ئەمەس دېگەنلەرنى خىايل قىلغاچ ئۇنىڭغا قول ئۇزارتتى،ھېلىقى كىشى سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن يانجۇقىغا قول سالدى،بىراق ئۇنىڭ قولىغا بىرەر نەرسە ئىلنىمىدى بولغاي ئىچ يانجۇقىغا قول سالدى يەنىلا بىرەر نەرسە ئىلىنىپ چىقمىدى،ئۇ سەل خىجالەت بولغان  قىياپەتتە يانجۇقلىرىغا بىرمۇ -بىرقول سالدى، يەنىلا بىرەر تىيىنمۇ ئىلىنىپ چىقمىدى بولغاي .
-<<تۆۋەن ئاۋازدا كەچۈرۈڭ بوۋا يانجۇقۇمدا پۇل يوق ئىكىن>>دىيەلىدى ئارانلا .
__ رەھمەت ئوغلۇم،رەھمەت ھېچقىسى يوق دىدى بوۋاي. ھېلىقى كىشى پاتتاڭغىچە قىزىرىپ كەتتى ۋە بوۋايغا:
_ مەن سىزگە ھېچ نەرسە بەرمىسەم  نىمشقا بىكاردىن –بىكار ماڭا رەھمەت ئېيتىسىز دىگىنىچە تۇرۇپلا قالدى.
__يوغسۇ ئوغلۇم سىز ماڭا چوڭ سەدىقە بەردىڭىز دىدى –دە،دۇئاغا قولىنى كۆتۈردى.دۇئادىن كېيىن شۈكرى خۇدايىم،بەرگەن كۈنىڭىزگە يۈزمىڭ مەررە شۈكرى دىگىنىچە يولىغا راۋان بولدى قەلەندەر...
         كۆرۈلۈشى:1834     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/12 16:18:12يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇخلىيالماسلىق
ئۇخلىيالماسلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇرۇت ماجىراسى
بۇرۇت ماجىراسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com