Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مەن ئايالىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم

بۈگۈن مىنىڭ تويۇم،مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ توي ئەمەس،بەلكى مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەلەملىك بىر كۈن بولدى.چۈنكى مەن بۇ تويغا باشتىن ئاخىرى قۇشۇلمايتتىم.ئاپامنىڭ بۇ قىز بىلەن توي قىلمىساڭ ساڭا بەرگەن بىر يۇتۇم سۈتۈمگە رازى ئەمەس دىگەن بېر ئېغىز گىپى بىلەن مىنىڭ شۇنچە  ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ماڭا شۇنچە ئىشەنگەن لايىقىمنى ھەسرەت نادامەتتە قۇيۇپ، بۇ توينى قىلۋاتىمەن...
ئەتىراپىمغا توختىماي قارايتىم،ماڭا ناتۇنۇش كىشلەر ئارىسىدىن تۇنۇش بىلىشلەرنى ئىزلەيتىم.ھەي  نىمىسىنى دەي مىنىڭ قەلبىمنى ھىچكىم چۈشەنمەيدۇ...مەن بىلەن توي قىلغان قىزنىڭ بىر كۆزى ئەما بۇلۇپ  يەنە كىلىپ مەندىن ئىككى،ئۈچ ياشلا ئەتىراپىدا چوڭ ئىدى. بۇ قىز دادامنىڭ ئىنىسىنىڭ بىرلا قىزى بۇلۇپ ئىككىمىز بىر مەھەلىدە بىرگە ئويناپ بىر مەكتەپتە ئۇقۇيتۇق قىزنىڭ كۆزى ئەما بولغاشقىمىكىن سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرى دائىم ئارىغا ئالمايتى، بىر كۈنى قارسام باللا توپلۇشۇپ بىرسىنى بوزەك قىلۋاتقاندەك قىلاتتى، مەنمۇ جىدەل دىسە جېنىمنى بىرىدىغان مەكتەپتىكى ئەسكى ئۇقىغىچىلارنىڭ بىرى ئىدىم. بېرىپ قارسام بۇ قىزنى باللا ئوتىتىرىسىغا ئېلىۋېلىپ،،، ئەما لىقىنى تىلغا ئېلىپ قىزنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ تاماشا قىلماقتا ئىدى، بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ھىشنىمە كۆرۈنمەي ئاچىقىمدا سىنىپتىن مەيدان تازلايدىغان سۈپۈرگىنى ئەپ چىقىپ ئۇرشقا چۈشتۈم قانداقلا بولمىسۇن مىنىڭ ھەدەم ئەمەسمۇ يەنە كەپ تاغامنىڭ بىرلا قىزى.تۇققاندارچىلىقنىڭ ئوتى مۇشۇنداق يامان بۇلامدۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ باشقىلا نىمىلا دىسە دەۋەرسۇن،ئۇ دىگەن مىنىڭ ھەدەم دەپ ئويلايتىم. بىزنىڭ ئائىلىمىز تاغاملارنىڭ كىدىن قارغاندا سەل كەمبەغەل ئىدى،تاغامنىڭ قىزى بولسا ماڭا دائىم دەپتەر قەلەملىرىنى بىرەتتى يەنە داۋاملىق ئۆيىدىن نىمە ئەكەلسە مىنى نەدىنلا بولسا تېپىپ بىرىپ يەيتى، دادام تاغاملارمۇ ماڭا دائىم تاپىلايتى،ھەدەڭنى باشقىلار بوزەك ئەتمىسۇن دەپ داۋاملىق تاپىلاپ تۇراتتى، باشقىلار بوزەك ئەتكىلى تۇرۇپ تىكەن مەن ئەدىپىنى بەردىم دىگەنلەرنى دەپ بەرسەم تاغام داداملار بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ياخشى ئوغلۇم  ئۇغۇل بالا دىگەن دادىدىن قالسا ئۆينىڭ تۆرىكى دەيدىغان گەپ  بار دەپ ماختاشلىرى ھېلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە..بىز شۇ تەرىقىدە ئويناپ چوڭ بولدۇق. ئۇ تۇققۇنۇم بولغاشقىمىكىن ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئەما كۆزى ماڭا ھىشقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيتى،نىمە گىپىمىز بولسا بىر بىرمىزگە دەۋىرەتتۇق  ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى مەن ئىدىم. ھەم ئىنىسى ئىدىم،يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سىنىپىمدىكى قىزلاردىن بىر نەچىسى بىلەن يۈرۈپ بېقىپ كىچىكلىكتە ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ،ئۆزەمچە قىزلار ئۈچۈن ئازاپلانغان ۋاقىتلىرىممۇ ئاز ئەمەس ئىدى،بۇ ئىشلارنى بىر بىرلەپ ئۇنىغا سۆزلەپ بەرسەم ئۇ مەندىنمۇ بەك كۆڭۈل بۈلۈپ مىنىڭ قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىمنى ماڭا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۈتەتتى.شۇلارنى ئويلىسام ھازىرمۇ كۈلگۈم كىلىدۇ دىسە  مەكتەپتىكى مۇھەببەت خۇدايىمغا ئامانەت  دەپ بىردەم ئۇنى ياخشى كۆرسەم بىردەم بۇنى ياخشى كۆرۈپ دىگەندەك ئاخىرى مەكتىپىمىزمۇ پۈتۈپ قالدى، ئۇقۇشۇم ياخشى بولمىغاشقا تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئۇقىمايدىغان بولدۇم.دادامنىڭ تەكىتلىشى بىلەن تاغامنىڭ تىجارىتىگە ياردەملەشمەكچى بولۇپ دۇكاننىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ سودا سېتىق ئۆگەندىم.دەسلەپتە دۇكانغا كەلگەن ھاجەتمەنلەرگە بەزىدە قوپال مۇئامىلە قىلىپ قۇياتتىم  تاغامنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن خېرىدارلارمۇ مىنى ئىزدەپ مال سېتىۋېلىشقا ئادەتلەندى، تاغامنىڭ قىزىمۇ مەندىن بۇرۇن مەكتەپ پۈتۈرۈپ چىقىپ بولغان بۇلۇپ ئۆيدە بىزگە تاماق ئىتىپ دۇكاننىڭ سودىسىغا ئاندا ساندا ياردەملىشەتتى. ئىككىمىز بۇرۇنقىدەكلا شۇنداق ياخشى ئۈتۈپ كىلىۋاتاتتۇق، دۇكانداكومپىيوتېر بولغاشقا دائىم دىگۈدەك تورغا چىقىۋالاتتىم  چ چ رەمدە نۇرغۇن قىزلار بۇلۇپ داۋاملىق قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ گەپكە سېپ ئوينايتىم.چ چ رىمدىكى بىرسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن مۇنبەرگە كىردىم،مۇنبەرگە كىرىپ ئۇزۇن بولماي مۇنبەردە ئۆزەمگە چۇشلۇق تەسىر دائىرەم بولدى.شۇنداق قىلىپ باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ ئەزا بۇلۇپ كۆرىنەرلىك شەرەپلەرگە ئىرىشتىم. بىر كۈنى مۇنبەر ئارلاۋىتىپ بىر قىزنىڭ تېمىسىنى ئۇقۇپ چىقتىم ئۇ قىزنىڭ تور تەخەللۇسىمۇ بەك ئۆزگىچە بۇلۇپ باش سۆرىتىمۇ ئەرەپ قىزلىرىنىڭ ئورانغان بىر رەسىمى چىقىرىقلىق ئىدى.كۆڭلۈمدە شۇ قىزنىڭ باش سۆرىتىنى يازمىسىغا سېلىشتۇرۇپ ئۇ قىزنىڭ بىر مۇسۇلمان قىز ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلدىم  ئۇنىڭغا بىر خىل قىزىقىپ پاراڭلىشىپ باقماقچى بولدۇم بىراق ئۇنىڭ ئارخىپىدىن چ چ نۇمۇرىنى تاپالمىدىم. ئۇنىغا ئىنكاس شەكىلدە سۆز قالدۇردۇم، تىجارەت قىلىپ سۆزگە خېلى پۇختا بوپقالغان بولغاشقىمىكىن ياساپ جابدۇپ ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرىغا چچ رىمنى قۇشىۋېلىشىنى تەكىتلەپ قويدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي چ چ رەمگە ئۇچۇر كەلدى قارسام مەن مۇنبەر دىشىڭىز دەپ ئۇچۇر كەلگەن ئىدى  دەرھال ئۇنى قۇشۋالدىم. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ مەن بىلەن خوشنا ناھىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بۇلۇپ  داۋاملىق مۇنبەرگە كىرىپ تۇردىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ پىكىرىمىز  داۋاملىق بىر يەردىن چىقىپ قالاتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىسام كۈنۈم ئۆتمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى ئەگەر پاراڭلىشالماي قالساق ئاخشىملىرى تېلفۇندا پاراڭلىشاتتۇق  شۇنداق قىلىپ بىز بىركۈنى كۆرۈشمەكچى بولدۇق،ئۇ كۈنمۇ كەلدى مەن ئۇنىڭ يۇرتىغان باردىم دەرۋەقە ئۇ مىنىڭ ئالدىمغا چىقتى قىزغىن سالام قىلىشقاندىكىن تاماق يىدۇق، ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى يەنىلا مىنى مەپتۇن قىلاتتى.
كىينىشلىرىمۇ مەن ئويلىغاندەك ئىدى،ئۇزۇن يوپكا ئىڭىكى قۇشۇلۇپ چىگىلگەن توخۇڭ رەڭلىك ياغلىقى ئۇنىغا بەكلا ياراشقان ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كوچا ئايلىنىپ  ۋاقىتمۇ شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكىنىمۇ سەزمەيلا قاپتىمىز. ئۇ تېلپۇنىغا قارىۋېتىپ ئۆيىگە كىرىپ كىتىدىغانلىقىنى بولمىسا ئۆيىدىكىلىرى خاپا بۇلدىغانلىقىنى ئېيتتى،مەنمۇ تېزراق ئۆگە قايتىپ كەتمىسەم ئاپتۇبۇس توختاپ كىتىدىغانلىقى ئىنىق ئىدى،شۇنداق قىلىپ بىز خوشلاشماقچى بۇلۇپ ئۇ مىنى بىكەتكىچە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى، بىكەتكە كىلىشىمىزگىلا شوپۇرلار ھە دەپ يولۇچى چاقىرماقتا ئىدى مەن كىچىك ماشىنىدا ماڭماقچى بۇلۇپ ئۇمۇ ئۆيى تەرەپكە يول ئالدى. ماشىنا ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇشۇپ يولغا راۋان بولدى.مۇنبەر دىشىم بىلەن قىزغىن پاراڭلاشقان ۋاقتىمنى خىيال قىلىپ شۇنچە تېزلا كىلىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدىم، ئەتىسىگە يەنە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ  ئۇ مۇ مىنى شۇنداق ياختۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى  شۇنىڭ بىلەن بىز يۈرۈپ قالدۇق. ئۇنى راسلا ياخشى كۆرەتتىم  ئۇمۇ مىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى  داۋاملىق  تېلپۇنۇمغا ئۇچۋر يېزىپ مىنى تېخىمۇ سېغىندۇر ۋىتەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا دادام قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر دادامنىڭ كىسىلىدىن غەم بېسىپ قالغان ئىدى.بىر كۈنى دادام مىنى چاقىرتىپ  مىنىڭ تويۇمنى قىلىۋېتىشنى ئېيتتى،تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەق بۇ دادام نىمە دەيدىغاندۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ كىسىلىنىڭ شۇنچە ئېغىرلىقىنى دىمەي مىنىڭ توي قىلىشىمنى دەپ يۇرۇيدىيا دەپ دادامغا تەنە قىلىپ قويدۇم، دادام ماڭا قاراپ ئوغلۇم مىنىڭ كۆزۈمنىڭ ئۇچىقىدا تۇيۇڭنى قىلىۋەتسەم دەپ چىڭ تۇرۋالدى... بېشىمنى يەرگە ساڭگىلاتقىنىمچە خېلى بىر ۋاققۇچە ئولتۇرۇپتىمەن، بىركەمدە دادام ئۇنداقتا تەييارلىق قىلىپ قويغىن دەپ قۇيۇپ چىقىپ دەپ ئېلىشىمنى ئېيتتى. ئايرىم ئۆيۈمگە چىقىپ تازا ئويلاندىم،بۇ ئىشلارغا  ھىش كاللام يەتمەي ۋاتاتتى ئۇنىڭغا توي قىلايلى دىسەم ئۇ نىمىمۇ دە. قۇشۇلدىمۇ دەيلى  قۇشۇلغان تەغدىردىمۇ دادامنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىپ بىزدە نەدىمۇ مىنىڭ تۇيۇمنى قىلغۇدەك پۇل بولسۇن.. بۇلارنى خىيال قىلغانسىرى كاللام يەتمەي ۋاتاتتى. بىركەمدە قانداق ئۇخلاپ قالدىمكىن ئۇيغانسام ئالىبۇرۇن تاڭ يۇرۇپ بولغان ئىدى.. ئارلىقتا بىر كۈن ئۈتۈپ ئاپام مەن بىلەن پاراڭلاشماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ئاپامنىڭ نىمە دىمكەچى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەشكە كەينىدىن ئۆيگە كىرىپ ئانامغا قاراپ ئولتۇردۇم،ئانام سۆز باشلاپ، ئوغلۇم داداڭ بىلەن مەسلەھەتلىشىپ سىنىڭ بېشىڭنى ئوڭشىۋىتىشنى ئويلۇشۇپ قالدۇق دەپ گەپ باشلىدى. دادامدىن قارغاندا ئاپامغا خېلى گىپىمنى قىلالايتتىم. ئاپا دادامنىڭ ئەھۋالى ئۆزەڭگە ئايانغۇ كېسىلى ھىچ بىر ئەسلىگە كەلمەيۋاتسا.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە توي قىلغۇدەك نەدە ئۇنداق جىق پۇل بولسۇن دەپ گىپىنى بۆلدۈم. ئاپام گەپ باشلاپ ئوغلۇم بۇ تاغاڭ بىلەن داداڭنىڭ مەسلەھەتلىشىپ مىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى تاغاڭ بىزگە نۇرغۇن ياردەم قىلغان،شۇڭا رايىلە بىلەن ئىككىڭلارنىڭ پېشىنى قۇشۇپ قۇيۇشنى ئويلاشتۇق. ئۆزەڭ بىلىسەن ئوغلۇم تاغاڭنىڭ رايىلە دىن باشقا بالىسى يوق ھەم رايىلەمۇ سىنى ياخشى كۆرىدۇ  بىردەم  دۇكاندا يوقاپ كەتسەڭ مۇشۇ ئۆيگە چىقىپ سىنى ئىزدەپ چىقىدۇ. ھەم تاغاڭمۇ باشقا بىرىگە ياتلىق قىلىشتىن ئەنسىررەيدىكەن دەپ گپىدىن توختىدى. ئاچىقىمدا قۇيۇق چېچىپ تىك تۇرۇپ كەتتى،ئاپا نىمە دەيدىغانسە رايىلە دىگەن مەن دىن چوڭغۇ  ئۇ مىنىڭ ئاچامغۇ دەپ ئاپامنىڭ دىگەنلىرىگە ھىچ ئىشىنەلمەي ۋاتاتتىم.ئوغلۇم تاغاڭ بىزنى بەك يۆلىگەن سەندىن چوڭ بولسا نىمە بوپتۇ،كىچىكىڭدىن ئۇنىغا شۇنداق ئامراق ئىدىڭغۇ ئۇنى ھىچكىمگە بوزەك قىلدۇرمايتىڭ  ئويلاپ باق ئۇ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ قالسا تاغاڭ خاتىرجەم بۇلالمايدۇ ئوغلۇم. دەپ مىنى قايىل قىلماقچى بۇلىۋاتاتتى،ئاچىغىمدا ئۆزەمنى تۇتىۋالالمىدىم  كىم ئۇنى قارغۇ بۇپ قالسۇن  دەپتۇ،كىمگە بەرسە بەرسۇن ئۇنداق سەت قارغۇ قىزىنى دەپ ئۆزەمنى بېسىۋالالماي تىللاپ كەتتىم. بۇگەپلەرنى ياندىكى ئۆيدىن دادام ئاڭلاپ قېلىپ مىنى يۇقىرى ئاۋازدا يېنىغا چاقىردى ئاپام بىلەن دادامنىڭ يېنىغا كىردىم  كىرشىمگىلا،دادام ماڭا قوپال ئاۋازدا ۋۇي تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقىدىغان بەدبەق ئۆزەڭچە رايىلە قىزىمنى قارغۇ دەپ تىللا ۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمايمەن دەپ سىنىڭ تاللىشىڭ يوق،مەن تۇرۇپ ئەدىپىڭنى بەرگۈچە ئۇبدان ئويلۇشۇپ تويغا تەييارلىق قىل دەپ چىقىپ كىتىشىمنى ئېيتتى،شۇنداق مەن دادامدىن بەك قورقاتتىم دادام ياش ۋاقتىلىرىدا بەك چەبدەس چېلىشچى ئىدى.ھەي مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك ئويلاپ ھىچ بىر ئاخىرىغا چىقىرىپ بۇلالماي ۋاتاتتىم،  قانداق بۇلۇپ بۇ ئىش مىنىڭ بېشىمغان كەپ قالىدۇ مەن ئۇنى پەقەت ھەدەم دەپ ئامراقلىق قىلىپ پۈتۈن گەپلىرىمنى دەيتىمغۇ مىنىڭ ئەڭ دانىشمەن دوستۇم شۇ ئىدۇغۇ، بۇ رەيىلەك دىگەن بىر نىمگە مەن دىن بەلەك ئەر چىقماسمۇ، ئۆزىنىڭ قارغۇلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ،  ئويلىغانسىرى كاللام ئاغرىپ كىتىپ باراتتى.ئەتىسىگە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا دۇكانغا چىقىپ رايىلەنى ساقلىدىم ئۇ كۈندە بالدۇرلا چىقىپ دۇكانغا ياردەم لىشەتتى بۈگۈن ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ. مەندىن تەپ تارتىۋاتامدۇيا. ئاخىرى بولماي تېلپۇن قىلدىم  سىرىتقا چىقىپ پاراڭلىشىپ كەلمەچى بولدۇق. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرىتقا چىقتىم ئۇنىڭ مەندىن تەپ تارتقىنىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى،بۇلۇپمۇ مەن ئۇنى بەش قۇلدەك چۈشىنەتتىم
ئاۋال ئۇنىڭغا مەن ئېغىز ئاشتىم،مەن بىلەن توي قىلساڭ بەخىتلىك بۇلامسەن؟
ئۇ ئىزا تارتقىنىدىن يەرگە قارۋالدى.. سىنى ھىچ چۈشەنمىدىمغۇ رايىلە بۇ زادى قانداق گەپ سەن مىنىڭ لايىقىم بارلىقىنى بىلسەنغۇ  ئۇ مىنى دەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سەنمۇ كۆرشكەن ئىدىڭغۇ. بۇلدىغان قىزكەن دەپ بەختىمنى تىلىگەن ئىدىڭغۇ، دىگىنە بۇ زادى قانداق گەپ؟ 
بىلىمەن سىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان لايىقىڭ بار بىراق بۇ چوڭلارنىڭ ئىشى ئالدىڭدا قانچىلىك خىجىل بولغۇنۇمنى بىلمەيسەن،مىنى ئۇنداق تەڭلىكتە قالدۇرما  بولمىسا مەن ئۆيدىن چىقىپ كىتىمەن دەپ.پاڭىدە يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ يىغىسىغا قاراپ ئاچىقىم كەلدى بىراق ئۇنىڭغىمۇ نىمە ئامال دىگەنلارنى ئويلاپ يەنە ئۇنىڭغا ھىسداشلىقىم تۇتتى.ئۇنى بەزلەپ ئۆيگە قايتتۇق. مۇنبەردە تۇنۇشقان لايىقىمغا شۇ گەپلەرنى دىگىنىمدە ئۇنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلاشلىرى يۈرۈكۈمنى پىچاق تىققاندەق ئاغىرتىۋەتتى ئاخىردا ئۇ توي كۇنى تېلپۇنۇمنى ئېتىۋېتىشىمنى ئۆتۈندى ئامالسىز شۇنچە پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلماسلىققا قۇشۇلدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي توي بېكىتىلىپ تويمىز بولدى. مەخسىتىم مەن بىلەن توي قىلغانغا تويغۇزۇش ئىدى.ئۇنى بۇرۇنقىدەك يېقىن كۆرمەيدىغان بولدۇم بىراق ئۇ قېيىشقانداق مەن شۇنچە ئەسكىلىك قىلساممۇ، چوڭلارغا قەتتى دىمەيتى مىنى شۇنداق چوڭ بىلەتتى،ئۇنى ئۇرۇپ يۈزى كۆك بۇلۇپ قالغان ۋاقىتلاردا كۆك يۈتكۈچە سىرىتلارغىمۇ چىقمايتى،ئۇنىغا شۇنچە ئەسكىلىكلەرنى قىلىپمۇ باقتىم،توۋا جېنىمنى تەتۈر قىينىلۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم.بىر كۈنى دوسلار بىلەن يىغىلىپ پاراڭلىشىش ئوپىكتىپ مەن بۇلۇپ قالدىم.ئىسىت ئاداش شۇنداق كىلىشكەن چىرايىڭ بار تۇرۇپ قارغۇ خۇتۇن ئېپ قالدىڭ بەختىڭ كەلمىدى سىنىڭ،قۇيۇپ بىرىشنى ئويلۇشۇپ باقمىدىڭمۇ، قۇيۇپ بېرۋەتكىنە ئاداش،ئۆتكەندە سىنىڭ ئۆيۈگە بارغاندا ساڭا شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ قالدى بىر كۆزى يوق خۇتۇن بىلەن قانداقمۇ بىرگە تۇرغۇڭ كىلىدىغاندۇ دەيمەن، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم تازا كەلدى.ئۇلاغا مەن ماڭاي دەپ قۇيۇپ ئۆيگە باردىم ئۆيگە كىرشىمگە كەلدىڭىزما دىيشىگىلا ئۇنىڭ يۈزىگە كۈچەپ شاپلاق بىلەن بىرنى سالدىم.ئۇنىڭ بۇنداق شاپلاق يىيشى تۇنجى قېتىملىقى بولمىغاشقا يەرگە قاراپ كۈزىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياش چىقىشقا باشلىدى،ئۇنىڭغا ئاچىقىم كەلگەن بولسىمۇ،ئۇنى بىكاردىن بىكار ئۇرۋالغىنىمدىن ئۇنىغا ئىچىم ئاغىردى يېنىغا بېرىپ يېشىنى سۈرتۈپ يىنىك قۇچاقلىدىم،خاپا بولماڭ بۇلامدۇ؟ سىزنى ئەسلى يىغلاتمىسام بۇلاتتى،دىدىم بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ئۇ تېخىمۇ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى،خاتالىقىمنى كەچۈرۈڭ دەپ ئىڭىكىگە ئىڭكىمنى ياقتىم. ھەي توۋا ماڭا نىمە كۈن بۇ،مەن نىمىشقا بۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغاندىمەن. ھەي بىچارە ئوماق ئايالىم سىنىڭ يەنە بىر كۆزۈڭمۇ كۆرۈپ كەتكەن بولسا بۇنچە ھەسىرەت نادامەت تارىت ماس ئىدىڭ ھە؟ بەلكىم ماڭا ئاشماسلىقىڭمۇ مۇمكىن ئىدى دىسە دەپ ئىچىمدە شۇلانى ئويلاپ قالاتتىم.دىمىسىمۇ شۇنداق ئىدى. ئايالىمنىڭ پەقەت كۆزى ئەما بىراق قەلبى ئەما ئەمەس ئىدى. بىركۈنى دۇكاننى يىغىپ كەلسەم ئويلا ئاراملار يۇيۇلغان كىيىم كەچەك پەردە كىرلىك نەرسىلەر سىمغا يېيىلغان ئىدى، كىرقاتلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي تاماق يىدۇق ئۇ بۈگۈن چارچاپ قالغان بولسا كەرەك بالدۇرلا ئۇخلايلى دەپ تۇرۋالدى، ئۇرۇن سېلىنىپ ئۇنىڭغا كەينىمنى قېلىپ ياتتىم بىر ئازدىن كيىن
ئاستا كەينىمدىن قۇچاقلاشقا باشلىدى، ئۆزەم ياختۇرمىغان بولساممۇ زورىغا چىداپ ياتتىم،بىر ئاز دىن كيىن،  ماڭا قاراڭە دەپ بوش ئاۋازدا گەپ قىلدى،ئەينىمنى چىشلەپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم،بۈگۈن نۇرغۇن جاپا تارتىۋاپتۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئاستا باغرىمغا باستىم،چاشلىرىنى سىلاپ،ئۆزەم خالىمىساممۇ لىۋىگە لىۋىمنى ياقتىم،ئۇمۇ پاتىڭىمغا گىرە سېلىپ باغرىغا چىڭ باستى. ئىشقىلىپ كۈنۈم ئۇنى يىغىلتىپ،يىغلىتىپ بۇلۇپ  ئۆز ئۆزەمنى ئەيىپلەپ ئۆتىۋاتىمەن. كاللامدا بولسا سەن بىلەن چۇقۇم ئاجىرشىمەن،دەپ ئويلايتىم شۇن كۈنلەردە ئۇنىڭ بۇيىدا قالدى، دادا  بۇلدىغىنىمنى ئاڭلاپ باشقىچە خوش بۇلۇپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدىم، بىراق ئۇنى بۇرۇنقىدەكلا كەمسىتىپ كىلۋاتىمەن.بىر كۈنى دوسلار بىلەن يىغىلىشىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭ يەنە ئايالىمغا توغۇرلاندى،ئاچىقىمدا ئۇلا بىلەن خېلى قاتتىق سۇقۇشۇپ قالدىم،چۈنكى دوستلۇرۇم نىمىشقا مىنىڭ ئايالىمنى شۇنداق سەت كۆرىدۇ،شۇنداق مىنىڭ ئايالىمنىڭ باشقا ئاياللاردەك  ئىككىلى كۆزى بار ئەمەس بىراق ئۇ ھېلىكەممۇ مىنىڭ دەردىمنى يەتكۈچە تارتتى،بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسىغىمۇ مىنىڭ بىرە شاپلاق سالغىنىمنىمۇ دەپ باقمىدى،چوڭلارنىڭ  نەزىردە بىز ئىككىمىز ئىنتايىن بەخىتلىك، بىراق ئۇ دائىم مەندىن ئازار يەيدۇ، شۇلارنى ئويلىغاچ ئۆيگىمۇ كەپ قاپتىمەن،چاپانلىرىم يېرتىلغان  يۈزلىرىمدىكى قېتىپ قالغان قانلارنى كۆرۈپ ئەنسىز ۋاقىراپ سالدى ۋۇي نىم بولدىڭىز سىزنى بىرەسى بوزەك قىلمىغاندۇ؟ ئۇنىڭغا غۇززىدە ئاچىقىم كەلدىدە تەتۈر شاپلاق بىلەن بىرنى سالدىم...بۈگۈن سەن بىلەن ئاجىرشىمەن بولدى ئەمدى يىتەر،بالامنى تۇغۇپ مەن بىلەن ئاجىرشىپ كەتكىن.مىنى ئۇنداق ئازاپلىما،ئەمدى مەن راسلا چارچىدىم ،سەن ئۈچۈن دوستلۇرۇم بىلەن سۇقۇشۇپ مەنا كۆرۈپ تۇرۇپسەن دەپ ئۇنىغا ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىردىم،ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ لۇڭگۈنى ئىسىق سۇ بىلەن ھۆل قىلدىدە قان چىققان يەرلەرنى تازلاشقا باشلىدى.ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يەنە مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىغا قاراپ كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىمدىن سىرغىپ كەتتى. ئۇ مەندىن قورقۇپ تۇرسىمۇ چاپانلىرىمنى سالدۇرۇپ ئىشتىنىمنى قېقىپ قان داغلىرىنى سۈرتۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ ماڭا بولغان ساپ مۇھەببىتىدىن يەنە تەسىرلەندىم،بىراق مەن راسلا چارچىغان ئىدىم، ئەتىسى ئۇ مىنى پاراڭلىشىشقا چاقىردى كىرىپ ئۇنىغا بۇرۇلدۇم ئۇ ئىكىلەنمەيلا بىز ئاجىرشىپ كىتەيلى دەپ باشقا گەپ قىلمىدى، مەنمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم ماقۇل دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم. ئۇ ئانىسىنىڭكىگە چىقىپ كىتىپ ئىككى كۈندىن كيىن ئانام كىرىپ ئوغلۇم ئايالىڭ بىلەن ئاجىراشماقچى بوپسەن دەپ گەپ باشلىدى. ھەئە شۇنداق ئاپا مەن مۇشۇ يەرگۈچە چىداپ كەلدىم ئەمدى قەتتى نىيەتتكە كەلدىم ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرشىپ كىتىدىغانلىقىممنى ئېيتتىم.ئوغلۇم ساڭا ئەسلى دىمەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.بىراق ساڭا دىمىسەم قەتتى بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ سۆز باشلىدى. سەن كىچىك ۋاقتىڭدا بەك كەپسىز ئىدىڭ بىر كۈنى مەن ساڭا پاختىلىق ئىشتان تىكىپ بەرمەكچى بۇلۇپ يىڭنە ئىشى قىلىۋاتاتتىم. يېنىمدا ئويناۋاتقان ساڭا قاراپ زوقلۇنۇپ كىتىپ ساڭا دېققەت قىلماپتىمەن،بىر چاغدا ئۈنۈك ۋاقىرشىڭدىن چۈچۈپ ساڭا قارسام كۆزۈڭگە قايچىنى تىقىۋاپسەن. كۆزۈڭدىن قان توختىماي چىقىۋاتاتتى.سىنىڭ ھالىڭنى كۆرۈپ قىلدىغان ئىشىمنى بىلمەي داداڭنى چاقىرىپ سىنى دوختۇرغا ئاپاردۇق نەتىجدە سىنىڭ بىر كۆزۈڭ قۇيۇلۇپ كىتىپ كەرەكتىن چىققانلىقىنى ئېتتى. ساڭا باشقا كۆز سالمىسا كۆزۈڭ ئەما بۇلۇپ قالدىغانلىقىنى بىلگەندىن كيىن داداڭ تاماقمۇ يىمەي بەك تۈگۈشۈپ كەتتى،بۇرۇن داداڭ بىلەن تاغاڭ يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغان داداڭ تاغاڭنى بېقىپ چوڭ قىلغان.بولغاشقا تاغاڭ داداڭنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتكە مەردانىلىق بىلەن ئوتۇرغا چۈشۈپ رايىلەنىڭ كۆزىنى ساڭا ھەدىيە قىلغان ئوغلۇم  تاغاڭ دەك  ئادەمگەرچىلىكى بار ئادەمنى مەن ئۇچۇرتۇپ باقمىغان ئوغلۇم،داداڭ ساڭا بەك ئامراق ئىدى تاغاڭمۇ ساڭا قەۋەتلا ئامراق ئىدى شۇڭلاشقا ئۆز قىزىنىڭ كۆزىنى ساڭا تەغدىم قىلغان. ئەسلى بۇ گەپلەرنى ساڭا دىمەسلىكىم كەرەك ئىدى،بىراق سەن رايىلەنى بەخىتسىز قىلىپ قۇيۋاتسەن ئوغلۇم سەن نەچىۋاقتىن جاھاننى روشەن كۆرىۋاتقان كۆز دەل سىنىڭ ئايالىڭنىڭ كۆزى  سەن ئويلاپ باقتىڭمۇ  ئايالىڭ سەن ئۈچۈن يەنە بىر كۆزىنى بىرىشكىمۇ رازى تۇرسا مەن بەخىتلىك دىمەكتە يوق، سەن شۇ بەختىڭدىن زارلىنىۋاتامسەن؟
ئانامنىڭ گىپىدىن قاققان قۇزۇقتەكلا بۇلۇپ قالدىم. ئانامدىن قايتا قايتىلاپ سورىدۇم دەرۋەقە شۇ ۋاقىتتىكى  كىسىلىمنىڭ رىنتىگىنلىىرىنى ئانام ساقلاپ قويغان بۇلۇپ دەرۋەقە راس ئىدى. كۈزلۈرۈمگە ئىىسىق ياش ئەگىدى. بىچارە تاتلىق ئايالىم مەن سىزگە قانداق قىلسام ئاشۇ قىلغان ئەسكىلىكلىرىمنى قايتۇرۋالالايمەن، ئىچىم ئاچچىق بولماقتا ئىدى. ئەتىسى ئايالىمغا ئىككى تال ئۆزۈك ئېلىپ ئۈيىگە كىردىم. ئايالىمغا قاراپ ئۇنىڭ چىرايىدىكى مەمنۇنىيەتلەرنى بايقىدىم مەنمۇ ئۇنىغا بۇرۇن قاراپ باقمىغان  يۈركۈمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى مۇھەببەتلىك كۆزۈم بىلەن قاردىم ئۆيدە ئايالىمدىن بەلەك كىشلەر يوق ئىدى، بېرىپ ئايالىمنى باغرىمغا مەككەم باستىم
بۈگۈن ماڭا ئايالىم ئەما كۆرۈنمىدى بۇنىڭدىن كىيىمۇ ئەما كۆرۈنمەيدۇ ھەم ئەمامۇ ئەمەس ئايالىمنىڭ كۆز قارچۇغى مەن.... كەچۈرڭ خۇتۇن مەن سىزنى ئازاپلاپ كەلدىم ئەمدى ھەرگىز سىزنىڭ كۆزىڭىزنى ياشلىمايمەن.  مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، مەندىن مەڭگۈ ئايرىلماڭ سىزنى مەڭگۈ سۇيمەن، دەپ قۇلىغا ئۇزۈكنى سالدىم
ئايالىم مەندىن رازىمەن بۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى، ئەمدى يىغلىماڭ سىزنىڭ كۆزىڭىز بۇنىڭدىن كيىن يىغلىمايدۇ، ماڭا ئىشىنىڭ ئەمدى قەتتى يىغلىمىسۇن دەپ ياشلىرىنى سۈرۈتتۇم.

خاتىمە:مەن ھازار ئىنتايىن بەخىتلىك،ئايالىم ماڭا ئۇغۇل تۇغۇپ بەردى. مەنمۇ ئەمدى دوستلۇرۇمنىڭ گىپىگە كىرمايدىغان بولدۇم،ئايالىمدىن ئەمدى ھەرگىز نۇمۇس قىلمايدىغان بولدۇم مەن ئايالىمنى  ياخشى كۆرۈپ قالدىم،ئادەم بەختىنى بىلىپ بىلمەي كەتكۈزۈپ قۇيدىكەن. ئازغۇن ئىنسانلارنىڭ بەختىنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمەن. تامام

         كۆرۈلۈشى:1345     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/4 18:45:14يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇخلىيالماسلىق
ئۇخلىيالماسلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇرۇت ماجىراسى
بۇرۇت ماجىراسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com