Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


24 ياشلىق قىز بىلەن 30 ياشلىق ئەر؛

ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە ، ئەر بىلەن قىز ئولتۇرۇشقان .
" مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن " . قىز قولىدىكى رومكىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى .
" مېنىڭ ئايالىم بار " . ئەر قولىدىكى ئۈزۈكنى سىىلاپ قويۇپ جاۋاپ بەردى .
" ئۇنىڭ بىلەن چاتىغىم يوق ، مەن پەقەت سىزنىڭ ھېسياتىڭىزنى بىلمەكچى . سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ " .
تەسەۋۋۇردىكى جاۋاپ . ئەر بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزنى كۈزىتىشكە باشلىدى .
24 ياش ، چىرايلىق ، ھاياتى كۈچكە تولغان ، خېلىلا بولىدىغان بىر ياش .
سۈزۈك تېرە ، تولغان بەدەن ، بىر جۈپ گەپ قىلالايدىغان سېھىرلىك كۆز .
نىمە دېگەن ئېسىل قىز ، ئېسىت . ..
" ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىىڭىز ، ئاشنىڭىز بولساممۇ بولىدۇ " . قىز ئەرنىڭ جاۋابىنى كۈتەلمىدى .
" مەن ئايالىمنى سۆيىمەن ." ئەر قەتئىيلىك بىلەن جاۋاپ بەردى .
" ئۇنى سۆيىسىز ؟ ئۇنىڭ نىمىسىنى ؟ ھازىر ئۇ ئاللىقاچان قېرىپ ، بىرسىىگە كۆرسەتكۈسىىز بولۇپ كەتكەندۇ . ئەمىسە نىمەدەپ ئۇنى ئىدارىنىڭ پائالىيەتلىرىگە باشقا ئەرلەردەك بىرگە ئېلىپ كېلەلمەيسىز . . . . . . "
قىز يەنە داۋاملىق سۆزلىمەكچى بولدىيۇ ، ئەرنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى .
جىمجىتلىق . . . . . .
" سىز مېنىڭ نەرىمنى ياخشى كۆرىسىز؟ " ئەر ئېغىز ئاچتى .
" سىز سالماق ، تەمكىن ، سۆز - ھەرىكەتلىرىڭىزدە كۈچلۈك ئەرلىك پۇراق بار ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىسىز . بەك جىق ، ئىشقىلىپ مەن بۇرۇن كۆرگەن ئادەملەرگە پەقەت ئوخشىمايسىز ، سىز ئالاھىدە "
" ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قانداقلىغىمنى بىلەمسىز ؟ " ئەر تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى .
" بىلمەيمەن . كارىممۇ يوق ، ھەتتا تۇرمىدە ياتقان بولسىڭىزمۇ... "
" ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ، مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئادەتتىكى ئەرلەرنىڭ بىرى . " ئەر قىزنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماستىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
" ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم ، خىزمەت كۆڭۈلسىز ، كۈندە ھاراق ئىچىپ ، جىدەل ماجرا بىلەن يۈرەتتىم ، قىزلارغا پەرۋا قىلمايتتىم ، ****لەردىن ئۆزەمنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇراتتىم . ئىشرەتخانىلاردا پاھىشە ئىزلەپ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپمۇ باققان "
" ئۇنداقتا ؟ " قىز خېلىلا قىززىقتى ، ئۇنىڭ قانداق نەرسىنىڭ بىر ئەرنى باشقىچە قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىگىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى . " ئايالىڭىز ئۈچۈنمۇ " .
" شۇنداق " .
" ئۇ ، ھەمىشە ئاسانلا بىر ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالالايتى . ماڭا نۇرغۇن نەرسىىلەرنى ئۆگەتتى ، ئېرىشكەن ياكى يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلەرگە ئارتۇقچە قايغۇرماسلىقنى ؛ كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا بەك ئېتىبار قىلىپ كەتمەسلىكنى ؛ كىشىلەرگە ئامالنىڭ بارىچە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى بىلدۈردى . شۇ چاغلاردا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىش بىلمەيدىغان بالا ئىدىم . شۇ ھېسىياتلار بەلكىم ، سىزنىڭ ھازىر ماڭا بولغان ھېسياتىڭىزغا ئوخشاشدۇر . ھەيرانمەن ، مىجەزىم شۇنچە چۇس تۇرۇپ نىمە ئۈچۈنكى ئۇنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايتىم . ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئەمەلىيەتچىل بولدۇم ، ئۆزەمنىڭ كارغا كەلمەيدىغىنىمنى بىلىپ تىرىشىپ ئىشلىدىم ، خېلىلا ياخشىلانغاندىن كېيىن بىز توي قىلدۇق . "
ئەر تاماكىسىنىڭ كۈلىنى كۈلدانغا چۈشىرىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
" ئۇ چاغلاردا تۇرمۇش ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقتاا ئىدى . ئىككى ئادەم بىرلا كارۋات ، ئۆي جابدۇقلىرىمۇ يوق دىيەرلىك . بىلسىڭىز ، توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا تويلۇق ئۈزۈك ئېلىپ بەرگەن ، شۇ پۇلنىمۇ بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت يىغقان ئىدىم . ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنچە ، ئەگەر بىلىپ قالسا ھەرگىزمۇ قوشۇلمايتتى "
" ئۇ چاغلاردا ھاراق ، تاماكا سالامەتلىگىمنى ناچارلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى . قىشنىڭ قاتتىق سوغاقلىرىدا ، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ماڭا شورپا قىلىپ بېرەتتى ، ئۇ خىل تەمدىكى شورپىنى پەقەت شۇلا قىلالايتى "
ئەر ئەسلىمىلەر ئىچىگە كىرىپلا كەتتى ، ۋاقىتنى ئۇنتىدى ، توختىماستىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەۋاتاتتى .
قىز بولسا قىلچە دەخلى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇراتتى .
ئەر تۇيۇقسىز بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك سائىتىگە قارىدى . سائەت ئاللىقاچان 10 بولغان ئىدى .
" توۋا ، كەچۈرىسىز ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن ، بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ "
" سىز ئەمدى مېنى چۈشەنگەنسىز ؟ مەن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن ھەم قىلالمايمەن "
" چۈشەندىم ، بۇنداق بىر ئايالغا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىمغا ھەقىقەتەن تەن بەردىم " . قىز ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ، " مەن شۇ ياشقا بارغاندا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىمەن ، تېخىمۇ مېھرىبان... "
" ئۇنداقتا، تېخىمۇ ياخشى ئەردىن بىرنى تاپالايسىز ، شۇنداقمۇ ؟
بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ ، شورپاممۇ سوۋۇپ قالدى ، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي " ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى .
"بولدى ، ئۆزەم قايتاي " قىز ئەدەپ بىلەن رەت قىلدى . " قايتىڭ ئۇ سىزنى ساقلاپ قالمىسۇن "
ئەر مېييىغىدا كۈلۈپ قويۇپ ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى .
" ئۇ چىرايلىقمۇ ؟ "
" . . . . . . . . . شۇنداق ، ئىنتايىن چىرايلىق "
ئەرنىڭ سىماسى تۈن قاراڭغۇسىدا غايىپ بولدى ، يالغۇز قالغان قىز شامغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ نىمىلەرنىدۇر ئويلاۋاتاتتى .
ئەر كارۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى .
" خوتۇن ، بۇ تۆتىنجىسى . مېنى نىمانچە بۇنچە ياخشى قىلىۋەتكەنسەن ، نۇرغۇن ئادەملەر مېنى ياخشى كۆرىدۇ . دېققەت قىلمىسام ئۆزگۈرۈپ قالىمەن جۇمۇ . مېنى شۇنچە ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويۇپ، ئۆزۈڭنىڭ بالدۇرلا ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالغىنىڭ نىمىسى ؟ مەن ، مەن يالغۇز ، بەك غېرىپلىق ھېس قىلىۋاتىمەن "
ئەر بوغۇلۇپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى ، ئاخىرى ئۆزىنى تۇتالماي ئېسەدەپ كەتتى .
كۆز ياش ، توختىماستىن تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى . غۇۋا چىراق يورىقى ، تامدىكى كونا رەسىىمدىن ۋاپات بولغان سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى ...

         كۆرۈلۈشى:1913     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/4/29 12:12:14يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇخلىيالماسلىق
ئۇخلىيالماسلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇرۇت ماجىراسى
بۇرۇت ماجىراسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com