Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


يانچۇقچىلىق قىل

يانچۇقچىلىق قىل (ھېكايە)

    قۇياش كۆيدۈرگۈچ نۇرلىرىنى جاي تاللىمايلا چاچماقتا،دەل-دەرەخلەر خۇددى قاراۋۇللاردەك قەددىنى تىك تۇتۇشۇپ ئېغىر تىنىشماقتا.گويا دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازاغىلا ئوخاشايدىغان بۇ شەھەر خۇددى داش قازانغا ئوخشاش قاينىماقتا،كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك بىنالار خۇددى ھازىرلا ئېرىپ كېتىدىغاندەك يېلىنجىماقتا.سەرەڭگە قېپىدەك سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئىسسىق ھاۋا كىرىشمەكتە .بوۋاقلار تىجىق دەستىدىن يېغلاشماقتا ،بوۋاي -مومايالار توختىماستىن تەرلىرىنى سۈرۈتۈشكەچ.
-نىمە بولغاندۇ ؟ھەجەپمۇ ئىسسىپ كەتتى بۇ جاھان دىيىشمەكتە.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي كوچا-كويلار ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ ئۇلار خۇددى شاڭچىنىڭ مۇكىسىدەك تۇرمۇش ھېلەكچىلىكىدە ئۇيان -بۇيان قاتىراشماقتا. ئۈن- سىن دۇكانلاردىكى ئاۋاز ياڭراتقۇدىن كېلىۋاتقان ناخشا ئاۋازلىرى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ئالا -تاغىل توۋىلاپ خېرىدار چاقىرىشلىرى بىرلىشىپ كىشىنىڭ قۇلاق مىڭىسىنى يەيتى .بىكار تەلەپلەر بولسا بىنالارنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتا ئولتۇرۇۋېلىشىپ جاھاننىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشماقتا.بىر قىسىم كىشىلەر ئىسىىقتىن قېچىشىپ جەنۇبىي تاغ مەنزىرىلىك رايونىغا،باغچىلارغا سەلدەك ئېقىشاتتى...
دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا مەن ئوغلۇم بىلەن دادام-ئانامنىڭ قەبرىگاھىنى يوقلاپ كېلىش مەقسىدىدە يولغا چىقتىم .قېرىشقاندەك ماشىنا مەھەللە دوقمۇشىغا كەلگەندە قاتناش توسۇلۇپ قالدى .توۋا ماۋۇ كىلىشمەسلىكنى «مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى ،ئىشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى »دىگەندەك دەيتىم ئىچىمدە،ئالاھەزەل 10نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يول ئېچىلدى . بىز مەنزىلىمىزگە يول ئالدۇق .توۋا بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىنى قارىمامدىغان؟نىمانداق كۆپ ،ماشىنا بەيگە مەيدانى ئەتىراپىغا كەلگەندە قاتناش يەنە توسۇلۇپ قالدى.ماشىنىنى ئاستا تورمۇزلاپ ساقلاشقا باشلىدىم يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن ئەترىراپتا كوچا ئايلىنىپ يۈرگەنلەر خۇددۇ ئۆزلىرىنىڭ سېتىلىشىنى كۈتىۋاتقاندەك پەرۋاسىز يۈرۈشمەكتە. توۋا نىمانچە كۆپ ئادەملەر بۇ؟يولمۇ ئېچىلدى بىز يەنە يولىمىزغا راۋان بولدۇق.قەبرىستانلىققىمۇ يېقىنلاشتۇق كۆك بىلەن بوي تالىشىپ ،ئۆزئارا ئابروي تالىشىپ تۇرغان بۇ ھەشەمەتلىك قەبرىلەر كىشىگە باشقىچە تۇيغۇ بېرەتتى،   نىمانچە ھەيۋەت،نامانداق ھەشەمەتلىك، قەۋرىستانلىققا يېقىنلاشقانسېرى خىيال كەپتەرلىرىم پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى،كۆز ئالدىمدا قەۋرە گۈمبەرلىرىنى ئاستىدا سالقىنلىغاچ پاراڭغا چۈشكەن ئەرۋاھلار نامايان بولۇشقا باشلىدى،قاراڭلا ئاۋۇنىڭ كېپىنىگە يېرتىلىپ كېتىپتۇ،سايىدىغۇدەك يېرىمۇ يوق،مېنىڭ قەبرەم بىلەن كېپىنىم ئېسىل ئاۋۇنىڭ ناچار، دىيىشىپ بايلىقلىرىنى كۆز-كۆزقىلىشىۋاتقان كۆرۈنۈش گويا كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى ،
.مانا قەبرىستانلىققىمۇ يېتىپ كەلدۇق ماشىنىنى توختاش ئورنىغا توختاتقاندىن كېيىن چوڭلارنىڭ قەبرەگاھى تەرەپكە يول ئالدۇق .قاياقلاردىن كەلدىكىن بىلمەيلا قالدىم بىر توپ تىللەمچىلەر قوشۇنى خۇددى بىزنى بۇلاپ كېتىدىغاندەك قوللىرىنى تەڭلا سوزۇشتى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يېشى 60لاردىن ھالقىغان ئۈستى-بېشى جۇل-جۇل بىرىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى ۋە   دەررۇ يانجۇقۇمغا قول سالدىم-دە، 10سوم پۇلنى ئۇنىڭغا ئۇزارتتىم، بوۋاي خۇددى ئوخشاپ پىشقان قوناق نېنىدەك قوللىرى بىلەن قولۇمدىكىنى ئالغاندىن كېيىن،دۇئاغا قول كۆتۈردى بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇئا قىلىشقا باشلىدۇق ،بىر پەستىن كېيىن قوللىرى بلەن قۇرتقان قىزىل مۇچتەك يۈزىنى سىللاپ دۇئانى ئاخىرلاشتۇردى.شۇنۇڭ بىلەن مېڭىشقا تەمشەلدىميۇ قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى چۈنكى يەنە بىر نەچچە تىللەمچى ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغاندى.ئىككىنچى قېتىم يانجۇقۇمغا قول سالدىم  ۋە بىر تۇتام پارچە پۇلنى چىقىرىپ بىر -بىرلەپ تارقىتىشقا باشلىدىم.ئاخىرى پۇللارنى تارقىتىپ بولۇپ چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن مەنزىلىمگە ئىلگىرلەشكە باشلىدىم.قارىمامدىغان ئاۋۇ ھەشەمەتلىك قەبرىگە ،مانا ماۋۇ داچا باشلىقنىڭ ئىكەن توۋا نىمە دىگەن ھەشەمەتچىلىك،نىمە دىگەن ئابروي پەرەسلىك بۇ؟ نىمە دىگەن مەن-مەنچىلىك ،نامراتلارنىڭ قەبرىلىرىنىڭ قەبرە تېشىمۇ يوق. بايلارنىڭ بولسا تولىمۇ ھەشەمەتلىك بىز خەقنى كەمبەغەل دىگەن ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ ساراڭ ئىكەن .قارىمامدىغان بۇ كىچىك شەھەرچىگە دىگەن خىياللار مىنى چىرمىۋالدى .
-ئوغلۇم قىرائەت قىلىپ بېرەيمۇ ؟دىگەن ئاۋاز خىيالىمنىڭ بېلىگە تېپىۋەتتى ۋە ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم.قارشى تەرەپتە 50نەچچە ياشلار چامىسىدىكى كەكە ساقال بىرى ماڭا تەلمۈرۈپ تۇراتتى.توۋا ئۇنىڭ كۆزلىرى قۇربانلىق قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوينىڭ كۆزىگە ئەجەپمۇ ئوخشايدىكىنا !دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۈلگۈردۈم :
-بولىدۇ دىدىم ئۇنۇڭغا .ئۇ بىزنىڭ ئارقىمىزدىن ماڭدى مانا قەبرە بېشىغىمۇ كەلدۇق .كۆز ئالدىمدا بىر نەچچە پاناق بۇرۇن،يۈزلىرى قارىداپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ قەبرە بېشىدىكى دەرەخنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن نان يەۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى -دە،دەر غەزەپ بىلەن :
-يوقۇلۇش كۆزۈمدىن ؟سەنلەرگە جاي تېپىلمىدىمۇ؟ دەپ ۋارقىرىدىم يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن.
-بىز قەبرە يسايدىغانلار دىدى جاۋابەن ئارىدىن بىرى.مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىگەن قىياپەتتە :
-نىمە دىدىڭ سورۇدۇم ھېلىقىدىن.
-بىز قەبرە ياسايدىغانلار دىدى تەكرالاپ ، ۋە سەل نېرىغىراق يۆتكەلدى.
بىز قەبرە بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشتۇق مۇڭلۇق قىرائەت باشلاندى .كۆزلىرىمنىڭ چاناقلىرى ئىختىيارسىز نەملىشىشكە باشلىدى.ئىچىمدە دادا-ئانا بىز سىلەرنى يوقلاپ كەلدۇق دىدىم .شۇ ئان يەرلىك ئېچىلىپ ئاپپاق تون كىيىۋالغان دادام رەھمىتى بىلەن ئانام رەھمىتى چىقىپ كەلدى -دە،ئوغلۇم بىلەن مىنى باغرىغا باستى بىز مۇڭداتۇق.يېغلاشتۇق تۇيۇقسىز كۆكتە بىر نەچچە پەرىشتە پەيدا بولدى ۋە ئۇلارنى شەرەتلىدى شۇنۇڭ بىلەن ئۇلار كۆزۈمدىن غايىپ بولدى ،ئامىن دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ مەن ھۇشۇمغا كەلگەندەك بولۇپ دۇئاغا قول كۆتۈردۈم.قارىسام ئوغلۇمنىڭ كۆزلىرىمۇ قىزىرىپ كېتىپتۇ ئۇمۇ دادام-ئاناملارنى كۆرگەن چېغى....
مانا ئىشلارمۇ تۈگىدى بىز ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى تەرەپكە يول ئالدۇق ،ئەمدىلا بىر دوقمۇشتىن ئۆتۈشۈمىزگە يەنە بىر نەچچە چوڭ-كىچىك تىللەمچىلەر قوشۇنى خۇددى بىزنى ھازىرلا بۇلاپ كېتىدىغاندەك بىز تەرەپكە سەپ تارتىپ كېلىشتى.مەن يانجۇقۇمغا يەنە قول سالدىم ۋە مانا ساڭا ،ماۋۇ ساڭا دىگىنىمچە ئۇلارنىڭ قوللىرىغا بىر-بىرلەپ تۇتقۇزدۇم بىراق 19-20ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان چېقىركۆز،ياداڭغۇ،قاڭشارلىق ،ئىگىز بوي بىرىگە كەلگەندە قولۇم توختاپ قالدى.شۇنۇڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا:
-موشۇنداق قىلىپ يۈرگىچە ياش بولغاندىن كېيىن ئىشلىسەڭ بولمامدۇ؟ دىدىم زەردە بىلەن.
-ئىش بولمىسا نىمە قىلىمەن دىدى جاۋابەن ئۇ سەل نارازى بولغان قىياپەتتە.
-ئاۋۇلارنى كۆردۈڭمۇ دىگىنىمچە قەبرە ياساۋاتقانلارنى كۆرسەتتىم ئۇنۇڭغا ،ئارقىدىن ئۇلاپلا شۇلاردەك ئىشنى قىلساڭ بولمامدۇ دىدىم؟.
-ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن قولۇمدىن كەلمەيدۇ ،مەن ئۇنداق ئىشنى قىلالمايمەن دىدى زەردە بىلەن.
-ئەمىسە يانچۇقچىلىق قىل دىگىنىمچە يولۇمغا راۋان بولدۇم...

 پەرھات جەمشىت


         كۆرۈلۈشى:962     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/4/28 13:17:57يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇخلىيالماسلىق
ئۇخلىيالماسلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇرۇت ماجىراسى
بۇرۇت ماجىراسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com