Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئەرگەنەكون داستانى (رېۋايىتى)

   تۈرك دۆلەتلىرىدە كۆك تۈرۈك دۆۋلىتىگە ئىتائەت قىلمىغان بىر يەر يوق ئىدى. بۇنىڭغا ھەسەت قىلغان باشقا قەبىلىلەر بىرلىشىپ كۆك تۈرۈكلەرگە قارشى ئۇرۇش ئاچتى. مەخسەتلىرى ئۆچ ئېلىش ئىدى. كۆك تۈركلەر چېدىرلىرىنى، مال ۋە چارۋىلىرىنى بىر يەرگە توپلىدى. ئەتراپىغا خەندەك قېزىپ تەييار بولۇپ تۇرۇشتى. دۈشمەنلەر كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇش باشلاندى. ئۇرۇش ئون كۈن داۋام قىلىپ كۆك تۈرۈكلەر غەلىبە قىلدى.  
    بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن دۈشمەنلەرنىڭ باشلىقلىرى بىر يەرگە توپلىنىپ مەسلىھەت قىلىشتى ۋە كۆك تۈركلەرگە ھىلە ئىشلەتمىسەك ئاقىبېتىمىز يامان بولىدۇ دېيىشتى. تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىشى بىلەن ئۇلار  گويا تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندەك قېچىشقا باشلىدى. كۆك تۈرۈكلەر "بۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلغىدەك ئەھۋالى قالمىدى" دەپ ئويلاپ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلدى. دۈشمەنلەر كۆك تۈركلەر يېتىشىپ كەلگەندىن كېيىن تۇساتتىن ئارقىسىغا يېنىپ ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا دۈشمەنلەر كۆك تۈركلەرنى غاپىل ئوۋلاپ يەڭدى ۋە چەدىرىغىچە باستۇرۇپ كىرىپ قانلىق قىرغىن قىلدى. بىر مۇ چېدىر ساق قالمىدى قېرىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ ياشلارنى قۇل قىلدى. دۈشمەن ئەسكەرلىرى قۇلىغا نىمە چىقسا شۇنى ئالدى.  
    كۆك تۈركلەرنىڭ باشلىقى ئىلخان بولۇپ بالىلىرى كۆپ ئىدى. لېكىن بۇ تەلەيسىز ئۇرۇشتا بىر بالىسىدىن باشقا ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى.
كايى ئىسىملىك بىر ئوغلىنى بۇ يىل ئۆيلىگەن ئىدى. بۇندىن باشقا ئىل خاننىڭ توققۇز ئوغۇز ئىسىملىك بىر نەۋرىسى بار ئىدى. كايى بىلەن توققۇز ئوغۇز دۈشمەنلەرگە ئەسىر چۈشكەن ئىدى. ئون كۈندىن كېيىن بىر كېچىدە ئىككىلىسى ئاياللىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتلارغا مىنىپ قېچىپ قۇتۇلدى. ئۇلار كۆك تۈرك يۇرتىغا كەلدى. بۇ يەردە ئۇرۇشتا پىتراپ كەتكەن ۋە دۈشمەنلەرنىڭ قۇلىدىن قېچىپ قۇتۇلغان تۆگە، ئات، كالا، قويلاردەك كۆپلىگەن ھايۋانلارنى تاپتى. بۇلار تۆت تەرىپىمىزدىكى ھەممە دۆۈلەت بىزگە دۈشمەن، بىز تاغلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىنسان ئايىغى يەتمىگەن بىر يەر تېپىپ ياشايلى دىيىشىپ ھايۋان سۈرىلىرىنى ئېلىپ تاققا قاراپ يولغا چىقتى.  
    بۇلار كەلگەن يولىدىن باشقا يولى يوق بىر يەرگە كەلدى. بۇ يالغۇز يول شۇنداق يول ئىدىكى، بىر تۆگە ياكى بىر ئات ناھايىتى تەستە ماڭالايتتىى. ئەگەر ئاياقلىرى سەللا قېيىپ كەتسە ئۇچۇپ چۈشۈپ بارچە-پارچە بۇلۇپ كېتەتتى. كۆك تۈرۈكلەرنىڭ كەلگەن يېرىدە ئاقار سۇلار، خىلمى- خىل مېيۋىلەر، ئۆسۈملۈكلەر، ئورمانلار ۋە ئوۋ ھايۋانلىرى بار ئىدى. بۇنداق بىر يەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلۇغ ئاللاھ غا شۈكۈر قىلىشتى. قىشتا ھايۋانلىرىنىڭ گۈشىنى يەپ، يازدا سۈتىنى ئىچىپ، تېرىسىدىن كىيىم تىكىپ كىيىپ ياشىدى ۋە بۇ دۆۈلەتكە ئەرگەنەكون دەپ ئىسىم قويدى. ئىككى كۆك تۈرۈك مېلىكىسىنىڭ ئەرگەنەكوندا بالىلىرى كۆپەيدى. كايى خان كۆپ بالىلىق بولدى، توققۇز ئوغۇزنىڭ بالىلىرى ئازىراق ئىدى. بۇ ئىككى خاننىڭ بالىلىرى ئۇزۇن يىللار ئەرگەنەكوندا قالدى ۋە ئەۋلاتلىرى ناھايىتى بەك كۆپەيدى.  
    تۆت يۈز يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلىرى ۋە ھايۋان سۈرىلىرى ئۇ قەدەر كۆپەيدىكى، ئەرگەنەكونغا سىغماي قالدى. بۇنىڭغا بىر چارە تېپىش ئۈچۈن قۇرۇلتاي ئاشتى. دېدىكى، "ئاتىلىرىمىزدىن ئاڭلىدۇق: ئەرگەنەكوننىڭ سىرتىدا چىرايلىق دۆۋلەتلەر، گۈزەل يۇرتلار بار ئىكەن. بىزنىڭ يۇرتلىرىمىز بۇرۇن ئۇ يەرلەردە ئىكەن. ئىزدەپ تاغلارنىڭ ئارىسىدىن يول تاپايلى، ئەرگەنەكوندان كۈچۈپ چىقايلى. ئەرگەنەكوننىڭ سىرتىدا ھەر كىم بىزگە دوست بولسا  ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەيلى، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشايلى". قۇرۇلتاي بۇ قارارنى ئالغاندىن كېيىن كۆك تۈركلەر ئەرگەنەكوندىن چىقىش ئۈچۈن يول ئىزدەشكە باشلىدى ئەمما تاپالمىدى. ئارىدىن بىر تۆمۈرچى چىقىپ "بۇ تاغدا بىر تۆمۈر كېنى بار شۇنىڭ تۆمۈرىنى ئېرىتەلىسىك بەلكى تاغ بىزگە چىقىش يولى بىرەر". كۆك تۈرۈكلەر بېرىپ تۆمۈرچى دېگەن تاغ پارچىسىنى كۆردى ۋە تۆمۈرچىنىڭ تەدبىرىگە قۇشۇلدى. تاغنىڭ كەڭرى يېرىگە بىر قات ئۇتۇن، بىرقات كۆمۈر تىزدى. تاغنىڭ ئاستى، ئۈستى، ئوڭ-سول تەرەپلىرىگە مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە ئۇتۇن كۆمۈر تىزىپ تولدۇردى.  ئاندىن كېيىن يەتمىش تېرىدىن يوغان كۈرۈك ياساپ تاغنىڭ يەتمىش يېرىگە قويدى. ئۇتۇن، كۆمۈرگە ئوت يېقىپ كۈرۈك بىلەن ئوتنى ئۇلغايتىشقا باشلىدى.  
    ئاللاھ تەئەلانىڭ كۈچى ۋە ياردېمى بىلەن ئوت ئۇلغايغاندىن كېيىن تۆمۈر تاغ ئىرىشكە باشلاپ يۈكى بىلەن بىر تۆگە ئۈتەلىگىدەك يول ئېچىلدى. ئۇ ئۇلۇق يىلنىڭ، ئۇلۇق ئېيىنىڭ، ئۇلۇق كۈننىڭ ئۇلۇق سائىتىنى كۈتۈپ، بۇ يولدىن، ئەرگەنەكوندىن چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇلۇق كۈن كۆك تۈرۈكلەردە بايرام بولدى.  
    ئەرگەنەكوندىن چىققان 3- ئاينىڭ 21-كۈنىنى خاتىرلەپ ھەر يىلى بايرام ئۆتكەزدى. بۇ بايرامدا بىر تۈمۈر پارچىسىنى قىزىتىدۇ تۆمۈر قىپ قىزىل بولغاندىن كېيىن باشتا خاقان ئاندىن كېيىن بەگلەر قىزىغان تۆمۈرنى سەندەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ سۇقىدۇ. ئۇ كۈن  ھەم يېڭىدىن ئەركىنلىك ھەمدە باھار بايرىمى بولۇپ، ھازىرمۇ قۇتلۇقلىنىدۇ.  

 

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتىرياللار

Ergenekon Efsanesi ئەرگەنەكون ئەفسانىسى مۇڭغۇللارنىڭ ياكى بەزى مەنبەلەر
گە كۈرە كۆك تۈرۈكلەرنىڭ بارلىققاكېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايە  
    14- ئەسەردە Reşidüddin Hamedani رېشىدۈددىن ھەمىدانى تەرىپىدىن يېزىلغان
Cami'üt-Tevarih جامىئۈتتېۋارىخ ئىسىملىك كىتاۋىنىڭ مۇجاللادئى ئاۋۋال (بىرىنچى
كىتابى: مۇڭغۇل تارىخى) نىڭ "باب ئى ئاۋۋال" (بىرىنچى ئىشىگى: تۈرۈك ۋە مۇڭغۇل
قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى) دە مۇڭغۇللارنىڭ بارلىققا كېلىىشى سۈپىتىدە ئاڭلىتىلغان ئەپسانە،
17- ئەسىردە Şiban شىبان نىڭ نەۋرىلىرىدىن ۋە Hive Hanlığının خىۋە خانلىغىنىڭ
خانى بولغان Ebu'l Gazi Bahadir ئەبۇل غازى باھادىر نىڭ يېزىپ چىغغان Şecere-i
Türki شەجەرەئى تۈركى ناملىق ئەسىرىدە مۇڭغۇللار نىڭ بارلىققا كېلىش داستانى
سۈپىتىدە يېزىلىدۇ. ئەمما بەزى مەنبەلەرگە كۈرە ئەرگەنەكون داستانى تۈرك داستانى
سۈپىتىدە يېزىلغان. يوقۇرىدا ئىسمى ئېيتىلغان ئىككى تارىخى مەنبەلەردە Nekuz(Nüküz)
ۋە Qiyan(kiyan) ئىسىملىك قېرىنداشلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىتاتارلار تەرىپىدىن
يېڭىلگەندىن كېيىن باشتا ئەرگەنەكون ئىسمى بىرىلگەن تار ۋە پىنھان بىر يەرگە كىتىدۇ.
400 يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلىرى كۆپۈيۈپ ئۇ بۆلگىگە سىغمىغاندىن كېيىن ئەرگەنەكوندىن
چىقىدۇ. ئەرگەنەكوندىن چىققاندىن كېيىن يول باشلىغۇچىلارنىڭ Börteçine (بۇ سۆزنى
بىلەلمىدىم) يول باشلىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.  
    ئەمما كۆك تۈرۈكلەرنىڭ بارلىققا كېلىش داستانى بىلەن بولغان ئوخشۇشۇپ كىتىشلەرنى
پاكىت كۆرسۈتۈپ تۈركلەرگە ئائىتئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن تەتقىقاتچىلارمۇ بار. بۇندىن
باشقا تەلئەت سائىت خالمان بولسا كۆك بۈرە رىۋايىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن بىر قىسمىدۇر. كۆك
بۈرىنىڭ ھىمايە قىلىشى بىلەن نەسلىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىدىن قۇتۇلغان ۋە  كۆكبۆرىنىڭ
ياردىمى بىلەن ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغلار بىلەن قورشالغان ئەرگەنەكون ۋادىسىدىن قېچىپ
چىققان بىر تۈرك خەلقىنىڭ تارىخى جەريانىنى سۆزلىگەنلىكى پىكرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

         كۆرۈلۈشى:608     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/4/16 13:41:37يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇخلىيالماسلىق
ئۇخلىيالماسلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئۈمىدسىز كۈتۈش
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇرۇت ماجىراسى
بۇرۇت ماجىراسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كاشال دوپپا(ھېكايە)
كاشال دوپپا(ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىپپەتئاي
ئىپپەتئاي
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل
قانغا مىلەنگەن ئەتىرگۈل

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com