Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئۇيغۇرنىڭ ھىدى

ھاياجىنىم قوزغىلىپ بىردىن

شېئىر يازغۇم كەلدى مىڭ قېتىم.

ھاياجانغا كۆمۈلگەن مىسرا

ئەركەكلىكنى قويدى تەسۋىرلەپ

ھايات ئۇندا تېمىم بىر تېمىم.

بۇ قاتارنى بىر تال يول دەيمىز

تىمتاسلىقى بۇزۇلۇپ ئۇنىڭ

كوچا بولار ئۇيغۇردا لېكىن.

ئادەملىرى شالاڭ بەك شالاڭ

كوچا بولۇپ قالغاندەك ئىسمىم.

ئادەم توپى تەۋرەيدۇ سەلدەك

ھەربىر ئادەم ئۆزگىچە ئېقىن.

ئاشخانىلار نەپسىنىڭ ئوتى

ساھىپجامال كۈتكۈچى خېنىم،

ھەر ئادەمدىن سورايدۇ ئۇيغۇر

تارقىلىدۇ ئۇيغۇرلار ئاندىن.

ھەممە كۈيدىن چىقىرۋېتىدۇ چاڭ

ئۇيغۇر چالغان دۇتار تارىسى

ئۇيغۇر بولۇپ كەلگەن بېشىدىن

ئۇيغۇر بولۇپ كېتەر ئاخىرى.

ئۇيغۇر دېگەن جەڭگاھتا ئۇيغۇر

ئۇيغۇر بولۇپ كەتتى ھەممىسى.

ھەممە نەرسە تۆكمەكتە ھېكمەت

ھەممە نەرسە ئەركەكنىڭ ئىزى

ھەربىر ئىزدا ئىبرەت مونوپۇل

تامچىلايدۇ ئۇيغۇرنىڭ قېنى،

ھەرتامچە قان ئۇيغۇرنىڭ ھىدى.


         كۆرۈلۈشى:1144     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/14 13:09:07يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئائىلەڭ
ئائىلەڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاناتىلىم
ئاناتىلىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتقان ئىككى شېئىر
جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:يوقال تاماكا
يوقال تاماكا

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com