Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


نامراتچىلىق

    يۈرەكىم  سىقىلدى ... توختىدى  تىنىق...
        نىمىشقا  دەمسىزما... بىلمەيمەن  ئېنىق... 
        دىسەممۇ  كونا  گەپ  خوش  ياقماس  بەلكىم ،
       باشقا بىر ئىش ئەمەس ...شۇ  نامراتچىلىق .


قارىسام  ئەتراپقا  بىچارە  بەك  جىق ،
    يۈرۈكۈم  ئېچىشار  كۆرسەم  شۇنچىلىك .
       نامراتلىق  پاتقىقىدا  ھالسىز  ئىڭراشلار...
دېمىمنى  سىقىدۇ  شۇ  ئېغىر  تىنىق .


     يۇرتىمىز  بايلىققا  تولغان  لىپمۇ - لىق ،
     زىرائەتمۇ  ئوخشايدۇ  يوق  قەھەتچىلىك .
           تىنىم  تاپماي  ئىشلەيمىز...ھەتتا  بىر  ئۆمۈر،
             نىمىشقا  بىز  باي  ئەمەس  باشقا  خەقچىلىك...


             يۇرت-يۇرتلاردا  باش  كۆتۈردى  سەرگەردانچىلىق،
             ئوغرى، بۇزۇق  بوپ  كەتتۇق...جاھاندارچىلىق... 
          بىز  ئۈچۈن  پۇل  تاپقۇدەك  بىرەر  يول  يوقمۇ ،
     ياكى  بىزگە  بەخشەندىمۇ  بۇ  نامراتچىلىق .


     خەۋەرلەردە  دىيىلدى... مول  مەمۇرچىلىق...
  پۇخرالارنىڭ  كىرىمى  ئاشتى  مۇنچىلىك...
  راستىنلا  شۇنداقمۇ...قەيەركەن  ئۇ  يەر...
     نەدىكەن  شۇ  ئادەم ... بايكەن  قانچىلىك...


       ئوقۇشسىز  قالغانلار  قانچە -  قانچىلىك ،
           ئىش  ئىزدەپ  يۈرگەنلەر  تۈمەن  مىڭچىلىك .
          ئالتۇن  تاۋاق  كۆتۈرگەن  تىلەمچى  بۇلۇپ ،
يۈرەرمىز  بىز  يەنە  قاچانغىچىلىك  .


 بىر  نان  تاپساق  قىلىمىز  مەنىمەنچىلىك ،
    دىيىشىمىز  بىز  ياخشى...يوق  ئاچارچىلىق...
  بىز دىگەن ھايۋان ئەمەس بەلكى بىر ئادەم...
قورساق  ئۈچۈنلا  ياشاش  بىر  نادانچىلىق .

ئويلايمەن  ھالىمىز  نىچۈن  بۇنچىلىك...
تارتىمىز  بۇ  دەرتنى  يەنە  قانچىلىك...
دەردى  يوق  ئادەم  يوق  بۇنى  بىلىمەن ،
    دەردى  كۆپ  ئادەم  يوق  لىكىن  بىزچىلىك .

بىلمىدىم  بۇ  دۇنيا  زادى  قانچىلىك ،
    بولساقمۇ  تىرىشايلى  بىر  قۇرۇتچىلىك .
         تۇغۇلدۇق، چوڭ  بولدۇق، قېرىپ  ئۆلىمىز...
       بەك  قىسقا  بۇ  ھايات  مانا  شۇنچىلىك...


 

         كۆرۈلۈشى:1647     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/12 17:00:34يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئائىلەڭ
ئائىلەڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاناتىلىم
ئاناتىلىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتقان ئىككى شېئىر
جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:يوقال تاماكا
يوقال تاماكا

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com