Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مۇھەببەت بۇلىقى -ئايال

ئۇلۇغلۇق تاجىنىڭ ساھىبى ئايال ،

سۆيۈنەر ھۆرمەتتە سەندىن كۆڭۈللەر.

ساداقەت ، ۋاپانىڭ ھامىيسىدۇر سەن ،

ھەر باسقان ئىزىڭدىن ئېچىلغاي گۈللەر .

 

سەن بولماي جاھاندا مۇھەببەت نەدە ؟

ئائىلە بەرىكىتى كۈلكىسى نەدە ؟

كۆرۈنەر سەن بىلەن گۈزەل بۇ جاھان ،

سېنىڭسىز مېھىرنىڭ نۇرى قەيەردە ؟

 

ئۈن-تىنسىز تارتىسەن بارچە جاپانى،

سېنىڭسىز تۈگىمەس باشلاردىكى غەم .

سېنىڭسىز پۈتمەيدۇ ساناقسىز ئىشلار ،

ۋە ئەپسۇس چېكىسەن ساناقسىز ئەلەم .

 

ئەي ئايال،ھاياتلىق چىرىقى ئۆزۈڭ ،

سەن بىلەن نۇرلىنار قاراڭغۇ دۇنيا .

لاتاپەت، گۈزەللىك بۇلىقىدۇر سەن ،

سېنىڭدە ئوقچۇيدۇ ئەخلاق ۋە ھايا.

 

 

ئايال سەن ۋاپاغا لىق تولغان دۇنيا ،

مۇھەببەت ئالەمگە سەندىن تارايدۇ .

ئەڭ ئېسىل زىننەتسەن رەڭدار دۇنياغا ،

سەن بولغاچ مۇھەببەت مەڭگۈ ياشايدۇ .

 

 -ئاينۇر سەيدىنھاجى

         كۆرۈلۈشى:896     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/3/8 10:56:54يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
كۆڭلۈم ئاڭلا، سەن ئاغرىنما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئائىلەڭ
ئائىلەڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاناتىلىم
ئاناتىلىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
قاۋاقخانىدىكى بىر قىزغا _
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
نەزەر مۇفتىغا خەت (ئەھمەتشاھ قارىقاشى)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتقان ئىككى شېئىر
جەمئىيەتتىكى ئەرلىرىمىزگە خىتاب قىلىۋاتق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:يوقال تاماكا
يوقال تاماكا

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com