Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئىلاجى

قۇلاق غوڭۇلداش ھەققىدە:

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قۇلاق غوڭۇلداشنى بۆرەك ئاجىزلىشىش، زەئىپلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگەندە قۇلاق غوڭۇلداشمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قاراپ قارىغۇلارچە بۆرەك قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قۇلاق غوڭۇلداش بۆرەك زەئىپلىشىش تۈپەيلى كېلىپ چىقمايدۇ، بۆرەكنىڭ قارىغۇلارچە قۇۋۋەتلىگەننىڭمۇ قۇلاق غوڭۇلداشقا نىسبەتەن پايدىسى يوق. قۇلاق غوڭۇلداشنى داۋالاشتا چوقۇم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزلاپ پەرقلەندۈرۈشى ۋە كېسەللىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىدىن كېيىن ئاندىن داۋالاش كېرەك.
قۇلاق غوڭۇلداش بولسا ھېچقانداق تاشقى غىدىق ياكى ئاۋاز مەنبەسى بولمىغان شارائىتتا كىشىلەردە غەيرىي ئاۋاز ئاڭلاش تۇيغۇسىنىڭ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تومۇزغا چىرىلدىغان ئاۋازى، غوڭ-چوڭ، غوي-غوي ئاۋازلىرى، شامال چىققاندەك ۋىڭ-ۋىڭ ئاۋازلىرى، پاشا گىژىلدىغاندەك ئاۋازلارغا ئوخشاش يەككە ياكى ئارىلاش بولغان ئاۋازلار. ئەمەلىيەتتە، ئەتراپتا بۇ ئاۋازلارنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار يوق بولۇپ، بۇ پەقەت بىر خىل شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىكى بىر سېزىمدۇر.
قۇلاق غوڭۇلداش ئادەمنى بىئارام قىلىپ، تىت-تىت قىلىپ قويىدۇ، دەم ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، نېرۋىنى چارچىتىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك قۇلاق غوڭۇلداش بولسا، بۇ ئادەتتىكى فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش دائىرىسىدە بولۇپ، ئەنسىرەش بىھاجەت. ئەمما، ئۇزاققىچە، ئىزچىل قۇلاق غوڭۇلدىسا، قۇلاق غوڭۇلداشقا ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، گاسلىق، باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق باشقا ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلسە، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە دوختۇرغا بالدۇر كۆرۈنۈش كېرەك.

قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ 5 تۈرلۈك سەۋەبى:

1. قۇلاقتىكى كېسەللىكلەر. بۇ قۇلاق غوڭۇلداشنى پەيدا قىلغۇچى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، تاشقى قۇلاق يولى ياللۇغى، قۇلاق سېغىزى پۈتۈپ قېلىش، ئوتتۇرا قۇلاق سوزۇلما ياللۇغى، قۇلاق ناغرا پەردىسى يىرتىلىپ كېتىش، قۇلاق قېتىش كېسىلى، ئاڭلاش نېرۋىسى ئۆسمىسى ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قۇلاق غوڭۇلداشنى پەيدا قىلىدۇ.
ياشانغانلاردا ئاڭلاش نېرۋىسى چېكىنىشلىك ئاجىزلاش تۈپەيلى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، قۇلاق غوڭۇلداش كۆرۈلىدۇ.
ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا تۇرۇش ياكى دائىم ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق مۇزىكا ئاڭلاشمۇ شاۋقۇن مەنبەلىك گاسلىق ۋە قۇلاق غوڭۇلداشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

1. قان تومۇر كېسەللىكلىرىمۇ قۇلاق غوڭۇلداشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بويۇن ۋېنا شارسىمان تەنچە ئۆسمىسى، قۇلاق ئىچىدىكى قىل قان تومۇرلار كېڭىيىش، قان تومۇر غەيرىيلىكى، قان تومۇر ئۆسمىسى ... دېگەنگە ئوخشاش. ۋېنا تومۇر مەنبەلىك قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ كۆپىنچىسى شاۋقۇنلۇق ئاۋاز، ئارتېرىيە تومۇر مەنبەلىك قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ كۆپىنچىسى تومۇرنىڭ سوقۇشى بىلەن ماسلاشقان (رىتىم جەھەتتە) بولىدۇ.

3. باشقا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ قۇلاق غوڭۇلداشنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ۋېگتاتىپ نېرۋىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، سەكتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، تۆۋەن قان بېسىمى، كەمقانلىق، دىئابېت، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش قاتارلىقلار.

4. دورا مەنبەلىك قۇلاق غوڭۇلداش. قۇلاققا ناچار تەسىرى بولغان دورىلارنى زىيادە ئىشلەتكەندە، مەسىلەن گېنتامىتسىن (庆大霉素)، سترېپتومىتسىن (链霉素)، كانامىتسىن (卡那霉素) قاتارلىق دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە قۇلاق غوڭۇلداش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، بىر قىسىم قان بېسىم چۈشۈرگۈچى دورىلار، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنىڭ قۇلاق غوڭۇلداشنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار.

5. زىيادە چارچاش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، روھىي-كەيپىيات جىددىيلىشىش قاتارلىقلارمۇ قۇلاق غوڭۇلداشنى پەيدا قىلىدۇ.

قۇلاق غوڭۇلداشنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ 4 لايىھەسى:

قۇلاق غوڭۇلداش كۆرۈلگەندە، ئالدى بىلەن قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاش، ئارقىدىن ئەھۋالغا قاراپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

1. زىيادە چارچاش ۋە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغانلار دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ روھى-كەيپىياتى جىددىيلەشكۈچىلەر ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا تىرىشىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا تېنچلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى؛ نېرۋا زىيادە چارچاپ، ئاجىزلىغانلار نېرۋىنى مۇۋاپىق قۇۋۋەتلەندۈرۈپ داۋالىنىشى كېرەك.

2. قۇلاق غۇڭۇلداشنى قۇلاقتىكى كېسەللىك پەيدا قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن قۇلاقتىكى كېسەللىكنى داۋالاش كېرەك.

3. پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىكى بارلار قۇلاق غوڭۇلداشنى داۋالاش بىلەن بىرگە ئەسلىدىكى كېسەللىكنىمۇ تەڭ داۋالىتىش كېرەك. مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىمى بارلار قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشى، دىئابېت بىمارلىرى قان قەنتىنى كونترول قىلىشى، كەمقان بىمارلار كەمقانلىقنى ئوڭشىشى، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش كۆرۈلگەنلەر ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

4. قۇلاق غوڭۇلداش دورا ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، دەرھال بۇ دورىلارنى توختىتىش ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇلاق غوڭۇلداشنى تۈگىتىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

قۇلاق غوڭۇلداش بىلەن يېقىن دوست بولۇش:

قۇلاق غوڭۇلدىسا، زىيادە غەم-قايغۇغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. قۇلاق غوڭۇلداشنى توغرا تونۇش كېرەك. خاتا چۈشەنچىلەر دائىم كېسەللىككە بولغان بىھۇدە قورقۇش، ئەنسىرەت كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئادەمنى جىددىيلەشتۈرۈپ، قۇلاق غوڭۇلداشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. قۇلاق غوڭۇلداش روشەنلەشكەن ھامان نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلارنىڭ قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك بۆلۈم (耳鼻喉科) دوختۇرىغا كۆرۈنۈش كېرەك. دوختۇر كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇناسىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ داۋالايدۇ. بىپەرۋالىق قىلىپ دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنمەسلىك ياكى جىددىيلىشپ كېتىپ قالايمىقان، كەلگەنلا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەممىسى كېسەللىكنى ئۈنۈملۈك داۋالاشقا پايدىسىز.

قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ جىددىي قوزغالغان مەزگىلىدە مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىپ داۋالاشقا بولىدۇ. كېسەللىك سوزۇلۇپ كەتكەن بىمارلارغا قارىتا، چەتئەل مۇتەخەسسىلىرى « قۇلاق غوڭۇلداش بىلەن يېقىن دوست بولۇش» تەكلىپىنى بېرىدۇ. يەنى، ئۆزىدىكى قۇلاق غوڭۇلداش ئەھۋالىنى توغرا تونۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇپ، دائىم ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرىۋالماي دىققىتىنى چېچىپ، قۇلاق غوڭۇلداشنى ئۇنتۇپ قېلىش، ئۇ ئېلىپ كەلگەن بىئاراملىقنى ئاجىزلىتىشقا تېرىشىش؛ ئاڭلاش ئىقتىدارى بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەندە، ئاڭلاش ياردەمچىسى (助听器) ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاڭلاشنى نورماللاشتۇرۇپ، قۇلاق غوڭۇلداشنى ئاجىزلىتىش كېرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، سۈرەن-شاۋقۇنلۇق، يۇقىرى ئاۋازلىق سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، ئۇيقۇنىڭ ياخشى ھەم يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئوزۇقلىنىشتا، سىنك، تۆمۇر، كالىتسىي قاتارلىقلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. بۇ ماددىلار قۇلاق ئىچىدىكى قان تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇزاق ۋاقىت تۇزلۇق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ!

         كۆرۈلۈشى:1234     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/6/25 16:07:13يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com