Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى

(1) تاشقىمۇھىتنىڭغىدىقلىشىۋەشەرتلىكرېفلكسنىڭشەكىللىنىشى:بوۋاقتۇغۇلغاندىنكېيىنتاشقىمۇھىتنىڭتەسىرىۋەغىدىقلىشىنىئۈزلۈكسىزقوبۇلقىلىپ،شەرتلىكرېفلىكىسنىئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇبوۋاقلاردىكىپسىخىكپائالىيەتنىڭباشلانغانلىقىنىۋەراۋاجلىنىۋاتقانلىقىنىچۈشەندۈرۈپبېرىدۇ.شۇڭا،بوۋاقلىقمەزگىلدىكىبالىلارنىڭپسىخىكپائالىيىتىبىلەنتەرەققىياتقانۇنىيىتىگەئاساسەن، ئۇلارغاقارىتاپسىخىكتەربىيەۋەمەشىقئېلىپبېرىشقابولىدۇ.

مەسىلەن،ئۇلارنىئىمىتىشئارقىلىقياخشىھەرىكەتمەشقىنىئېلىپبېرىشقا،قەرەللىك ۋەبەلگىلىكمىقداردائىمىتىشئارقىلىقتەرتىپلىكتۇرمۇشئادىتىنىيېتىلدۈرۈشكەبولىدۇ.لېكىن،بىرقىسىم ئانىلاربوۋاقلارنىقانۇنىيەتلىكھالدائىمىتىشنىڭئەھمىيىتىنىچۈشەنمەيدۇ.شۇنىڭبىلەنئۇلار بوۋاق يىغلىسىلا ئىمىتىدۇ ھەتتا بوۋاق ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئىمىزگىنى شورىتىپ قويىدۇ. نەتىجىدە، بوۋاق يىغلاش ۋە ئىمىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ھەرىكەتنى بىر - بىرىگە باغلاپ، ياخشى  بولمىغان شەرتلىك رېفلىكىسنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمگىسى كەلسىلا يىغلايدىغان، ھەتتا قورسىقى ئاچمىغان ۋاقىتتىمۇ يىغلايدىغان ۋە ئىمىدىغان بولىۋالىدۇ. بەزى بوۋاقلاردا ئىمىزگە شورىمىسا ئۇخلىيالماسلىقتەك يامان ئادەت يېتىلىپ قالىدۇ. بىر قىسىم بالىلار بۇ ئادەتنى گۆدەكلىك مەزگىلىدىمۇ تۈزىتەلمەيدۇ.

(2)بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك مەشىق قىلدۇرۇش: مەسىلەن، ئاتا - ئانىلار پىلانلىق ھالدا بوۋاقلارنى باش كۆتەرگۈزۈپ، ئۆرۈلدۈرۈپ كۆكرەك كەرىگۈزۈپ، ئۆرە تۇرغۇزۇپ ۋە ماڭغۇزۇپ مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ بوۋاق بالىلاردا تېز ۋە چاققان بولۇشتەك ھەرىكەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىنتايىن رور ئەھمىيىتى بار.

(3) ئاتا - ئانا ۋە بالا تەربىيىچىلىرى پىلانلىق ھالدا بوۋاقلارغا قارىتا دەسلەپكى باسقۇچلۇق زېھىن ئېچىش مەشقىنى ئېلىپ بېرىش: بۇنىڭدا ئاۋال بوۋاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئايلاردىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان رەڭدار ئويۇنچۇق ۋە رەسىملىك كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى شەيئىلەرگە قارىتا سەزگۈسىنى ئاشۇرۇپ، بىر قەدەر كۆپ بولغان رەڭ ۋە ئاۋازنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىتىش كېرەك. بۇنىڭ بوۋاقلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتى ۋە پسىخىك راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى روز پايدىسى بار. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ پسىخىك پائالىيەتلىرىنى تېزلىتىپ، زېھنىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاچقىلى بولىدۇ ھەمدە بىر قەدەر يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغىلى ( باشقا ئوخشاش ئاي يېشىدىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن ) بولىدۇ.

(4) كىنو - تېلېۋىزىيە ۋە ھېكايە قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ بوۋاقلارنى تىل جەھەتتىن غىدىقلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش: ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بىر موماي ئۆزىنىڭ ئالتە ئايلىق بولغان نەۋرىسىگە ھەر كۈنى بىر رەڭلىك رەسىملىك كىتابنى كۆرسىتىپ ئوقۇپ بەرگەندە بوۋاقنىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن قارىغانلىقى ۋە ئاڭلىغانلىقىنى، كىتاپ ۋاراقلاشنى ۋە ئوقۇشنى توختىتىپ قويسا يىغلاپ كەتكەنلىكىنى، يەنە داۋاملىق كىتابنى ۋاراقلاپ ئوقۇپ بەرگەندە يىغىسىنىڭ توختىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ، ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ ئاۋاز، سۈرەت ۋە رەڭ قاتارلىق ھېسسىي ماتېرىياللار ئارقىلىق تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

(5) ئاتا - ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بوۋاقلارغا كۆپرەك يېقىنچىلىق قىلىش: بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالىلاردا پسىخولوگىيىلىك پائالىيىتىنىڭ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئەمدىلا باشلانغانلىقتىن، ھېسسىيات جەھەتتىكى يېقىنچىلىققا يەنى قۇچاقلاپ سۆيۈش، كۆتۈرۈپ ئوينىتىش، ئەركىلتىشكە مۇھتاج بولىدۇ. بىر قىسىم ئالىملار بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى بالىلار ئۆزىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار بىلەن بولغان ئۆز ئارا ھېسسىي تايىنىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي غىدىقلىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىدە كەيپىياتى مۇھىم بولغان ياخشى پسىخىك ساپانى يېتىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بوۋاقلارنى سۆيۈش ۋە ئەركىلىتىش قاتارلىق يېقىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ھېسسىي كۆيۈمچانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، قۇچاقلاش، سۆيۈش ۋە سىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بوۋاقلارنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق. بىر قىسىم ئالىملار يەنە شۇنى بايقىدىكى بوۋاقلاردا يىغلاش، خوشال بولۇش، بىئارام بولۇش قاتارلىق كەيپىيات ئىنكاسى، تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشى شۇ مەزگىلدىكى بالىغا قارىغۇچىلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىر بىر قىسىم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئاتا - ئانا ياكى ئاتا - ئانىغا ۋاكالىتەم بالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار ( بوۋا - مومىسى، بالا تەربىيىچىسى قاتارلىقلار ) غا نىسبەتەن تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە ۋە لاياقەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش تەكىتلەنمەكتە. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بوۋاقلارنى ئەتراپلىق تەربىيىلەپ، پسىخىك تەرەققىياتىنى بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىگە كۆتەرگىلى بولىدۇ. 

 1945-يىلى ئامېرىكىنىڭ پسىخولوگىيە ئالىمى Siptess بوۋاقلار دوختۇرخانىسىدا تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى بېقىۋېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى بايقىغان. ئەينى يىللىرى بالا تەربىيىچىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، بوۋاقلار كۈندە دېگۈدەك ياتقان، سۈنئىي سۈت بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، بوۋاقلار كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشالمىغان. نەتىجىدە، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. كېيىن بالا تەربىيىچىلىرى كۆپەيتىلىپ ھەر كۈندىكى بوۋاقلارنى كۆتۈرۈش ۋاقتى ۋە قېتىم سانى تەلەپلىرى بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك يېتىلىشىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان. مەملىكىتىمىزدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بوۋاقلار شوخ ۋە ئىنكاسى تېز بولىدىكەن. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاتا - ئانا مېھرىگە ئېرىشەلمىگەن بوۋاقلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردا جەمئىيەتكە ماسلىشالماسلىق، جەمئىيەت بىلەن قارشىلىشىش، ھەددىدىن زىيادە تارتىنچاقلىق، غېرىبسىنىش، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا ئېتىبارسىز قاراش، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا ماھىر بولالماسلىق قاتارلىق ياخشى بولمىغان خاراكتېر يېتىلىپ قالىدىكەن. 

 (6) بوۋاقلاردا ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش: بوۋاقلارنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتتىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۇيقۇسى ( ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نورمال ئۇيقۇ )غا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇلارنى ھەر قانداق شارائىتتا ئۇخلىيالايدىغان مەسىلەن، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بولاۋاتقان شارائىتتا ۋە چوڭلار ھەمراھ بولمىغان ئەھۋالدىمۇ خاتىرجەم ياخشى ئۇخلىيالايدىغان قىلىپ چېنىقتۇرۇش كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلاردا مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ دەسلەپكى مەشىقلەردۇر. بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بوۋاقنى قوچىقىدا ئۇخلىتىدۇ ياكى پەپىلەپ، تەۋرىتىپ ئۇخلىتىدۇ، ھېچقانداق تىۋىشنىڭ چىقىشىغا يول قويمايدۇ ھەتتا بالىنى قارا بېسىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ كېچىلىرى چىراقنى ياندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىلاردا قورقۇنچاقلىق ۋە تايىنىشچانلىق خاراكتېرى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز.

قىسقىسى، ئاتا - ئانىلار ۋە بالا تەربىيىچىلىرى بوۋاق بالىلارنى « ئىمىۋاتقان بالا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ، قورسىقىنى توقلاپ قويسىلا بولىدۇ » دەپ قارىماستىن، ئۇلارنى پسىخىكا جەھەتتىمۇ تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

         كۆرۈلۈشى:1963     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/11/20 18:14:30يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com