Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


تاتلىق يېمەكلىكنى دائىم يېگەندە ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ

تاتلىق يېمەكلىكنى دائىم يېگەندە ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ

خىلمۇ-خىل قەنت-كېزەكلەر، تاتلىق شاكىلات، سوغۇق ماروژنى ... قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بالىغا نىسبەتەن چەكسىز قىزىقتۇرۇشچانلىققا ئىگە. «تاتلىق-تۈرۈم چىشقا زىيانلىق» بۇ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ تاتلىق يېمەكلىك يېيىشىنى چەكلەشتىكى سەۋەبى بولسا كېرەك. ئەمما تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ يېگەندە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاتلىق-تۈرۈملەرنىڭ تەركىبىدىكى شىكەر ماددىسى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا كۆپلەپ ۋېتامىنB1 غا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ھەمدە بەدەندىكى كالتسىينىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ۋېتامىنB1 كۆرۈش نېرۋىلىرى (视神经)نى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ مىقدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ ھالىتىگە تەسىر قىلىدۇ. كالتسىي بولسا كۆز قىسىمنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولۇپ، بەدەندە كالتسىينىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، كۆرۈش تور پەردىسى (视网膜)نىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، كىرىستال قىسمىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قارىچۇقىنىڭ ئالدى-كەينى قىسمى ئۇزىراپ، ھەمدە مۈڭگۈز پەردە كىرپىكسىمان مۇسكۇلى (角膜睫状肌) دا قايتىش خاراكتىرلىق كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆز قارىچۇقى دىۋارى (眼球壁)نىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش

بىرىنچىدىن، بالىدا ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. 1 ياشتىن بۇرۇن، بالىنىڭ يېمەكلىكىگە ھېچقانداق قەنت قاتماسلىق كېرەك. 1 ياشتىن كېيىن، قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان قېتىق، پىچىنە-پىرەنىك دېگەندەكلەرنى مۇۋاپىق قوشسا بولىدۇ. شاكىلات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى 3 ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن بېرىش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق ياش-ئۆسمۈرلەر يېمەكلىك ئىستېمال كۆرسەتمىسى» گە ئاساسلانغاندا، شاكىلات يېيىش قېتىم سانى ھەر ھەپتىسىگە 1~2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 پارچە بولسا مۇۋاپىق. شۇنىڭدەك ئىمكانقەدەر كاكائو مېيى (可可脂) نىڭ مىقدارى %50 تىن يۇقىرى بولغان قارا شاكىلاتنى تاللاپ يىگۈزۈش كېرەك. ھەر خىل ھەسەل تۈرى، مەسىلەن، بالقات (果脯)، بۆلجۈرگەن، خورما (蜜枣) قاتارلىقلارنى ئىلاج بار بالىغا يۈگۈزمەسلىك كېرەك.


ياز كۈنلىرى، بالىغا يەرلىك ئىچىملىكلەردىن كۆپرەك بېرىپ، قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان ئىچىملىكلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ۋېتامىن، كالتىسىي مىقدارى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمدە 6 پارچە كۆز سىرتى مۇسكۇلى بار بولۇپ، چايناش پۈتكۈل كۆز چانىقى (眼眶)نىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق، بولۇپمۇ كۆز مۇسكۇللىرىنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق. چاينىغاندا، كۆز سىرتقى مۇسكۇلى (眼外肌) بىرىكمە ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرۇپ، بۇ مۇسكۇللارنى تولۇق چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا چايناش ناھايىتى ياخشى بولغان كۆز گىمناستىكىسىدىن ئىبارەت.

         كۆرۈلۈشى:1309     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/6/25 15:51:54يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com