Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


يازدىكى مېۋە- چېۋە كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

ياز پەسىلى شېرىن تەملىك مېۋە - چېۋىلەر ناھايىتى مول بولغان پەسىل. تومۇز ئىسسىق كۈنلەردە كىشىلەر كۆپلەپ مىۋە ئىستىمال قىلىدۇ. ئۇلار مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق مول، مىۋە يەپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، مېۋىنى زىيادە كۆپ يېسە ياكى يېيىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق. ھەتتا «مېۋە-چېۋە كېسىلى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تاۋۇز: تاۋۇز سوغۇق تەبىئەتلىك، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ئىسسىق ئۆتۈشنى داۋالاش رولى بار. لېكىن كۆپ ئىستېمال قىلىنسا تال ۋە ئاشقازانغا زەرەر قىلىپ، ئىشتىھانى بوغۇپ، ھەزىم قېلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قېلىش ئىقتىدارى چېكىنگەچكە، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئىشتىھاسىزلىق، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ بايىلا توڭلاتقۇدىن ئېلىنغان سوغۇق تاۋۇزنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

  شاپتۇل: شاپتۇل مۆتىدىل تەبىئەتلىك بولۇپ ئۆپكىنى ياشارتىپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ. لېكىن كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئىسسىق تەبىئەتلىك ھەمدە ئېغىزى قۇرۇش، ئۇسساش، گال ئاغرىش قاتارلىق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى بار كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى شاپتۇلنى ئاز يېيىش كېرەك. يەنە بىر قىسىم ئادەملەرگە نىسبەتەن شاپتۇل يۈزىدىكى تۈكچىلەر زىيادە سىزىمچانلىق رىئاكسىيىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر شاپتۇلنى يېيىشتىن ئىلگىرى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇش ياكى چوتكىدا يۇيۇۋېتىش كىرەك.

 لىجى مېۋىسى: لىجى مېۋىسى ئىسسىق تەبىئەتلىك بولۇپ، كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىق باغلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى لىجى مېۋىسىنىڭ قەنت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلىنسا ھەم تاماق ئىنتايىن ئاز يىيىلسە، ئاسانلا  قان قەنتىنىڭ ئۇشتۇمتۇت خاراكتىرلىك تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك يەنە «لىجى كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، باش قىيىش، چىرايى تاتىرىش، ئۇسساپ كۆڭلى ئېلىشىش، تەرلەپ يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېڭى لىجى مېۋىسى تەركىبىدە  قەنت مىقدارى مول بولۇپ ئىستېمال قىلغاندىن كىيىن قان تەركىبىدىكى مېۋە قەنتى روشەن ئۆرلەپ كىتىدۇ-دە، جىگەر ئۇنى گىلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان قەنتى تۈۋەنلەش كېلىپ چىقىدۇ - دە، يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال شېكەر سۈيى ئىچىش ياكى قەنت پارچىسى يىيىش كېرەك.

   ماڭگو: مانگو سەل سوغۇققا مايىل مېۋە بولۇپ، «ئىسسىق بالباغ مېۋە پادىشاھى» دېگەن نامى بار. ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس ياشانغانلار، بالىلار ھەم كەم ماغدۇر، تال ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ماڭگونى ئاز يېيىشى، ئېھتىيات بىلەن يېيىشى كېرەك. يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە ماڭگو يېگەندىن كىيىن، پۈتۈن بەدىنىدە قىزىل داغ پەيدا بولۇپ، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق زىيادە سىزىمچانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ماڭگو شەربىتى تەركىبىدىكى پاراپرۇتېئىن (异型蛋白) ۋە ئاقسىل فىرمېنىتى (蛋白酶) «تېگىشمە تېرە رىئاكسىيىسى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەڭ  ياخشىسى مانگونى كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ بىۋاستە ئىستىمال قىلىش كېرەك. يەپ بولغاندىن كىيىن ئېغىزنى چايقاپ، يۈزىنى يۇيۇپ، مېۋە شەربىتى قالدۇقلىرىنىڭ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئاناناس: ئاناناس ئىسسىق بەلباغ مىۋىسىگە تەۋە بولۇپ، مۆتىدېل، تەمى تاتلىق، تەركىبىدە ۋىتامىن C مىقدرى مول. لېكىن ئاناناس تەركىبدە بىر خىل ئالاھىدە ئاناناس ئاقسىل فىرمېنىتى بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەي شىلىمشىق پەردىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ. شۇڭا، بىر قىسىم زىيادە سىزىمچان كىشىلەر ئاناناس ئىستېمال قىلغاندىن كىيىن قورساق ئاغرىش، تىرىسى قىزىرىپ قېلىش، پۈتۈن بەدەن قىچىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، يۈرەك سېلىپ باش ئاغرىش ھەتتا شوك بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئاناناسنى ئاچ قورساق يېيىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى ئاناناسنى قويۇقلىقى تۆۋەن بولغان تۇز سۈيىگە 20 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويسا ئاناناس ئاقسىل فىرمېنىتى بۇزۇلۇپ، زىيادە سىزىمچانلىق رىئاكسىيىسى يۈز بېرىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  جىنەستە‹گىلاس›: جىنەستە مۆتىدىل ئىسسىق تەبىئەتلىك، تەمى شېرىن، ئۆزى چىرايلىق، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق مول بولغاچقا، خانىم-قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. گەرچە جىنەستىنىڭ تەمى شېرىن، ئۆزى چىرايلىق بولسىمۇ كۆپ يېسە پايدىسىز. بولمىسا، ئاسانلا ئىسسىقى ئىشىپ كېتىش، يارا - جاراھەت پەيدا بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسسىق تەبىئەتلىك ياكى ئاجىز قىزىتمىلىق يۆتەل بولغۇچىلار ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىش كىرەك.






         كۆرۈلۈشى:1245     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/17 12:52:16يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com