Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


تاۋۇز يېيىشتىمۇ پەرھىز تۇتۇش كېرەك

تومۇز ئىسسىقتا تاۋۇز كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ، بىراق قارىماققا ھەممىگە يېقىشلىق بولغان بۇ مېۋىنى خالىغانچە يەۋېرىشكىمۇ بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر تاۋۇز يېيىشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ:
سىممېترىك بولمىغان تاۋۇزنى تاللىماڭ. 5-ئاينىڭ باشلىرىدا، تاۋۇزغا چوڭايتقۇچى ۋە تەم كىرگۈزگۈچىنى زىيادە كۆپ ئىشلەتكەنلىك توغرىسىدىكى گەپ - سۆزلەر ئادەمنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. جۇڭگو يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى فىڭ شۇاڭچىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاۋۇزغا چوڭايتقۇچى ۋە پىشىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمون دائىم ئىشلىتىلگەنلىكتىن، تاللىغاندا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. ھورمون تاۋۇزنى غەيرىي شەكىللىك قىلىپ قويىدۇ، مەسىلەن، ئىككى تەرىپى سىممېترىك بولماسلىق، ئوتتۇرىسى ئويمان بولۇش قاتارلىقلار. تاللىغان ۋاقىتتا شەكلى رەتلىك بولغىنىنى تاللاش كېرەك. ئوخشاش بىر خىل تاۋۇزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتە ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، ئەگەر بەك چوڭى بايقالسا ھوشيار بولۇش كېرەك. تاۋۇز شاپىقىنىڭ بىر خىل خۇش پۇرىقى بولىدۇ، پىشىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن ئىشلىتىلگەن تاۋۇزدا بۇنداق پۇراق يوق بولىدۇ ياكى باشقىچە پۇرايدۇ.

تۆت خىل كىشىلەر ئامال بار ئاز ئىستېمال قىلىڭ
 1. بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ سۇ تەركىبىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن، بەدەنگە كىرگەن كۆپ مىقداردىكى سۇنى تەڭشىيەلمەيدۇ ۋە سىرتقا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن پۇت قىسمى ياكى پۈتۈن بەدەن ئىششىپ كېتىدۇ. جۇڭگو جۇڭيى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ لى مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: تاۋۇزنىڭ %95 ى سۇ، دائىم تاۋۇز ئىستېمال قىلىش سۇلۇق ئىششىقنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئاسانلا ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ.
 2.ئاشقازان -ئۈچىيى ئاجىز‹虚寒› كىشىلەر.
تاۋۇز تەبىئىتى سوغۇق يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، كۆپ يېيىلسە ئاسانلا تال ۋە ئاشقازاننى زەخمىلەندۈرۈپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. دىئابىت بىمارلىرى.
 تاۋۇزنىڭ قەنت مىقدارى %5 ئەتراپىدا بولۇپ، دىئابىت بىمارلىرىنىڭ كۆپ ئىستېمال قىلىشىغا پايدىسىز. بولۇپمۇ تاماقنىڭ كەينىدىنلا يېسە ئاسانلا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇرىۋېتىدۇ.
 4.ياشانغانلار.
 ياش چوڭايغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تال،  ئاشقازان ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تاۋۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا تال ۋە ئاشقازان ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، تاۋۇز يېيىشتە يەنە قايسى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

   زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى تاۋۇز ئىستېمال قىلماڭ
     بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى چىن يەنيىڭ پروفېسسور مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭيى تىبابىتىدە زۇكام سوغۇقتىن ۋە ئىسسىقتىن بولغان زۇكام دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تاۋۇزنى كۆپ يېيىش بەلكىم سوغۇقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىسسىق تۇتۇپ قېلىشتىن بولغان زۇكام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، قىزىش، ئېغىز قۇرۇش قاتارلىق ئىچكى ئىسسىق تۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا، ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىش ئىسسىقنى ياندۇرۇشقا پايدىلىق.
    تاۋۇزنى مۇزلىتىش ۋاقتى 3 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر مۇزدەك تاۋۇز يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار بۇنداق تاۋۇز ئۇسسۇزلۇقنى تېخىمۇ ياخشى باسىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇقشۇناسى سۇڭ شىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاۋۇز تەبىئىتى سوغۇق يېمەكلىك، ئۇنى يەنە مۇزلىتىش ئۇنىڭ سوغۇقلۇقلىقىنى كۆچەيتىۋېتىدۇ، ئەگەر دائىم شۇنداق سوغۇق يېسە، ئاشقازان ئۈچەي يولى قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئورگانلىرى سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ ئاسانلا قورۇلۇپ تارتىشىپ قېلىش كۆرۈلۈپ، ئاشقازان ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلى بىمارلىرىدا ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسىلى قوزغىلىدۇ. شۇڭا، توڭلاتقۇدىن ئالغان تاۋۇزنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا يېرىم سائەتچە قويۇپ ئاندىن يېيىش لازىم..
    تاماقنىڭ ئالدى- كەينىدە دەرھاللا ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ئاز بولمىغان ئائىلىلەردە تاماق ئالدىدا بىر قىسىم مېۋىلەر كۆپچىلىكنىڭ يېيىشىگە تەييارلىنىدۇ؛ سىرتتا تاماقلانغاندا، تاۋۇز كۆپىنچە تاماقتىن كېيىنلا يېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىلىسى تاۋۇز يەيدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئەمەس. تاۋۇز تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى سۇ  ئاشقازان سويۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرىۋېتىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، تاۋۇزنى ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىن يېيىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى شىياڭيا دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمى پروفېسسورى لى خۈيمىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاماقنىڭ كەينىدىنلا مېۋە يېگەندە ھەزىم قىلىنىشى ئاستا بولغان كراخمال، ئاقسىل ۋە ياغ، ھەزىم قىلىنىشى تېز بولغان مېۋىلەرگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، مېۋە ئاشقازان ئىچىدە تۇرۇپ قېلىپ ئاسانلا ئاشقازان كۆپۈش ۋە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتىن كېيىن مېۋە يېيىش ئاسانلا ئاشقازان -ئۈچەينىڭ كۆپۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   تاۋۇز «ئورۇقلاش ئەڭگۈشتىرى» ئەمەس. ياز كېلىشى بىلەنلا تاۋۇز نۇرغۇنلىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم- قىزلارنىڭ ئورۇقلاشتىكى «ئەڭگۈشتىرى»گە  ئايلىنىدۇ. تاۋۇزنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ مېتابولىزمنى تولۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە سۇنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە توكسىننى ھەيدەپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئاز بولمىغان خانىم-قىزلار مۇشۇ سەۋەبتىن بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ھەممىسىدە تاۋۇز يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، تاۋۇزنىڭ قەنت مىقدارىمۇ تۆۋەن ئەمەس، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىقنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېرىم تاۋۇزنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئۈچ قاچا گۈرۈچ تامىقى يېگەنگە باراۋەر ئىكەن. شۇڭا ئاز بولمىغان كىشىلەر تاۋۇز يەپ ئورۇقلىيالمايلا قالماستىن ئەكسىچە سەمىرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ھەممىسىدە تاۋۇز يېيىش ئاشقازان- ئۈچەيگە يامان تەسىر پەيدا قىلىپلا قالماي،  يەنە قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇق كۆپ خىل بولمىغانلىقتىن ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ-دە، ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تاۋۇزنى ئورۇقلىتىش دورىسى ئورنىدا كۆرمەسلىك كېرەك. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق چېنىقىشلا ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۇسۇلىدۇر.

 

         كۆرۈلۈشى:1689     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/17 12:34:53يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com