Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بەك قىزىق ۋە بەك سوغۇق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى مىجەز-خۇلۇققا زىيانلىق

  تاماق يېگەندە، تاماقنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. بەك قىزىق تاماق ئېغىزنى كۆيدۈرۈپ قويماسلىقى، بەك سوغۇق يېمەكلىك چىشنى توڭلىتىپ ئاغرىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ ئىككى نوقتىغا دىققەت قىلغاندا، خىلىت تۇلۇقلاپ كەيپىياتنى ياخشىلاش ھەمدە ئاشقازان ۋە ئۈچەينى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
يازدا مۇز يېگەندە، چىش توڭلاپ ئاغرىش تۇيغۇسى بولىدۇ. بۇ دەل يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق سوغۇق يېمەكلىكنى يۇتىۋەتكەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ تېمپىراتۇرىسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، ئاشقازان-ئۈچەي قان تومۇرلىرى تېز سۈرئەتتە تارتىشىپ قېلىش (痉挛) ئەھۋالى كېلىپ چىققانلىقتىن قان ئايلىنىش ئازلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى يوقىلىپ، ئادەمنىڭ يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان-ئۈچەي سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كونتروللۇقنى يوقىتىدۇ-دە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاستا خاراكتىرلىق ئاشقازان ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، قۇسۇش ھەمدە ئۇزۇقلۇق ناچار بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا كېسەلچان كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
قىزىققا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كالپۇكنىڭ سېزىمچانلىقى تىل ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىن سەزگۈر. ئەگەر كالپۇك قىزىق يېمەكلىككە يولۇققاندا كۆيۈشۈپ ئاغرىسا، بىردەم توختاپ يېگەننىڭ زىينى يوق. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمى ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي ئېنزىمى (唾液酶) نىڭ ئەڭ مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىسىنىڭ 37 گرادۇس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا 37 گرادۇس ئەتراپىدىكى يېمەكلىك ئەڭ ئاسان ھەزىم بولغاندىن سىرت، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق. ھەر بىر ئادەم توغرا بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. يەنى تاماق بەك ئىسسىقمۇ بولۇپ كەتمەسلىك، بەك سوغۇقمۇ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، قىزىق يېمەكلىكنى يەپ بولۇپلا ئارقىدىن سوغۇق نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك.
ياز كۈنلىرى ئاچچىق-چۈچۈك شورپا (麻辣烫)، يەل قازان (火锅) قاتارلىقلارنى ئاز يېيىش كېرەك. ئەگەر بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە توغرا كەلسە، سوغۇق نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، توڭلاتقۇدىن ئالغان مۇز توڭلاپ قالغان تاۋۇز، سۇغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلارنى بىر ئاز قويۇپ قويۇپ ئاندىن يېيىش كېرەك.

         كۆرۈلۈشى:700     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/17 12:30:10يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com