Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


قەھۋە ئادەمنى ھۇرۇن قىلىپ قويامدۇ ؟

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، قەھۋە ئارقىلىق روھى كەيپىياتنى كۆتۈرۈش پەقەت ھۇرۇن ئادەملەر ئۈچۈنلا ئۈنۈملۈك ئىكەن. ئەسلىدىلا تىرىشچان ئادەملەر قەھۋە ئىچسە خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.

قەھۋە ئادەمنى ھۇرۇن قىلىپ قويامدۇ؟

ھازىر، ئەتىگەندە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ روھى كەيپىياتنى كۆتۈرۈش خېلى كۆپ ئاق ياقىلىقلار ئۈچۈن بىر خىل ئادەت بولۇپ قالدى. كېچىلىك سىمىنا ئىشلەيدىغان شوپۇرلاردىن تارتىپ كېچىلەپ كىتاب يادلايدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر قەھۋەگە ئوخشاش كەيپىياتنى كۆتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. لېكىن ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، قەھۋە كەيپىياتنى كۆتۈرمەيلا قالماستىن يەنە خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.
ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرنال «تەبىئەت» ئىلمى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخولوگىيە فاكۇلتېتى ئىشلىگەن ئەڭ يېڭى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە، كىشىلەر كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ دەپ قارىغان قەھۋە ماددىسى قاتارلقلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن. تەتقىقات يېتەكچىسى چۈشەندۈرۈپ،-«بۇ قېتىملىق تەتقىقاتتا كەيپىيات كۆتۈرگۈچى ماددىلارنىڭ ئەكس تەسىرىنى بايقىدۇق» دېگەن. -«چاشقان ئۈستىدىن ئىشلەنگەن تەتىقىقاتتىن شۇ مەلۇم بولدىكى، قەھۋە ماددىسىغا ئوخشاش ماددىلار تىرىشچان چاشقانلارنى ھورۇنلاشتۇرىۋەتتى...».

يۇقىرىقى تەتقىقات ئادەمنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەمما، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى قەھۋەنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرۇپ،- « قەھۋەنى بىر خىل ئاجايىپ ئېسىل دورا دېيىشكە بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

قەھۋەنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈمى

كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئىلمى بويىچە ئىشلەنگەن نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى قەھۋەنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئاجايىپ ئۈنۈمى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى:
كۈندە 3 ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىپ بەرسە، ئاياللارنىڭ تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى %20 تۆۋەنلىتىدۇ.
كۈندە 6 ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىپ بەرسە، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى %60 تۆۋەنلىتىدۇ.
كۈندە 1 ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە، ئاياللارنىڭ شامالدارىپ قېلىش خەتىرىنى %20 تۆۋەنلىتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتىكى قەھۋەگە قارىغاندا قارا قەھۋە ئىچسە ياخشى ئىكەن.




 

         كۆرۈلۈشى:1108     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/17 12:25:19يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com