Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


قەھۋەنى كۆپ ئىچىش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق

قەھۋە بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. لېكىن قەھۋەنىڭ زىيىنى كۆپ بولۇپ، ئۇنى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. قەھۋەنىڭ روھلاندۇرۇش رولى بولسىمۇ، ئاياللار ئۇنى كۆپ ئىچكەندە، ئاياللارغا تۆۋەندىكىدەك يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ:

1.تۇغماسلىققا  سەۋەب بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللاردا قەھۋە ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا تۇغماسلىق ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر قەھۋە ئىچىش ئادىتى بار ئايالنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىدا   دېگۈدەك تۇغماسلىق كېسىلى بارلىقىنى بايقىغان.

2.يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر  يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان858نەپەر، 45ياشتىن 69ياشقىچە بولغان ئايال ۋە 858نەپەر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولمىغان ئايالنى تۆت يىل تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ھەر كۈنى بەش ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللاردا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرى % 70ئېشىپ كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرى قەھۋە ئىچىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدىغانلىقى بايقالغان.

3.سۆڭەك شالاڭلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار980نەپەر،50ياشتىن 98ياشقىچە بولغان ئايالنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قەھۋە ئىچىدىغان، لېكىن سۈت ئىچمەيدىغان ئاياللارنىڭ مەيلى يېشى ياكى سېمىزلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ يانپاش سۆڭىكى، ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكى، شۇنداقلا سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىكىمۇ ئۇلارنىڭ قەھۋە ئىچىش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق - قىسقىلىقى ۋە ئىچىش مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكى بايقالغان. بۇ، كوففېئىننىڭ بەدەندىكى ئەركىن كالتسىي بىلەن بىرلىشىپ، سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىپ، ئەركىن كالتسىينىڭ ئازىيىپ كېتىشى، پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئىكەن.

4.ھامىلىدارلارنىڭ قەھۋە ئىچىشى ھامىلىگە پايدىسىز. ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى دوكتورلار ھامىلىدار بولغان ئاق چاشقانغا ھەر كۈنى نىسبەت بويىچە ئادەم ئىچىدىغان - ئىستاكان قېنىق قەھۋەنىڭ مىقدارىغا تەڭ كېلىدىغان يېمەكلىكنى بەرگەن. نەتىجىدە ھامىلىدار چاشقان غەيرىي چاشقان تۇغقان. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم.

5.ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىمى يىغىندى كېسىلى ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ، ھامىلىدارلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، ئاغرىقلاردا ئىششىش، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆرۈلۈش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، ئانا - بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلىدار ئاياللار قەھۋەنى كۆپ ئىچسە، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

         كۆرۈلۈشى:1375     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/8/2 16:30:14يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
بوۋاقلارنىڭ پېسخىكىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
بۇۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈش زىيانلىق؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
تۇخۇم ھەممىلا ئادەمنىڭ يىيىشىگە ماس كىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى - رەڭدار ئاق ئاش قورۇمى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com